|
|
|
|
نەۋرۇزنىڭ 25-كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى 79.93 ئەتراپىدا ،تۈنۆگۈن يەنە بىر قېتىم 34 كۈنلۈك ئوتتۇرچە سىزىققا ئۇچىراپ بازار چۈشۈپ يېپىلدى .خەلقارا ئالتۇن ھەر ئونسىيەسى 1313 دوللار ئەتراپىدا ،تۈنۆگۈن ئۈچ ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ چۈشۈش بولغان بىر كۈننى ياراتتى .تۈنۆگۈن ئېلان قىلىنغان ئامرىكىنىڭ 3-ئايلىق ياساش كەسپى پ م ئاي دەسلەپكى قىممىتى مۆلچەردىكىدىن تۈۋەن چىقىپ ،ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئامرىكا فىدراتىسىيە زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىگە زەربە بولدى .گىرمانىيە ۋە ياۋرۇ رايۇنىنىڭ 3-ئايلىق ياساش كەسپى پ م ئاي مۆلچەردىكىسى بىلەن ئوخشاش چىقتى ،لېكىن بىر فىرانسىيەنىڭ پ م ئاي كۆرسەتكۈچى مۆلچەردىكىدىن ياخشى چىقتى .
نەۋرۇزنىڭ 25-كۈنىدىكى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
بۈگۈن ئېلان قىلىنىدىغان ئىقتىسادى ئۇچۇرلار كۆپرەك ،بۇلۇپمۇ ئامرىكىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا مەركەزلەشكەن .دىققەت قىلىدىغان ئۇچۇرلاردىن گىرمانىيەنىڭ 3-ئايلىق ئاي ئېف ئو سودا رايى كۆرسەتكۈچى ،ئەنگىلىيەنىڭ 2-ئايلىق س پ ئاي ،ئەنگىلىيەنىڭ 2-ئايلىق پارچە سېتىش مال باھا كۆرسەتكۈچى ،ئەنگىلىيەنىڭ 3-ئايلىق سى بى ئاي پارچە سېتىش پەرقى ،ئامرىكىنىڭ 1-ئايلىق 20 چوڭ شەھەرنىڭ ئۆي-مۈلۈك باھا كۆرسەتكۈچى ،ئامرىكىنىڭ 1-ئايلىق ف خ ف ئا ئۆي-مۈلۈك باھاسى كۆرسەتكۈچى ،3-ئايلىق لىچمەن زاپاس پۇل كومىتىتى ياساش كەسپى كۆرسەتكۈچى ،2-ئايلىق يېڭى سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش ئومومى سانى ۋە 3-ئايلىق ئىستىمالچىلارنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىڭ .ئەگەر ئامرىكىنىڭ ئۇچۇرى مۆلچەردىكىدىن تۈۋەن چىقسا داۋاملىق دوللارنى باسىدۇ ،لېكىن ئالتۇن تېخنىكىلىك نوقتىدىن قارىغاندا بىرقەدەر ئاجىز نوقتىدا ،مەبلەق سالغۇچىلار چۈشۈشكە ئېلىشقا مايىل بۇلىشى مومكىن .
سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى ئەمەس ،بەلكى توردىكى خام ئالتۇننىڭ باھاسى . زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى خام ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت بۇلىدۇ .
كوت كوت 395619400 ئىقتىساد ئۈندىدار سالونى ئىزدەش نۇمۇرى iktisad
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى260يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 3.97يۈەن
بىر دوللار 6.196 يۈەن
بىر ياۋرۇ 8.525 يۈەن
بىر فودىستىرلىڭ 1.6495 دوللار
بىر ياۋرۇ 1.3835 دوللار
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .
مەنبە ئىقتىساد ئۇندىدار سالونى
تېمىغا ئىنكاس يازغاندا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن
|
|
|
|
|
|