قېرىنداشلار نورۇزدا مۇڭداشقىلى يىغىلدۇق ،
بىر نۇرانە ئىقبالغا يول ئاچقىلى يىغىلدۇق .
خاسىيىتى نورۇزنىڭ يېڭىلانماق كائىنات ،
يېڭىلىقتىن ، پاكلىقتىن قۇت تاپقىلى يىغىلدۇق .
يۇرتىمىزمۇ نورۇزدا ئەلگە ساپتۇ دەستىرخان ،
بۇ گۈلباغقا ئۆملۈكتىن كۈچ قاتقىلى يىغىلدۇق .
نېمە يىتەر ئۆملۈككە ، ئىناقلىققا ، دوستلۇققا ،
بۆلۈنگەنگە ، بۆلگەنگە ئوق ئاتقىلى يىغىلدۇق .
ھازىرمۇ بار بىزلەردە خۇراپاتلىق ، نادانلىق ،
قول تۇتۇشۇپ شۇلارنى يوقاتقىلى يىغىلدۇق .
يالغۇز دېمەڭ بىزلەرنى ، بىز قېرىنداش ، يۈلەكداش .
يىقىلغاننىڭ قولىدىن تەڭ تارتقىلى يىغىلدۇق .
نەۋرۇزنىڭ 10 - كۈنى
جاغىستاي