uyol يوللىغان ۋاقتى 2014-3-22 09:57 PM
ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى سەبىيلەر بېشىدىكى دوپپا بولدى. ...
باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان ئۇكام دوپپا كىيىپتىكەن كەيمە دەپتۇ ، بېشىم توڭلايدۇ دەپ ئاقسا كەپكە كىيىپتىكەن ئۇنىڭغىمۇ تەنقىدلەپتۇ ،سەۋەبى مەكتەپتە ھىچكىمنىڭ باش كىيىم كىيشىگە رۇخسەت يوقكەن … ھازىرقى ۋاقىتتا باللانىڭ سلامەتلىكى ، ئۆگىنىش نەتىجىسى مۇھىم ئەمەس داۋامى ، مەكتەپ تازلىقى ۋە ئاتالمىش مۇقىملىق ئەڭ مۇھىمكەن بەزىدە ئىمتاھاننىڭ جاۋابىنى دوسكىغا يېزىپ بېردىكەن …
بىر تولۇقسىزدا ئوقۇيدىغان قوشنامنىڭ بالسى مەكتەپ مۇدىرنىڭ ئۆز ئاغزىدىن مەكتەپتە قانداق ئوقۇشۇڭ قانداق يۈرشۈڭ بىلەن كارىمىز يوق ، تولۇق كىلىپ بەرسەڭلا بولدى ، دىپلومنى بىرىۋېرمىز دەپتۇدەك ، قۇلقىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم ، مىلىتىمىزدە شۇنداق ئوقۇتقۇچىلارمۇ بارمىدۇ دەپ …