مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2805|ئىنكاس: 24

مۇراجەتنامە: ئىلزاتجانغا ياردەم قىلايلى! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6665
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11701
تۆھپە نۇمۇرى: 770
توردا: 2280 سائەت
تىزىم: 2010-8-18
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-23 11:21:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قىسقاسۆز: ئىلزاتجان بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بالا بولۇپ، بۇ يىل 9 ياشقا كىرگۈچە ئورنىدىن تۇرۇپ باققىنى يوق. ئاتا-ئانىسى نامرات بولغاچقا، ئاران بىر قېتىم داۋالىتالىغان. لېكىن دوختۇرنىڭ دېيىشىچە، بالىنى قانچە بالدۇر ۋە كۆپ قېتىم داۋالاتسا ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدىكەن، ھەمدە قىسمەن جىسمانىي ئىقتىدارى ئەسلىگە كېلىشى مۇمكىن ئىكەن. شۇڭا، قېرىنداشلارنىڭ ئاللاھ يولىدىكى ساخاۋىتىنى ئىستەپ، مەزكۇر مۇراجەتنامىنى يازدىم.

222.JPG

ئىلزاتجاننىڭ سۈرىتى

قۇمۇل تارانچىدا تۇرۇشلۇق ئامىنەم مەممەت بىلەن مامۇت توختى 2003-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا توي قىلىپ، 2005-يىلى بالىلىق بولغان ئىدى. ئەپسۇسكى بالا قۇرساقتا بەش يېرىم ئايلىق بولغاندىلا تۇغۇلۇپ قېلىپ، مېڭە ۋە بەدەننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى. ئامىنەمنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، ئۇ ھامىلدار ۋاقتىدا سېزىكى كۈچلۈك بولۇپ كېتىپ، ئاساسەن تاماقتىن قالغان، بەلكىم بالىغا ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەنلىكتىن بالا بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن (ھامىلدار ئاياللارنىڭ دىققەت قىلىشى ئۈچۈن قوشۇپ قويۇلدى).

بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئىلزاتجان دەپ ئىسىم قويۇلدى. لېكىن بۇ بالا تا ھازىرغىچە بېلىنى كۆتۈرۈپ ئولتۇرۇپ باققىنى، بىرەر نەرسىنى ئۆزى تۇتۇپ يەپ باققىنى يوق. چوڭ- كىچىك تەرەتلىرى ئاتا- ئانىسىنىڭ ياردىمى بىلەن بولىدۇ. تاماقنىمۇ باشقىلار يېگۈزۈپ قويىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىلزاتجان پالەچ ھالەتتە بولۇپ، ئۇنىڭ ئانچە- مۇنچە مىدىرلاپ تۇرالىشىلا «ئۆسۈملۈك ئادەم» دىن سەل پەرقلىنىدۇ.

ئىلزاتجاننىڭ ئاپىسى ئامىنەمنىڭ ئىش ئورنى يوق، بۇرۇن ئىككى قېتىم ئوپراتسىيەگە چۈشكەنلىكتىن (بىر قېتىم قاپلىق قۇرت، يەنە بىر قېتىم ئۆت ئوپراتسىيەسى) تېنى ئاجىز، يولدىشى مامۇت توختىمۇ ئىشسىز، بۇرۇن ئەمگەك جەريانىدا ئوقرەك سۆڭىكى ئىككى قېتىم سۇنغان بولغاچقا، ئېغىر ئەمگەكلەرنى قىلالمايدۇ. ئىقتىساد كەمچىل بولغاچقا، بۇ ياش ئەر-خوتۇنلار ئوغلىنى ۋاقتىدا داۋالىتىشقا قادىر بولالمىغان ئىدى. مۇشۇنداق نامراتچىلىقتا، ئۇلار تاكى بالا 7 ياشقا كىرگۈچە داۋالىتالمىدى.

2012-يىلى 2-ئايغان كەلگەندە، ھۆكۈمەتنىڭ ھەقسىز داۋالاش تۈرى بىلەن، ئۈرۈمچى چىداۋەندىكى دوختۇرخانىدا (شىنجاڭ تېببي ئۇنىۋېرسىتېتى  قارمىدىكى 2-دوختۇرخانا) بالىنى داۋالىتالىدى. داۋالاش گەرچە ھەقسىز بولسىمۇ، تاماق ۋە باشقا قوشۇمچە چىقىملار ئۈچۈن 10 مىڭ يۈەندەك پۇل كەتتى. ئەلۋەتتە، نامرات ئائىلىلەر ئۈچۈن، بۇ 10 مىڭ يۈەن ئاز پۇل ئەمەس ئىدى.

diaginoz2.jpg

سۈرەتتە: ئىلزاتجاننىڭ تۈنجى قېتىم داۋالانغاندىكى دىئاگىنوز قەغىزى

دوختۇرنىڭ دىيىشىچە، بالىنى داۋالاشتا نەچچە باسقۇچلۇق ئوپراتسىيە قىلىنىدىكەن، بۇ قېتىمقىسى تۈنجى ئوپراتسىيە بولۇپ، 3 ئايدىن 6 ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا يەنە بىر قېتىم ئوپراتسىيە قىلىنىشى كېرەك ئىكەن. لېكىن يوقسۇزلۇق سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ قايتا ئوپراتسىيە قىلدۇرۇشقا قۇربى يەتمىدى. مانا شۇ ئوپراتسىيەدىن كېيىن 2 يىل ئۆتۈپمۇ، بالىنى ئىككىنچى باسقۇچلۇق داۋالىتىشقا قادىر بولالمىدى.

بۇنداق كېسەللەرنى قانچە بالدۇر داۋالاتسا ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدىكەن. مانا 9 ياشقا كىرگۈچە 4-5 قېتىم قىلىنىشقا تېگىشلىك ئوپراتسىيەنىڭ ئاران بىرسى قىلىندى. ئۈرۈمچىدە يەنە «ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» مەركەزلىرى بار بولۇپ، بۇنداق بالىلارنى ھەر خىل ئۇۋىلاش ۋە جىسمانىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق، مەلۇم جەھەتتە داۋالىغىلى بولىدىكەن. لېكىن بۇنىڭغىمۇ پۇل يوق.

ئەلۋەتتە، بۇنداق كېسەلنى داۋالاپ تۈپ يىلتىزىدىن يوقاتقىلى بولمايدۇ. لېكىن داۋالاشلار ئارقىلىق مەلۇم نىسبەتتە جىسمانىي ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقى ئېنىق. شۇنداق بولغان ئىكەن، تورداشلاردىن ئىلزاتجاننىڭ داۋالىنىپ، ئۆز ھاجىتىدىن ئۆزى قىسمەن جەھەتتىن بولسىمۇ چىقالىغۇدەك ھالىغا كېلىشىگە ئازراق بولسىمۇ ياردەم قىلىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.

تەپسىلىي ئەھۋالىنى ئاپىسى ئامىنەمدىن سوراڭ.

ئاپىسى ئامىنەمنىڭ تېلېفون نومۇرى: 15299562023

ئامىنەم مەممەتنىڭ نامىدىكى يېزا ئىگىلىك بانكا كارتىسىنىڭ نومۇرى:

6228483688270911679

كارتا ئىگىسىنىڭ خەنزۇچە ئىسمى: 阿米娜木·麦麦提

karta.jpg

تورداشلارنىڭ ئاللاھ يولىدا ياردەم قولىنى سۇنۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئىلزاتجاننىڭ باشقا سۈرەتلىرى:

666.JPG


777.JPG


555.JPG


999.JPG

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   koktash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-23 11:22 PM  


444.jpg

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103788
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 156
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2014-2-19
ئاخىرقى: 2014-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 12:30:19 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە ئىگەم ئۈزى ئاسان قىلسۇن.

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10843
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2208 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 12:50:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ccom يوللىغان ۋاقتى  2014-3-24 12:12 AM
ئالىپاي ھىساب نۇمۇرى بار بولسا ياخشى بولاتتى ،مۇشۇندا ...

ئالىپەينى پەقەت تور بىلەن شۇغۇللىندىغانلارلا ئىشلىتىدۇ قېرىندىشىم، باشقىلار ئىشلەتمەيدۇ،

تۇغۇلما شۇنداق بوپ قالغان بولسا  ئاللا ئۆزى شىپالىق بىرە.... شۇنداقتىمۇ سەۋەپ قىپباقماي بولمايدۇ، دوختۇرخانىلار مۇشۇنداق ئىشلاردا خالىسانە بولسا نىمە بۇلاپ دەپ كېتىمەن بەزىدە.........


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 965
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5057
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2084 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 01:06:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zulpukar يوللىغان ۋاقتى  2014-3-24 12:50 AM
ئالىپەينى پەقەت تور بىلەن شۇغۇللىندىغانلارلا ئىشلىت ...

شۇنى دەڭا،دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئقتىسادى گەۋدىگەئايلانغان دۆلەتكەتەۋەبولغان نۇرغۇن يەرئاستى يەرئۈستى بايلىقلاركۆمۈلۈپ ياتقان بۇزىمىندانىمىشقامۇشۇنداق ئېغىركىسەللەرنى ھەقسىزداۋالاپ قويۇشقابولمايدىغاندۇدەيمەن،ھىچ بولمىغاندائاۋۋال كىسەلنى خاتىرجەم داۋالىتىۋىلىپ تۆلىيەلمىگەن داۋالىنىش ھەققىنى مۇددەتكەبۆلۈپ قايتۇرىدىغان بىرتۈزۈلمەھاسىل قىلىنسىمۇبولاتتى ئەمەسمۇ.

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!قۇدرەتلىك مېھرىبان اللەھىم ئۆزۈڭنىڭ ھالال نىئمەتلىرى ئارقىلىق مېنى ھارامدىن بىھاجەت قىلغىن.https://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (6).gif

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101942
يازما سانى: 1105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3525
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 452 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 01:27:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا   شىپالىق بىرە  ....ئاللا   ئۆزەڭ    ئاسانلىق   بەرگەيسەن  !

يەر شارىدا ھەر قانداق چوڭ قىيىنچىلىق بولسۇن، ئۇنىڭ چىقىش يولى بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87916
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1493
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2012-11-30
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 01:50:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇدا ئاسانلىق بەرسۇن

misken.cn بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 02:32:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102857
يازما سانى: 2105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2433
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1807 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 03:03:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋال كىسەلنى داۋالاپ ، ئاندىن  ساقىيىپ بولغاندا  مۇددەتكە بۈلۈپ  قايتۇرىدىغانغا   بىرلىشىپ بىر  پىكىر- تەكلىبلەرنى يوللاپ باقساق   ئۈنۈمى بوپقالسا  شۇ قېرىنداشلىرىمىزمۇ خاتىرجەم بولغان بۇلاتتى .     ئاللا شىپالىق بەرسۇن  ،تىزراق ساقىيىپ قىتىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىش بىلەن بىرگە ، ئاز بولسىمۇ  ياردىمىمىزنى ئايىمايلى  .  

[كۆڭلى قارىنىڭ يۈزىدە خەت يوق يۈرىكىدە نەشتىرى بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104748
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 483
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2014-3-12
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 09:05:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ شىپا بەرسۇن، سەۋىر بەرسۇن.

دەرتنى دەرتمەن بېلۇر، ئاغرېقنى كېسەل (بېلۇر).

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93058
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 763
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 415 سائەت
تىزىم: 2013-3-11
ئاخىرقى: 2015-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 09:18:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنىمىزنىڭ كىسىلىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئۈمۈت قىلمەن ، ئىنكاس يىزىپ ساقلىۋالاي ، ھازىر  بولمىسا كىيىنچە بوسىمۇ ياردەم قىلامەن .

دادىسىنىڭ چىرايىنى نىمىشقا  سىزىپ قويغانلىقىنى ھىچ چۈشەنمىدىم، خىجىل بۇلامدىكەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش