قورقۇنۇشلۇق چۈش
گۈلنەزەر بىلەن دىلارە يېقىن دوسلاردىن ئىدى، مەيلى قەيەرگە بارمىسۇن بىللە يۈرەتتى، ئۇلارنىڭ ياتاق بىناسى دەل بۇرۇنقى قەبرىستانلىققا سېلىنغان بۇلۇپ بىر خىل سىرلىق تۇيغۇ بىرەتتى، بۇگۈن دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقا دىلارە ۋە ياتاقتىكى باشقا قىزلار سىرىتقا چىقىپ كەتكەنىدى. گۈلنەزەر ئۈزى ياتاقتا زىرىكتى بولغاي يان تېلىفۇنىنى ئېلىپ ساۋاقدىشى تۇرسۇنغا تېلىفۇن قىلدى :
- ئەسسالام ۋە ئەلەيكۇم، ياخشىمۇ سىز، مەن گۈلنەزەر، بۈگۈن ياتاقتا مەندىن باشقا ئادەم يوق، ياتاقتا يالغۇز بەكلا زىرىكىپ كەتتىم، خالىسىڭىز سىرىتقا چىقىپ ھاۋا يەپ كىرسەك،- دىدى.
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، مەن تۇرسۇن ئەمەس، تۇرسۇن بايا سۇخانىغا چىقىپ كەتكەن تېلىفۇنىنى ئۇنتۇپ قاپتىكەن، شۇڭا بىرەرسى مۇھىم ئىش بىلەن ئىزدىگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ تېلىفۇنىنى مەن ئالغانتىم دىدى،- ياتاقدىشى غەيرەت .
گۈلنەزەر بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ سەل خىجىللىق ھېس قىلدى بولغاي:
- بوپتۇ ئەمىسە سىزنى ئاۋارە قىلدىم،تۇرسۇن كىرىپ قالسا ساۋاقدىشىڭىز گۈلنەزەر تىلفۇن قىپتىكەن دەپ قويسىڭىز دەپلا تىلفۇننى قۇيىۋەتتى. ئالاھەزەل ئون مىنۇتلاردىن كىيىن تۇرسۇن لۆڭگە بىلەن بېشىنى ئورىغان ھالەتتە ياتاققا كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ كىرىشى بىلەن ياتاقتىكى ئالىم ۋە غەيرەت تەڭلا گەپ باشلىدى:
- ھە ئاداش سىنى سىنىپتا بۇقا دەپ چاقىرغان بىلەن [تۇرسۇن ئۇستىغانلىق يىگىت بولغاچقا سىنىپتىكىلەر ئۇنىڭغا بۇقا دەپ لەقەم قۇيۇپ قويغانىدى] خېلى يامان نىمىكەنسە جۇمۇ، بايا بىرسى تىلفۇن قىپتىكەن، سىنى ئىزدەپ، قارىغاندا بىزدىن يۇشۇرۇن بىرسى بىلەن يۈرىۋالغان ئوخشىمامدۇق، دەپ چاخچاق قىلدى.
تۇرسۇن ئۇلارغا كۈلۈپ قويۇپ تىلفۇنغا قارىدى دە قايتۇرۇپ تىلفۇن قىلدى:
- ئەسسالام ۋە ئەلەيكۇم بايا تىلفۇن قىلىپتىكەنسىز، بىرەر ئىش بار ئوخشايدۇ دەپ تېلىفۇن قايتۇرۇشۇم ئىدى.
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بۇگۇن ياتاقتا ئۈزۈم يالغۇز قالغانتىم, شۇڭا زىرىكىپ سىزگە تىلفۇن قىلغان ، خالىسىڭىز سىرىتقا چىقىپ ھاۋا يىگەچ ئايلىنىپ كىلەيلىمىكىن دەپ ئويلۇدۇم دىدى،- گۈلنەزەر.
- ھە بۇلىدۇ، مەن بايا چېچىمنى يۇيۇۋاتقان ئەمىسە 10 مىنۇتتىن كىيىن ئوقۇتۇش بىناسى ئالدىدا كۈرىشەيلى دىدى تۇرسۇن . تۇرسۇن شۇنداق دىدىدە ھاپىلا -شاپىلا تىزلىكتە كىيىم ئالماشتۇرۇپ، ياتاقتىكى بالىلارغا قاراپ :
-ئاغىينىلەر مەن سىرىتقا چىقىپ كىرەي دىدىدە تىز -تىز قەدەملەر بىلەن ياتاق بىناسى تەرەپكە يۇرۇپ كەتتى. تۇرسۇن ياتاق بىناسىغا كەلگەندە گۈلنەزەر ئۇنى ساقلاپ تۇراتتى. تۇرسۇن يىراقتىن ئۇنى كۆردىدە تىز تىز مېڭىپ يىتىپ كەلدى ۋە گۈلنەزەرگە:
- سىزنى بەك ساقلىتىپ قويدۇم, سەت بولدى ھە دىدى،- پەس ئاۋازدا .
- ياقەي، مەنمۇ بايىلا كەلگەن دېدى،- گۈلنەزەر ئۇنىڭغا قاراپ. ئۇلار بىرگە مەكتەپتىن چىقىپ، ئۇدۇل تەرەپتىكى بىر ئاشپۇزۇلغا كىردى ۋە ئىككى تەخسە لەغمەن بۇيرۇتۇپ قۇيۇپ قىزغىن پاراڭغا چۇشۇپ كەتتى. 20 مىنۇتلاردىن كىيىن تاماق كەلتۇرۇلدى، تۇرسۇن گۈلنەزەرگە چوكا سۇنۇپ بەرگەچ : تىزراق يەڭ جۇمۇ ، سىزنى ساقلاپ قونىدىغان ئىش چىقمىسۇن بۇ ئاشپۇزۇلدا دەپ چاخچاق قىلدى. گۈلنەزەر كۈلۈپ قۇيۇپ باشقا گەپ قىلمىدى. ئۇلار تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن بىرگە دۇئا قىلدى ۋە تاماق پۇلىنى بىرىش ئۈچۈن ئالدىراپ پۇل يىققۇچى ئايال قېشىغا باردى. تۇرسۇن ئاكتىپلىق بىلەن تاماقنىڭ پۇلىنى بىرىۋەتتى ۋە گۈلنەزەرگە قاراپ:
- سىزنى مىھمان قىلغىنىم بولۇپ قالسۇن دىدى. ئۇلار ئاشپۇزۇلدىن چىقىپ بىردەم كوچا ئايلاندى. شۇنداق قىزغىن چاخچاق قىلىشىپ كەچ كىرىپمۇ قالغىنىنى تۇيمىدى. بىر ئاز ۋاقىتتىن كىيىن تۇرسۇن سۆز باشلىدى:
- كەچمۇ كىرىپ قاپتۇ ئەمدى قايتايلى، سائەت 11 يېرىمغىچە ياتاققا كىرىپ بولمىساق بىكار تالادا قالمايلى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ گۈلنەزەرمۇ ماقۇل دىگەن مەنىدە بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى.
ئۇلار مەكتەپكە كەلگەندە سائەت 11 بولغانىدى. تۇرسۇن گۈلنەزەرنى ياتاق بىناسى ئالدىغىچە ئاپىرىپ قۇيۇپ قايتىپ كەتتى. گۈلنەزەر كۆڭلى ئازادە ھالەتتە ياتاق بىناسى ئىچىگە كىرىپ كەتتى. گۈلنەزەرنىڭ ياتاق نۇمۇرى 404 -نۇمۇرلۇق ياتاق بۇلۇپ بۇ ياتاق كەچلىكى سەل سۈرلۇك بۇلىنەتتى. گۈلنەزەر ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ ياتاق ئالدىغا كەلدىدە ئۆز كۆڭلىدە: بۇ قانداق ئىش؟، ياتاقتىكىلەر تېخىچە قايتىپ كەلمەپتىغۇ؟ بولدىلا ھېلىغىچە كەپمۇ قالار دەپ ئويلاپ ئىشىكنى ئېچىپ ياتاققا كىردى دە، چىراغنى ياندۇردى. سائەتمۇ 12 بولدى. باشقىلارنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى. گۈلنەزەرنى قورقۇنۇچ بېسىشقا باشلىدى، قورىققان يەردە جىن بار دىگەندەك كۆز ئالدىغا ھەرخىل قورقۇنۇچلۇق خىياللار نامايەن بۇلۇشقا باشلىدى، قېرىشقاندەك ياتاقنىڭ توكىمۇ ئۆچتى. گۈلنەزەر قورقۇنۇچ ئىچىدە يوتقانغا كىرىپ بېشىنى ئورىۋالدى. ھېچ ئىشنى ئويلىماي دىدىيۇ، تىترەك بېسىۋاتاتتى، شۇ ئەسنادا بىرەيلەننىڭ: گۈلنەزەر مەن كەلدىم گۈلنەزەر مەن كەلدىم ،دىگەن سۇرلۇك ، قورقۇنۇشلۇق بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى ۋە بىرەرسى چاقچاق قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ ئۈنلۈك ئاۋازدا : كىمۇ؟ دەپ توۋلىدى. مەن كەلدىم، مەن ھازىر كارۋات ئاستىدا دىگەن ئاۋازنى ئاڭلاپلا ،تىلفۇننىڭ يۇرۇغىدا پەسكە قاراپلا چۆچۈپ كەتتى. كارۋات ئاستىدىن ئىنتايىن سەت، چىرايى ئىنتايىن قورقۇنۇشلۇق بىر موماي چىقىپ كەلدى . گۈلنەزەر كۆز ئالدىدىكى بۇ قورقۇنۇشلۇق چىراينى كۆرۈپ ‹ ئاپا › دەپ توۋلىغىنىچە ئويغۇنۇپ كەتتى ۋە قارا تەرگە چۆمۈلۈپ كەتتى . مەنبە : ئۆز قەلىمىم .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-24 03:24 AM