ئىككى دېڭىز ئوتتۇرىسىدىكى پەردە ۋە دېڭىزدىكى قاراڭغۇلۇق توغرىسىدا
ئىنسان بىلمەيدىغان ياكى پەقەتلا كەسىپ ئەھلى بىلىدىغان ئىلىملەرنى قۇرئان- كەرىمنىڭ خۇددى يېقىندا تۇرۇپ بىۋاستە كۆرگەن كۆز كەبى تەسىۋىرلىگەنلىكى ئۇنىڭ پەقەت ئاللاھقا خاس بولغان قۇدرەتلىك ئىپادىلەرنى ئۆزئىچىگە ئالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ بىر شاھىدى مۇنداق:
گارىي مىللېرنىڭ نەقىل قىلىشىچە، بىر قانچە يىل ئىلگىرى مۇسۇلمانلاردىن بىرەيلەن كانادانىڭ تورىنتو شەھىرىدە كېمە پورتى تىجارىتى قىلغان،ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى دېڭىزدا ئۆتكۈزگەن بىر كىشىگە ئوقۇشى ئۈچۈن بىر قۇرئان- كەرىم تەرجىمىسىنى سوۋغا قىلغان. كىيىن بۇ كېشى قۇرئان- كەرىمنى ئوقۇغانسىرى چوڭقۇر تەسىرلەنگەن.ئۆزىگە قۇرئان- كەرىم ھەدىيە قىلغان مۇسۇلماندىن:
- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىر دېڭىزچىمىدى؟ دەپ سورىغان. چۈنكى بۇ كېشىگە قۇرئان-كەرىمنىڭ تەسۋىرلەشلىرى ئۇ كېشىگە قاتتىق تەسىر قىلغان ئىدى. بۇ ئادەمنىڭ ئۆزى دېڭىزدىكى دولقۇنلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئىدى.دېڭىزدىكى ھادىسىلەرنى تەسۋىرلەپ يازغۇچىنىڭمۇ بۇ ئەھۋاللارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بىر كىشى بولۇشى كېرەكلىكىگە ئىشىنەتتى.تۆۋەندىكى ئايەتتىكى تەسۋىرلەشلەر دېڭىزدىكى ئەھۋاللارنى بىر ئىنسان كاللىسىدا ئويلاپ چىقىپلا يازىدىغان مەلۇمات ئەمەس ئىدى:
«ياكى كاپىرلارنىڭ سېزىم،پىكىر ۋە ئەمەللىرى چوڭقۇر دېڭىزدىكى قاراڭغۇلۇققا ئوخشايدۇ،ئۇنى(يەنى دېڭىزنى) قاتمۇ-قات دولقۇنلار ۋە دولقۇنلارنىڭ ئۈسىتىدىكى قارا بولۇتلار قاپلارپ تۇرىدۇ. (مانا بۇ) قاتمۇ -قات قاراڭغۇلۇقلاردۇر، (بۇ قاراڭغۇلۇققا گىرىپتار بولغۇچى) قولىنى ئۇزاتسا بارماقلىرىنى كۆرەلمەيدۇ،ئاللاھ نۇر ئاتا قىلمىسا، كىم بولمىسۇن، نۇرنى كۆرەلمەيدۇ!» نۇر سۈرسى 40-ئايەت
بۇ تەسۋىرلەرنى چقۇم دېڭىزدىكى دولقۇنلارنىڭ قانداقلىقىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان بىرەيلەن يازغان بولىشى كېرەك ئىدى.شۇڭا:
«ياق! مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پۈتۈن ئۆمرىدە چۆلدە ياشىغان بىر ئادەمدۇر» دېگەننى ئاڭلاپ قاتتىق ھەيران بولدى.ئۆمىرىدە دېڭىزغا بېرىپ باقمىغان بىر كېشى بىلەلمەيدىغان بايانلار ئەڭ مۇكەممەل ھالدا قۇرئان-كەرىمدا مەۋجۇت ئىدى. ئۇنداقتا،قۇرئان-كەرىم چوقۇم ھەممىنى بىلگۈچى بىر قۇدرەت تەرىپىدىن ۋەھىي قىلىنغان.بۇنى چۈشىنۈپ يەتكەندىن كىيىن ئۇ تەرەددۇت قىلماستىن ئىسلامغا كىردى.
«ئۇ ئىككى دېڭىزنى (بىرنى تاتلىق، بىرنى ئاچچىق) ئاققۇزدى،ئۇلار ئۇچرىشىدۇ،ئۇلارنىڭ ئارىسىدا توسما بولۇپ،بىر-بىرىگە قۇشۇلۇپ كەتمەيدۇ.» راھمان سۈرىسى 19-20-ئايەتلىرىدە
بۇ ئايەتلەردە بايان قىلىنغان ھەقىقەت ئەسىرىمىزدە بايقالغان بىر قۇرئان-كەرىم مۆجىزىسىدۇر.يېقىنقى بايقاشلاردا ئىككى دېڭىزنىڭ بىرلەشكەن يېرىدە سۇلارنىڭ بىر-بىرىگە ئارىلىشىپ كېتىشىگە توسالغۇ بولىدىغان نامەلۇم بىر توسمىغا ئوخشاش،كۆرۈنمەس پەردىنىڭ بارلىقى ئېنىقلانغان. مەسىلەن: ئاق دېڭىز سۈيى بىلەن ئاتلانتىك ئوكيان سۈيى بىر-بىرىگە ئارىلىشىپ كەتمەيدۇ. ھەر ئىككىسى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالىدۇ.
جەبىلتارىق بوغۇزىدا گويا بىر ئىلاھى پەردە مەۋجۇت.
مىسسىسپىي ۋە چاڭجىياڭ دەرياسىغا ئوخشاش ئۇزۇن دەريالارنىڭمۇ بۇ خىل خۇسۇسىيتى بار .دەريالارنىڭ تاتلىق سۈيى بىلەن دېڭىزلارنىڭ تۇزلۇق سۈيىنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشى ئۇلارنىڭ قوشۇلىدىغان يېرىدە ئەمەس. بەلكى دېڭىزنىڭ ئىچىدە يۈز بېرىدۇ. بۇ ئىلاھى تەجەللى بولۇپ كۈنىمىزدە بايقالغان بىر ئىلاھى مۆجىزىدۇر.
بۇ جەھەتتە تۈركىيەنىڭ ئىستانبول ۋە چاناق قەلئە بوغىزىدىكى قوش يۆنىلىشلىك ئېقىمىنى مىسال كۆرسىتەلەيمىز. ئاق دېڭىزنىڭ تېخىمۇ قويۇق ۋە تۇزلۇق(1000\ 36)سۈيى تېگىدىن ئېقىپ بېرىپ قارا دېڭىزىغا؛قارا دېڭىزنىڭ تۇزى ئاز(1000\18)سۈيى ئۈستىدىن ئېقىپ بېرى ئاق دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ.
ئامېرىكىلىق دېڭىز مۇتەخەسىسى پروفېسسور ھېي ئۇزۇن يىللىق ئىلىمىي تەتقىقات نەتىجىسىدە شۇ ھەقىقەتلەرگە ئېرىشكەن:
بىپايان سۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر ئىلاھى قۇدرەت پەردىسى تارتىلغان.بۇ پەردە ئىككى دېڭىزنىڭ بىر-بىرىگە ئارىلىشىپ كېتىشىگە توسالغۇ بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دېڭىز سۈيىنىڭ بىر-بىرىگە ئېقىشىغا توسالغۇ بولمايدۇ.لىكىن بۇ ئېقىش ھەر ئىككى تەرەپنىڭ سۇلىرى ئۆتىدىغان تەرەپنىڭ سۈيىنىڭ خېمىيىۋى تەركىبىگە ئاساسەن تەڭشەلگەندىن كىيىن ئەمەلگە ئاشىدۇ. يەنە بۇ پەردە ئېقىشقا تېگىشلىكنى ئاققۇزۇپ،ئاقماسلىققا تېگىشلىك بولغىنىنى ئاققۇزمايدىغان قۇيوش سۈزگۈچنىك ئالاھىدىلىكى بار . چۈنكى دېڭىز -ئوكيان سۇلىرىنىڭ خۇسۇسىيتى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ ھەتتا ئىسسىقلىقى ۋە تۇزلۇقلۇق نىسىبىتى جەھەتتىمۇ ئۆز دائىرىسى ئىچىدە ياشايدىغان جانلىقىلارنىڭ تۈرلىرىگىچە ھەر بىرى ئايرىم بىر دۇنيانى تەشكىل قىلىدۇ.
پروفېسسور ھېيگە بۇ ھەقتىكى قۇرئان-كەرىم مەلۇماتلىرى كۆرسىتىلگەندە نۇرغۇنلىغان ئىلىم ئەھلى ھەيران قالغاندەك،ئۇمۇ ھاڭ-تاڭ بولۇپ مۇنداق دېدى:
«توغرىسىنى ئېيتقاندا، مەن بۇ بىلىملەرنى قۇرئان-كەرىمدا كۆرۈش بىلەن ناھايىتى ھەيران بولدۇم!بۇلارنىڭ ئىنسان سۆزى ئەمەسلىكىگە ئىشىنىمەن، بۇ بىلىملەر مۇتلەق ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن بولۇشى كېرەك!...»
شۇنىڭدىن باشلاپ پروفېسسور ھېي،قۇرئان-كەرىم ۋە ھەدىسلەرنى ئىنتايىن دېققەت بىلەن تەتقىق قىلغان.فىزىكا ئىلىمى بىلەن شۇغۇللنىدىغان ۋە قۇرئان-كەرىمنى چۈشىنىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ئالىملار مۇنداق دېگەن:
« فىزىكىدىكى بارلىق ھەل قىلغۇچى ئاساسلار ھەممىسى نۇقسانسز ھالدا قۇرئان-كەرىمدا يەر ئالغان. ئەلۋەتتە، بىزدىن كىيىنمۇ نۇرغۇن ھېكمەتلەرنىئىنسانلار كائىناتتىن بىلىپ ئۆگىنىدۇ.»
«رەخىمەت پەيغەمبىرىرىدىن رەخىمەت شاماللىرى ۋە قۇرئان-كەرىم مۆجىزىلىرى»،ئاپتۇر :ئوسىمان نۇرى توپباش؛تۈركچىدىن ئۇيغۇرلاشتۇرغۇچى :سۇمەييە؛ باشاق نەشىرىياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان،