ھايات شېرىن،مەنزىل بەك ئۇزاق، كېتىپ قالما مېنىڭدىن بالدۇر. جۇدالىققا قانداق چىدايمەن؟ كىتىپ قالما مىنىڭدىن بالدۇر.
گۈلبېغىمغا زىمىستان كىلەر. ۇت-شىۋرىغان مىنى خار ئېتەر. دوستلار يىغلاپ دۈشمەن خۇش كۈلەر. كېتىپ قالما مىنىڭدىن بالدۇر.
ئايلىنىدۇ بۇلاققا كۆزۈم، بىركۆرەلمەي ئاھ...سىنىڭ يۈزۈڭ. قايدىن ئىزلەي خۇش زۇۋان سۆزۈڭ؟ كېتىپ قالما مىنىڭدىن بالدۇر. كىتىپ قالساڭ يالغۇز قالارمەن، دەشت -چۆلدە سەرسان بولارمەن، ۋادەرىخا....سىنى دەپ ئۆتەرمەن، كىتىپ قالساڭ مىنىڭدىن بالدۇر. تەقدىر-قىسمەت تەتۈر بولسىمۇ، ئاچچىق ئازاب سىنى ئەزسىمۇ. قارا قۇيۇن يولۇڭ توسسىمۇ... كېتىپ قالما مىنىڭدىن بالدۇر.
ئۆزۈڭ مىنىڭ جانۇ -جاھانىم. ۋاپا-مىھىر پۈتمەس داستانىم. ئۆزۈڭ بولغاچ مەن خۇشال دائىم. كىتىپ قالما مىنىڭدىن بالدۇر. تەقدىربىزگە تەتۈر باقسا گەر، كەتسەڭ مىنى بىللە ئېلىپ كەت. ۋاپا -مىھر بىز بىلەن بولسۇن. كىتىپ قالما مىنىڭدىن بالدۇر.
گۈلمىسال يازمىسى
2014.3.19
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Gvlmisal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-19 06:34 PM
|