مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3314|ئىنكاس: 23

ئۇيغۇر يىگىتى پەتتار ئەنۋەرنىڭ ۋاسكىتبول ئارزۇسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98195
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 502 سائەت
تىزىم: 2013-9-25
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 05:48:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   792_1211325_617919.jpg


سىنا تەنتەربىيە تورىنىڭ 23-مارت خەۋىرى؛ تىخى 17 ياشقا توشمىغان پەتتار ئەنۋەر ھازىر شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول 3-كوماندىسىنىڭ تەنھەركەتچىسى، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئۇ يۇرتى قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە كىلىپ ئۆزىنىڭ ۋاسكىتبول ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشقا كىرىشكەن.
شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ھازىرقى ئەڭ تەسىرى چوڭ ئۇيغۇر ئوغلانى شىرئەلىجانغا ئوخشاش، پەتتار ئەنۋەرمۇ قەشقەردىن كەلگەن. قەشقەر شەھىرى جۇڭگۇنىڭ ئەڭ غەربىدىكى چىگرا رايۇن شەھىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى مەرگىزى ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 1500 كىلومىتىردىن ئارتۇق كىلىدۇ. ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە بىرىشقا، ئايرۇپىلانغا ئولتۇرسا بىر سائەت 40 مىنۇت ئەتراپىدا ۋاقىت كىتىدۇ.  ئەگەر پويىزدا ئولتۇرسا تۇلۇق بىر كۈندەك ۋاقىت كىتىدۇ. ھالبۇكى پەتتار ئەنۋەرنىڭ ئائىلىسى تىخىمۇ يىراقتا، ئۇ مۇنداق دەيدۇ؛ « مىنىڭ ئائىلەم قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق بىر ناھىيە بازىرىدا، بىر كىچىك جاي، قەشقەر شەھىرىگە يەنە بىر بۈلەك مۇساپە بار ». پەتتار ئەنۋەرنىڭ ئېيتىشىچە، شىرئەلىجان نۇرغۇنلىغان ۋاسكىتبولنى ياخشى كۈرىدىغان بالىلارنىڭ ئورتاق ئۈگۈنۈش ئۆلگىسى. ئۇلار شىرئەلىجانغا ئوخشاش كۈنلەرنىڭ بىرىدە CBA گە، دۆلەت كوماندىسىغا كىرىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
« بىز ۋاسكىتبول ئۇينايدىغان يىگىتلەرنىڭ ھەمىمىز ئۇنى ئوبدان بىلىمىز، ئۇ بىزنىڭ ئەزىزانە قەشقەردىن چىققان چوڭ چولپان ». ئائىلىسىدىن ئايرىلغانلىقىغا ئىككى يىل بولغانلىقى تۇغرىسىدا گەپ چىققاندا،  پەتتار ئەنۋەرنىڭ چېھرى  بىردىنلا خۇشاللىقتىن نۇرلىنىپ كىتىدۇ، « ھېلىمۇ ياخشى، دادام، ئانام ھەمىشە يۇرتتىن ئۈرۈمچىگە كىلىپ مىنى يۇقلاپ تۇرىدۇ، ئۇلانىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمۈدى بەك چوڭ، مىنىڭ CBA غا كىرىشىمنى ئۈمۈت قىلىدۇ. دادام يەنە قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىغا بىرىپ ماڭا مەدەت بىرىشنى ئارزۇ قىلىدۇ ».
پەتتار ئەنۋەر 1997-يىلى تۇغۇلغان، بوي ئىگىزلىگى 2 مىتىر 3 سانتىمىتىر، مەيداندىكى ئورنى ئالدى ھۇجۇمچى، « جۇفاڭيۈ بىلەن ئوخشاش بىر ئورۇن ». پەتتار ئەنۋەر ھەمىشە بۇ چولپاننىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالغاندا چىرايىدا تەبەسسۇم پەيدا بولىدۇ.  پەتتار ئەنۋەرنىڭ بوي ئىگىزلىگى شارائىتى مەشقاۋۇلنىڭ نەزىرى چۈشكەن تەرىپى، ئەمما جۈدەڭگۇ بەدىنى ئۇنىڭ يەنىمۇ  يۇقۇرى سەۋىيەدە ئىگىرلىشىگە پۇتلىكاشاڭ بۇلىۋاتىدۇ. بۇ مەشقاۋۇلنىڭ ئەڭ بىشىنى ئاغىرىتىۋاتقان تەرىپى، خوتەندىن كەلگەن رەپقەتجان قاتارلىق بىر توپ بالىلار بىلەن، ئۇ ھەمىشە يۇقۇرى ئۆلچەملىك مەشىق تەلىۋىگە يىتىشەلمەي، دائىم مەلۇم پەرىق ساقلىنىۋاتىدۇ. كولۇپتا ئۇنى ئۇچراتقان ئاشۇ كۈنى،  مەشقاۋۇلنىڭ كايىشى مۇخبىرنىڭ دىقىتىنى قوزغايدۇ.  
« قاراڭلار ئۆزۈڭلەرگە، بۇ يەرگە نىمە قىلغىلى كەلگەن؟ قانچە ئادەم پۇل خەجلەپ مىنى دەرىس ئۈتۈپ بىرىشكە تەكلىپ قىلدى، ئەمما مەن بارماي، سىلەرنى تەربىيەلىۋاتىمەن، سىلەر بۇ يەرگە ئوينىغىلى كەلگەنمۇ؟ ئۇينىغىڭلار بولسا قايتىپ بىرىپ ئويناڭلار »، بىردەم كايىشتىن كىيىن پەتتار بىلەن باشقا ئىككى بالا مەشقاۋۇل كايىغان ئەسلىدىكى بەلگىلەنگەن ئورنىغا  قايتىدۇ ».
پەتتار ئەنۋەرنىڭ باشقا توپچىلار بىلەن ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدىغان تەرىپى، ئۇ نۆۋەتتە يەنىلا ئادەتتىكى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ، ئۇ بۇ تۇغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ؛ « مەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتىمەن، مەكتەپمۇ ۋاسكىتبول ئەنئەنىسى بار مەكتەپ ئەمەس ». ئەمدىلىكتە ئۇ پۈتۈن كۈنلۈك مۇقىم مەشىققە ئۇرۇنلاشتۇرۇلغاندىن سىرىت، كەچتە ئۆزى يەنە قۇشۇپ مەشىق قىلىۋاتىدۇ.   
پەتتار ئەنۋەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۈرىدىغان جۇڭگۇلۇق ۋاسكىتبولچى بولسا سۈن يۈ، ئۇ بۇ تۇغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ؛ « مەن نەخ مەيدانغا بىرىپ، ئۇنىڭ توپ ئوينىشىنى كۆرۇپ باقتىم، ھەقىقەتەن قالتىس، ھەقىقەتەن ئەقىللىق ئىكەن ». ھازىر شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن بىيجىڭ كوماندىسى ئۇمۇمى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئويناۋاتىدۇ. پەتتار ھازىر بىر ئاز دىلغۇل بۇلىۋاتىدۇ، ئۇ بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ياخشى كۈرىدىغان توپچىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى ئۈمۈت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىقىشىنى ئۈمۈت قىلىدۇ. شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا ئۇدا ئىككى مەيدان ئۇتتۇرۇپ قۇيدى، پەتتارنىڭ ئۆزىمۇ مۇسابىقىنى كۆردى، ئۇ بۇ تۇغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ؛ « گاردىن قايتقان توپنى تالىشىپ ئىلىشى ئانچە ياخشى ئەمەس، ئۈنۇملۇك ھۇجۇم قىلىشى يىتەرسىز بولدى ».
  بىز ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مەستانىلىرى پەتتار ئەنۋەرنىڭ  ۋاسكىتبول كەسپى ھاياتىنىڭ پارلاق بۇلىشىنى، قەيسەرلىك بىلەن مەشىق قىلىپ، تىزلىك بىلەن پىشىپ يىتىلىپ ياخشى نەتىجىلىرى بىلەن مىللىتىمىزنىڭ پەخرىگە ئايلىنىشىنى ئۈمۇت قىلىمىز.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.phpبۇ

792_1211324_450024.jpg
792_1211322_641764.jpg
792_1211327_111633.jpg
792_1211329_793320.jpg
792_1211331_329393.jpg
792_1211334_502370.jpg
792_1211335_863999.jpg
792_1211342_601336.jpg
792_1211337_367831.jpg
792_1211332_459222.jpg
792_1211312_944884.jpg
792_1211313_628878.jpg
792_1211319_233816.jpg


792_1211326_432574.jpg

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47380
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5556
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 2588 سائەت
تىزىم: 2011-7-10
ئاخىرقى: 2014-12-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 06:27:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بالىنىڭ بويى تىخمۇ ئۆسىدىغاندەك ، قولىمۇ راۋرۇس ئۇزۇنكەن . ئەمدىكى گەپ پولاتتەك ئىرادە ، سېستىمىلىق چىنىقىشتا .

-ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ﺋﯩﺶ ﻗﻮﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺵ ،
ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﺵ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ !
ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﺴﯩﺰ ﺋﻪﻟﻨﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ،
ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭﻛﻰ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6665
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11720
تۆھپە نۇمۇرى: 770
توردا: 2282 سائەت
تىزىم: 2010-8-18
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 06:36:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەتتارنىڭ ۋاسكىتبول ھاياتىنىڭ پارلاق بولۇشىغا تىلەكداشمەن!
(پەتتار ئەنىۋەر دېسە، مەن تېخى تۇرپانلىقمىكىن دەپتىمەن )

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105113
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 430
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 243 سائەت
تىزىم: 2014-3-21
ئاخىرقى: 2014-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 06:39:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياشا ئۇيغۇرۇم،،،تىخىمۇ پارلىغىن ،،مىللىتىمىزدىن چىققان يەنە بىر ئەزمەتنىڭ ئىشلىرى تىخىمۇ روناق تاپقاي

www.iptihar.net/bbs



  ئىپتىخار مۇنبىرى  سىلەرنى قارشى ئالىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104439
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1136
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 701 سائەت
تىزىم: 2014-3-5
ئاخىرقى: 2015-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 06:47:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنىمىز  پەتتارجاننىڭ كەلگۈسىدە CBA ھەتتا NBA لەرگە كىرىپ  يۇرتىمىز ، مىللىتىمىزگە شان-شەرەپ كەلتۈرشىگە تىلەكداشمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104669
يازما سانى: 441
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1095
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 371 سائەت
تىزىم: 2014-3-10
ئاخىرقى: 2015-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 06:49:27 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئوغلانىمىزنىڭ ھەم شىرىمىزغا ئوخشاش بولالىشىنى ئۆمىد قىلىمەن.

ئۈستىدىن ئۇرىدىغان بازغان بولمىساڭ ، ئاستىدا يانچىلىدىغان سەندەل بولىسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10410
يازما سانى: 821
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9658
تۆھپە نۇمۇرى: 394
توردا: 1855 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 07:15:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇتۇق تىلەيمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95628
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1187
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 266 سائەت
تىزىم: 2013-6-1
ئاخىرقى: 2015-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 07:29:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنىمىزغا ئۇتۇق تىلەيمىز.

سەن ئادەم ئارقىلىق ھەقنى ئەمەس،ھەقىقەت ئارقىلىق ئادەمنى تونۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104752
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 385
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2014-3-12
ئاخىرقى: 2014-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 07:45:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەتتار ئەنۋەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۈرىدىغان جۇڭگۇلۇق ۋاسكىتبولچى بولسا سۈن يۈ،..............
شىرئەلىجان قاتارلىق  ۋاسكىتبۇل چولپانلىرىمىزمۇ بىز ئۈچۈن پەخرلىك ئىنىم..بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن

چىتلاق مۇستەھكەم بولسا ، لالما ئىت، تالا مۈشۈكلىرى كىرەلمەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102954
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 467
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 103 سائەت
تىزىم: 2014-1-30
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 08:27:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىم ئۈچۈن ئوينايدۇ...قېنى بىر كۆرۈپ باقايلى؟!

تارىخ، شەخس،ئەسەر،ساغلاملىق قاتارلىق ئەڭ يېڭى مەزمۇنلار ئوكيان قامۇسى ئۈندىدار سالونىدا: ئىزدەش نامى okyanqamus
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش