مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3137|ئىنكاس: 28

تاللانغان ماقال - تەمسىللەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103257
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 857
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 321 سائەت
تىزىم: 2014-2-7
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 09:33:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تاللانغان ماقال - تەمسىللەر


020501fhgtskegt2tfsffe.jpg



ئاچ كىشىنىڭ ئاچچىقى يامان
ئاچ مېلىم بار مېلىم ، توق مېلىم يوق مېلىم

ئاچ ئۆلگەندىن توق ئۆلگەن ياخشى

ئاچ ئۆيدە قېتىق ئۇيۇماس

ئاچ قالغانغا نان ياقتۇرما، مۇزلىغاندا ئوت ياقتۇرما

ئاچ قالغىچە ، يالىڭاچ قال
ئاچ قالمىغان ئاچلىقنى بىلمەس
ئاچ قالمىغۇچە ئاشنىڭ قەدرىنى بىلمەس
ئاچ قوساققا سۆز ياقماس.
ئاچ قورسىقىم، تېنچ قورسىقىم.
ئاچ توق بىلەن ئوينىمايدۇ.
ئاچنىڭ چۈشىگە ئاش كىرەر.
ئاچنىڭ دەردىنى(ھالىنى) توق بىلمەس.
ئاچنىڭ كۆزى ناندا ، توقنىڭ ھېكمەتتە.
ئاچنىڭ ئۇيقۇسى كەلمەس.
ئاچتىن ئۆلگەن بېخىلنىڭ قوينىدا بىر توغاچ.
ئاچلىق ئاغرىقتىن يامان.
ئاچلىق كىشىگە يېلىنىشتىن ياخشى.
ئاچلىق نېمە يىگۈزمەيدۇ ، ئاچچىق نېمە دېگۈزمەيدۇ.
ئاچلىققا ھىچ كىشى ئۆلمەس.
ئاچلىقتا تۇتقان قاچاڭنى توقلۇقتا تاشلىما (- ئۇنتۇما)
ئاچلىقتىن ئۆلسەڭمۇ، ئاتا-ئاناڭنى تاشلىما.
ئاچچىق ئادەمگە دۈشمەن.
ئاچچىق ئالدىدىن يۈرەر، ئەقىل كەينىدىن.
ئاچچىق ئەقىلنى كېسىدۇ.
ئاچچىق كەلگەندە، ئەقىل قاچىدۇ.
ئاچچىقنىڭ كەلگەندە سول قولۇڭ ئوڭ قولۇڭغا يار بولسۇن.
ئاچچىقنىڭ كەلسە، بارمىغىڭنى تىشلە.
ئاچچىقنىڭ دورىسى سۈكۈت قىلماق.
ئاچچىق بولساڭ تۇزدەك بول ، تاتلىق بولساڭ بالدەك بول.
ئاچچىق تەر تۆككەن ، تاتلىق يەر.
ئاچلىقنى بىلمىگەن، تاتلىقنى بىلمەس.
ئاچكۆز تويماس، بېخىل بېيىماس.
ئاچكۆزنىڭ ئەقلى كەم، كۆزى تويماس.
ئادەم ئادەم بىلەن ئادەم.
ئادەم بالىسى خام سۈت ئەمگەن.
ئادەم بالىسىنىڭ باھاسى ئىلىم بىلەن.
ئادەم بىلگەننى ئوقۇيدۇ، توخۇ كۆرگەننى چوقۇيدۇ.
ئادەم بولىمەن دېسەڭ، پۇلنى دوست تۇتما.
ئادەم ئەڭەك (ئەقلى) بىلەن كۆرۈنەر.
ئادەم ئەتكەنگە تازىم ئەت.
ئادەم گۈلدىن نازۇك، تاشتىن قاتتىق.
ئادەم ھەممىگە باش.
ئادەم كۆركى يۈزدۇر، يۈزنىڭ كۆركى كۆز ، ئېغىز كۆركى تىلدۇر ، تىلنىڭ كۆركى سۆز.
ئادەم ئوتتۇز ، خۇدا توققۇز.
ئادەم قېرى بولغان بىلەن كۆڭلى قېرىماس، دەرەخ قېرى بولغان بىلەن يىلتىزى قۇرۇماس.
ئادەم قۇلاقتىن ، ھايۋان تۇياقتىن (سەمرىيدۇ).
ئادەم سۆھبەتتە بىلىنەر.
ئادەم تىلىدىن، ئېشەك قۇلىقىدىن.
ئادەم تۇغۇلغان يېرىدە ئەزىز، گۈل ئېچىلغان يېرىدە.
ئادەم يۈز يىل ياشىسا، سۆزى مىڭ يىل ياشايدۇ.
ئادەم زىننىتى كىيىم، ياغاچ زىننىتى يوپۇرماق.
ئادەمدە ئەقىل بولمىسا، كۆزى تام تۆشۈكى.
ئادەمدىن ھىچ نېمە كېچىپ قۇتۇلماس.
ئادەمگە ئادەم كېرەك.
ئادىمىدىن ئادىمىنىڭ پەرقى بار، ھەر ماتانىڭ ھەر ماتادىن پەرقى بار.
ئادىمىگە قاراپ ھۆرمىتى.
ئادەمنى دوستىغا قاراپ سىنا.
ئادەمنى ئۈمىت ياشىتىدۇ، غەم قاقشىتىدۇ.
ئادەمنى يورۇتقان كۆز، تەمنى تۈزىگەن تۇز.
ئادەمنىڭ ئادەملىگى ئاچچىقى كەلگەندە بىلىنىدۇ.
ئادەمنىڭ ئالدى گۈل، كەينى تىكەن.
ئادەمنىڭ ھوشى باش بىلەن.
ئادەمنىڭ خاھىشى ئۆزىنىڭ قولىدا.
ئادەمنىڭ ئىچىدە ئادەم بار.
ئادەمنىڭ كىچىكى بولغىچە، ئىتنىڭ كۈچىگە بول.
ئادەمنىڭ مېۋىسى بالا.
ئادەمنىڭ ئۆزىگە بېقىپ سۆزى.
ئادەمنىڭ ئۆزىنى بىلمە، يۈرگىنى بىل.
ئادەمنىڭ قۇيرۇقى يوق، تونۇغىلى بولماس.
ئادەمنىڭ تېشىغا باقما، ئىچىگە باق.
ئادەتنى تاشلىغان ئاغرىققا يولۇقار.
ئارغامچىغا ئۇن بېسىپتۇ.
ئاغىنەڭ قاغا بولسا، يىيىشىڭ پوق.
ئاغزى ئوچۇق ئاچ قالماس.
ئاغزى سۈتتە كۆيگەن سۇنىمۇ پۈۋلەپ ئىچەر.
ئاغزى مۇسا، ئىچى پېرۇن.
ئاغزى قايماق، كۆڭلى مايماق.
ئاغزى يۇمشاق موزاي قوش ئەمچەك ئىمەر.
ئاغزىدا ئاللا، كۆڭلىدە شەيتان.
ئاغزىدىن ھەسەل تامىدۇ، كۆڭلىدىن زەھەر.
ئاغزىمغا كەلدى دەپ دېمە، ئالدىمغا كەلدى دەپ يېمە.
ئاغزىڭ گەپتە بولسىمۇ، قولۇڭ ئىشتە بولسۇن.
ئاغزىڭ قان بىلەن تولسىمۇ دۈشمەن ئالدىدا تۈكۈرمە.
ئاغزىڭدا قىلغىچە، قولۇڭ بىلەن قىل.
ئاغرىغان يەرگە تاش تېگەر.
ئاغرىماس بېشىمغا ئالتە تاياق.
ئاغرىمىغىچە، ئاغرىق ھالىنى بىلمەس.
ئاغرىشتىن ئىلگىرى كېپىنىڭنى تەييارلا.
ئاغرىق ئادەم ؟كىچىك بالا.
ئاغرىق ئاشتىن كېلەر، بالا قېرىنداشتىن (قاياشتىن).
ئاغرىق باشقا ئاخچە دورا بولماس.
ئاغرىق بولساڭ ئۆلۈپ قۇتۇل، قەرزدار بولساڭ، بېرىپ قۇتۇل.
ئاغرىق ئۆرۈسە، جېنىڭنى ئالۇر، سىپا ئۆرۈسە، پۇلۇڭنى ئالۇر.
ئاغرىق پاتمانلاپ كىرىدۇ، مىسقاللاپ چىقىدۇ.
ئاغرىق ساقايغۇسى كەلسە، تېۋىپ ئۆزى كېلۇر
ئاغرىق تارتمىغان ساقلىقنىڭ قەدرىنى بىلمەس.
ئاغرىق ئۇخلار، ئاچ ئۇخلىيالماس.
ئاغرىقنى بۇس ئۆلتۈرەر، يىگىتنى نومۇس.
ئاغرىقنى يوشۇرغان، ئۆلۈم ئاشكارا.
ئاغرىقنىڭ ئېتى ياخشى.
ئاغرىقنىڭ سەۋەبى تېپىلسا، داۋاسىمۇ تېپىلىدۇ.
ئاغرىقنىڭ يامىنى ئاچلىق.
ئاغرىقنىڭ سانچىغى يامان، سۆزنىڭ ئاچچىقى (~ئىتنىڭ قانجۇقى).
ئاخچا ئاخچىغا قوشۇلىدۇ.
ئاخچا دېگەن ؟قولنىڭ كىرى.
ئاخچا تاپساڭ، ساناپ ئال.
ئالغۇچى ئارسلان، بەرگۈچى چاشقان.
ئېلىشنى ياخشى كۆرسەڭ، بېرىشنى يامان كۆرمە.
ئالماق ئوڭاي، بەرمەك تەس.
ئالماقلىق زېرەكلىك، بەرمەكلىك نادانلىق.
ئالماقنىڭ بەرمىگى بار چىقىشىڭ ئىنىشى.
ئالماقنىڭ ساتمىغى بار.
ئالماقتىن بەرمەك ئەلا.
ئالسام بەرمىسەم.
ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چال قۇيرۇق.
ئالا قاغا ئالمان بولسىمۇ، قارچىغىنىڭ ئورنىنى باسالماس.
ئالا قاغا بىلەن يۈرسەڭ، تېقىمىڭ پوق.
ئالا قاغىدا ئېلىشىڭ بولسۇن.
ئالدىدا كەلگەن ئورۇن ئۈچۈن، كېيىن كەلگەن تاماق ئۈچۈن.
ئالدىدا ئۇخلىدى، ئارقىدا مۇشتلىدى.
ئالدىن ئۆزۈڭنى تۈزە، ئاندىن باشقىنى.
ئالدىڭغا ماڭساڭ، كەينىڭگە قارا.
ئالدىراپ ئاشقا چۈشۈتۇ.
ئالدىرىغان ئىشقا شەيتان ئەگىشىدۇ (~ئارلىشار).
ئالدىرىغان مۇرادىغا يەتمەس.
ئالدىرىغان قالار، يۈرگەن ئالار.
ئالدىرىغان شەيتاننىڭ ئىشى.
ئالدىرىغاندا ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپتۇ.
ئالدىرىغاننىڭ ئوشۇقى تېيىپتۇ (سۇنار).
ئالدىرىغاننىڭ تاپىنى قىچىشار.
ئالدىرىما تېكەم بىر كۈنى ھارۇرسەن.
ئالدىرىمىساڭ، ھارۋىدا توشقان ئالۇرسەن.
ئالدىرىساڭ ئاش پېتىپ بېرەي، ئالدىرىمىساڭ چاي.
ئالدىرىساڭ، كىشى كۈلدۈرىسەن.
ئالدىرىساڭ، قونۇپ قال.
ئالەمنى سۇ باسسا، ئۆردەكنىڭ قاپتىلىغا كەلمەپتۇ.
ئالىم بولساڭ، ئالەم سېنىڭكى.
ئاللا بەرمىگەننى موللا بەرمەس.
ئالما يەپ ئاغرىق بولغىچە، ئۆرۈك يەپ ئۆل.
ئالما (ئامۇت) ياغىچىدىن يىراق چۈشمەس.
ئالقىش ئالغان ئامان، قارغىش ئالغان يامان.
ئالتە ئۆلچەپ بىر كەس.
ئالتە ئۆچكىگە يەتتە تېكە.
ئالتە ياشار يولدىن كەلسە، ئاتمىش ياشار ئالدىغا چىقىپتۇ.
ئالتىگە ئېلىپ بەشكە سات، ئېتىڭ چىقسۇن سودىگەر.
ئالتىنچى ئايدا ئاغرىق يوق.
ئالتىنچى ئايدا ئالتە چاپان، ئون ئىككىنچى ئايدا كالتە چاپان.
ئالتۇن چىقىدۇ يەردىن، بەخت كېلىدۇ تەردىن.
ئالتۇن چىرىمەس، ئەقىل قېرىماس.
ئالتۇن ؟كۈمۈش تاش، تېرىق ؟قوناق ئاش.
ئالتۇن ئوتتا بىلىنەر، ئادەم ئەمگەكتە.
ئالتۇن؟ئوتتىن قورقماس.
ئالتۇن ئۆيدىن كان (كۆڭۈلنىڭ تېنچلىقى) ياخشى.
ئالتۇن يەردە ياتماس، ياخشىلىق يولدا.
ئالتۇنغا توپا يۇقماس.
ئالتۇننى دەسسەپ، تۇخۇم ئوغرىلاپتۇ.
ئالتۇننى كۆرۈپ، پەرىشتە يولدىن تېيىپتۇ.
ئالتۇننىڭ قەدرىنى زەرگەر بىلەر.
ئالتۇنچىنىڭ مىڭ ئۇرغىنى، تۆمۈرچىنىڭ مىڭ ئۇرغىنى.
ئالۋاننى كىم قىلۇر: غالۋاڭ.
ئامانەت ساقلىساڭ تۆلەرسەن، ياڭ يەردە ئۆي سالساڭ ئۆلەرسەن.
ئامانەتكە خىيانەت.
ئامۇت پىشىڭ، ئاغزىمغا چۈشۈڭ.
ئانا ئايىغىدا جەننەت بار.
ئانا كۆرۈپ قىز ئال، قىرغاق كۆرۈپ بۆز.
ئاناڭ ئۆگەي بولسا، تويۇڭ بۇزۇلار.
ئانىدىن ياخشى سۆز يوقتۇر.
ئانىسى ئويلاپ يۈرۈيدۇ، بالىسى ئويناپ.
ئانىسى ئۆگەي بولسا، ئاتىسىمۇ ئۆگەي.
ئانىسى ئۆلمەي، ئانا قەدرىنى بىلمەس، ئاتىسى ئۆلمەي، ئاتا قەدرىنى بىلمەس.
ئانىسى تەپكەن موزاينىڭ جېنى ئاغرىماس.
ئانا سۈت بەرگەن ۋەتىنىڭگە مۇھەببەت باغلا.
ئانا سۈتى ئاغزىدىن كەتمىگەن.
ئانا سۈتى بىلەن كىرمىگەن، تانا سۈتى بىلەن كىرمەس.
ئانا ۋەتىنىڭگە مۇھەببەت باغلا.
ئانا ۋەتەننىڭ ئالتۇن بۆشۈك.
ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭى رويۇڭ سامان بولماس.
ئانا يۇرتۇڭدىن ئۆلسەڭ ئايرىلما.
ئانچىلىق ئاچچىق پىيازدىمۇ بار.
ئانداق قازانغا شۇنداق چۆمۈچ.
ئانت ئىچكۈچىگە كۆنمىسەڭ، قان ئىچكۈچى كېلەر.
ئاڭلىغان بىلەن كۆرگەن بىر ئەمەس.
ئاڭلىغان قۇلاقتا گۇناھ يوق.
ئاڭلىغان سۆزدە راستلىق يوق.
ئاڭلىغان سۆزگە ئىشەنمە.
ئاڭلىغان سۆزنىڭ ئىگىسى يوق.
ئاڭلىغان ياخشى، كۆرگەن ئاندىن ئەۋزەل.
ئاپتاپ ئىچىدىن كۈن چىقىپتۇ.
ئاق بار ئۆيدە بەرىكەت بار.
ئاق بۆكنى ئېلىپ تاشلاپ، كۆك بۆكنى كىيگەن بىلەن ئۆزگەرمەيدۇ.
ئاق ئىت، قارا ئىت ؟بەرى بىر ئىت.
ئاق كۆرۈنگەننىڭ ھەممىسى ئاق ئەمەس.
ھاقارەتلىك تۇرمۇشتىن ساداقەتلىك ئۆلۈم ياخشى.
ئارىدا بۇرۇن؟بولمىسا، ئۇ كۆز بۇ كۆزنى يەيدۇ.
ئاراقنىڭ تۆت سەرى قىممەت.
ئاراقچىنىڭ كۆڭلى باي.
ئارپابەدىيان ئىچمەگەنلەر ئەمدى ئىچەر بولدى چاي،
ئېشەك قوتۇققا مىنمەگەنلەر ئەمدى مىنەر بولدى تاي.
ئارپا ئىچىدە بىر بۇغداي.
ئارپا تېرىپ، بۇغداي ئالىمەن دېمە.
ئارپا ؟تېرىك ئاش ئىكەن، ئۈنچە ؟ماركان تاش ئىكەن.
ئارقاڭدىكى دۈشمەن، ئالدىڭدىكى دوست.
ئارتۇق دۆلەت باشنى يارماس.
ئارتۇق تۇزلاش ئازدىن يامان.
ئارتۇغىنى ئەل ئالسۇن، قالغىنىنى سەل.
ئارزۇغا ئەيىب يوق.
ئاسان كەلسە، ئاسان كېتەر.
ئېسىلساڭ، ئېگىز دارغا ئېسىل.
ئاشىقى يوق ياردىن ئىسسىق (ئىسلىق) ئوچاق ياخشى.
ئاسمان بېسىۋالسا، ئاستىدا يېتىپ پولو (مانتا)يەر.
ئاسمان يىراق يەر قاتتىق، ئۆلەي دېسەم كان تاتلىق.
ئاسماندا ئىزدىگەننى يەردە تاپتىم.
ئاسماندىكى ئاينى ئالسا، كۈننى تەلەپ قالارمىكىن.
ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپتۇ.
ئاسمانغا قاراپ تۈكۈرمە، يېنىپ يۈزۈڭگە چۈشەر.
ئاسماندىكى تاش يەرگە چۈشكەندە ئەزىز.
ئاسماندىن تاش ياغسىمۇ يەرگە پايدا.
ئاسماندىن توغا ياغسا، تۇمار قېپى تەگمەيدۇ.
ئاسقاق قوي چۈشتىن كېيىن مەرەپتۇ.
ئاستا ماڭساڭ، بۇرۇن يېتىسەن (~يىراق كېتىسەن).
ئاستا ماڭغانمۇ ماڭغان، توختاپ قالغان يامان.
ئاستا يۈرگەن تاش ئاشار، يۈگۈرگەن باغ.
ئاش بار يەردە ئاغرىق يوق.
ئاش باردا ئىشتەي قاچتى، ئىشتەي باردا قېنى ئاش.
ئاش بەرگەنگە مۇش بېرىپتۇ.
ئاش بەرسە ساۋۇق بەردى، نان بەرسە كۆيۈك بەردى، ئۆگەي ئانىنىڭ دەردى.
ئاش ئىگىسى بىلەن تاتلىق.
ئاش ئىچمەي ئاغزى كۆيۈپتۇ.
ئاش كەلسە، يىگىن، سۆز كەلسە، دېگىن (~ئىش كەلسە قىلغىن).
ئاش ئۆزىدىن، مىننەت؟كىشىدىن.
ئاش پەيغەمبەر، نان ئەۋلىيا.
ئاش تۇغان يەردە ئاغرىق تۇرمايدۇ.
ئاش يېگەن قاچاڭنى ئوشۇتۇپ قويما.
ئېشى ئاتىپ ئۆلگەندىن، ئاچ يېتىپ ئۆلگەن ياخشى.
ئاشنى ئاسمان بېرەر، ئاندىن يەر.
ئاشنى كۆرۈپ ئىشنى ئۇنتۇما.
ئاشنى سىڭگەندە ماختا، خوتۇننى بىلگەندە (~ئۆلگەندە)
ئاشنىڭ تەمى تۇز بىلەن.
ئاشقا چۈشكەن چىۋىن دەك.
ئاشقا پىياز نانغا تۇز، ھەر كىمنىڭ يارى ئۆزىگە ئۇز.
ئاشتىن قالساڭ، قال، كۈچتىن قالما.
ئاشىقلىق ئاسان، جۇدالىق تەس.
ئاشىققا باغدات يىراق ئەمەس.
ئاشناڭغا ئىشىنىپ ئەرسىز قالما.
ئاشپەز ئىككى بولسا، ئېشى تۇزسىز بولار.
ئات ئالغۇچە ئوقۇر سال.
ئات ئالساڭ ئاي كېڭەش، خوتۇن ئالساڭ يىل كېڭەش.
ئات ئالساڭ، يېقىندىن ئال، خوتۇن ئالساڭ، يىراقتىن ئال.
ئات ئاسقاق يول تايغاق، يۈك ئېغىر مەنزىل يىراق.
ئات ئاتاڭدىن بالا ئاناڭدىن.
ئات ئايىغان ئات مىنەر.
ئات ئايىغىنى تاي باسىدۇ (~باسار).
ئات ئايلىنىپ ئوقۇرنى تاپار، ئەر ئايلىنىپ ئېلىنى تاپار.
ئات بولسا، يۇلتۇزنىڭ كېرىكى نېمە؟
ئات كەڭگە يارالغان .
ئات ئىگىسىنى تونۇيدۇ.
ئات ئىگىسىنى ئات كەينىگە مىنگەشتۈرمەپتۇ.
ئات ئېغنىغان يەردە تۈك قالىدۇ.
ئات ئېشەكتىن تۇغارمۇ، ئېشەك ئاتتىن ئۇزارمۇ؟
ئات ؟ئەر كىشىگە قانات.
ئات گۆشى قىرىق يىل قالغان ئاغرىقنى قوزغايدۇ.
ئات ھېرىپ قالسا، بىر پىچاق، ئېشەك ھېرىپ قالسا، بىر چۆچەك قوناق.
ئات قەدرىنى مىنگەن بىلەر، مىلتىق قەدرىنى ئاتقان.
ئات كىشنىشىپ تېپىشار، ئادەم سۆزلىشىپ تونۇشار.
ئات مىنگەن ياياققا باقماس.
ئات مىنسە، ئاتىسىغا باقماپتۇ.
ئات ئورنىغا ئېشەك باغلىما.
ئات ئورۇق بولسىمۇ، يېغىر بولمىسۇن.
ئات ئورۇقلۇقتا، ئەر (ھوتۇن) غېرىپلىقتا.
ئات ئۆلسە، ئىگىر قالار، ئادەم ئۆلسە، ئېتى.
ئات ئۆلسە، ئىتنىڭ تويى بولىدۇ.
ئات سەمىرسە ، ئىگىسىنى تېپەر.
ئات تاپقۇچە ئىگەر تاپ.
ئات تاپقۇچە، ئېشەك مىن.
ئات ياتقا كىشنىمەس.
ئات يۆتەلسە ئوقۇر سال ، كالا يۆتەلسە پىچاق سال.
ئېتى يوقنىڭ قېنى يوق.
ئېتى يوقنىڭ پۇتى يوق.
ئېتىڭ ئات بولغىچە ئۆزەڭ مات بولۇرسەن.
ئېتىڭ ھارسا، دۆڭگە چاپ.
ئېتىڭ ئۆلدى ؟ئاتاڭ ئۆلدى.
ئېتىڭ ياخشى بولسا، قامچا نېمە كېرەك.
ئېتىڭدىن ئايرىلساڭ، ئايرىل، ئىگەر ؟توقۇمىڭدىن ئايرىلما.
ئېتىڭنى قامچا بىلەن ھايدىما، يەم بىلەن ھايدا.
ئېتىڭنى تەپمەيدۇ دېمە، خوتۇنۇڭنى بەرمەيدۇ دېمە.
ئاتنى ئات ساقلايدۇ، ئاچنى ئاچ.
ئاتنى چانىدا سىنا، ئەرنى سەپەردە.
ئاتنى ساتساڭ، يۈگىنى قاتار.
ئاتنى تاقىلىسا، ئېشەك پۇتىنى كۆتۈرۈپتۇ.
ئاتنى تەپمەيدۇ دېمە، ئىتنى چىشلىمەيدۇ دېمە.
ئاتنى ياپاندا كۆرمە، ئەرنى چاپاندا.
ئاتنىڭ ئوبدىنى بوز، ئەرنىڭ ئوبدىنى تاز.
ئاتنىڭ ياڭزىسىنى سايدا كور، ئېشەكنىڭ ياڭزىسىنى لايدا كۆر.
ئاتنىڭ خۇيىنى ئىگىسى بىلەر.
ئاتنىڭ كۆركى ئىگەر-توقۇم.
ئاتنىڭ نوختىسى ئېشەككە ئېغىر كەلمەپتۇ.
ئاتنىڭ تەپكىنى ھار ئەمەس، ئېشەكنىڭ؟تەپكىنى ھار.
ئاتنىڭ يامىنى ئالا، خوتۇننىڭ يامىنى بالا.
ئاتنىڭ يامىنى تەپكەك، خوتۇننىڭ يامىنى بەرگەك.
ئاتقا كۈچى يەتمەي، ئېگەرنى ئۇرۇپتۇ.
ئاتقا مىنگەشمە، كېيىن قوڭۇم ئاغرىدى دېمە.
ئاتتىن چۈشسە، ئۈزەڭگىدىن چۈشمەپتۇ.
ئاتتىن قورقساڭ، يېقىن كەلمە.
ئاتلىق پىيادىنىڭ ھارغىنىنى بىلمەس.
ئاتلىقلارغا تېگىپتۇ، ياياقلارغا تەگمەپتۇ.
ئاتلىققا ياياق دوست ئەمەس.
ئات كۆتۈرسەڭ، ياخشى بىلەن كۆتەر، سۇ كۆتۈرسەڭ، ئەپكەش بىلەن.
ئېتى بار، ئىسمى يوق.
ئاتقان (~ئېتىلغان ) ئوق يانماس.
ئاتقان يەردە ئوق قالىدۇ.
ئاتا بولمىغان ئاتا قەدرىنى بىلمەس.
ئاتا كۆرگەن ئوق يونۇيدۇ، ئانا كۆرگەن تون پىچىدۇ.
ئاتاڭ ئاتقان دۇكاندا پاختا ئات،بىئەجەل ئۆلەي دېسەڭ، تام تۈۋىگە بېرىپ يات.
ئاتاڭ باردا دوست ئىزدە، ئېتىڭ باردا يول.
ئاتاڭ كىمنى ئالسا، ئاناڭ شۇ.
ئاتاڭ مىراب بولغىچە ئۆيۈڭ سۇ بېشىدا بولسۇن.
ئاتاڭ ئۆلسە ئۆلسۇن، ئاتاڭنى كۆرگەنلەر ئۆلمىسۇن.
ئاتاڭدىن دۇنيا قالغىچە ھۈنەر قالسۇن.
ئاتامدا بولغىچە ئالقېنىمدا بولسۇن، ئالقېنىمدا بولغىچە ئاغزىمدا بولسۇن.
ئاتاڭغا نېمە قىلساڭ، بالاڭدىن شۇنى كۆرىسەن.
ئاتاڭمۇ يەر، ئاناڭمۇ يەر.
ئاتاڭنى ئۆلتۈرگەنگە ئاناڭنى بەر.
ئاتاڭنىڭ بالىسى بولغىچە ئەلنىڭ بالىسى بول.
ئاتىسى غورا يېسە، بالىسىنىڭ چىشى قاماپتۇ.
ئاتىسى كۆرەلمىگەننى بالىسى كۆرەر.
ئاتىسى ئۆلگەننىڭ يەتتە يىل ياقىسى يىرتىق.
ئاتىسى تۇرۇپ، ئوغلى سۆزلىگەندىن بەز.
ئاتىسىز يىتىم گۈل يىتىم، ئانىسىز يىتىم ئۇل يىتىم.
ئاتا ئانا دۇئاسى ئوتقا سۇغا پاتۇرماس.
ئاتا ؟ئانا قانداق بولسا، بالا شۇنداق.
ئاتا ئانىنىڭ ھاياتى بالىسىدا.
ئاتىلار سۆزى ؟ئەقىلنىڭ كۆزى.
ئاتاقنى تاپماق ئوڭاي، تۇتۇپ قالماق تەس.
ئاتىغى يوق ئەردىن، ھەشىگى يوق دۆن ياخشى.
ئاۋال ئويلا، ئاندىن سۆزلە.
ئاۋال ئۆزەڭنى چىمدا، ئاغرىمىسا باشقىنى.
ئاۋال سوقۇشۇپ ئاندىن دوست بول.
ئاۋال تائام، ئاندىن كالام.
ئاۋىلىدىن مېنىڭ دېدى، ئىزدىۋىدىم دورا بولدى.
ئاۋالقى چىققان قۇلاقتىن كېيىنكى مۈڭگۈز ئۇزار.
ئاۋالقىنى ئوغرى ئالدى، قالغانىنى رەممال.
ئاۋايلىماي ئۇرۇۋىدىم،ئاغرىماي ئۆلۈپ قالدى.
ئاي دېسە، ئاي ئەمەس، كۈن دېسە،كۈن ئەمەس.
ئاي كۆرسەڭ، روزى تۇت.
ئاي تۈندە كېرەك، ئەقىل كۈندە.
ئاينى ئېتەك بىلەن توساپ بولماس.
ئاينى كۆرۈپ كۈن ئالغىن.
ئاينىڭ بېشىدىن قورقما،بەشىدىن قورق.
ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ، ئون بەشى يورۇق.
ئاينىڭ يورۇقى ئوغرىغا ياقماس.
ئاياق ئاستىدا قالدىم دەپ دېمە ۋاي، چىنە بولار كۆپ دەسسەلسە لاي.
ئاياق ئاستىڭغا قاراپ باش، يىقىلىسەن.
ئاياق ئاتلىمىسا، باش يۈگۈرمەيدۇ.
ئاياق يۈگرۈكى ئاشقا، ئېغىز يۈگرۈكى باشقا.
ئايىغى كۆيگەن توخۇدەك.
ئايغىر قاچسا، ئۈيۈرىدىن تاپ.
ئاينىپ كەتكەن دوست ئەمەس.
ئايرىلغان قوينى بۆرە يەر.
ئايرىلغاننى ئېيىق يەر،بۆلۈنگەننى بۆرە.
ئايرىلغاننى قار باسار، بۆلۈنگەننى بوران.
ئاز بولسىمۇ، ساز بولسۇن.(~ئاز قىل، ئۇز قىل).
ئاز ئېشىم غوغىسىز بېشىم.
ئاز گەپ قىلغاندىن جىق گەپ قىلغىنى ياخشى.
ئاز سۆز غوغىسىز سۆز
ئاز سۆزلە، كۆپ ئاڭلا،ئاز يە، كۆپ چاينا.
ئاز سۆزلە، كۆپ ئىشلە.
ئاز سۆزلىسەڭ، كۆپ ئاڭلايسەن.
ئاز سۈتلۈك ئىنەك كۆپ مۆرەيدۇ.
ئاز يېگەن ئون يەر، جىق يېگەن بىر يەر.
ئاز يىغساڭمۇ ھالال يىغ.
ئازدىن جىقى ياخشى.
ئازغا كۆنمەس ياخشىلىق كۆرمەس.
ئازغا قانائەت قىلمىغان كۆپتىن قۇرۇق قاپتۇ.
ئازغا رازى بول.

ئازنى بىلمىگەن كۆپنى بىلمەس.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   azrat705 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-24 11:13 PM  


[color=Blue]بۈگۈنكى تېرىشماسلىق - ئەتىكى مۇھتاجلىققا رازى بولغانلىق .[/color]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105050
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2014-3-20
ئاخىرقى: 2014-6-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 11:19:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بۇلار   ياخشى  ئەقلىيە  سۆزلەركەن ... رەھمەت  !!

سەن دۇنياغا كۇلۇپ قارساڭ ،دۇنيامۇ ساڭا كۇلۇپ قارايدۇ !
misken.cn بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 11:22:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102857
يازما سانى: 2195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1772
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1949 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 11:29:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ تەشەككۈر  ،  ھارمىغايسىز .

[كۆڭلى قارىنىڭ يۈزىدە خەت يوق يۈرىكىدە نەشتىرى بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84102
يازما سانى: 1134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6206
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 555 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 11:32:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىلى ئەجىر قىپسىزجۇمۇ......

خەلىقلا قارشى تۇردىكەن ھەر قانداق دۈشمەن ئارزۇسىغا يىتەلمەيدۇ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38249
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2861
تۆھپە نۇمۇرى: 149
توردا: 1184 سائەت
تىزىم: 2011-4-20
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 11:36:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولدىغان ماقال -تەمسىللەركىن  

قەشقەرلىك ئادەم ئۇرمايدۇ،تىللىمايدۇ بىراق شۇ مۇزنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغۇزۇپ يەلپىپ قويىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104748
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 485
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2014-3-12
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 11:37:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت قېرىندىشىم،  بۇ ماقال تەمسىللەر نى  رەتلەش جەريانىدا خېلى ئەجىر قىپسىز ،ھازىرچە ساقلىۋېلىپ كېيىنچە ھۆسىنخەت قىلىپ يازساق بەك ياخشى بولغۇدەك.

دەرتنى دەرتمەن بېلۇر، ئاغرېقنى كېسەل (بېلۇر).

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104669
يازما سانى: 440
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1090
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 368 سائەت
تىزىم: 2014-3-10
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 12:15:09 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت تېمىڭىزغا بۇ ماقال ـ تەمسىل ئادەمنىڭ سۆزىگە جان بىرىدۇ.

ئۈستىدىن ئۇرىدىغان بازغان بولمىساڭ ، ئاستىدا يانچىلىدىغان سەندەل بولىسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105168
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 347
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 183 سائەت
تىزىم: 2014-3-22
ئاخىرقى: 2014-7-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 12:37:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم  ھارمىغايسىز  قىممەتلىك گۇھەرلەرنى قىزىپ چىقىىپسىز  جاپا چىكىپسىز  قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.

سەن رىياللىقنىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتلىرى ئاتا قىلغان راھەتلەرگە،ئۆتكۇنچى ھەۋەسلەرگە ئالدانسڭ ھەقىقى ئۆزۇڭدىن ئايرىلىپ قالسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105168
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 347
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 183 سائەت
تىزىم: 2014-3-22
ئاخىرقى: 2014-7-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-25 12:41:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كولىڭىز گۇلكەن جۇمۇ

سەن رىياللىقنىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتلىرى ئاتا قىلغان راھەتلەرگە،ئۆتكۇنچى ھەۋەسلەرگە ئالدانسڭ ھەقىقى ئۆزۇڭدىن ئايرىلىپ قالسەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش