|
|
|
|
بۈگۈن يەنى خاسىيەتلىك نورۇز بايرىمى كۈنى باي ناھىيە سايرام بازارلىق ئوتتورا مەكتىۋدە 2014-يىللىق نورۇز بايرىمىنى تەبىرىكلەش ۋە سايرام بازىردىن چىققان پەخىرلىك ئۇيغۇر ئالىمى موللا مۇسا سايرامى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 178-يىللىقى،داڭلىق شائىر جامائەت ئەربابى نىمشېھىت ئارمىيە ئېلى سايرامى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110يىللىقىنى خاتىرلەش ئەدەبى-سەنئەت،زىھىن سىناش پائالىيتى ئۆتكۈزۈلدى.پائالىيەت جەريانىدا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار پائالىيەتكە ئاتاپ تەييارلىغان ئەدەبىي-سەنئەت نۇمۇرىلىرىنى ئۇرۇنلاش بىلەن بىرگە نۇرۇزنى قۇتلۇقلاپ شېئىر-قوشاق،ماقالىلىرنى ئوقۇشتى،نورۇز ئېشىغا ئېغىز تىگىشتى. مەكتەپ مەيدانىغا ئورنىتىلغان يۇرتىمىزدىن چىققان ئىككى بۈيۈك شەخسنىڭ ھەيكىلى ئالىدىدا يۇرىت
پەخىرلىرىگەبولغان چەكسىز سېغىنىش ھىسياتى ۋە ئارزو تىلەكلرىنى بىلدۈرۈشتى.پائالىيەت ئاخىردا نەتىنجىسى كۈرۈنەرلىك بولغان ئوقۇغۇچىلار ۋە سىنىپ كوللىكتىپلىرى تەغدىرلەندى. پۈتكۈل پائالىيەت قۇيۇق مىللىي كەيپىيات ۋە قاينام تاشقىنلىق ئىچىدە ئاخىرلاشتى.
مەنبە: ئۆزەم
|
|
|
|
|
|