شائىر بول
نۇردىن تىلۋالدى دىلكەش
رەززىللىككە مۇشىت ،پەشۋا ئاتالىساڭ شائىر بول،
دېڭىزىدا ئازابنىڭ ئاقالىساڭ شائىر بول،
داۋىنىدىن ھاياتنىڭ ئاقالىساڭ شائىر بول،
قىسمەتكىمۇ باغرىڭنى ئاچالىساڭ شائىر بول.
بىرنى- بىر دەپ قورقىماستىن يازالىساڭ شائىر بول.
شۆھرەت ئۈچۈن غۇرۇرنى ،پايخان ئېتىپ يۈرمەستىن،
شەرەپ قۇچسساڭ ،مۇنبەردە بىھۇش بولۇپ كۈلمەستىن،
تۇتسادۈشمەن گۈلدەستە ،مەستخۇش بولۇپ ئۆلمەستىن،
نېمە دېسە قول باغلاپ،شەرىتىگە كۆنمەستىن،
ئىبلىسلارغا گۆر-لەھەت قازالىساڭ شائىر بول.
مىزان قىلىپ ۋىجداننى ،يۈگەن سېلىپ نەپسىڭگە،
ئۆتەلىسەڭ گۈل تېرىپ،پەزىلەتتىن...قەلبىڭگە،
ئالقىش ياغسا ھەر قولدىن،مېھنىتىڭگە ،ئەجرىڭگە،
قۇيۇپ شۇ ئان ئاۋامنى چۇقۇم كۆڭۈل تەختىڭگە،
ئەل قەلبىدىن جاي،قەسىر ئالالىساڭ شائىر بول.
مەنپەئەت ئۈچۈن تۈلكىنىڭ ئۇۋىسىغا كىرمەستىن،
يوللۇرىدا نەپسىڭنىڭ قۇربان بۇلۇپ كەتمەستىن،
قىسمەتكە باي دېھقاننى،ساختا <<باي>>قىپ پۈتمەستىن،
<<موزايلىدى بۇقىسى...>>دەپ يالغاننى تۆكمەستىن،
دەرياسىدا چىنلىقنىڭ ئاقالىساڭ شائىر بول.
قۇيۇپ ھۆرمەت <<تەختى>>گە ئاتا-ئاناڭ،ۋەتەننى...
ياخشىلارنىڭ يولىغا تاشلاپ دادىل قەدەمنى،
ساختىلىقىتىن يىراق قىپ ،يازغىنىڭنى ،قەسەمنى،
زالالەتنىڭ تۈنىدە <<مەشئەل>>قىلىپ قەلەمنى،
زۇلمەتلەرگە شام -چىراق ياقالىساڭ شائىر بول.
شائىر ئەمەس- پەقەتلا شېئىر يازغان ھەممىسى،
لال قىلسىمۇ ئەقىلنى ،پۈتكەن غەزەل،نەزمىسى،
چىقىتى شۇلار ئىچىدىن شاللاق،ماڭقۇرت،تەلۋىسى،
سېتىپ غۇرۇر،ئىززەتنى..تېرىك ئۆلدى نەچچىسى،
شۇنداقلارنى دار ياساپ ئاسالىساڭ شائىر بول.
ھەمراھ قىلىپ بىر ئۆمۈر، ئادىمىيلىك ،ئەدەبنى...
شاللىۋەتكىن روھىڭدىن غەليان ئۇرغان شەرەبنى،
ساتماي قۇرۇق شۆھرەتكە ۋىجدان،ئىمان،مىللەتنى،
رەززىللەرگە قورال قىپ تۇتۇپ مەھكەم قەلەمنى،
ھەقىقەتكە خۇش كۈلۈپ،باقالىساڭ شائىر بول.
قالدۇرىدۇ شۇ قەلەم ،شائىرنى گاھ ئەلەمگە...
ئۇنىڭ سېھرى ئوخشايدۇ نازى تاتلىق سەنەمگە،
بولمىسىمۇ شەرەب-شان شېئىر يېزىش ئادەمگە،
چىن <<شائىر>>لار قىلىدۇ گاھى چاقچاق، خەتەرگە...
داۋىنىدىن خەتەرنىڭ ئاشالىساڭ شائىر بول.
2014-يىلى 19-مارت، ئۇچتۇرپان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نۇردىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-21 05:03 PM