بىر كۈنى
(مۇمەممەتجان راشىدىننىڭ شۇ ناملىق شېئىرىغا تەققاس)
ئېزىپ قالساڭ ئاھ ئۇرما يول تاپىسەن بىر كۈنى،
ئامان بولساڭ سەنمۇ ھەم يول تاپىسەن بىر كۈنى،
خاتا باسقان قەدەملىرىڭ قالدۇرۇلغانلار قاتارىدا،
ئۆزۈڭ ماڭغان چاتقالدا ئوت ياقىسەن بىر كۈنى.
غۇربەت ئىچىدە ئۆتكۈنۇڭ ئۆتىۋەرمەس بىر كۈنى،
تىرىشساڭلا ساڭىمۇ بايلىق قونار بىر كۈنى.
ئۆتكەن بولساڭ قارڭغۇدا كىچە-كۈندۈز ئاھ ئۇرۇپ،
ئىللىق قۇياش ساڭىمۇ نۇر چاچىدۇ بىر كۈنى.
تۇرمۇش شۇنداق ئېگىز-پەس چۈشىنىسەن بىر كۈنى،
سەۋىر قىلساڭ ساڭىمۇ بايلىق قونار بىر كۈنى.
ئۆتكەن بولساڭ ئەزىزلەپ ئاتاڭ بىلەن ئاناڭنى،
ئوغۇل قىزىڭ ساڭىمۇ تون ياپىدۇ بىر كۈنى.
ئاپتور: ئالىمجان تۇرسۇن ئاتەش ئوغلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-22 09:19 AM