|
|
|
|
ئۇيغۇرچە تور بېكەت تۈزگۈچىلەرگە مەلۇمكى، تور بېكەت سىستېمىسىنى ئۇيغۇرچە تونۇتۇشتا ئۇيغۇرچە فونت(خەت نۇسخىسى)نى توربېكەتكە باغلاشقا توغرا كېلىدۇ. مىكروسوفت شېركىتىنىڭ IE تور كۆرگۈچىسى ئۈچۈن چوقۇم eot ھۆججىتىنى باغلىشىمىز، Chrome لىق باشقا توركۆرگۈچلەردە بولسا ttf ھۆججىتىنى باغلىشىمىز كېرەك. تۆۋەندە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرچە توربېكەتلەردە قوللىنىشى ئەڭ كۆپ بولغان 3 خىل ئۇيغۇرچە فونت ۋە eot ھۆججىتى تەمىنلەندى.
1. Ukij Tuz Tom
بۇ ئىشلىتىلىشى بىر قەدەر كەڭ بولغان ئۇيغۇرچە فونت بولۇپ، تورداشلارنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيتى تارقاتقان تۈز توم خەت نۇسخىسى بولۇپ، ئۇيغۇرسوفت شېركىتى دىرېكتورى ئالىم ئەھەت ئەپەندىم تۈزگەن. ئۈلگە رەسىمى:
2. Alpida Unicode System
ئەلپىدا يۇنىكود سىستېما خەت نۇسخىسىمۇ كۆپ قىسىم ئۇيغۇرچە توربېكەتلەر تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن بۇ خەت نۇسخىسىنىڭ خەت چوڭلۇقى 12, 13, 15, 16 بولغاندا ئەڭ ياخشى كۆرۈش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئۈنۈمى:
3. Alkatip UI
بۇمۇ ھەم ئۇيغۇرسوفت شېركىتى تەمىنلىگەن خەت نۇسخىسى بولۇپ، باشقا خەت نۇسخىسىدىن پەرقلىق ئالاھىيدىلىكى ھەرقانداق توركۆرگۈچتە ئۈنۈمى ئوخشاشلا كۆركەم كۆرۈنىدۇ، يىغىنچاق بولۇپ، ئورۇن ئىگەللىمەيدۇ. ئۈنۈمى:
چۈشۈرۈش ئادرىسى:
ئەسلى مەنبەگە كىرىپ چۈشۈرىۋېلىڭ
|
|
|
|
|
|