ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
36- پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنى سۆيۈشنىڭ ئىماننىڭ جۈملىسىدىن ئىكەنلىكى توغرسىدا
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن: سىلەردىن ھەرقانداق بىر كىشى مىنى ئۆزىنىڭ ئاتىسىدىنمۇ، بالىسىدىنمۇ ۋە بارلىق كىشىلەردىنمۇ ئارتۇقراق كۆرگەندىلا،
ئاندىن ھەقىقى مۆمىن ھىساپلىنىدۇ <ئاللاھتائالا قۇرئاندا: پەيغەمبەر مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىنمۇ چارىدۇر دىگەن>
37- سالام بىرىش ئىسلامنىڭ جۈملىسىدىن ئىكەنلىكى توغرسىدا
ئەممار ئىبنى ياسىر <ئۇ- ئەڭ ئىلگىرى مۇسۇلمان بولغان چوڭ ساھابىلەردىن بىرى.>مۇنداق دىگەن:ئۈچ تۈرلۈك خىسلەت بار، كىمكى بۇ خىسلەتلەرنى ئۆزلەشتۈرسە، ئىماننى تولۇق ئۆزلەشتۈرگەن بولىدۇ، بۇ خىسلەتلەر ئۆزىگە قارىتا ھەققانى بولۇش <ئۆزىگە قارىتا ھەققانى بولۇش دىگەنلىك ئاللا تەرپىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئىشلارنى تولۇق ئورۇنلاش، ئاللا چەكلىگەن ئىشلارنى قەتئى قىلماسلىق دىگەنلىكتۇر> ھەر بىر مۇسۇلمانغا سالام بىرىش، يوقسۇل تۇرۇقلۇق كەڭ قول <بۇنىڭدا ئىنتايىن سىخىلىق چىقىدۇ، چۈنكى يوقسۇل تۇرۇقلۇق كەڭ قول بولغان يەردە، قولىدا بار بولغاندا تىخىمۇ كەڭ قول بولىدىغانلىقى تەبى> بولۇشتىن ئىبارەت.
38- پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامغا يالغاننى چاپلىغان ئادەمنىڭ گۇنايى توغرسىدا
سەلەمە ئىبنى ئەكۋە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەپ رىۋايەت قىلىدۇ: كىمكى مەن دىمىگەن گەپنى مىنى دىدى دىسە، ئۇ ئادەم ئۆزىگە دەۋزەختىن جاي ھازىرلىسۇن.
ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن: ماڭا يالغاننى چاپلىماڭلار، ماڭا يالغاننى چاپلىغان ئادەم چوقۇم دەۋزەخكە كىرىدۇ < بۇ ئۇنىڭ جازاسىدۇر، تەۋبە قىلىپ تۈزەلسە، ئاللا كەچۈرىشى مۇمكىن. ئى ئاللا، ساڭا تەۋببە قىلدۇق، بىزنى كەچۈرگىن>
39- ئەسىرى نامىزىنىڭ پەزىلىتى توغرسىدا
جەرىر بەجەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىز بىر كىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بىلەن بىللە بولغان ئىدۇق، ئۇ ئاسماندىكى ئايغا قاراپ تۇرۇپ: سىلەر رەببىڭلارنى خۇددى مۇشۇ ئاينى كۆرگەندەك ھىچقانداق توسالغۇسىز ئوچۇق-ئاشكارە كۆرىسىلەر، كۈن چىقىشتىن بۇرۇن ۋە كۈن پىتىشتىن ئىلگىرى ئۇقۇلدىغان نامازنى (بامدات نامىزى بىلەن ئەسرى نامىزى كۆزدە تۇتىلىدۇ.-ت) ئىمكانىيتىڭلارنىڭ يىتىشچە ۋاقتىدا ئوقۇڭلار، دىدى.
ئاندىن مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇدى: كۈن چىقىشتىن بۇرۇن ۋە كۈن پىتشتىن ئىلگىرى رەببىڭگە ھەمدى بىلەن تەسبىھ ئىيتقىن" (سۈرە فاق، 39-ئايەت،-ت)
40-ناماز ۋاقتىدا غىزا تەييار بولۇپ قالسا قانداق قىلىش توغرسىدا
ھىشام ئىبنى ئۇرۇۋە ئائىشە ئىبنى رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن: نامازشام ۋاقتىدا كەچلىك غىزا تەييار بولۇپ قالسا، ئاۋال غىزانى يەۋىلىڭلار.
41- رۇكۇ ياكى سەجىدىدە ئىمامدىن بۇرۇن بىشىنى كۆتەرگەن ئادەمنىڭ گۇنايى توغرسىدا
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام: سىلەردىن بىر كىم ئىمامدىن بۇرۇن بىشىنى كۆتەرسە، ئۇ ئاللانىڭ ئۇنىڭ بىشىنى ئىشەكنىڭ بىشىدەك مۇبەددەل قىلىپ قويىشىدىن قورقمامدۇ دىگەن ياكى سۈرتىنى ئىشەكنىڭ سۈرتىدەك مۇبەددەل قىلىپ قويىشىدىن قورقمامدۇ، دىگەن.
42- جۈمەگە بىرىشتا خۇش پۇراق نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىش توغرسىدا
سەلمان فارىسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن: جۈمە كۈنى كىشى يۇيۇنۇپ، ئىمكانىيەتنىڭ يىتىشچە تازلىنىپ، ئۆزىنى مايلاپ ياكى ئۆزىدىكى خۇشپۇراقتىن< بۇنىڭدىن ئۆيدە خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ساقلاشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكى چىقىدۇ> ئىستىمال قىلىپ، ئاندىن بىرىپ ئىككى ئادەمنىڭ ئارىسىنى قىستىماستىن، بەلگۈلەنگەن نامازلارنى ئوقۇپ بولۇپ، ئىمام خۇتبە ئوقۇغۇچە جىم تۇرسا، ئاللا ئۇنىڭ بۇ جۈمە بىلەن ئىككىنچى جۈمە ئارلىقىدىكى گۇنالىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ.
43- جۈمە كۈنىدە يۇيۇنۇش توغرسىدا
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن: بالاغەتكە يەتكەن ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ يەتتە كۈندە<بۇ جۈمە كۈنىدىن ئىبارەت> بىر قىتىم يۇيۇنۇپ تۇرۇشى ئاللانىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ھەققىدۇر.
44-جۈمە كۈنىدىكى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىت توغرسىدا
ئەبۇ ھۈرەيرەدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام جۈمە كۈنى ئۈستىدە توختىلىپ: جۈمە كۈنىدە دۇئا ئىجابەت بولىدىغان بىر ۋاقىت بار، بىرەر مۇسۇلمان بەندە ناماز ئوقۇۋاتقان چاغدا شۇ ۋاقىتنى تىپىپ ئاللادىن بىرەر نەرسە تىلىسىلا، ئاللا ئۇنىڭ تىلىگىنىنى بەرمەي قويمايدۇ، دىگەن ۋە قولى بىلەن ئۇ ۋاقىتنىڭ قىسقىلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.
45- بالىسى ئۆلگەن ئادەمگە بولىدىغان ساۋاپ توغرسىدا
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ ئىيتىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن: بىرەر مۇسۇلمان ئادەمنىڭ بالاغەتكە يەتمىگەن ئۈچ سەغىرە بالىسى ئۆلۈپ كەتسە، ئاللا ئۇلارغا رەھمەت قىلىش يۈزسىدىن ئۇ ئادەمنىمۇ جەننەتكە كىرگۈزىدۇ.
قىرىنداشلار ۋاقىت مۇناسىېۋىتى بىلەن مۇشۇنچىلىك يوللىدىم، ئاللا خالىسا داۋامىنى يوللايمەن..
مەنبە: سەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى ۋە قەستىلانى شەرھى دىگەن كىتاپتىن ئالدىم.
2014-يىلى 3-21كۇنى