مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2449|ئىنكاس: 24

قەشقەردىكى قەدىمقى دىنلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102266
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 200
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2014-1-14
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 09:05:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەشقەر ۋىلايىتى - غەرىب بىلەن شەرىقنىڭ قاتناش تۇگۇنىگە جايلاشقان ، ئىسلام دىنى تارقىلىشتىن ئىلگىرى ، ئاتەشپەرەسلىك دىنى، بۇددا دىنى، مانى دىنى، نىستۇرى دىنى  قاتارلىق كوپ خىل دىنلار مەشھۇر يىپەك يولىنى بويلاپ ، ئارقا-ئارقىدىن بۇ يەرگە تارقالدى . ئىسلام دىنى قەشقەرگە تارقالغاندىن كىيىن ، باشقا دىنلار پەيدىنپەي يوقالدى . كىيىن خىرىستىئان دىنى ، كاتولىك دىنىمۇ قەشقەر تەۋەسىگە تارقالدى .ھازىر قەشقەردە ئولتۇراقلاشقان ھەر مىللەت خەلقى ئىچىدە ئۇيغۇر ،ئۆزبىك ،قازاق ،تاتار، قىرغىز ، تاجىك ، خۇيزۇ ، دۇڭشىياڭ قاتارلىق مىللەتلەر ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدۇ ؛ ئاز ساندىكى خەنزۇلار خىرىستىئان دىنى ، كاتولىك دىنىغا ئىتىقاد قىلىدۇ ؛ روسلار پىرۇسلاۋىيان دىنىغا ئىتىقاد قىلىدۇ ؛ مانجۇلار شامان دىنىغا ئىتىقاد قىلىدۇ .
ئۇززاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا ، شىنجاڭدا نۇرغۇنلىغان قەدىمقى دىنلار مەۋجۇد بولغان بولۇپ ، ئۇلار ئىلگىرى -كىيىن شىنجاڭغا تارقىلىپ كىرگەن ، بەزىلىرى بىرگە مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان بەزىلىرى ئوزىنىڭ مەۋجۇدلىقىنى يوقۇتۇپ باشقا دىنلارغا ئورۇن بەرگەن . ئاخىردا پەقەت دۇنيادىكى بىر قانچە چوڭ دىنلار ئاساسلىق چوڭ دىن سۇپىتىدە ساقلىنىپ قالغان .
دۇنيادىكى ئۇچ چوڭ دىن ئىچىدە ئىسلام دىنى ، بۇددا دىنى ۋە خىرىستىئان دىنىدىن كىيىن شىنجاڭغا تارقىلىپ كىرگەن ئاخىرقى دىن . ئىسلام دىنى تارقىلىپ كىرىشتىن بۇرۇن شىنجاڭدا كوپ خىل دىنلار تارقالغان بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىپتىدائى دىن مۇشۇ زىمىندا پەيدا بولغان ھەم ئەڭ بۇرۇن شەكىللەنگەن دىن ئىدى .

                                          1 . ئىپتىدائى دىن

قەشقەر ئىنسانلار پائالىيتى ئەڭ بالدۇر باشلانغان رايۇنلارنىڭ بىرى . خۇددى باشقا جايلارغا ئوخشاش ، يىراق قەدىمقى دەۋىردە شىنجاڭدىكى ئىپتىدائى ئاھالىلەر ئىچىدە  ئىپتىدائى دىنى قاراش پەيدا بولغان ، ئۇلار ئادەمدە تەندىن ئايرىلغان ھالدا مۇستەقىل مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان "روھ " نىڭ بارلىقىغا ۋە بۇ روھنىڭ تەنگە ئوخشىمايدىغانلىقىغا ، ئۇنىڭ ئولمەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەن . ئۇلار ئادەم ئولگەندىن كىيىن ئۇنىڭ "روھى " تىنىدىن ئاجىراپ باشقا دۇنياغا بارىدۇ ، ئۇلار ئۇ جايدا ھازىرقى رىئال دۇنياغا ئوخشاش ياشايدۇ دەپ قارايتى . شۇنىڭ ئۇچۇن ئۇلار ئولگەنلەرنى كومگەندە ئولگۇچى ھايات چىغىدا ئىشلەتكەن كۇندۇلۇك تۇرمۇش بويۇملىرنى ۋە ئىشلەپ چىقىرىش قۇراللىرنى ھەتتا زىبۇ-زىننەتلىرىنىمۇ بىللە كومۇۋىتەتتى . ئۇنىڭ مەنىسى ئۇ دۇنيادىمۇ شۇ نەرسىلەرنى داۋاملىق ئىشلەتسۇن دىگەنلىكتىن ئىبارەت ئىدى . ھازىرقى قەدەر شىنجاڭدىن تىپىلغان
يىراق قەدىمقى دەۋىردىكى قەبرىلەردىن ئوخشىمىغان مىقداردا ھەر خىل ئاخىرەتلىك بويۇملار تىپىلدى . كىيىن ئىنسانلار تەبىئەتنى تونۇش ۋە ئىزدىنىش جەريانىدا ھەر خىل ھادىسىلەرنى چۇشۇنەلمەي ، خاتا ھالدا تەبىئەت دۇنياسىنىڭمۇ ئىنسانلارغا ئوخشاش " روھى " بار دەپ قارىغان ، ئۇلار يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەبىئەتنىڭ روھىنى ئىنسانلاشتۇرۇپ  ۋە ئىلاھلاشتۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى ، خاپىلىقى بار ، بەلكى ئۇنىڭ كۇچ- قۇدۇرتى چەكسىز ، دەل ئۇلار تەبىئەت دۇنياسىنى كونتىرول قىلغانلىقى ۋە چاڭگىلىغا ئالغانلىقى ئۇچۇن ، تەبىئەت دۇنياسى سىرلىق ھەم چۇشۇنىكسىز ، ئىنسانلار تەبىئەتنىڭ ئىلتىپاتىغا ئىرىشمەكچى بولسا ، ھەر خىل چارە -ئاماللار ئارقىلىق تەبىئەتنى ئىدارە قىلىدىغان ئىلاھلارغا ياخشىچاق بولىشى كىرەك دەپ قارىغان ، بۇنىڭ بىلەن تەبىئەتكە چوقۇنۇش پەيدا بولغان .
قەشقەردىكى ئىپتىدائى ئاھالىلەرنىڭ چوقۇنىدىغان ئوبىكتىلىرى ئىنتايىن كوپ بولۇپ ، ئاسمان ، يەر ، قوياش ، ئاي ، بوران ، يامغۇر ، گۇلدۇرماما ، دەريا ، تاغ قاتارلىق شەيئىلەر ۋە تەبىئەت ھادىسلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ چوقۇنىدىغان ئوبىكتى بولغان . ئارخىلوگلىرىمىز لوپنۇردىكى قەدىمى قەبرىستانلىقتىن بىر جەمەتنىڭ ئاممىۋى قەبرىستانلىقىنى تاپقان . بەزى قەبرىلەر توم ۋە ئىنچىكە ياغاچ قوزۇقلار بىلەن يەتتە قەۋەت قاشالانغان بولۇپ ، قاشانىڭ سىرتىغا توت تەرەپكە چىچىلغان نۇر شەكلىدە ياغاچ تىزىلغان ، ئاشۇ توغرىسى ۋە يىنىچە قويۇلغان يۇمۇلاق ياغاچلار ئارقىلىق نۇر چىچىپ تۇرغان بىر قوياشنىڭ شەكلى چىقىرىلغان . مانا بۇنىڭدا قەدىمقى لوپنۇرلۇقلارنىڭ قوياشقا چوقۇنىدىغانلىقى
ئىپادىلەنگەن . ئالتاي ۋىلايىتى كوكتوقاي  ناھىيسنىڭ تاڭبالىق تاش ئوڭكۇرىدىن قىيا تاشقا سىزىلغان رەڭدار رەسىم تىپىلغان بولۇپ ، رەسىمنىڭ ئۇستى قىسمىغا مەركەزداش ئىككى چەمبەر ، ئۇنىڭ يىنىغا رەڭدار بۇلۇت ، ئاستىغا بىر غەلىتە ئادەم بىشى سىزىلغان . بۇ تاش رەسىمدە ئىپادىلەنگىنى ئىنسانلارنىڭ قوياش ۋە ئايغا چوقۇنىدىغانلىقىدۇر .
قەدىمقى تاشكەنىتلىكلەر ئوزلىرىنى "قوياشنىڭ ئۇرۇقى " دەپ ئاتىغان بولۇپ ، مەنىسى قوياشنىڭ ئەۋلاتلىرى دىگەنلىك ئىكەنلىكىنى چۇشۇنىۋالغىلى بولىدۇ . قوياش ۋە ئايغا چوقۇنۇش ئادەتلىرى ھازىرمۇ نۇرغۇن مىللەتلەر ئارىسىدا ساقلانماقتا . قازاقلارنىڭ بەزىلىرى ھازىرمۇ "ئوزلىرىنى قوياشتىن تۇغۇلغانلار " دەپ تونۇپ ، يەنىلا قوياش ۋە ئايغا چوقۇنىدۇ . ئاي شەرىقتىن كوتۇرۇلگەندە كىشىلەر ئايغا قاراپ ئىلتىجا قىلىدۇ .
ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ھايۋانلار ۋە ئوسۇملۇكلەرمۇ شىنجاڭدىكى ئىپتىدائى ئاھالىلەرنىڭ چوقۇنىدىغان يەنە بىر موھىم ئوبىكتى بولغان .
قەدىمقى لوپنۇرلۇقلار جەسەتنى كومگىچە ئولگۇچىنىڭ مەيدىسىگە چاكاندا شىخى سىلىنغان بىر كىچىك خالتا قويۇپ قويغان ؛ ئوسۇملۇكلەرگە چوقۇنۇش يىزا - ئىگىلىك بىلەن شۇغۇنلىندىغان ئاھالىلەر ئىچىدە بىر قەدەر كەڭ ئومۇلاشقان بولسا ، چارۋىچىلار ئىچىدە ھايۋانلارغا چوقۇنۇش ئومۇملاشقان . تەڭرىتاغ ، كوئىنلۇن تىغى قاتارلىق تاغ تىزمىلىرىدا كالا ، قوي ، توگە ، بۇغا قاتارلىق ھايۋانلارنى ئاساسى مەزمۇن قىلغان نۇرغۇن قىيا - تاش سىزمىلىرى بار . دىھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىققا بىر قەدەر ئىغىر زىيان سالىدىغان ھايۋانلار مەسىلەن بۆرە ، چاشقان قاتارلىقلارغا كىشىلەر تىخىمۇ بەك ساداقەتمەنلىك بىلەن چوقۇنغان .
تۇتىمغا چوقۇنۇش شىنجاڭدىكى قەدىمقى ئاھالىلەر  ئارىسىدا كەڭ تارقالغان . " مۇتيەنزى تەزكىرىسى " ۋە " تاغ -تىزىمىلىرى قۇرئى " دا خاتىرلىنىشىچە ، مۇتيەنزى غەرىبتىكى كوئىنلۇن تىغىغا چىقىپ " ئۇماي " بىلەن كورۇشكەن بولۇپ ، ئۇنىڭدا " تۇرقى ئادەمگە ئوخشايدىكەن ، چىشى يىلپىزنىڭكىدەك ، قۇيرۇقى يولۋاسنىڭكىدەك ئىكەن ، چاچلىرى ئوسۇپ كەتكەن ئىكەن " دەپ خاتىرلىگەن . " ئۇماي " بەلكىم يىراق قەدىمقى دەۋىردە كوئىنلۇن تىغى ئەتراپىدا ياشىغان ، يولۋاس ۋە يىلپىزنى تۇتىم قىلغان ماترىئارخاللىق
قەبىلىنىڭ سەردارى بولۇشى مومكىن .شىنجاڭدىكى نۇرغۇن قەدىمقى مىللەتلەر بورىنى تۇتىم قىلغان بولۇپ ، تۇرۇكلەرنىڭ بايرىقىغا بىر كوك بورىنىڭ باش سۇرتى چۇشۇرۇلگەن . قاڭقىللار ، ئۇيسۇنلار ، قىرغىزلار ئوزلىرىنى " بورىنىڭ ئەۋلادى " دەپ ئاتايدۇ .
تۇتىمغا چوقۇنۇش ئىپتىدائى ئىنسانلارنىڭ نەسىل قالدۇرۇشنى چۇشەنمىگەنلىكتىن پەيدا بولغان خاتا تونۇشىنىڭ مەھسۇلى . كىشىلەر نەسىل قالدۇرۇش ھادىسىسىنى ئاستا-ئاستا تونۇپ يەتكەندىن كىيىن ، نەسىل قالدۇرۇشقا چوقۇنۇشقا باشلىدى . قۇتۇبىدىكى مەشھۇر قامجاي تاش ئىشكىگە چىكىلگەن نەسىل قالدۇرۇشقا چوقۇنۇش سۇرتىدە ، ئەينى چاغلاردىكى كىشىلەرنىڭ نەسىل قالدۇرۇشقا چوقۇنۇشقا دائىر كورۇنۇشلەر جانلىق ئىپادىلەپ بىرىلگەن  ۋە ئەكىس ئەتتۇرۇلگەن . ئاياللار نەسىل قالدۇرۇشنى بىۋاستە ئۇستىگە ئالغانلىقى ئۇچۇن ، ئاياللار ۋە ئۇلارنىڭ جىنسى ئەزاسى كىشىلەرنىڭ چوقۇنىدىغان ئوبىكتى بولۇپ قالغان . گۇمۇگۇ قەبرىستانلىقىدىكى قەبرىلەر ئىچىدىن نۇرغۇن ياغاچ ئويما
ۋە تاش ئويما ھەيكەللەر چىقتى . ئىنسانىيەت جەمئىيتى ماترىئارخاللىقتىن پاترىئارخاللىق جەمئىيتىگە كوچكەندە ، ئەرلەر ئاستا-ئاستا ئاياللارنىڭ ئورنىنى ئىگەللەپ ، چوقۇنۇشنىڭ ئاساسى ئوبىكتى بولۇپ قالغان . مورىنىڭ چىداۋگۇ دىگەن يىرىدىكى يىغىلىق دەۋرىدىن قالغان بىر قەبرە ئىچىدىن ئەرلەرنىڭ تاشتىن ياسالغان جىنسى ئەزاسى چىققان بولۇپ ، ئۇنىڭ شەكلى راسىتتەكلام كورۇنىدۇ . يىقىنقى يىللاردىن بۇيان قەشقەردىمۇ بۇ خىلدىكى تاش بويۇم تىپىلدى .

داۋامى بار ..........

مەنبە ؛ "قەشقەر مەجمۇئەسى" دىگەن كىتابتىن ئىلىندى . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alip-ar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-24 09:06 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102266
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 200
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2014-1-14
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 09:09:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىنداق تىز تەستقلاندى مىسرانىمنىڭ مۇشۇ يىرىگە كويۇمەندە .

misken.cn بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 09:49:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
بەھرام710 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 09:58:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105113
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 429
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 243 سائەت
تىزىم: 2014-3-21
ئاخىرقى: 2014-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 10:09:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەھرام710 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-24 09:58 PM
جاھاندا ئىسلام دىنىدىن باشقا دىن مەۋجۇت ئەمەس...

ئىسلام دىنى بىر ھەق دىن،،

www.iptihar.net/bbs



  ئىپتىخار مۇنبىرى  سىلەرنى قارشى ئالىدۇ

ئۆلۈم ئۇ بىر يىڭى ھاياتلىقنىڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103796
يازما سانى: 309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 802
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2014-2-19
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 10:33:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇلۇقۇم ئىسلامدىن باشقىنى ئاڭلىمايدۇ... كۆزۈم ئىسلامدىن باشقىنى كۆرمەيدۇ...

كىتاپ ئوقۇمىساڭ ،ھەرقانچە يول يۈرگىنىڭ بىلەنمۇ سەن بىر پوشتالىيۇن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102266
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 200
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2014-1-14
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 10:34:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەھرام710 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-24 09:58 PM
جاھاندا ئىسلام دىنىدىن باشقا دىن مەۋجۇت ئەمەس...

مانا بۇ تىما بىزنىڭ ئەجداتلىرمىزنىڭ ئەڭ ئاخىردا  نىمە ئۇچۇن ئىسلام دىنىنى ئاخىرقى دىنى قىلىپ تاللىغانلىقىنىڭ جاۋابى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102266
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 200
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2014-1-14
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 10:37:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
misken.cn يوللىغان ۋاقتى  2014-3-24 09:49 PM
بۇ تىمىڭىز ياخشى.

ئەڭ ئاستىنقى ئابزاسقا ھەيران قىلىۋاتىسىز ھە ، مەنمۇ شۇ يىرىنى بۇندىن 4-5 يىل ئىلگىرى بىر تارىخشوناس تونۇشۇمدىن ئاڭلاپ ئىشەنگۇم كەلمىگەن ئىدى ، بۇ كىتاپتا كورۇپ ئۇنىڭ تارىخىمىزدا ھەقىقى بولۇپ ئوتكەن ئىش ئىكەنلىگە ئىشەندىم شۇڭا ھەممەيلەننى خەۋەردار قىلىپ قويۇش مەقسىتىدە يوللۇدۇم .

misken.cn بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 10:38:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102266
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 200
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2014-1-14
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 10:42:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rabbey يوللىغان ۋاقتى  2014-3-24 10:33 PM
قۇلۇقۇم ئىسلامدىن باشقىنى ئاڭلىمايدۇ... كۆزۈم ئىسلامدى ...

ئەلۋەتتە شۇنداق بولۇشى كىرەك بۇ تىمىنى تەپەككۇر قىلسىڭىز ئەجدادلىرڭىزنىڭ نەقەدەر ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى ئاخىردا  خۇددى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدەك ئۇلارنىڭ ھەقىقەت ئىزدەپ نۇرغۇن دىنلارغا چوقۇنۇپ ئاخىرى ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت ئاللانىڭ ھەقىقى دىنىنى قىيامەتلىك دىن قىلىپ تاللىغانلىقىنى ھىس قىلسىز مەنمۇ شۇ مەقسەتتە يوللۇدۇم .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش