يـۈرىـكـىـمـدە لـىـقـقــىـدە نـەپـرەت
جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەن خانەمدە مەن يەنە شۇ چىكى يوق ھەسرەتلىك خىياللارغا بېرىلمەكتىمەن.كۆزۈمنى يۇمساملا ئاشۇ تاتلىق،ئەمما ھەسرىتى گىرەلەشكەن سۆيگۈ خاتىرىمىز ئىسىمگە كېلىدۇ.كېلىدۇيۇ كۆزلىرىم نەملىشدۇ.
سېنى دادامدىن قالسىلا ئىككىنجى ھۆرمەتكە سازاۋەت كىشىم دەيتىم جېنىم،ساڭا كۆيەتتىم،سېنى سۆيەتتىم.سەن ئۈچۈن ھەممە-ھەممىدىن كېچەتتىم.يۈرۈكىمدىكى پىنھان سىرلىرىمنى ساڭا دېيەلەيتىم.سېنى مېنىڭ ئەڭ يېقىنىم،پەقەت مېنىڭ ماياكىم دەپ بىلەتتىم.
بىز شۇنداق شېرىن كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەن،تۈنلەردىكى پاراڭلىرىمىز،تاتلىق -تاتلىق كۈلكىللىرىمىز تۈن قوينىغا سېڭىپ كېتەتتى...
جېنىم،ئىسىڭدە بولسا ئەسلەپ باققىن،ئاھۇ زارلىرىمغا قۇلاق سالغىن،سېنىڭ قۇلاق سالغۇدەك جۈرىتىڭ بارمۇ؟بەلكىم يوق،ھەم ئاڭلاشنىمۇ خالىمايسەن....
ھەيرانمەن،مەن ئۈچۈنلا يارالغان ،يىگانە ئاشىقمسەن دەپ چىن ۋاپا،ئەھدەم بىلەن ياشىسام،سەن كىملەر ئۈچۈن يار،كىملەر ئۈچۈن مەشۇق بولۇپ يۈردۈڭ،بىل ئامرىقىم،ئاشۇ ماڭا بىلىندۈرمەي يۈرگەن «سىرلىرىڭنى»مەن بىلىپ قالدىم.
سەن راستىنلا كەتتىڭمۇ ؟ كېتىپسەن. بىلدىم ، شۇ خوش دېگەن بىرلا ئېشىر سۆز بىلەن كېتىپسەن.ئويلىمغان ئىدىم. ساڭا كېرىكى شۇمىدى؟ ئويلىسام ئويلىسام كاللامدىن ئۆتمەيدۇ.كېتىمەن دەپلا كېتىش ئەجەپ ئاسەنكەنغۇ سەن ئۈچۈن. كېچىمەن دەپلا كېچەلەيدىكەنسەن. سەندىكى بۇ ھېسيات شۇنچە سۇسمۇ ؟
ماڭا كىلۋاتقان ھەر بىر پىشكەنلىك قەلىب جاراھىتىمنى يەنىمۇ بەك تىلىۋەتتى. سەن دېگەن دەردىڭگە داۋا، روھىڭغا ئوزۇق بولىمەن دەپ
بىلگىنكى يۈرىكىم ئازاپتىن يىرىلاي دېدى،بىل ئامرىقىم،سەن ئۈچۈن كۆيگەن يۈرەك ئازاپتىن قاتتىق ھالسىزلاندى،بىل ئامرىقىم سەن ئۈچۈن پىنھان كۆيگەن ھېسلىرىم قاتتىق بورانلاردا قالغان مامىكاپتەك توزىدى.ئۈششۈك تەككەن يوپۇرماق كەبى سارغايدى،زىمىستان قىستا ئۈشۈك تەككەن ھالرەك ئەتىرگۈل كەبى شۈمشەيدى.مۇھەببەتلىك ،مېھىرلىك كۆزلەر،ھىجران ياشلىرنى كۈتىۋالدى.ھەممىسى سېنىڭ ماڭا ئىلىپ كەلگەنلىك ئامرىقىم.
قەسەم،ۋەدىلەر،سۆيۈلۈشلەر،قانماي سۆيۈشلەر،تۈگۈمەس مۇھەببەت ئۈزۈندىللىرى تامام بولدى،قىز قەلبى يارلاندى،ئۆچمەس بىر داغنى سىلىپ قويدۇڭ ،بەرداشلىق بېرىشكە ماڭا مەدەت كېرەك ئىدى،بىلسەڭ.باغرىم قان بولۇپ كەتتى، يۈرۈگۈم ئېيچىشىپ كەتتى. يۈز بىرۋاتقىنى ھەممىسى رىياللىق، ھەممىسى ھەقىقەتەن. مەن ئەزەلدىن ئۆزۈمنى رىياللىقتىن قاچۇرۇپ كەلگەنمەن. بۇ قېتىم قاچۇرالمىدىم . مېنىڭ قىلالايدىغىنىم پەقەتلا يىغلاش، ئاھ ئۇرۇش، بەخىت ئۈچۈن قۇربانلىق بىرىش.... مەن ئىرشەلمىگەنسىرى قۇربانلىق بىرۋاتىمەن، ئىرشەلمىگەنسىرى ئاجىزلاۋاتىمەن. ئىرشەلمىگەنسىرى يىغلاۋاتىمەن...
مېنى تاشلىۋەتتىڭ دۇنيا.... مەن راستىنلا بەرداشلىق بېرەلمىدىم........
مېنى تاشلاپ كەتتىڭ،قېسقىسى مەندىن ئايرىلىپ قالدىڭ،سەن سۆيسەن باشقىنى،باشقىسى سېنى قانچىلىك سۆيىدۇ ئۇنىسى كىشىگە نامەلۇم.جېنىم،ساڭا يەنە دەي،سۆيگۈمنىڭ ئۇۋالىغا قالمىغىن!!!