  | 
					  | 
					  | 
					 
					  | 
					ياشلىق ئىزتىراپلىرى 
بەختىيار ئابدۇل ئۇلۇغيار    ئىنسان ھاياتى چەكلىك بولىدۇ ، چەكلىك ھاياتتىن چەكسىز پايدىلانغان كىشلەرلا  مۇۋاپىقىيەتكە تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ، بىراق ۋاقىتتىن مۇۋاپىق پايدىلنىش تېخىچە مۇقىم فورمىلاسى ياكى ھەممىگە چۈشدىغان قېلىپى يوق بولغان چەكسىز بىر بوشلۇق .     جۈمىلدىن ، ئىنسان ھاياتى ئىچىدە ياشلىق دەۋرى تولىمۇ قىسقا ۋە گۈزەلدۇر ، ياشلىق دەۋرىنى سېغىنمايدىغان  ، قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرغا يۇشۇرۇنغان  ياشلىقىدىكى ئاچچىق-چۈچۈك ئەسلىملىرنى ۋاراقلاپ قالغىندا بولسا ، يىللار ھەرخىل شەكىلدە ئىز سالغان چىرايىدا گاھى شادلىق جىلۋە قىلسا ، گاھى ھەسرەت ۋە پۇشايماننىڭ ئىپادىسى ئەلەڭگىيدىغان ، كۆزلىرنى سېغىنىشنىمۇ ، ئەلەمنىمۇ ئۆزىگە سىڭدۈرگەن ياش قەتىرلىرى غۇۋالاشتۇردىغان ئىنسانلار بولمىسا كىرەك -ئەلۋەتتە .  شۇنداق ، ئىنسان ئۆز ھاياتىدا ئۆتكەن كۈنلىرنى ئەسلەش ۋە سېغىنىش ھەمىدە ئۆتمۈشكە قايتىش ئارزۇسى ئىچىدە ياشايدۇ . ەەرچە نۇرغۇن كىشلەر پەيلاسوپلارچە :‹‹ ئۆتمۈش -ئۈتۈپ كەتتى ، ئۇ ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇ ،     كەلگۈسى - تېخى مەۋھۇم، كىيىن نىمە ئىشلار بۇلدىغىننى ھېچكىم بىلمەيدۇ ، شۇڭا ئىنسان ھازىرنى-بۈگۈننى ياخشى قەدىرلەش كىرەك . ›› دېگەن ھېكمەتنى ئۆزىنىڭ دائىملىق ئېغىز تىلىغا ، شۇئارىغا ئايلاندۇرسىمۇ ، ئەمەليەتتە ،ئۇلارمۇ قەلبىنىڭ ئەڭ نازۇك قاتلىردىن ئۆتكەن كۈنلىرنى سېغىندۇ ، ياشلار باللىقىنى ، قىرانلار ياشلىقىنى ، قېرىلارمۇ ياشلىق ۋە قىرانلىق چاغلىرنى ئەسلىشىدۇ ، سېغىندۇ ، پەقەت بالىلارنىڭلا تىزراق چوڭ بولغۇسى كىلىدۇ ، مانا بۇ ھەرقانداق ئىنسانلاردا بۇلىدىغان نورمال پىسخىكىلىق ھادىسە بولسا كىرەك .      ھاياتىمنىڭ يىگىرمىنچى زىمىستانىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ يېڭى باھارىغا قەدەم قۇيۇش ئالدىدا تۇيۇقسىز  چامدىنىمدا ساقلاقلىق كونا خاتىرە دەپتىرىمدىن يەتتە  يىل بۇرۇن (توللۇقسىزنى پۈتۈرۈش ئالدىدىكى باھار پەسلىدە ) يازغان ئۆزەم توغرىسدىكى بىر پارچە يازمام كۆزۈمگە چېلىقىپ قالدى ، دەرھال ۋاراقلىدىم ، كۆز چاناقلىرىم ئىختىيارسىز ياشقا تولدى ، ھاياتنىڭ ، ياشلىقنىڭ تولىمۇ قىسقا ۋە قەرەلسىز ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ھىس قىلدىم ، ئۇزۇندىن بۇيان كۆپ ئويلايدىغان ، بىراق ئويلاپمۇ ئاخىرنى چىقرالمايدىغان ئۆتكەن كۈنلىرىم ۋە كەلگۈسۈم ئۈستىدە خىيالغا چۆكتۈم ، خىلە بۇرۇنلا نىيەت قىلغان بىراق تېخى تۇتۇش قىلمىغان ئىچكىردە ئوقۇش جەريانىدا  دېڭىز بويى شەھەرلىردە ، سەپەر ئۈستىلىردە ھىس قىلغانلىرىم ، كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرم بىلەن  ئۆز يۇرتۇم تارىم ئويمانلىقى تەكلىماكان گىرۋەكلىردىكى تۇرمۇشنى ، ۋە ئوخشىمغان مەدەنيەتكە ئىگە خەلقلەرنىڭ  ئاممىۋى ئەخلاق ، مائارىپ ۋە يۈرۈش-تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئوخشىماسلىقلارنى ئۆز-ئارا سېلىشتۇرۇپ ، شۇ يەردىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇلۇپمۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ  ئۆگىنىش ، تۇرمۇش ئەھۋالى ۋە ئۇلارنىڭ شۇ يەرلىك ئوقۇتقۇچىلارغا ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشلەرگە بەرگەن تەسىرى ئۈستىدە بىرەر پارچە يازما يازماقچى بولغا پىلانىمنىڭ  تولىمۇ  كىچىكىپ كەتكەنلىكىنى  ، گەرچە داڭلىق قەلەمكەش ئەدىبلەردەك يازالمىساممۇ قانچىلىك يازالىسام شۇنچىلىك يېزىشىم كىرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ھىس قىلدىم-دە قولۇمغا  قەلەم ئالدىم .  ... ... ...   دۋامى  بار   
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-23 09:02 AM  
  | 
					  | 
					 
					  | 
					  | 
					  |  
  |