ئىككى نەپەر ئەسكەر ۋە ئۇرۇش پەرمانى
(تەرجىمە ئەسەر)
يىللاردىن 1912- يىلى. ئەنگىلىيە ھىندىستاننى ئىشغال قىلىدۇ. ھىندىستان پادىشاسى ئوسمان ئىمپىرىيىسىدىن ياردەم سورايدۇ. ئوسمان ئىمپىرىيىسى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇرۇش ئىچىدە بولسىمۇ ھىندىستاننىڭ ياردەم تەلىۋىنى رەت قىلماي 350 كىشىلىك بىر ئەسكىرى قىسىمنى پاراخۇت بىلەن ھىندىستانغا ئېۋەتىدۇ.
بۇ ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا 20 نەپەر ئەسكەر كېسەل بولۇپ ۋاپات بولىدۇ. قالغان 330 ئەسكەر ھىندىستانغا كېلىپ قۇرۇققۇققا چىققاندىن كېيىن ئىنگىلىزلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا باشلايدۇ.
ھېچقانداق ئارقا سەپ ياردىمى بولمىغان بۇ ئەسكەرلەر بىرقانچە كۈن ئۇرۇش قىلىدۇ. ئىلغار قوراللار بىلەن قوراللانغان، كۆپ ساندىكى ئىنگىلىز ئەسكەرلىرىگە قارشى ئۇرۇشقا كىرگەن بۇ قىسىمدىن40 نەپەر ئەسكەر ئەسىرگە چۈشىدۇ. قالغان ئەسكەرلەر ئۇرۇشتا شېھىت بولىدۇ.
ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئىنگىلىزلار ئەسىرگە چۈشكەن بۇ 40 نەپەر ئوسمان ئىمپىرىيىسى ئەسكەرلىرىنى پاراخۇتلاردا ئىشلىتىدۇ.
بىر قېتىم ئۇلار ئىشلەۋاتقان پاراخۇت ئاۋۇستۇرالىيەگە كەلگەندە ئۇ ئەسكەرلەردىن ئىككىسى بىر يولىنى قىلىپ قېچىپ كېتىدۇ.
بۇ ئىككى نەپەر ئەسكەر يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ بىر مەزگىل ئاۋۇستۇرالىيەدە ياشىغان بولسىمۇ ئۆز دۆلىتىگە كېتىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. بۇلارنىڭ بىرسى قارا دېڭىزلىق قاسساپ بولۇپ، ئىسمى مەنتەش ئوغلۇ ئىسمائىل. يەنە بىرسى تۇنجېلى ۋىلايىتىنىڭ دەرسىم دېگەن يېرىدىن تاراكچى ئوغلۇ ۋېلى بولۇپ، كەسپى كۆنچى.
شۇنداق قىلىپ بۇلار ئاۋۇستۇرالىيەدە ئۆز كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، جاھاندارچىلىق بىلەن ياشاش قاباشلايدۇ.
ئارىدىن 6 يىل ئۆتىدۇ. 1918- يىلى 1- دۇنيا ئۇرۇشىدا ئاۋۇستۇرالىيە ئوسمان ئىمپىرىيىسىگە قارشى بىرلەشمە سېپىگە قوشۇلۇپ، چاناققەلئەگە ئەسكەر ئەۋەتىدۇ.
بۇ ئىككى نەپەر ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ ئەسكەرلىرى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال بىر يەرگە كېلىپ قانداق قىلىش توغرىلىق ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىدۇ. ئاخىرىدا ئۇلار،
- بىز ئوسمان ئىمپىرىيىسىىڭ ئەسكەرلىرى. ھازىر ئاۋۇستۇرالىيەدە ياشاۋاتىمىز. ئاۋۇستۇرالىيە دۆلىتى ئوسمان ئىمپىرىيىسىگە قارشى ئۇرۇش باشلاپ، بىزنىڭ دۆلىتىمىزنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتتى. ئەھۋال بۇنداق بولغان ئىكەن، ئەمدى بىزمۇ ئاۋۇستۇرالىيەگە قارشى ئۇرۇش قىلىشىمىز كېرەك دېگەن قارارغا كېلىدۇ.
شۇنداق قىلىپ بۇلار قولىرىغا قەغەز، قەلەم ئېلىپ شۇنداق خەت يازىدۇ:
ھۆرمەتلىك،
ئاۋۇستۇرالىيە باش مېنىستىرى ئەپەندىم،
بىز ئىككى نەپەر ئوسمان ئىمپىرىيەسى ئەسكەرلىرى بولۇپ، سىزنىڭ دۆلىتىڭىزدە ياشايمىز. ئاڭلىشىمىزچە سىزنىڭ دۆلىتىڭىز ئاۋۇستۇرالىيە دۆلىتىمىز ئوسمان ئىمپىرىيىسىگە قارشى ئۇرۇش باشلاپ، دۆلىتىمىزنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن چاناققەلئەگە ئەسكەر ئېۋەتىپسىز.
بىزمۇ بۇندىن كېيىن ئىككى نەپەرئوسمان ئىمپىرىيەسى ئەسكىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئاۋۇستۇرالىيە دۆلىتىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلدۇق.
بۇ بىر ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ ئۇرۇش پەرمانىدۇر.
باش مىنىستىر ئالىيلىرىغا يوللاندى.
تۇنجېلىنىڭ دەرسىم دىيارىدىن،تاراكچى ئوغلۇ ۋېلى
قارا دېڭىز دىيارىدىن، مەنتېش ئوغلۇ ئىسمائىل.
بۇ ئىككى نەپەر ئوسمانلى ئەسكىرى سىدنىيدىن 250 ك.مېتىر كېلىدىغان يەردىكى قارلىق تاغلار دېگەن رايۇندا ئاۋۇستۇرالىيەگە قارشى ئۇرۇش باشلايدۇ. بۇلار دەسلەپ تۆمۈر يوللارنى بوزۇپ. 3 دانە پويىزنى يولدىن چىقىرىپ ئۆرىۋېتىدۇ. بۇ پويۇزلارنىڭ 3- پويىز ئەسكىرى ئەشيالار توشۇغان پويىز بولۇپ، ئۇلار بۇ پويىزدىن غەنىمەت ئالغان قوراللار بىلەن قوراللىنىدۇ. ئونىڭدىن كېيىن بۇ رايۇننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 8 جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىغا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، ھوجۇم قىلىپ، بارلىق ساقچىلارن ىئولتۈرۈپ تاشلايدۇ.
ئاۋۇستۇرالىيە ھۆكۈمىتى نېمەبولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالماي پاراكەندە بولۇپ كېتىدۇ. ئاخىرى ئىككى نەپەر ئوسمان ئىمپىرىيەسىنىڭ ئەسكەرلىرى يازغان خەت ئىقلىگە كېلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئاۋۇستۇرالىيە ھۆكۈمىتى ئۇ رايۇنغا 250 كە يېقىن ئەسكەر ئەۋەتىدۇ. بۇ ئەسكەرلەر قارلىق تاغلار رايونىغا يېتىپ كېلىپ ئۇ ئىككى نەپەر ئوسمان ئىمپىرىيىسى ئەسكەرلىرىنى ئىزدەشكە باشلايدۇ.
بىرقانچە كۈندىن كېيىن ئاۋۇستۇرالىيە ئەسكەرلىرى ئىككى نەپەر ئوسمان ئىمپىرىيىسى ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇچىرىشىدۇ. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك ئۇرۇش باشلىنىدۇ. ئىككى نەپەرئوسمان ئىمپىرىيىسى ئەسكىرى شېھىت بولىدۇ.
ھازىر ئۇ ئىككى نەپەر ئوسمانلى ئەسكىرىنىڭ قەۋرىسى سىدنىيدىن 250 ك. مېتىن يىراقلىقىتىكى قارلىق تاغلار رايونىدا بولۇپ، ئۇ قەۋرىلەرنى رېسىمغا تارتىش چەكلەنگەن.
ئاۋۇستۇرالىيەلىكلەر ئۈچۈن ئىككى نەپەر ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇشتۇق دېيىش ئېغىركېلىپ، ئۇ ئەسكەرلەرنى ھىندىستانلىق ئەسكەرلەر ئىدى دەيدۇ.
ئەمما ھىندىستاندا تۇنجېلى دىيارى دەرسىم دەيدىغان يەرمۇ يوق، قارا دېڭىز رايونى دېگەن يەرمۇ يوق.
http://mrelmas.blogcu.com/2-osmanli-neferi-avustralya-yi-isgal-ederse/927140
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yulghun997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-19 04:15 PM