|
|
|
|
ۋاشىنگىتون ئۇنۋېرسىتىتى پىروففىسورى بىلەن بىرگە...... ئامېرىكا سەپىرى 9-كۈنى ...--شۇنداق قىلىپ ۋاشىنگىتونغىمۇ بىرەر قۇر كونا بولۇپ قالدۇق...ئەتتىگەندە باشقا چوڭ يەيدغان ئىچىدىغان ئىش يوق،پەقەت ناشتىغا قەھۋە ئىچىپ،مىۋە چېۋە يەيدىغان گەپكەن... نېمىسىنى دەي، يۇرتتا كىشىلەر زورلاپ قەھۋەخانىلارغا كىرىپ بىرمۇنچە پۇلغا قەھۋە خاننىڭ ھوزورىنى سۈرىدۇ، ۋاي قويۇڭلا، بۇقەھۋەدېگەن نەسىنى ئامالسىزلىقتىن ئىچمىسە...بىر بەلەن چايلىرىمىز بار،ئەڭ ئەۋزىلى شۇكەن...ما مېۋە چىۋە دېگەننىنمۇ شىنجاڭدا يەيدىغان ئىشكەن،ئادەتتىكى بىر قاچىغا توشقۇزۇپ ئۇنىڭ بۇنىڭدىن ئالساق 6-7 دوللار بولۇپ قالدىكەن،يۇرتتىكى ۋاقىتلاردا ئات بەيگە مەيدانىدىكى قېرىنداشلىرىمىز ئەڭ ئەرزان چۈشۈرۈپ توۋلاپ سېتىۋاتسىمۇ يەنە بېرىپ باھادا تالاشقانلىرىم ئېسىمگە كەلدى...ئۇلارغا مۇلازىمەت ھەققى بېرىش يوق ،يەنە ئۇلاردىن ئەرزانراق ئېلۋىلىشنى ئويلايدىكەنمىز...بۇ يەردە تاماقنىمۇ ئۆزىڭىز ئەكىلسىز، ئۇلارنىڭ پەقەت نېمە يەيسىز دەپ سورىغىنىغا مۇلازىمەت ھەققى بېرىدىكەنسىز،يۇرتتىكى بوۋايلار،مومايلارنىڭ تۇخۇم سېتىپ ،قوناق قاقلاپ،قۇلاقلىرىنى قىزارتىپ توڭلاپ ،يەنە ئانچە مۇنچە بازار باشقۇرۇشلاردىن قېچىپ يۈرۈشلىرىنى ئويلاپ قالدىم،پۈتۈن جاپانى شۇلار تارتقان ،راھەتنى بىز باھا تالىشىپ تۇرۇپ ئالغان... چەتئەلنىڭ مويسىپىتلىرى ئۇنداق ئەمەسكەن...قېپقىزىل لەۋسۇرۇغلارنى سۈركەپ پائالىيتىنى داۋام قىلىۋاتقان... ۋەتەندىكى ۋاقتىمدا بىر مويسىپىتنىڭ 83 كە كىرگەنلىكى ،ئەمما يەنىلا تۇرمۇش ھەلەكچىلكىدە قوناق قاقلاپ سېتىۋاتقانلىقى، باللىرىنىڭ ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ، خىزمەت سەۋەبلىك يېنىغا كۆپ كېلەلمەيدىغانلىقىدەك بىر قاتار ۋەقەلىك ئۈستىدە پىكىرلەشكەنتىم... يەنە ئۇ بوۋام ئىنتايىن مەمنۇنىيەت ئىچىدە باللىرىدىن قاتتىق رازى ئىكەنلىكىنى،ئۆزىگە قىيىنچىلىق ،بېسىم چۈشۈرمەي ئۆز كۈنىنى ئۆزى كەچ قىلدىغانلىقىنى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ سۆزلەپ بەرگەن...ئەپسۇس بالىسىنىڭ قېيىنچىلىقىغا مېھرىبان ئاتا -ئانا چىدىمايدۇ...پەرزەنت كۆرمەسكە سېلىپ تۇرۇپ ھەممىگە چىدايدىكەن.....ئەلۋەتتە ،بىزنىڭ ئاتا -ئانىلىرىمىزمۇ دۇنيا ھاۋاسىدىن ئورتاق بەھرىمان بولىۋاتقانلاردۇر،نېمىشقا ئۇلارمۇ ئامېرىكىلىقلاردەك راھەتلىك ،ئازادە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ھوقوقلۇق ئەمەس؟ ئەسلى ئويلىسام شۇ ھوقوقنى بىز بېرەلمەپتۇق ۋە تولۇقى بىلەن ھېس قىلغۇزالماپتۇق...قاچان قارىسا زامان -ماكاندىن رەنجىگەننىڭ ئورنىغا بىرقىسىم ئىشلاردا ئۆزىمىز شارائىتقا بېقىپ ھەل قىلىش چارىسىنى ئويلانساق بولىدىغۇ؟. بىچچارە ئاتا ئانىلىرىمىز بىر ئۆمۈر بالا دەردىدە قېرىپ كېتىدىكەن..... شۇنداق قىلىپ بىر كۈنلۈك زىيارىتىمىز داۋاملاشتى،ئەڭ ئاۋال ۋاشىنگىتون ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پىراففىسورى،داڭلىق ژورنالىست شەنھان ئەپەندىم بىلەن زامانىۋىي ئاخپاراتلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئاخپاراتلارنى بويسۇندۇرۇش ۋە ھالاك قىلىشى قاتارلىق مۇھىم تېمىلاردا ئورتاقلاشتۇق..
ئەنئەنىۋىي تاراتقۇلارنىڭ بارا بارا دۇنيادىن يوقۇلۇپ ،شەخسىي ۋە يېڭى ئاخپارات ۋاستىلىرىنىڭ قەدكۆتۈرۈشىدىكى ،شۇنداقلا ئەنئەنىۋىي تارتقۇلارغا بولغان خىرىسلىرى ،دۆلەتنى تەرەققىي قىلغان،ئىناق بولىشىدا تۈرتكىلىك رولىنى جارىي قىلدۇرۋاتقانلىقىدەك بىر قاتار مۇھىم مەسىللەر ئۈستىدە ئەركىن ئازادە سۆھبەتتە بولدۇق...سۆھبەت ئاخىرلاشقاندا شەنھان ئەپەندىمگە خانزاد ئەتلەس شارپىسىنى سوۋغا قىلدىم..ۋە ئەتلەسنىڭ شىنجاڭدىكى قىممىتى ۋە سىمۋولىنى چۈشەندۈرۈپ قويدۇم...
ئۇ بىر قۇر كۆرۋىتكەندىن كېيىن بۇنىڭدىكى رەڭ ئىشلىتىش ،رەڭ ماسلاشتۇرۇشقا قايىل بولغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتۈپ ،ئۆزلىكىدىن شارپىنى تاقاپ ياراشتىمۇ دەپ ھەممىمىزنى كۈلدۈرۋەتتى...ئۇيغۇرلاردا سوۋغىلارنى نەق مەيداندا ئېچىپ كۆرۈپ، بۇنىڭدەك ئىپادىلەش ئەقلاقسىزلىق بولۇپ ئىپادىلنىدۇ،سوۋغىلارنى چىرايلىق ئېلىپ قويۇپ مېھمانلار كەتكەندە ئاندىن كۆرىمىز ،ئەمما مەن سوۋغا بېرىۋاتقان ھەربىر چەتئەللىك سوۋغىنى قاپلىرىدىن چىقىرىپ تەپسىلىي كۆرۈپ دەل ۋاقتىدا مىننەتدارلىقىنى ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن ئىپادىلەيدىكەن..دىمەك پىروففىسورغا ئۇيغۇر ئەتلىسىنى ئىنتايىن يۈزەكى ھالدا تونۇشتۇردۇم ..ئەمما ئۇ چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىپ يەنە بىر قېتىم كەلگىنىمدە چوقۇم مۇشۇ شارپا بىلەن ئالدىمغا چىقىپ كۈتۋالدىغانلىقىنى بايان قىلدى... سۆھبەت ئاخىرلاشقاندا چۈشلۈك تاماققا ئەتراپتىكى بىر تاللا ماگزىنىغا چىقتۇق،ئادەتتە بۇ يەرنىڭ تاللا بازىرى تاللا تاماقخانىغىمۇ ئوخشاشكەن...تاماق دەمسىز ياكى تۇرمۇش بويۇملىرى دەمسىز ھەممىسى بار ئىكەن..بۇلاردا مۇسۇلمانچە مەھسۇلاتقا بولغان ھۆرمىتى ئالاھىدە بولۇپ ئۆزى بىلمەيدىغان ھەرقانداق نەرسىنى بىۋاستە كېسىپلا ھالال دىيەلمەيدىكەن،سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ ئاخىرى ھېندىستاننىڭ نېنى دەپ بىر ناننى ھالال دەپ قېشىمغا ئەكەلدى...بىر نان 2.3 دوللاركەن ... ما شىنجاڭنىڭ نېنىنى ماۋۇ يەرگە ئېچىقىپ تونۇتالايدىغان ئىش بولسا ناۋايچىلىق قىلسىمۇ بولىدىكەن..ئاندىن تاللايدىغان مېۋە چىۋىلەردىن ئېلىپ چۈشلۈك غىزالاندۇق...ئامېرىكىدا ئاساسەن شىنجاڭدا كۆپ ئىستىمال قىلدىغان مېۋىلەرنىڭ ھەممىسى باركەن...ھەراس ئامېرىكىنىڭ قىزىل ،قارا ئۈژمىلىرى خېلى ئوبدان يېيىشلىككەن.. ------- ۋاشىنگىتون ---
ئامېرىكا سەپىرى 9-كۈن -- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە زىيارەت ، ئۇ يەردە كۆپىنچە بىرتوپ قارا تەنلىك ساقچىلار ئاپپاق كېيىملەرنى كىيىپ ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن... ئامېرىكا ۋاشىنگىتوندىكى ئىمارەتلەرىن 10 قەۋەتلىك ئىمارەتنى تاپماق خېلى تەسكەن...بۇ يەردە رايونىمىزدىكىدەك ئېگىز بىناغا چىقىۋالدىم دەپ خوش بولۇش ئەمەس،داچا تۈسىنى ئالغان ئىمارەتلەردە ئولتۇرۇشنى خوشاللىق دەپ بىلىدىكەن... ئالاھىدە يېرى شۇكى بۇ يەرنىڭ ئىشىكلىرى ۋەتەندىكى ئىمارەت ئىشكىلىرىدىن بىر ھەسىگە يېقىن ئېگىزكەن...دېمەك تورۇسى ئېگىز بولدىكەن..ئۆينىڭ تورىسىنىڭ ئېگىز لاھىيلىنىشىدە ئەركىن تەپەككۇرغا پايدىلىقتەك ھېس قىلدىم...ئادەم شۇخىل ئۆي ياكى ئورگانلاردا تۇرغىنىدا ئۆزىنى خۇددى تورىسى يوق بىر يەردە تۇرىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ كىشىگە باشقىچە ئازادە تۇيغۇنى بېغىشلايدىكەن...
ئامېرىكا (NPR)رادىئو ئىستانسىغا زىيارەت-- رادىئو شىركىتى ئۈزلۈكسىز تېخنىكا يېڭىلاپ يەنىلا ئەسلىدىكى ئورۇننى ئىگەللەپ قېلىۋىتىپتۇ،،بۇلارغا خېلى كۆپ خىرىسلار بولغان بولسىمۇ يەنىلا پۇت تېرەپ تۇرىۋىتىپتۇ، 40 نەچچە يەردە خەۋەر تارقىتىش مەركىزى ، 200 گە يېقىن مۇخبىرلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىكەن،،بۇلارنىڭ خىزمەت مۇھىتى ئۆزگىچە بولۇپ ئىچىدە رەسىمگە تارتىش مۇمكىن بولمىدى...
ئەمما پۈتكۈل خىزمەتچىلىرى ناھايىتى ئەركىن بولۇپ ،ئاشخانىسىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ،نەق مەيدان خەۋەر تارقىتىش ،خەۋەر تەھرىرلەش قاتارلىق مەشغۇلاتلار ئىنتايىن ئەركىن ئېلىپ بېرىلىدىكەن...زىيارەتتىن كېيىن رادىئو شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن كىمەپرىي،سكوتلار بىزگە بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات نىشانى، پۇل تېپىش شەكىللىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى...ئادەتتە بۇلارغا تەشكىلاتلار ياردەم قىلىدىكەن،شۇنداقلا بىرقىسىم مۇھىم خەۋەرلەرنى پۇلغا سېتىۋالدىكەن....مەخسۇس رادىئو خەۋرىدىن باشقا توربېكىتىگە مەخسۇس خەۋەر ئىشلەپ تارقىتىدىكەن...ئۇنىڭ دىيىشچە توردا ئەسلىدە بەرگەن خەۋەرنى ئۆز پېتى بېرىش باشقىلاردا زېرىكىشلىك تۇيغۇ بېرىپ قويىدىكەن،شۇڭا بۇلار خەۋەر بەرگەندە ئەڭ ئاز سۆز بىلەن،ئەڭ كۆپ مەنا ئىپادىلەپ ،كىشىلەرنى ۋاقتىنى تىجەشنى ئاساس قىلدىكەن.... ئامېرىكىدا مۇخبىر بولۇش ئۈچۈن ئالاھىدە ئىمتىھانلار يوقكەن...دۆلەتنىڭ ھەم بۇ خىل خەۋەر مەركەزلىرىگە ياردەم ياكى ئالاھىدە باشقۇرۇشلىرىمۇ يوقكەن...مۇشۇ ئورۇننىڭ ئىمتاھانىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۆز ئالدىغا مۇخبىرلىق كېنىشكىسىنى تارقىتىپ بېرىدىكەن...!
ئارىمىزدىكى بىرى خەۋەرلەرنى پۇلغا سېتىۋىلىپ تور بېكىتىدە قويغىنىدا باشقا بېكەتلەرمۇ ھەم خەۋەرلىرىنى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىدىغان ئەھۋال بار يوقلىقىنى سورىغاندا ،كۈلۈپ كېتىپ ئامېرىكىدا بىر كىشىنىڭ ياكى ئورۇننىڭ رۇخسىتىسىز بۇنداق قىلىق قىلىشنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى...شۇ تاپتا شىنجاڭدا بىر خەۋەرنى ھېچقايسىمىز ئەسلى تەرجىمانغا ياكى ئاپتورغا ھەق تۆلىمەيلا خالىغانچە ئوخشاش قىلىپ ھەممە يەردە ئىشلىتىشلىرىمىزنى ئويلاپ سەل خىجىل بولۇپ قالدىم...
|
|
|
|
|
|