|
|
|
|
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم
باھار كىلىپ ھەممە يەر ئىللىۋاتقان ، شۇنداقلا ھەممە يەردە نۇرۇز بايرىمى تەبرىكلىنىۋاتقان بۇگۇنكى كۇندە غۇلجا شەھىىردە بىر مەيدان ئىسىل پوتبول مۇسابىقىسى ئىلىپ بىرىلدى .
مۇسابىقە قىزغىن ۋە يۇقىرى سەۋىيەدە ئىلىپ بىرىلدى ، بۇ مۇسابىقىگە تاماسشىبىنلارمۇ خىلى كوپ ئىشتىرەك قىلغان ئىدى .
مۇسابىقە باشلىنىپ خىلى ۋاقىتىقىچە ئىككى تەرەپ كەسكى ئوينىغان بولسىمۇ توپ كىرگۇزەلمەي تەڭ ماڭدى ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 30 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا ئىلى دىيار كوماندىىسى 6نۇمۇرلۇق ئوسكارنىڭ پاس بىرىشى بىلەن ھۇجۇمچى ئېرلان ئەپچىللىك بىلەن 1 توپ ئۇرۇپ ئۇستۇنلۇككە ئوتتى ، ئارىدىن 5مىنۇت ئوتمەيلا قارشى تەرەپ ھۇجۇم تەشكىلەپ 1توپ ئۇرۇپ نۇمۇرنى تەڭلەشتۇردى . شۇنىڭ بىلەن قالغان ۋاقىتتە توپ كىرمەي 1مەيدان 1-1 بۇلۇپ ئاخىرلاشتى ،
10مىنۇت دەم ئىلشىتىن كىيىن 2مەيدان مۇسابىقە باشلاندى . قارشى تەرەپ كەينى -كەينىدىن ھۇجۇ م تەشكىلىگەن بۇلسىمۇ ئىلى دىيار كوماندىسى مۇداپىيەنى كۇچلەندۇرۇپ قارشى تەرەپكە نۇمۇر ئىلىش پۇرسىتى بەرمىدى . مۇسابىقە داۋاملىق قىزغىن كەيپىياتتا ئىلىىپ بىرىلۋاتاتتى مۇسابىقە 17 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا ھەمزە كوماندىسى قىسقا پاسلىشىش ئارقىلىق 1توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى ئىلى دىيار 1-2ھەمزە ئۇستۇنلۇككە ئوتتى ،
شۇنىڭ بىلەن ئىلى دىيار كوماندىسىمۇ مۇداپىيەدىن ھۇجۇم قىلىشقا ئوتتى . مۇسابىقە 25مىنۇت بولغاندا ئىلى دىيار كوماندىسىدىكى بىك نىجات چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە ھۇجۇمچى ئىرلانغا پاس بەرگەندە قارشى تەرەپ ۋارتاسى قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ نۇقتا توپ قويۇپ بىرىلدى ، ئەپسۇس نىجات تەپكەن توپنى ۋارتا توسىۋالدى ،
مۇسابىقە داۋاملىق قىزغىن كەيپىيات بىلەن ماڭدى ، مۇسابىقە كورگىلى كەلگەن تاماشىبىنلارمۇ ئالقىش سادالىرىنى ياڭراتتى ، مۇسابىقە 33مىنۇت قەدەم قويغاندا ئىلى دىيار كوماندىسى ھۇجۇمنى كۇچەيتىش ئارقىلىق ئىلى دىيار كوماندىىسى سول بىكى زەبى ھۇجۇمچى ئىرلانغا پاس بەردى بۇ توپنى ئىرلان ۋارتاقا ئۇردى شۇنداق قىلىپ ئىلى دىيار 2-2ھەمزە بولدى ، بۇ ئىككى كوماندا مۇسابىقىنى تىخىمۇ ئەۋجىگە چىقىاردى ۋە كەينى كەينىدىن ئىككى تەرەپ ھۇجۇملارنى قىلدى ، مۇسابىقە نەق 38مىنۇت بولغاندا ھەمزە كوماندىىسى ئىختىيارى توپ پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ 1توپ ئۇرۇپ نەتىجىدە 3-2 قىلىپ ئوزگەرتىتى، كىيىنكى ۋاقىتتا ئىككى تەرەپ ياخشى كۇچىگەن بولسىمۇ توپ كىرمەي تەنىجىدە ھەمزە كوماندىىس 3-2نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى
بۇ قىتىمقى مۇسابىقە دوسلوق بىرىنجى مۇسابىقە ئىككىنجى دىگەن ئاساستا دوستانە ھالدا غەلبىلىك ئاياقلاشتى تاماشىبىنلارمۇ بىر مەيدان ئىسىل مۇسابىقىدىن ھۇزۇر ئالدى ۋە باھالىرىنى بەردى ، بۇ قىتىمقى نۇرۇزلۇق پوتبول دوسلوق مۇسابىقىگگە كەلگەن تاماشىبىنلارغا كوپ رەخمىتىمىزنى بىلدۇرمىز ،
مۇسابىقە رەسىملىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tetanek تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-23 12:24 PM
|
|
|
|
|
|