مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8179|ئىنكاس: 51

چۈش قاتىلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96969
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 711
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 417 سائەت
تىزىم: 2013-8-14
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 12:39:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈش قاتىلى
فانتازىيىلىك ھېكايە

ساقچى مۇرات كۈندە كىرىدىغان ئاشخانىسىدا ياردەمچىسى ئەسقەر بىلەن تاماق يەۋاتىدۇ.

-مۇراتكا، يېقىندىن بۇيان كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدىغان ئىشلىرى كۆپىيىپ كەتتىغۇ؟

-شۇنى دېگىنە، زامان ئۆزگىرىپ بۇ ئۇيغۇر خەقنىڭ پىسخىكىسى ئاجىزلاپ كەتتىمۇ، كىچىك ئىشلارغىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان بولۇپ كېتىپتۇ. ئۆلىۋالغان كىشىلەرنىڭ ھەممسىى ئۆلىۋىلىشتىن بۇرۇنقى بىرقانچە ھەپتە ئىچىدە كەيپىياتى ئىنتايىن ناچارلىشىپ، خۇددى بىر بېسىم باردەكلا يۈرۈپتىكەن.

-بۇنىڭ كەينىدە بىرەر ئىش بارمىدۇ دەپ ئويلاۋاتىمەن؟

-قانداق دەيسەن؟

-ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۆلۈشتىن بۇرۇن باشقىلار بىلەن زىدىيەتلىشىپ باقمىغان، ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك خىزمەت، ئائىلە شارائىتى شۇنداق ياخشى تۇرسا، تېخى ئۇلارنىڭ ئىچىدە 2036-يىللىق ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا تولۇق نومۇر ئېلىپ ئەليۇلئەلا بولغان ئۇكىمىز دىلشاتمۇ بار. ئويلاپ بېقىڭە، بۇ گۇمانلىق ئەمەسمۇ؟

-تولا گۇمان قىلساڭ چارچاپ كېتىسەن، ئەجىبا بىرى قەستلىگەن بولسا ئۇلار ئۆزى بىلەن ئۆزى بىنادىن چۈشۈپ كېتەمدۇ؟ ئۆيىدە گازدىن زەھەرلىنىپ قالامدۇ؟ كېلىۋاتقان ماشىنىغا ئۆزىنى ئاتامدۇ؟ ئويۇننى تولا ئويناپ كېتىپسەن جۇمۇ.

-ۋاي ياق ئاكا، ئۇنداقمۇ ئەمەس، بىراق شۇ سەل چىگىش ھېس قىلىپ قالىدىكەنمەن.

-ئارتۇق ئويلىۋالما، ھە راست، يېڭى ئويۇن چىقىپتىمىشقۇ؟ قارلۇق شىركىتى بازارغا ساپتۇ، ئويناۋاتامسەن؟ بىزنىڭ بەگزادىمۇ كۈندە بېشىغا قالپاقنى كېيىۋىلىپ، كارۋاتتا ئوڭدىسىغا يېتىپ ئويناپ كېتىدۇ ئۇ ئويۇننى.

-ياق، كەچتە ئىشتىن يېنىپ دېسكىسىنى سېتىۋالماقچىتىم. تەشۋىقاتىدىن قارىغاندا پەيزى ئويۇندەك قىلىدۇ.

-توردا ئوينامدىكەنسىلەر؟

-ھەئە، ھېلىقى مېڭە ماگىنت دولقۇنىنى قوبۇللايدىغان دوبۇلغىنى كېيىپ، تەقلىدى دۇنيادا ئوينايدىكەنمىز.

-نېمە مەزمۇن باركەن؟

-ئوغۇزخاننىڭ قىلغان جەڭلىرى، ئۇرۇشلىرى ئاساسلىق مەزمۇن قىلىنىپتۇ، بىز ئەسكەر سۈپىتىدە ئوغۇزخان بىلەن بىللە جەڭ قىلىدىكەنمىز.

-قارلۇق شىركىتى يەنە بىر ياخشى ئويۇن چىقىرىپتۇ-دە، ئۆتكەندە بازارغا سالغان ‹بۈيۈك سەئىدىيە› دېگەن ئويۇنمۇ بەك بازار تاپقان، بىز قېرىغاندا ئۇنداق ئويۇن ئويناشمۇ تەسكەن، يەنىلا سىلەردەك ياشلار ئوينىسا بولغۇدەك. قوپە، ئىشقا چىقايلى.

ئىككىسى دۇئا قىلىپ، كارتا سۈركەپ ھېسابات قىلغاندىن ئىشىك ئالدىدا توختاتقان ماشىنىسىغا چىقتى. ماشىنا ھېچقانداق شاۋقۇن چىقارماستىنلا پەيدەكلا ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى.


مۇرات 20يىللىق پېشقەدەم ساقچى، خىزمەت تارىخىدا نۇرغۇن خەتەرلىك ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىغان. ئالدىدىن قېچىپ قۇتۇلغان جىنايەتچى يوق. ئەمما ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئاددىيلا تەپەككۇر قىلىدۇ، چوڭقۇرلاپ تەھلىل قىلىشنى خالىمايدۇ، ئېنىقى ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.

ئەسقەر خىزمەتكە يېڭىلا چۈشكەن ياش، ناھايىتى قىزغىن، ئەمما ئەمەلىي تەجرىبىسى يوق، مۇرات ئۇنى ئۆزى بىر قوللۇق تەربىيلەش ئۈچۈن يېنىدا ئېلىپ يۈرىدۇ. ھەرقانداق ئىشقا گۇمان بىلەن قارايدۇ، كومپيۇتېر، ئويۇن دېسە جېنىنى بېرىدۇ.

شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى ساقچى بىرگە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، يۇقاردا ئاڭلىغىنىڭلاردەك يېقىندىن بۇيان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرى كۆپىيىپ كېتىپ  جەمئىيەتنى خېلى ساراسىمگە سالدى، ئاتاقلىق ئەدىبلەر، ئالىم ئۆلىمالار مەكتەپلەردە، تېلىۋىزورلاردا نۇتۇق سۆزلەپ كىشىلەرگە ھاياتىنى قەدىرلەش، ئۈمىدۋار ياشاش ھەققىدە سۆزلەۋاتىدۇ، لېكىن ھېچ پايدىسى بولمىغاندەكلا….

مۇرات ئۆيىگە قايتىپ كەلدى، ئوغلىنىڭ ياتاق ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى چېكىۋىدى، سادا كەلمىدى، ئىشىكنى ئىتتىرىپ ئېچىپ قارىۋىدى، ئوغلى بېشىغا ئويۇن دوبۇلغىسىنى كېيىۋىلىپ كارۋاتتا سوزۇلۇپ ياتاتتى.

-ئەخمەتجان!، قوپە بالام.

بالىدىن جاۋاب قايتمىدى. مۇرات جىددىيلىشىپ بېرىپلا دوبۇلغىنى بالىنىڭ بېشىدىن ئېلىۋەتتى. بالا چۆچۈپ سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى:

-دادا، بىز ھىندىستانغا ھۇجۇم قىلىۋاتاتتۇق، مانا ئەمدى زاپاس قوشۇن بولۇپ قالىدىغان بولدۇم، سەنمۇ-زە.

-توۋلىسام گەپ قىلمايسەن، جىددىيلىشىپ قالدىم، تاماق يېدىڭمۇ؟

-ھەئە

مۇرات ئۈستەل ئۈستىدە تۇرغان تەييار تاماقنىڭ قۇتىسىنى كۆرۈپ سۆزلەپ چۈشۈپ كەتتى:

-پۇل بولغاندىكىن ئاشخانىغا چۈشۈپلا تاماق يەپ چىقساڭ بولمامدۇ؟ كۈندە قارىسا تەييار تاماقنى يەيدىكەنسەن، بىكارغا نەچچە ئاي ساقلىغىلى بولىدۇ دەپ چىقىرىپ قويمايدۇ ئۈستىگە.

شۇنداق دېگىنىچە ‹ئامىنە› تەييار لەغمىنىنىڭ قۇتىسىنى ئېلىپلا ئەخلەت سېۋىتىگە تاشلىۋەتتى.

-تۇرە، چوڭ ئاناڭنىڭكىگە بېرىپ كېلىمىز.

بالا دومسايغان پېتى ئورنىدىن تۇرۇپ دوبۇلغىنى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ چاپىنىنى كەيدى.

مۇراتقا ئۆچ بىر زەھەر ئەتكەسچىسىنىڭ ئۆچ ئېلىشى بىلەن ئەخمەتجان كىچىك تۇرۇپلا ئانىسىز قالغان، مۇرات نەچچە يىلدىن بېرى ھەم ئاتا ھەم ئانا بولۇپ ئۇنى بېقىپ كېلىۋاتىدۇ، ئەخمەتجاننىڭ ھەممىسىنى تەل قىلىپ بېرىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەخمەتجاننىڭ كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرىدە يەنە تولدۇرۇلمىغان ئورەكلەر باردەك….

ئاتا بالا ئىككىسى كوچىدا كېتىپ بارماقتا، ئەخمەتجان نېمىگىدۇر بىسەرەمجان، چۆچۈگەن قۇشتەك ئۇياق-بۇياققا قارايتتى، تۇيۇقسىز توختاپ دادىسىغا دېدى:

-دادا، ھازىر بىر ئىش بولىدىغاندەك قىلىدۇ

-نېمە ئىش؟ نېمە بولدۇڭ؟

ئەخمەتجان غايىب بىر كۈچنىڭ تەسىرىدە يولنىڭ ئوتتۇرىسغا قاراپ يۈگۈردى، مۇرات ئۇنى تۇتىۋىلىشقا ئۈلگۈرەلمىدى، ياندىن كېلىۋاتقان بىر تاكسى بالىنى سوقۇپ ئۇچۇرۋەتتى…..



تاڭ ئاتتى، شەھرىزاد ھېكايىسىنى توختاتتى  
داۋامى ئىنكاس شەكىلدە يوللىنىدۇ،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سۈرخان1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-25 12:40 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101773
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 369
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 227 سائەت
تىزىم: 2014-1-4
ئاخىرقى: 2014-11-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 08:28:06 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر داۋامنى ساقلايدغان ھېكايە بۇپتۇ ياخشى يېزىپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99903
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 319
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 267 سائەت
تىزىم: 2013-11-21
ئاخىرقى: 2014-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 08:56:10 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەلگۈسىگە بارىدىكەنمىزدە……ئاۋۇ ئويۇن ماشىنسى بوپ قالامدۇ نىمە ، قاچانمۇ ئوينامىز ئاشۇندا ئويۇنلارنى ھى…ھى…بۈگۈن كەچتە شەھرىزات ئۇخلاپ قالمىسۇن جۇماڭ،ھى…ھى…

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96969
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 711
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 417 سائەت
تىزىم: 2013-8-14
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 12:05:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uqkun888 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-25 08:56 AM
كەلگۈسىگە بارىدىكەنمىزدە……ئاۋۇ ئويۇن ماشىنسى بوپ قال ...

http://akburkut.com/eza/thread-5092-1-1.html
ماۋۇ كارتوندا دەل ئاشۇنداق شەكىلدە ئويۇن ئويناش سۆزلىنىدۇ، 2012-يىلى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن كارتون فىلىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96969
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 711
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 417 سائەت
تىزىم: 2013-8-14
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 12:08:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇرات كۆز ئالدىدا تۇيۇقسىزلا يۈز بەرگەن بۇ ئىشتىن ھاڭ-تاڭ قالدى، ئادەملەر ئولىشىشقا باشلىدى، مۇرات ئەخمەتجاننى قۇچاقلىغىنىچە يانچۇقىدىن يانفونىنى چىقىرىپ 120گە تېلىفون قىلدى، يېقىن ئەتراپتىكى قۇتقۇزۇش ماشىنا پونكىتىدىن قۇتقۇزۇش ماشىنىسى دەرھاللا يېتىپ كەلدى، مۇرات ئەخمەتجاننى ماشىنىغا سېلىپ سېستىرالارنىڭ ھەمراھلىقىدا دوختۇرخانىغا ماڭدى…..
مۇرات جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيى ئالدىدا ئۇيان ماڭماقتا، ئەخمەتجان قانداقلارچە ماشىنا ئالدىغا ئۆزىنى ئاتىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بىر ئىش بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ؟ تۈگىمەس سوئاللار ئۇنىڭ بېشىنى قاتۇردى.
ئەسقەر كەلدى، مۇراتنىڭ ھالىتىنى كۆرۈپ كۆڭلى بۇزۇلدى. سول قولى توختىماي يوتىسىنى يىنىك شاپىلاقلايتتى:
-مۇراتكا، قانداق بولۇپ...
-تۇيۇقسىزلا يۈز بەردى، نېمە بولغىنىنى مەنمۇ ئۇقمۇدۇم.
-سىزچە بۇنىڭ بۇرۇن يۈز بەرگەن دېلولار بىلەن باغلىنىشلىقى بارمىدۇ؟
مۇرات ئەندىكىپ ئەسقەرگە قارىدى، ئاندىن بېشى پەسكە ساڭگىلىدى، راست شۇنداقمىدۇ؟ ئەگەر راستلا شۇنداق بولسا قانداق بىر غايىپ كۈچ كىشىلەرنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىشقا سالغاندۇ؟
ئۇ ئەسقەرنىڭ قولىغا قاراپ:
-نىمانداق شۇك تۇرالمايسەن؟
-بىلمەيمەن.-ئەسقەر شۇنداق دەپ سول قولىنى يانچۇقىغا سېلىۋالدى. لېكىن قولى يەنە يانچۇقىدا مىدىراپ تۇراتتى.
دوختۇرلار ئەخمەتجاننى كارۋاتقا سېلىپ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلىمىدىن ئېلىپ چىقتى. مۇرات ئالدىغا يۈگرەپ باردى.
-بالىڭىزنىڭ ھاياتى ساقلاپ قېلىندى، بىراق قاچان ھوشىغا كېلىشى ئېنىق ئەمەس. كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ.
مۇرات ئەسقەرگە قاراپ دېدى:
-يۈرە، بۇ دېلونى زادى پاش قىلمىساق بولماپتۇ.
ئىككىسى دوختۇرخانا ئالدىغا توختىتىپ قويغان ماشىنىسىغا چىقتى، مۇرات ماشىنىنى يەردىن كۆتۈرگەچ ماشىنىغا سەپلەنگەن كومپىيۇتېرغا بۇيرۇق بەردى:
-ماڭا مۇشۇ يېرىم يىلدىن بېرى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغانلارنىڭ ئارخىپىنى يەتكۈزۈپ بەر.
مۇرات ئوغلى ۋە نۇرغۇنلىغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن بۇ دېلونى بىر باشقا ئېلىپ چىقىشنى نىيەت قىلدى.
3ھەپتە ئۆتتى، دېلودا ئىلگىرلەش يوق، ئەخمەتجان بولسا يەنىلا ھۇشسىز ياتقان پېتىچە. مۇراتنىڭ جەھلى تېخىمۇ تۇتتى.
بىر كۈنى مۇرات بىلەن ئەسقەر ئەخمەتجاننى يوقلاپ كەلدى، مۇرات ئەخمەتجاننىڭ قولىنى تۇتقىنىچە كۆزلىرىدىن تارام-تارام ياش ئاققۇزدى:
-بالام، داداڭ يارىماسكەن، مەن سېنىڭ بەختسىزلىككە ئۇچرىشىڭغا قاراپ تۇردۇم، مەن بىر يارىماسكەنمەن....
ئەسقەر مۇراتنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇپ:
-مۇراتكا، ئۆزىڭىزنى ئەيپلىمەڭ، بۇنىڭ ئەخمەتجانغا پايدىسى يوق. بىز بۇنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ چىقايلى، ئەخمەتجان ئۈچۈن بولسىمۇ ئىرادىلىك بولۇڭ.
ئىككىسى كارىدورغا چىقتى، ئەسقەرنىڭ يوتىسىغا شاپىلاقلىشى بۇرۇنقىدىنمۇ بەك ئېغىر ئىدى. مۇراتنىڭ ئىچى سىقىلدى:
-ئۇكا، قولۇڭنى كېسىپ يانچۇقىڭغا تىقىۋالە.
-بىلمىدىم ئاكا، ئۆزى بىلەن ئۆزى شۇنداق بولۇپ كېتىدۇ.
-قاچاندىن بېرى شۇنداق؟
-قارلۇقنىڭ ‹ئوغۇزخان› دېگەن ئويۇننى ئوينىغاندىن باشلاپ شۇنداق.
ئەسقەر شۇنداق دېگىنىچە لىفىت ئالدىغا كېلىپ تۇيۇقسىزلا، مۇراتكا، بىر ئىش بولىدىغاندەكلا دېگىنىچە جايىدا تۇرۇپلا قالدى، مۇرات ئەنسىزلىككە چۈشتى:
-نېمە بولدۇڭ؟
ئەسقەر گەپ سۆزسىزلا ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ دوختۇرخانا دېرىزىسىدىن ئۆزىنى پەسكە ئاتتى.
ئەسقەر جان ئۈزگەن ئىدى. باشتا ئوغلى، كەينىدىن ھەمراھى پىشكەللىك ئۇچرىدى، مۇراتنىڭ كاللىسى قايمۇقۇپلا كەتتى.
تاڭ ئاتتى، شەھرىزاد ھېكايىسىنى توختاتتى
داۋامى بار....
ئۈندىداردا jilwe دەپ ئىزدەپ، سالونىمىزنى قوشىۋىلىپ، qux katili 01دەپ ئەۋەتىپمۇ بۇ ھېكايىنى كۆرەلەيسىز، مىسرانىم بىلەن ماس قەدەمدە يېڭىلىنىپ ماڭىدۇ.

بەھرام710 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 01:00:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
misken.cn بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 01:51:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105113
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 429
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 243 سائەت
تىزىم: 2014-3-21
ئاخىرقى: 2014-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 01:51:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى ساقلاپ كۆرەيلى....ئۈندىدار سالۇنىڭىزنى قوشىۋالدىم

www.iptihar.net/bbs



  ئىپتىخار مۇنبىرى  سىلەرنى قارشى ئالىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96969
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 711
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 417 سائەت
تىزىم: 2013-8-14
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 02:46:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
misken.cn يوللىغان ۋاقتى  2014-3-25 01:51 PM
توغۇر ئېيىتتىڭىڭز !

خىسلەتتىكى مىسكىن ئاشىق شۇمۇ؟

misken.cn بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 02:46:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش