ۋىجدان دېگەن بىباھا بايلىق،
نۇردەك چاقناپ كۆرۈنمەس كۆزگە.
باسقان چاغدا قاباھەت ھەقنى،
مەيدە مۇشتلاپ كېرىدۇ سۆزگە.
ۋىجدان دېگەن سەۋرچان سوتچى،
كالتا پەمدىن چىقارماس كېسىم.
ئالار مەزمۇت قولىغا شەمشەر،
ئەلگە زەرچە ئاشقاندا بېسىم.
ۋەجدان دېگەن يولباشچى سەركە،
باشلاپ ماڭغان يىراققا پادا.
بولۇپ كەلگەن يىرتقۇچقا ئۆرە،
قەيسەر روھى قوغدىغان ۋادا.
ۋىجدان دېگەن تاڭدىكى چولپان،
كارۋان تارتىپ قىلغاندا سەپەر.
ئامان قايتقان يۇرتىغا خوشال،
قۇچۇپ كونا ئۆتەڭدە زەپەر.
ۋىجدان دېگەن ئىلاھى قەسىر،
ئىچى-تېشە بېزەلگەن زەردىن.
كۈتۈپ تۇرغان رومانتىك سۆيگۈ،
قەلبى ئاتەش پەرىزات، ئەردىن.
ۋىجدان دېگەن ساماۋى بۇلاق،
ئېقىپ چىققان سۇلىرى سۈزۈك.
زەۋقى تېشىپ ياسىغان قاينام،
جۇشقۇن كۈيلەر ياڭرىغان تۈزۈك...
مەنبە: ئىجادىيىتىم