نورۇزنامە
قۇتلۇق قوشتۇر
كۆكلەم پەيتى ئۆرۈك چېچەك ئاچقان كۈنى،
شەپە كېلەر تاغ-دالىغا باھار قىزدىن.
ئەگىز سۈيى ئاقار ئويناپ تارام-تارام،
يەر-زېمىننى ئويغىتىدۇ قارا قىشتىن.
تەبىئەتنىڭ بايرىمىدۇر نورۇز دېگەن.
خوراز چىللار يېڭىچە ئۈن-مەرغۇل بىلەن،
توۋلاپ جىمى مەۋجۇداتنى يېڭى تاڭغا.
كۈچۈك، ئاسلان، چۈجە، پاقلان يۈرەر سەكرەپ،
قارلىغاچلار ئۇۋا ياسار پېشايۋانغا.
جاندارلارنىڭ بايرىمىدۇر نورۇز دېگەن.
ئىلەڭگۈچتە ئۇچار يەڭگىل كېپىنەكتەك،
ئوسما قويۇپ ئوماق قىزلار قارا قاشقا.
ئوغۇللارغا تال چىۋىقى ئارغىماقتۇر،
چاڭ كەلتۈرۈپ چاپتۇرىدۇ شېغىل تاشقا.
سەبىيلەرنىڭ بايرىمىدۇر نورۇز دېگەن.
چېلىش ياساپ ئەركەك زاتى ئاتالغانلار،
كۈچ كۆرسىتەر بىلىكى توم پەھلىۋانلار.
كەڭ دالىدا ئات چاپتۇرۇپ بەيگە قىلىپ،
ئوغلاق تارتىپ جەڭگە چۈشەر ئارسلانلار.
مەرد يىگىتلەر بايرىمىدۇر نورۇز دېگەن.
مۇشائىرە قىلىشىدۇ شائىر-ئەدىب،
يېڭى باھار ئىلھامىدىن تۈزۈپ نەزمە.
گۈلخان يېقىپ كېچە مەشرەپ باشلىنىدۇ،
چاڭ كەلتۈرۈپ قايناپ كېتەر مۇقام-نەغمە.
ئەنئەنىلەر بايرىمىدۇر نورۇز دېگەن.
نورۇز ئېشى سۇنۇشىدۇ قوشنا-قۇلۇم،
ئۆزرە ئېيتىپ يەنە تەتۈر قاراشقانغا.
بوۋام ئېيتقان «تەڭ يېگەن ئاش تەنگە سىڭەر»،
ھەممە بىللە جەم بولىدۇ داستىخانغا.
ئۆم-ئىناقلىق بايرىمىدۇر نورۇز دېگەن.
ئۆي-ئۆيلەردە چىللە قوغلاپ تام-تورۇستىن،
پاكىزلىنار ھويلا-ئارام، كوچا-كويلار.
ئۈستىۋاشلار يېڭىلىنىپ باشتىن-ئاياغ،
خۇش تەبەسسۇم قىلار نۇرلۇق گۈل چىرايلار.
پاك، گۈزەللىك بايرىمىدۇر نورۇز دېگەن.
ئىش-ئەمگەكلەر قاينار ئەمدى ئېتىز-قىردا،
ھالال تەردە كۆكلەيدۇ يۇرت يەر-زېمىنى.
يېڭى يىلغا ئۈمىد بىلەن بەرىكەت تىلەپ،
دېھقان ئاكا ئالار قولغا كەتمىنىنى.
ئەجىر-مېھنەت بايرىمىدۇر نورۇز دېگەن.
ئاقساقاللار ئۇدۇم قىلىپ نەۋرىلەرگە،
قالدۇرىدۇ تارىخىنى، ئەنئەنىنى.
ئەۋلاد ھامان ۋارىس بولۇپ ئېسىل روھقا،
داۋام ئېتەر بۇ شادلىقنى، تەنتەنىنى.
ئۇيغۇرۇمنىڭ بايرىمىدۇر نورۇز دېگەن.
2014.3.21_ۋۇخەن
مەنبە:ئۆز ئىجادىيىتىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-22 09:15 AM