پىۋا ئىچكەن مۈشۈك
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 x( F6 w# Z, L A. Q& R, t5 s
ھېكايە
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 ~* f) X3 ?! A% |0 n2 {5 rخەنجىرىبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 `6 D- L5 w. E$ i1 j ?" y; s; T$ f
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* L2 s4 r/ S1 C" z& Q) @7 U W4 B) ?
ئىلشاتنىڭ دادىسى ئىلگىرى ھاراق ئىچىپ كەتمەيتتى. نىمە سەۋەبتىنكىنتاڭ، يېقىندىن بۇيان ھاراق ئىچىشنى ئۆگىنىۋالدى. بەزىدە كۈن ئارىلاپ ئىچسە، يەنە بەزىدە كۈندە ئىچىدىغان، ھاراققا ئۆزىنى زورلايدىغان بولۇۋالدى. ئىلگىرى ھاراققا يېقىن يوللىماي، ھاراقتىن ئۆلگۈدەك قاچىدىغان ئىرىنىڭ ھاراققا بۇنداق تۇيۇقسىز بىرىلىپ كىتىشىنىڭ سەۋەبىنى بىلمىگەن ئىلشاتنىڭ ئانىسى ئىرىگە تالاي قېتىم يالۋۇردى. ئەمما ئىلشاتنىڭ داىسى بۇ ئىشتىن يانمىدى. قاۋاقخانىلاردا ئىچكىنى ئاز كەلگەندەك، يىشىكلەپ ھاراق- پىۋىلارنى ئۆيگە ئەكىلىپ ئىچىشكە باغلىدى. بەزىدە ئانچە- مۇنچە ئەل-ئاغىنىلىرىنى باشلاپ كىلىپ، ئايالىغا قورۇما قورۇتقۇزۇپ زاكوسكا بىلەن ئىچەتتى. ئايالى بىلەن ئىلشاتنىڭ بىر-بىرىگە قارىشىپ يىغلاشقىنى يىغلاشقان ئىدى. ئىلشاتنىڭ دادىسى ھاراق ئىچىپ بولۇپلا يوقىلاڭ ئىشلاردىن باھانە تېپىپ ئانا-بالا ئىككىسىنى سەۋەبسىزلا ئۇراتتى. بۇنداق ئىش بىر قېتىم ئەمەس، ئۇدا كۆپ قېتىم تەكرارلانغاندىن كىيىن ئايالى ئاخىرى ئاجرىشىپ كىتىشنى ئويلىدى. بىراق ئوتتۇرىدىكى بالىنى يىتىم قىلماسلىقنى ئويلاپ، ئىرىدىن ھەر قانچە تاياق-توقماق يىسىمۇ ئۆي تۇتۇشقا بەل باغلىدى. توسۇشقا ئامالسىز قالغان ئىلشاتنىڭ ئانىسى يەنە داۋاملىق توسۇشقا كۆزى يەتمەي، كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۈزۈلۈپ قالار، دىگەن ئۈمىد بىلەن ئاخىرى ئۇنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتتى. ئىلشاتنىڭ دادىسى بولسا تۈزەلمەي يەنىلا ئۆز بىلگىنىنى قىلىۋەردى. كۈنلەرنىڭ- كۈنلەرنى، ئايلارنىڭ _ئايلارنى، يىللارنىڭ-يىللارنى تىز سۈرئەتتە قوغلاپ ئۆتۈشى بىلەن ئىلشاتمۇ چوڭ بولۇپ ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇماي ھەم بىرەر ئىشنىڭ تزۈك پىشىنى تۇتمايلا جەمىئىيەتكە چىقتى. ‹‹ مال ئىگىسىنى دورىمىسا ھارام›› دىگەن راست ئوخشايدۇ، ئەقلىنى بىلگەندىن تارتىپ داىسىنىڭ ھاراق ئىچكىنىنى كۆرۈپ چوڭ بولغان ئىلشات شۇنىڭ ھەم شۇ چاغلاردىكى بىكار - تەلەپ ھاراقكەش ئاغىنىلىرىنىڭ تەسىرىدىن بولسا كىرەك، ئۇمۇ ھاراققا ئۆگىنىپ كەتكەن بولۇپ، بىچارە ئانىغا ئىلگىرىكى بىر دەرت ئەمدى ئىككى بولغان ئىدى. ئىلشات دادىسىدىنمۇ ئۆتە زابوي، ھاراقكەش بولۇپ كەتتى-دە، ھاراقنى تولا ئىچىپ كاللىسىدىن كىتىشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەھەللىدە ‹‹ ئىلشات زابوي›› ، دەپ پەخىرلىك ناممۇ ئېلىپ، ئائىلىسىگە ‹‹ شەرەپ›› كەلتۈردى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىلشات بىر سورۇنغا بېرىپ قېلىپ، ئۇ يەردىمۇ ئازراق ئىچىپ قالدى. ئەمما ئۇنىڭ كاللىسى باشقىلارغا قارىغاندا سەل سەگەك ئىدى. تۇيۇقسىز سورۇندىن غەرق بولغان بىرسى ھاراقنى جىق ئىچىۋەتكەن بولسا كىرەك، ھويلىنىڭ بىر چېتىگە بېرىپلا ھېچنىمىگە قارىمايلا قۇسۇشقا باشلىدى. ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇرغىدەك سېسسىق قۇسۇقنىڭ كۈچلۈك پۇرىقى ھويلىنى بىر ئالدى. سورۇندىكى ھاراقكەشلەر بولسا ئۇنىڭ بىلەن كارى يوق ھالدا رومكىلارغا بېلىق كۆزى قىلىپ لىقلاپ قويۇلغان ھاراقلارنى نۆۋەت بويىچە ئايلاندۇرۇپ ئىچىشەتتى؛ يېنىدىكى سىڭلىسى، قىزى دىمەتلىك قىزلارغا ھەرخىل ناشايان چاقچاقلارنى قىلىشاتتى. بىچارە قىزلار ئۇلارنىڭ يېنىدا ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇنداق بىر سورۇنغا كىلىپ قالغىنىغا پۇشايمان قىلغان ھالدا ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ، سار ئالغان چۈجىدەك سورۇننىڭ تىزرەك ئاياغلىشىشىنى كۈتۈپ شۈمشىيشىپ ئولتۇراتتى. بايىقى مەس ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇرغىنىچە بىر دەم قۇسۇۋىتىپ سورۇنغا قايتىپ كىلىشىگىلا، دەل ئاشۇ چاغدا قورسىقى ئاچ بىر پىستە كۈچۈك قاياقتىندۇر كىلىپ مەس قۇسۇۋەتكەن قۇسۇقنى يالاشقا باشلىدى. بۇ ئىشنى ئىلشات ئېنىق كۆرۈپ تۇردى، ئەمما باشقىلار دىققەت قىلمىدى. ئۇ ئۇشتۇمتۇت ئەقلىنى تاپقاندەك بولۇپ، باشقىلار ھەر قانچە زورلىسىمۇ يەنە ئىچمىدى. سورۇن ئىككى- ئۈچ سائەتلەر ئئۆتكەندە ئاياغلىشىپ، ھەممەيلەن مەس- ئەلەس ھالدا قالايمىقان سۆزلىگىنىچە سورۇندىن تارقاپ ئۆز ئۆيلىرىگە قاراپ مېڭىشتى. ئىلشات ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ كاللىسى بىر ئىشنى تۇيغاندەك بولۇپ، باياتىنقى ئىشلارنى قايتىدىن ئەسلەپ، ئويلىنىشقا باشلىدى:
- ساق ئادەم ھاراقنى جىق ئىچسە ۋاقىتلىق بولسىمۇ خۇدىنى بىلمىگۈدەك دەرىجىدە ساراڭلىشىپ كىتىدىكەن، ئەمما بايىقى كۈچۈككە ئوخشاش بىرەر ھايۋان ئىچىپ باقسا قانداق بوپ كىتەر، ئۇلارغىمۇ ھاراق-پىۋا دىگەنلەر تەسىر كۆرسىتىىپمۇ قالارمۇ؟
ئۇ شۇنىڭدىن ئىتىبارەن بۇ ئىشنى كۈندە دىگۈدەك ئويلايدىغان بولدى. بىر كۈنى ئۆيىدىكىلىرى ناھىيىگە تۇغقان يوقلاش ئىشى بىلەن كىتىپ قېلىپ ئىلشات ئۆيدە يالغۇز قالدى. ئۆيدە قىلىدىغان ئىش تاپالماي مەھەللە ئەتراپىغا چىقتى. بىراق ئاغىنىلرى يوق بولغاچقا ئۆيگە يېنىپ كىردى. بىر دەم تېلىۋىزور كۆرۈۋىدى، شۇچاغدا ئىلشات تۇرغان ئۆيدىكى كارىۋات ئۈستىدە پۇشۇلداپ تاتلىق ئۇخلاۋاتقان ، قورسىقىدا بار چىشى مۈشۈكى ئىلشتانىڭ تاراق-تۇرۇق قىلغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ، مىياڭلىغان پېتى سىرتقا چىقىپ كىتىپ قالدى. ئۇنىڭ كاللىسىغا نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئويلاپ كەلگەن ھېلىقى ئىش كەلدى-دە، مۈشۈككە ھاراق ياكى پىۋا ئىچۈرۈپ سىناپ بېقىپ، ئۇنىڭ ئىچكەندىن كىيىنكى ھالىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولدى. ئۇ شۇ ئوي بىلەن ئۆينى ئاختۇردى. بىر ھازا شۇنداق ئاختۇرۇشلاردىن كىيىن بىر پوتۇلكا ھاراق بىلەن ئىككى پوتۇلكا پىۋا چىقىپ قالدى. ئۇ مۈشۈككە ئىككىسىنىڭ قايسىسىنى ئىچۈرىشى توغرىسىدا بىر ئويلىنىپ قالدى. چۈنكى قورسىقىدا بار مۈشۈككە ھاراق ئىچۈرسە ئۇنىڭغا بىر ئىش بولۇپ قېلىشىدىن قورقتى. ئۇ گەرچە بىر مۈشۈك بولسىمۇ، لىكىن ئۇ ئادەمگە ئوخشاش گەپ قىلالمايدىغان بىر تىلسىز جانىۋردە؟ خېلى بىر ۋاقىتقىچە ئويلانغاندىن كىيىن مۈشۈككە ھاراق ئىچۈرمەي پىۋا ئىچۈرۈش قارارىغا كىلىپ، پىۋا پوتۇلكىسىنىڭ ئاغزىنى ئاچتى. مۈشۈك بايام شۇ چىقىپ كەتكەنچە ئامبار ئۆيگە كىرىپ كەتكەن بولۇپ، ئىلشات ئامبار ئۆيگە كىرىۋالغان ھېلىقى قورسىقىدا بار چىشى مۈشۈكىنى ئاچىقىپ، بىر قولى بىلەن كۈچەپ مۈشۈكنىڭ ئاغزىنى مەجبۇرىي ئېچىپ، پىۋىنى ئاستا-ئاستا قۇيۇشقا باشلىدى. بىچارە مۈشۈك ئۇنىڭ قۇچىقىدا كۈچىنىڭ بارىچە تىپىرلاپ ئۇنى ئىچۈرگىلى قويمىدى. ئۇ بولسا بۇ ئىشلار بىلەن كارى يوق مۈشۈكنىڭ ئاغزىغا پىۋىنى قىۇيۇشنى داۋاملاشتۇردى. بىر ئازا ۋاقىت ئۆتكەندە مۈشۈك تەخمىنەن ئەللىك گرامدەك پىۋىنى ئىچىپ بولدى بولغاي، پەقەت بولالماي پۈتۈن كۈچى بىلەن يۇلقۇنۇپ چىقىپ ئۇنىڭ قۇچىقىدىن قاچتى. ئىلشات ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىماي مۈشۈككە قاراپ تۇردى ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشتى. مۈشۈك بىتر نەچچە قەدەم مېڭىپ ، ئۇيان-بۇيانغا قالايمىقان دەسسىگىنىچە مەس بولغاندەك بوغۇق بىر خىل ئاۋازدا مىياڭلاشقا باشلىدى، ئاۋازىمۇ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا سەل ئۆزگىرىپ كەتكەنىدى. ئۇ شۇنداق قىلغىنىچە بىردەم تالاغا چىقىپ ئاشۇنداق مىياڭلىسا، بىر دەم ئۆيگە كىرىپ مىياڭلايتتى. مۈشۈكنىڭ تەرىتى قىستاپ كەتكەن چېغى، ئادىتى بويىچە تالغا چىقىپ تەرەت قىلىپ، ئۇنى كۆمۈپ قويغاندىن كىيىن يىراقراق يەرگە بېرىپ قۇسۇۋەتتى. دىمەك، بۈگۈنكى ئەللىك گرام پىۋا تىلسىز بىر جانىۋارغا تەسىر كۆرسەتكەنىدى. تەلىيىگە يارىشا ئۇنىڭدىن باشقا غەيرىي ئالامەتلەرمۇ كۆرۈلمىدى. مۈشۈكنىڭ بارلىق ھەركىتىنى كۆزىتىپ تۇرغان ئىلشات مۈشۈكنىڭ بۇ ئىشلىرىنى كۆرۈپ كۆڭلىدىكى تۈگۈن يىشىلگەندەك بولۇپ؛
- ئەمدى بىلدىم. مۈشۈكمۇ ئازراق ئىچىپ قويسا ئادەمگە ئوخشاش مەس بولىدىكەن، مۈشۈككىمۇ ھاراق- پىۋا دىگەنلەر ئاز-تولا تەسىر قىلىدىكەن. ئادەم جىقراق ئىچىپ قويسا نىمە بولغانلىقىنى ، نىمە ئىش قىلغىنىنى بىلمەيدىكەن. بىراق ھاراق ئىچكەن ئادەمگە قارىغاندا مۈشۈك مەس بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەقلى - ھوشى جايىدا ئىكەن، دىدى ئۇ، قۇسۇپ بولۇپ قىلغان تەرىتىنى سىرتقا كۆمۈپ قويۇپ، بىر جايدا يېتىپ قالغان مۈشۈككە قاراپ. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ئۇ ئۆزىنى ئاشۇ مۈشۈكتىن ئىبارەت بىر تىلسىز جانىۋار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان قىلغانلىقلىرىغا ، ئانىسىنى زار-زار قاقشىتىپ قان يىغلاتقانلىرىغا قاتتىق پۇشايمان قىلىپ ھاراق بىلەن خوشلاشتى.
مارالبېشى سېرىقبۇيا
ئاپتور: مارالبېشى ناھىيە سېرىقبۇيا يېڭى بازار ئىجتىمائى رايونى(3-ئاھالە كومىتىت)دىن
مەنبە
:
ئۆز
ئىجادىيتىم
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 D$ v- i; Z* |! @ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Aytugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-27 01:08 AM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ {; q k% Y. K7 j( I
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& t& F \. e$ U6 H