|
|
|
|
نەۋرۇز كۈنى كەچ ، 2013- 2014-پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى ئۇمۇمى ھەل قىلغۇچ ئىككىنچى مەيدان ئۇچرىشىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قىزىل تاغ تەنتەربىيە مەيدانىدا بېيجىڭ جىنيۈ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ گۈاڭخۈي كوماندىسى ۋاقىت قۇشۇپ بىرىلگەن مۇسابىقە باسقۇچىدىن كىيىن 86-90 نەتىجە بىلەن بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بېيجىڭ جىنيۈ كوماندىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، ئۇمۇمى نەتىجىدە 0-2 ئارقىدا قالدى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە پەخىرلىك ئۇغلانىمىز شىرئەلىجان 18 نۇمۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 3 قىتىم توپ تارتىۋالدى. ئەڭ ئاخىرقى بىر ھۇجۇم ۋاقتى قالغاندا شىرئەلىجان ئۈچ نومۇرلۇق توپ چۈشۈرۈپ ئىككى نومۇر ئاشتى، بېيجىڭ كوماندىسى ئەزاسى قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان لىكىن رېپىر ھۆكۈم قىلمىدى، مۇسابىقە ۋاقتى توشاشقا ئاز قالغان ئون نەچچە سىكۇنىتتا بېيجىڭ كوماندىسىدىن ماربۇرىي ئىككى نومۇر ئېلىپ ئومۇم نومۇرنى 81-81 تەڭلەشتۈردى، مۇسابىقە قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىت بۆلىكىگە قەدەم قويدى. قوشۇپ بېرىلگەن بۆلەك مۇسابىقە بۆلىكىدە شىرئەلىجان ئالتە قىتىم قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن مەيداندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بۇلدى. مەيدان سىرتىدىكى شىرئەلىجاننىڭ ئازاپلىق رۇھى ھالىتى ئۇنىڭ توپ مەستانىلىرىنى ئىچىنى سىرىپ، ئۇلارنىمۇ ئۇخشاشلا ئازاپلىدى. گەرچە بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى ئۇتتۇرۇپ قۇيغان بۇلسىمۇ، ئەمما شىرئەلىجاننىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بۇلۇپ، پۈتۈن كوماندا بۇيىچە ئەڭ يۇقۇرى نۇمۇرغا ئىرىشىپ، ئۆزىنىڭ تىز پۇكمەس جاسارىتى ۋە ماھارىتىنى نامايەن قىلدى. بىز ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مەستانىلىرى پەخىرلىك ئوغلانىمىزنى مەڭگۈ قۇللايمىز..... پۇرسەت تىخى ئالدىڭدا... ئازاپلانما ئۇغلانىمىز شىرئەلىجان ...
بىيجىڭدىكى مەستانىلەر شىنجاڭ كوماندىسىنى كۈتىۋالدى
ئۈرۈمچى ۋاقتى 3- ئاينىڭ 22- كۈنى چۈشتىن كىيىن ، شىنجاڭ گۇاڭخۇي كوماندىسى ئۇمۇمى ھەل قىلغۇچ ئۈچۈنچى مەيدان ئۇچرىشىش مۇسابىقىسى ئويناش ئۈچۈن بىيجىڭغا يىتىپ بىرىپ، ئايرىپۇرتتا بىيجىڭدىكى شىنجاڭ كوماندىسى مەستانىلىرىنىڭ قىزغىن كۈتىۋىلىشىغا ئىرىشتى.
ئۈرۈمچى ۋاقتى 3- ئاينىڭ 23- كۈنى كەچ ، 2013- 2014-پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى ئۇمۇمى ھەل قىلغۇچ ئۈچۈنچى مەيدان ئۇچرىشىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ۋەن شىدا تەنتەربىيە مەيدانىدا بېيجىڭ جىنيۈ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ بارىدۇ.
ۋاختىدا كۈرۈشىڭلارنى تەۋىسىيە قىلىمىز.
ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى تور تېلۋىزىيىسىدىن كۈرۈش ئادىرىسى؛ http://waskitbol.com/plugin.php?id=damei_tv:tv
http://waskitbol.com/tv
|
|
|
|
|
|