يېقىملىق ناخشاڭنى باشلىغان سەھەر،
قىزىلگۈل بەرگىدەك تىترەيدۇ تېنىم.
مەستلىتىپ يۈرەكنى مۇھەببەت كۈيى،
گۈلخاندەك ئۇلغىيار قىزارغان سىنىم.
يېقىملىق ناخشاڭنى باشلىغان سەھەر،
ئەڭ گۈزەل ئاۋازغا ئايلىغار ئۈنۈم.
قاباھەت قاپلىغان تەشۋىشلىك چۈشتەك،
ئۇنتۇلار پەرىشان ئۇزىغان تۈنۈم.
يېقىملىق ناخشاڭنى باشلىغان سەھەر،
قۇياشتەك نۇرلىنىپ چاقنايدۇ كۆزۈم.
ياسايدۇ ئويغانغان دەريادەك ئۆركەش،
ئازابتا يۇشۇرۇپ ئېيتمىغان سۆزۈم.
يېقىملىق ناخشاڭنى باشلىغان سەھەر،
ئېچىلار قەلبىمدىن ئوقچىغان بۇلاق.
يوقايدۇ تارقىلىپ يىغلاڭغۇ ھالەت،
زوقلىنىپ ھەسرەتتە ئاڭلىغان قۇلاق.
يېقىملىق ناخشاڭنى باشلىغان سەھەر،
تۇيۇلار قۇچاقلاپ كەلگەندەك ۋەسلىم.
كۆرىنەر جۇدالىق تۇغىنى تاشلاپ،
بولغاندەك شەرمەندە قۇشۇندەك تەسلىم.
مەنبە:ئىجادىيىتىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-19 07:39 PM