قەلبىم نىداسى
بىز خوشلاشتۇق، مانا ئىككىمىز بىر يولدا قارشى يۆنىلىشتە كىتىۋاتمىز. سىنىڭ ئالدىڭدا يىقىلماسلىق ئۈچۈن پۇتۇم بىلەن ئەمەس ساڭا كۆيگەن سەن ئۈچۈنلا سوققان يۈرىگىم بىلەن كىتىۋاتمەن.
بۇ خوش دىگەن سۆزنى ئېيتماق شۇنچە ئاسانمىدۇ ، بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندا يۈرگىمنىڭ قانچېلىك ئاغرىغىننى بىلمەيسەن ، بۇ سۆزنى ئاڭلىغان قۇلاقلىرىم پاڭ بولسۇن.
مانا بىر ئېغىز گەپمۇ قىلالماستىن يېنىڭدىن ئايرىلدىم.
كىتىۋاتمەن . كۆزلىرىمدىكى ياشلار قەلبىمدىكى ئازاپلىرىمنى يۇيۇپ چېقىرىۋىتىش ئۈچۈن بولسا كىرەك توختايدىغاندەك ئەمەس.
كاشكى سەن بىلەن تۇنۇشمىغان، ساڭا كۆڭۈل بەرمىگەن بولسام، سىنى كۆرگەن كۆزلۈرۈمگە، ساڭا كۆيگەن يۈرۈگۈمگە لەنەت بولسۇن.
خوش ئاللاغا ئامانەت دىگەن چاغلىرىمدا خوش دىمە ساڭا كۆزۈم قىيمايدىكەن دىگەنلىرڭنى ئەجىبا شۇنچە تىز ئۇنۇتتۇڭمۇ؟ ساڭا خوشمۇ دىيەلمىدىم ، بەخىتلىك بول دەپمۇ ئېيتالمىدىم.
مەن قانداق خوش دىيەلەيمەن ، قانداق بەخت تىلىيەلەيمەن. مەندىن ئۈمۈدنى ، ئىشەنچنى تارتىۋالدىڭ.
بەلكىم رەھىمسىز يىللار ئىزلىرىڭنى ئۆچۈرەر، يۈرىگىمدە قالغان يارىنى كىم ئۆچۈرىدۇ. ماڭا ئېيىتقىنا كىم؟ !
مانا سىنى سېغنىۋاتىمەن. كۆزلىرىمنىڭ ئارقىغا قايرىلغىسى، پۇتلىرىمنىڭ سەن تەرەپكە يۈگۈرگىسى بار،
ئاھ خۇدا! ساڭا ئۆچمۇ بۇلالمىغىدەكمەن ، چۈنكى سىنى چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرگەن، بۇ ئۆمرۈمنى بىر ساڭىلا ئاتاشقا ئۆز-ئۆزەمگە ۋەدىلەرنى بەرگەن ئەمەسمىدىم.
ساڭا قايرىلىپ قاردىم، كۆزلىرىم ماڭا بويسۇنمىدى.
ئەنە كىتۋاتسەن، سەن بۇرۇن كۆيگەن ۋەدە - قەسەملەرنى قىلىپ ئۆزۈڭگە ئىشەندۈرگەن بىر قىزنىڭ ئارقاڭدا ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ كىتۋاتسەن. ماڭا قانچىلىك ئازار بەرگىنىڭنى بىلەمدىغانسەن؟
ئەمدى سىنى سۆيەلمەيمەن، بەلكى سۆيۈشنىمۇ ئۇنتۇپ قېلۋاتقاندىمەن.
يۈرگىمگە قويۇۋالدىم تاش،
قارلىق تاغنىڭ ئۈستىدىن ئېلىپ.
ئېرىمەيدۇ تومۇز كەلسىمۇ،
باھارنى ئۇ كۆرمىگەچ قېنىپ.
باھارنى سەن كۆرمەستىن ماڭا،
زىمىستاندىن خەۋەر بەردىڭغۇ.
قۇش سايرىماس ئەمدى بېغىمدا،
زىمىستاننى تاشلاپ كەتتىڭغۇ،
ئەمدى بىلگىن ئىككىمىز ئەڭ تونۇش ناتۇنۇشلاردىن بولۇپ ياشايمىز.
خەيرى-خوش ، مەن ئىشەنگەن ياق مىنى ئىشەندۈرگەن قەلپ.
مەنبە-ئىجادىيەت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulbaxikar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-19 05:02 PM