ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، ئىلگىرى ئەرەب تىلى ئۆگىنىمەن دەپ دۇرۇس لوغەتكە ئائىت توردا تېپىلغان ماتېرىياللارنىڭ ھەممىنى يىغىپ ساقلاپتىكەنمەن، ئازراق ئۆگىنىپ تاشلىنىپ قالدى، ھازىر «لە، نەئەم، مە ھە زە»دىن باشقىنى يەپ بولغان ئوخشايمەن. بۇ ماتېرىياللار مەندە تۇرسا توپا بېسىپ قالمىسۇن دەپ قايتىدىن رەتلەپ تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم.
بۇ ماتېرىياللار دۇرۇسۇل لوغەتنىڭ ئېلكىتاب نۇسخىسى (pdf)، ئاندروئىد سىستېمىلىق ئۈسكۈنىلەرگە ماس كېلىدىغان ئاندروئىد نۇسخىسى، ئۇيغۇرچە - ئەرەبچە چۈشەندۈرۈلگەن ئاۋاز ھۆججىتى، ئۇيغۇرچە - ئەرەبچە چۈشەندۈرۈلگەن سىن ھۆججىتى ۋە كومپيۇتېر دېتالى نۇسخىسى. ئاندروئىد نۇسخىسى ۋە كومپيۇتېر دېتالى نۇسخىسى ئۇيغۇرچە -ئەرەبچە چۈشەندۈرۈلگەن ئاۋاز ھۆججىتى ئاساسىدا تۈزۈلگەن. سىن ھۆججىتى تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بولۇپ، پەقەت سىزنىڭ بېلىڭىز چىڭ باغلانغان بولسىلا ئەرەبچە ئۆگىنىشتىكى ياخشى ماتېرىيالىڭىزبولالايدۇ.
تۆۋەندە قىسقىچە رەسىملىك چۈشەنچە بېرەي.
تەمىنلىگەن ماتېرىياللار
ئېلكىتاب نۇسخىسى ئۈچ قىسىم
android نۇسخىسى
ئاۋاز ھۆججىتى ئۈچ قىسىم
ئۇيغۇرچە - ئەرەبچە چۈشەندۈرۈلگەن سىن ھۆججىتى ئۈچ قىسىم
كومپيۇتېر دېتالى نۇسخىسى
لازىم بولغان قېرىنداشلار ماۋۇ 360نىڭ ئاچچىقىكىلىشتىن بۇرۇن، ئاۋۋال تور دىسكاڭلارغا يۆتكىۋېلىپ ئاندىن ئالدىرىماي چۈشۈرۋېلىڭلار.
چۈشۈرۈش ئادرېسى http://yunpan.cn/QIFQktaJuTJTB پارول 4a25
ئۆز تور بېكەتلىرىڭىز ۋە بىلوگلىرىڭىزدا تارقاتسىڭىز بولىدۇ، لېكىن نومۇسسىزلارچە ھەقلىق تارقىتىدىغان، مۇنبەر ئاقچىسى ياكى تەڭگىسىگە ساتىدىغان، ئىنكاسقا ساتىدىغان ياكى تىزىملىتىپ كىرمىسە چۈشۈرگىلى بولمايدىغان ئىشنى قىلماڭ. چۈنكى بۇ ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى توردا ھەقسىز تارقىتىلغان. بۇ ئىشلارنى قىلغان قېرىنداشلىرىمىزمۇ ھەقسىز تارقاتقان. ئاللا رازىلىقى ئۈچۈن، مۇشۇنداق ماتېرىياللارغا ئېھتىياجلىق قېرىنداشلارغا يەتكۈزۈپ قويۇڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-23 09:09 PM