«ئىنسان بالىسى ئانا قورسىقىدا 4 ئايلىق بولغان ۋاقىتتا ، ئاسماندىن پەرىشتىلەر چۈشۈپ پىشانىسىگە تەقدىرىنى يېزىىۋىتىدۇ »دەيدۇ كونىلار . بەزىلەر تۇغۇلۇپلا باياشات ئائىلىدە تۇغۇلۇپ ،باياشات ئائىلىدە چوڭ بۇلۇپ ئۆلگىچە ھىچنىمدىن غەم قىلماي توققۇزى تەل ھالدا دۇنيادىن كېتىدۇ ، بەزىلەر نامرات ئائىلىدە تۇغۇلۇپ بىر ئۆمۈر كىشىگە زار بۇلۇپ ئۆلۈپ كىتىدۇ ،قانچە تىرىشسىمۇ ئىشتىنى تىزدىن ئاشمايدۇ ، نۇرغۇن ئادەملەر ناخشىچى بولۇشنى ئويلايدۇ ئەمما ئۇلاردا ناخشىچىنىڭ ئەڭ ئەقەللى ئاساسى بولغان ئۆزگىچە ئاۋاز يوق ،چولپان بولۇشنى ئويلايدۇيۇ چوپلانلارغا خاس سالەپەت يوق ،يازغۇچى ،شائىر ۋە ياكى داڭلىق ناتىق بولىشنى ئويلايدىيۇ ئەمما شۇلارنىڭ ئاساسى بولغان تۇغما تىل قابىلىيتى يوق ... دىگەندەك ،بەلكىم بۇ بايلىق ۋە گادىيلىق،ناخشىچى چولپانلىق ،يازغۇچى شائىر ۋە ناتىق بۇلۇش بولماسلىقنى ئەنە شۇ پەرىشتىلەر شۇ كىشى ھامىلە ۋاقتىدىلام پىشانىسىگە يېزىپ قويغان بولىشى مۇمكىن .ئەمما بىزنىڭ بۇ يەردە دىمەكچى بولغىنىمىز قانداقتۇر بىر ھايات ياكى تۇرمۇش پەلسەپىسى ئەمەس بەلكى ئۇيغۇر جەمىيىتىمىز جىددى ئېھتىياجلىق بولۋاتقان كومپىيۇتېر پىروگىراممىرى ھەققىدە .
قانداق كىشى كومپىۇتېر پىروگىراممىرى بولۇشقا ماس كېلىدۇ ؟
جاۋاپ : بىل گېيتىسنىڭ گېپى بويىچە ئاددى بولغان قوشۇش ئېلىش ،كۆپەيتىش ۋە بۆلىشنى بىلىدىغان كاللىسى نورمال بولغان ھەر قانداق بىر كىشى پىروگىرامما يازسا بولىۋېرىدۇ .
ئۆزەمنى ئېلىپ ئېيتسام ئالى مەكتەپكە كېلىشتىن بۇرۇن پىروگىرامما تۈزۈش تىلىدىن html ,css ۋە asp دىن ئازىراق ئاساسىم بار ئىدى ، تۇللۇق ئوتتۇرىدىكى دەرىستىن ۋە ئۇخلاشتىن سىرتقى ۋاقتىم ئاساسەن تورخانىدا كومپىيۇتىر بىلىملىرىنى ئۆگىنىش بىلەن ئۆتكەن چۈنكى كومپىيۇتېر ئېلىشقا پۇلۇم يوق ئەمەسمۇ ؟! ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپ ياتاقلىردىدا كومپىيۇتېر ئەمەس يانفۇنمۇ ئىشىلتىشكە يوق قويمايدىغان ،مىنىڭ كومپىيۇتېرغا كاللىچىلاپلا كىرىپ ئىچىدىن ھەر خىل ئادەمنى جەلىپ قىلدىغان نەرسىلەر بىلەن تۇنۇشۇپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىم ،شۇنداق خىياللارنى قىلاتتىمدە ئالى مەكتەپتە كومپىيۇتېر كەسپىدە ئوقۇپ كەتسەم ئەتىگەندىن كەچكىچە مەكتەپنىڭ تەجىربىخانىلىرىدن چىقماي ھەرخىل پىروگىراممىلارنى تۈزۈپ كەتسەك ، ھەرخىل ماشىنا ئادەملەرنى ياساپ ماڭدۇرۇپ كەتسەك ، يىراقتىن كونتىرول قىلدىغان ئايرۇپىلانلارنى ياساپ ئاسماندا شۇنداق ئۇچۇرۇپ كەتسەك ... تەجىربىخانىنى بولسا ئامىركىنىڭ كىنولىرىدى تەقتىقات مەركەزلىدەك شۇنداق تەسسەۋۋۇر قىلاتتىم
.شۇنداق قىلىپ ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىپ بۇلۇپ ئارزۇ تاللايدىغان ۋاقىتتا پۇتكۇل مەكتەپلەرنى تاشلاپ ، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ كومپىيۇتېر كەسپىنى تاللىدىم ،2008 -يىلى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرىقنى كېچىكىپ تاپشۇرۇپ ئالدىم ، ئەمما شۇنداقتىمۇ كۈتكىنىمدەك شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتىنىڭ كومپىيۇتېر ئىلىمى ۋە پەن -تېخنىكىسى كەسپىدىن چاقىرىقنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدىم ،شۇ كۈنى كەچتە ئۇخلىماي خوشاللىقتىن بىر كىچىگىچە گىتتار چىلىپ ئولتۇردۇم ،خۇددى ئۆزىمنىڭ كومپىيۇتېر ئالىمى بۇلۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشىدىغاندەك ...
.
...
شۇنداق قىلىپ تەييارلىققا كىرىپ كەتتۇق ، بىر يىل تەييارلىق ئوقۇپ خەنزۇتىلى ئۆگىنسىلەر ،قوشۇمچە قىلىپ تۇللۇق ئوتتۇرىنىڭ دەرىسلىرىنى يەنە ئوقۇيدىكەنمىز ... ھە دىىدۇق . بىر يىل شۇ تايىنى يوق دەرىسلەرنى ئوقۇپ ئۆتۈپ كەتتى. ۋاقىت ئىسىراپچىلىقى ! مىنىڭ ۋاقتىم بولسا يەنە شۇ تورخانىدا ! ئالى مەكتەپ بىرىنجى يىللىقا چىقتۇق خىيالىمدا يەنە شۇ مەكتەپنىڭ كاتتا تەجىربىخانىلىرى ، شۇ ماشىنا ئادەم ، بىز ياساپ ئۇچۇرۋاتقان ئايرۇپلانلار ... يادىمدا قېلىشچە تۇلۇق بىرىنجى يىلىقتىكى دەرىس سېستىكىسنى كۆرگنىمدە تاس قالدىم كەينىمگە ئۆرۈلۈپ چۈشكىلى ، چۇنكى بۇ دەرىس سېستىكسى مىنىڭ خىيالىمدىن تولىمۇ يىراق ، ھەممە دەرىسنى يەنە شۇ ئادەتتىكى دەرىسخانىدا ئوقۇيدىكەنمىز
....، كىيىنكى مەۋسۇمدىمۇ شۇ، ھەپتىدە 4 سائەت مەكتەپنىڭ كومپىيۇتېر مەركىزىگە كىرىپ كومپىيۇتېر بىلەن ھەم سۆھپەت بولالىساق چوڭ گەپ .1-يىللىقنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا ئۆيدىكىلەرنى قايىل قىلىپ كومپىيۇتېردىن بىرنى سېتۋالدىم ،چۇنكى مەكتەپنىڭ دەرىسلىرىگە قاراپ بىر نەرسە ئۆگىنىپ چىقىشقا كۆزۈم يەتمىدى ،2 يىلىققا چىقتۇق ،تامامەن ئۈمۈدسىزلەندىم ، چۈنكى مەكتەپ بىزگە بىز ئۆگەنمەكچى بولغاننى ئەمەس بەلكى ئۆزى ئۆگەتمەكچى بولغاننى ئۆگىتىدىكەن ، مەكتەپتىن رايىم قالدى . 数据库原理,数据结果,Java 2 程序设计 ..شۇنداق قىلىپ 3-يىللىقا چىقتۇق ھەققىقى كەسپى دەرىسلەر قوشۇلدى 编译原理,数据结果,计算机网络,计算机组成原理... شۇنداقتىمۇ كومپىيۇتېر بىلەن ئۇچۇرشىدىغان ۋاقتىمىز يوق دىيەرلىك ،ھەپتىدە نەچچە سائەت ، ئالى مەكتەپ 3 -يىللىقتىمۇ تۈزۈك پۈتۈن نەزىرىيە ، ئوقۇتقۇچىلار دەرىس مۇنبىرىدەppt نى شۇنداق سۆزلەيدىكىن دەرىسخانىدا ئۆزىدىن باشقا ھىچ كىم يوق ، دىمىسىمۇ دەرىسخانىدا ئۆزىدىن باشقا ھىچكىم يوق ، بالىلارنىڭ تىنى بار روھى يوق ، ئوقۇتقۇچى نىمە سۆزلەۋاتىدۇ ؟! شۇ دەرىس سۆزلىگەن بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزىدىن سورىسىڭىز بەلكىم ئۆزىمۇ جاۋاپ بىرەلمەسلىكى مۇمكىن ... 4- يىللىققا چىقتۇق ، ھايات ئوخشاشلا بۇرۇنقى تەرىقىدە داۋام ئەتمەكتە تىنىمىز سىنىپتا روھىمىز كەلگۈسى پىلانلىرىمىدا ، پىروگىرامما تىلى دەرىسى،ئوقۇتقۇچى مۇنبەردە، 5 يىل بۇرۇن تەييارلاپ قويغان ppt نى خەنزۇچە ئۆلچەملىك تەللەپپۇزدا ئوقۇپ بەرمەكتە ! بىر ئوقۇغۇچى كىتاپقا قارىۋىدى ،ئوقۇتقۇچى كېلىپ ئوقۇغۇچىنى شۇنچىلىك تەنقىدلەپ كەتتى ، ئەسلى ئوقۇغۇچى مۇنبەردىكى ppt دىكى كودلارنى ياخشى كۆرەلمەي كىتابقا قاراپتىكەن ،ppt بىلەن كىتاپتىكى كودلار ئوپمۇ -ئوخشاش ئەمەسمۇ ؟! 10 نەچچە يىل مەكتەپتە ئوقۇدۇق كىتاپ ئوقۇشنى بىزمۇ بىلىمىز ! شۇنداق قىلىپ قاقشاش ،زارلاش بىلەن ئوقۇش پۇتتۇردۇق ، شۇ يىلنىسى 60 ئادەم كومپىيۇتېر كەسپىگە قۇبۇل قىلىنغان بولسا 10 ئادەم پىروگىرامما تىلى دىگەننىڭ نىمىلىكىنى بىلىدىغان 3 ئادەم پىروگىرامما تۈزەشنى بىلدىغان ،15 ئوقۇغۇچى كومپىيۇتېرنىڭ 5 ئادەم كومپىيۇتېرنىڭ ئاددى كاششىلىرنى ھەل قىلالايدىغان 20 ئادەم office دىتاللىرىنى ئاددەتىكىچە ئىشىلتەلەيدىغان بۇلۇپ يىتىشىپ چىقىدۇ . ئۇمۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا 60% ئادەم 5 يىل ۋاقتىنى كومپىيۇتېر كەسپى دىگەن كەسىپتە ئوقۇپ ئىسىراپ قىلىدۇ دىگەن گەپ ، كومپىيۇتېر كەسپىنى پۈتتۈگەن قىزلار بولسا مۇستەققىل ھالدا كومپىيۇتېرغا سېستىما قاچىليالىسا خېلى بىر نەرسىنى ئۆگۈنۈپ چىقىپتۇ دىسىڭىز بولىدۇ .ھەتتا بەزى باللار ئوقۇشماستىن bios قا كىىرىپ قالسا قانداق چىكىنىپ چىقىپ كېتىشنىمۇ بىلمەيدۇ . بىزنىڭ كومپىيۇتېر كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھالى مانا مۇشۇنداق خەتەرلىك ھالدا .بۇ ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈگەندىن كېيىن نىمە ئىش قىلىدۇ ؟ 60 ئادەمنىڭ مەمۇرلىققا ئۆتكەن بىرسى يوق ، ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ ئىشلەۋاتقاندىن 7-8 ، باشقا كەسپى شىتاتلىقلار 5 كە يەتمەيدۇ ، ئۈرۈمچىدە قېلىپ قېلىپ ئۆزىنىڭ كەسىپنى قىلۋاتقان ئوقۇغۇچى 5 كە يەتمەيدۇ ، باشقا ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقىنى 5-6 ئەتراپىدا، قالغانلىرى ئاساسەن كەنىت كادىرى بۇلۇپ تۈگىمەس ئىشلار بىلەن ئايلىقىغا 1500 يۈەن خەلىق پۇلى مائاش ئېلىپ ئىشلەۋاتىدۇ (قولىغا تەگسە) .. 3 يىلغىچە باشقا چىقىش يولى تاپمىسا يەنە شۇ بىكاچى بولىدۇ دىگەن گەپ ....
مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەيدىغان بىر ئېغىز كىلاسستىك سۆزى بار بىز پەقەت يولنى كۆرسىتۈپ بېرىمىز ،قالغان يولنى ئۆزەڭ ماڭىسەن دەپ ، 5 يىل جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارغا يول كۆرسىتۈپ بەرگەن ئوقۇتقۇچىدىن 1-2 نى كۆردۇم (دەرىسخانىدا ئەمەس ..) قالغانلىرىنىڭ نىمە سەۋەپتىن دەرىس مۇنبىرىدە دەرىس ئۆتۋاتقىننى بىلمەيمەن ، بەلكىم تۈرمۇش ئۈچۈندۇر !!
......................................................
شۇنداق قىلىپ ئالى مەكتەپنىڭ كومپىيۇتېر كەسپىنى مانا مۇشۇنداق ھالەتتە ئوقۇپ تۈگىتىمىز . باياتتىن دىگەندەك پىروگىرامما يازىدىغان ئوقۇغۇچدىن 3-4 كىچە چىقىدۇ 1 قارار 60 باللار ئىچىدىن ، ئالماس شىركىتى ئايلىقىغا 10000 يۈەندىن php پىروگىراممىرى قۇبۇل قىلىمىز دىسە مەن ئىشلىيەلەيمەن دەپ چىقىدىغان بىرسى يوق ...
70% باللا ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىن كومپىيۇتېر كەسپىنى ئۆزى تاللاپ كىلىدۇ ،قالغان 30% كەسىپ تەڭشىلىپ كىرىپ قالغانلار ، مانا مۇشۇنداق باللادىن ھازىر مىللى يۇمشاق دىتال شىركەتلىرى قاتتىق ئىھتىياجلىق بولۋاتقان بالىلاردىن تۈركۈملەپ چىقمىسا نىمدىگەن ئېچىنىشلىق ئەھۋال بۇ !! مۇشۇنداق بۇلۇپ قېلىشتىكى ئاساسى سەۋەب زادى نىمە ؟ دەسلەپتە مەن مائارىپتىن كۆرۈپ قاقشاپ باقتىم ، ئەمما پايدىسى يوقكەن ،جىمى گۇناھ كومپىيۇتېر كەسپىنى تاللاپ كەلگەن ئۆزىمىزدە ،چۇنكى قارغۇنىڭ شەھرىگە كىرگەندە بىر كۈزىمىزنى قىسىپ يۈرمىسەك بولمايدۇ ئەمەسمۇ ؟! باشقىلار بىزنى يىتەكلىمىسە ئۆزىمىز ئۆزىمىزنى يىتەكلەپ ماڭساق بولاتتى ئەمەسمۇ ؟! مائارىپتىن ، باشقىلاردىن قاقشاپ يۈرگەننىڭ پايدىسى يوق ،ۋاقىت ئۆتىۋېرىدۇ ،بىزنىڭ مائارىپىمىز ئۆز پېتى قېلىۋېرىدۇ ،كومپىيۇتېر كەسپىدە مانداق بىر نەرسىلەر بولىشى كېرەك دىيەلەيدىغان سىز ۋە بىز يېرىم كېچىلەرگىچە ئىككى قولىمىزنى كونۇپكا تاختىسى ئۈستىدە ئوينىتىپ ئاللاقانداقتۇر ئىرماش چىرماش كودلار ئىچىدە ئۈزۈپ يۈرۈپتۇق . ئۈرۈمچىدە ياشاپ ئايدا 4000 يۈەن مائاش ئېلىپ ئۇ ئايدىن بۇ ئايغىچە يەتكۈزەلمەيدىغان سىز ۋە بىزنى بۇنداق چوڭ ئىشلاردا پىكىر يۈرگۈزىشكە نەدىكى ۋاقتى ...
------------------------------------------------------------------------------
شۇنداق قىلىپ گەپنىڭ ئاساسى تېمىسىغا يۆتكەلمەكچىمەن ، سىز زادى كومپىيۇتېر كەسپىگە ماس كىلەمسىز ؟ پىروگىراممىر بولۇشقا ماس كىلەمسىز ؟ كومپىييۇتېرنىڭ باشقا ساھەلىرىدە خىزمەت قىلىشقا ماس كىلەمسىز ؟
1، ئۆزلىكىڭىزدىن ئۆگىنىش ئىختىدارىڭىز كۈچلۈك بولمىسا ، بۇ ساھەگە كىرىمەن دىمەڭ ! چۈنكى پىروگىرامما تۈزەشنى خەق سىزگە ئۆگىتىپ قويمايدىكەن .
2، پىروگىرامما تۈزەشكە ئوتتەك قىزغىنلىقىڭىز بولمىسا يەنە كومپىيۇتېر كەسپىدە ئوقۇيمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ ،چۇنكى قىزغىنلىق بولغاندىلا ئاندىن سىزدە ئىزدىنىش بولىدۇ ،كومپيۇتېر ياكى ئەقلىفون يۇمشاق دىتاللىرى توختىماي يېڭىلىقنى مۇككەمەلىكنى تەلەپ قىلدىغان نەرسە ...
3،بىر جايىڭىزدا ئولتۇرالمايدىغان ، باكا تۇرماي سىرتلاردا يۈرۈشنى ياكى دوستلىرىڭىز بىلەن يىغىلىش قىلىشنى (ناھايىتى كۆپ ۋاقىتلاردا) ياخشى كۆرىدىغان بولسىڭىز يەنە بۇ كەسىپنى تاللاپ سالماڭ ، چۈنكى بۇ كەسىپ بېسىپ ئوتتۇرالايدىغان ئادەملەرگە خاستۇر !
4، دوستلىرىڭىز ياكى قىز دوستلىرىڭىز كۆپ بولسا يەنە بۇ كەسىپنى تاللاپ قالماڭ ،چۈنكى كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كومپىيۇتېر بىلەن دوستلىشىپ كومىپىيۇتېر بىلەن مۇھەببەتلىشىدىغان گەپ ...
5،بەزى ۋاقىتلاردا بەك كۆپ گەپ قىلدىغان ئادەممۇ بۇ كەسىپكە ماس كەلمەسمىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن !
6، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كەمچىل ، مۇككەممەللىكنى قوغلاشمىسڭىز يەنە بۇ كەسپنى تاللىماڭ ، چۈنكى يۇمشاق دىتال قانچە مۇككەمەلىكنى قوغلاشقانچە شۇنچە مۇنەۋۋەر بۇلۇپ چىقىدۇ ..
7،ئەگەر ئوقۇشماي بۇ كەسىپنى تاللاپ قېلىپ ئاخىرىغا كۆزىڭىز يەتمىسە ئەڭ ياخشىسى باشقا بازارلىق كەسىپ ياكى ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان كەسىپلەرگە يۆتكىلىپ كېتىڭ ، مۇشۇنداق بولغاندا نەچچە يىلنى ئەخلەتتەك ئۆتكۈزۋەتمىگەن بولىسىز ..
8 ، قول سېلىپ ئىشلەشنى بىلمىسىڭىز يەنە بۇ كەسىپنى قىلماڭ ! چۇنكى مۇنەۋۋەر دىتاللار ، مەھسۇلاتلار ئېغىز بىلەن ئەمەس ، قول بىلەن يېزىپ چىقىلىدۇ ..
....
پىروگىرامما يېزىش ھەممە ئادەمگە ماس كىلىۋەرمەيدۇ ، بەلكىم ئۆزىڭىزدە يۇقارقىلاردىن بىرنى سەزسىڭىز پىروگىرامما يېزىشتىن يىراق بۇلۇڭ ، چۈنكى بۇ كەسىپنىىمۇ باشقا كەسىپلەردەك ئۆزىگە چۇشلۇق جاپاسى بار ،ئاخىردا نەتىجە چىقمايدىغان ئىش بولۇپ قالمىسۇن !
بۇلار مىنىڭ كومپىيۇتېر كەسپىنى ئوقۇش جەريانىدا ھىس قىلغانلىرىمنىڭ بىر قىسمى ، يازغانلىرىم ئېگىز پەس ،ئىلگىرى -كېيىن بوپ قالدى ،ئەمما ئالتۇن قازغۇچىلار قۇمدىنمۇ كېپەك ئالتۇننى سۈزۈپ ئالالايدىغۇ ؟! سىلەردىن ئۇشۇقچە تەلپىم يوق ، پەقەت ئۆزەڭلارنىڭ ئويلىغىننى مۇنبەردە بىز بىلەن تەڭ ئورتاقلاشساڭلار ،كەم قالغىننى تۇلۇقلاپ ،قاملاشمىغان جايلىرىغا ئۆزەڭلارنىڭ ئالتۇندەك تەكلىپلىرىنى بەرسەڭلار مەن شۇنىڭغا رازى ...
مەنبەسى :www.nishanim.com
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alpha تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-23 08:03 PM