|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جامائەت ئالدىنقى قېتىم يوللىغان مۇراجەتنامىغا نىسبەتەن نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈردى شۇنداقلا ماددى-مەنىۋى جەھەتتە قوللىدى ،بىز ھەرۋاقىت ئۇلارغا تەشەككۈرلىرىمىزنى بىلدۈرىمىز شۇنداقلا ھەرۋاق نامىزىمىز دا بەختىنىڭ كەڭرى بۇلۇشىنى تىلەيمىز،ئەمما تېخى داۋالىنىش چىقىمىدىن خېلىلا يېراق،شۇڭا دوستلۇرۇمنى يەنە بىر ھەركەتكە كەلتۈرۈپ قىزچاقنىڭ قايتا ھاياتلىققا ئىرىشىشى ئۈچۈن بىرلىكتە كۈچ چىقىرايلىمىكى دىگەن ئۈمۈتتە.ماددى جەھەتتىن قوللىيالسىڭىز ماددى جەھەتتىن بولمىسا دوستلىرىڭىزغا ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭىزغا يەتكۈزۈپ ئۇلارنىڭ ياردىمىنى يەتكۈزسىڭىزمۇ بىز بەك مىننەتتار بۇلىمىز.باشقۇرغۇچى دوستلار مۇمكىن بولسا بۇ تىمىنى تەستىقلاپ قويساڭلا،اللا خالىسا ساۋابىڭلارنى كەڭرى قىلىدۇ.قول-قولنى يۇسا قول قۇپۇپ يۈزنى يۇيىدۇ،دىگەن گەپ بار،سىز قىزچاققا قىلغان زەررىچە ياخشىلىقىڭىزغا ئۇلۇغ اللەھ ھەسسىلەپ بىرىشى مۇمكىن،ھەممىڭلارغا كۆپتىن-كۆپ رەخمەت!
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قېرىنداشلار!
ئۇماق قىزىمىز ئالمىرە خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيە تۇزاقچى كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق بۇيىل 7ياشقا كىردى،ئەمدى ھاياتىنىڭ ئەڭ غۇبارسىز كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۋاتقان قىزىمىز تۇيۇقسىز قىززىپ بۇرنى قاناپ ھالسىز ھالەتكە كىلىپ قالدى،بۇ ئىشتىن ئەجەپلەنگەن ئاتا-ئانىسى قىزىنى دەرھال خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دۇختۇرخانىسىغا ئاپارىپ تەكشۈرۈش قىلدى،تەكشۈرۈش نەتىجىسى بۇ ئىككى ياش دىھقان ئاتا-ئانىنى ساراسىمگە سېلىپ قويدى،تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئىنىق قىلىپ قىزىمىز ئالمىرەنىڭ «ئاق قان كىسىلى»گە گىرىپتار بولغانلىقى ھەمدە دەرھال يۇقۇرى دەرىجىلىك دۇختۇرخانىغا يۆتكەشنىڭ لازىملىقىنى ئېيتتى،ئەتىسى قىزىمىز ئالمىرە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق دۇختۇرخانىسىدا تەكشۈرتۈش ئېلىپ بىرىپ ئاق قان كىسىلىنىڭ دەسلەپكى باشقۇچىدا ئىكەنلىكىنى جىددى يىلىك ئالماشتۇرسا ھاياتىغا خەۋپ يەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە داۋالىنىش چىقىمى ئۈچۈن بەش-ئالتە يۈزمىڭ يۇەن ئەتراپىدا پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى،بىر دىھقان ئائىلىسى ئۈچۈن بۇنچىلىق جېق پۇلنى تەييارلاش ھەقىقەتەن مۈشكۈل ئىش.
ئۇماق قىزىمىز ئالمىرە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق دۇختۇرخانىسى جىددى قۇتقۇزۇش بۈلۈمى 7-قەۋەت 5-كارىۋاتتا داۋالىنىۋاتىدۇ!
مەن بۇ ئۇچۇرنى ئاڭلاپ ئۆزۈم دۇختۇرخانىغا بېرىپ ئەھۋالنى ئۇقۇپ ئاندىن ئۇلارغا ۋاكالىتەن بۇ مۇراجەتنامىنى يازدىم.
كۆپنىڭ كۈچى كۆپ قېرىنداشلىرىم،ھەرقايسىمىز ئاز-ئازدىن ياردەم قىلالىساقمۇ ئەشۇ قىزىمىز قايتا ھاياتلىققا ئىرىشەلىشى مۇمكىن.ئەگەر ئۆز كۈزى بىلەن بېرىپ يوقلايدىغان كىشىللىرىمىز بولسا ئالمىرە ھازىر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق دۇختۇرخانىسى جىددى قۇتقۇزۇش بۈلۈمى 7-قەۋەت 5-كارىۋاتتا داۋالىنىۋېتىپتۇ.قىزىمىزغا قىلغان ياخشىلىقىڭلا ئۇلاردىن يانمىسا ئۇلۇغ اللەھ دىن يانا.
مەن ئالدىنقى قىتىم ئۇماق قىزىمىز ئالمىرەنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ۋاكالىتەن يوللىغان مۇراجەتنامىنى كۆرگەن قېرىنداشلىرىمىز نىڭ ئىنكاسى ناھايىتى ياخشى بولدى،بەزى قېرىنداشلىرىمىز ئۆزلىرى بېرىپ كۆڭلىنى بىلدۈرۈپ ئەھۋالنىڭ ھەقىقى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى،بىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇق شۇنداقلا مىھىر-مۇھابەتنىڭ يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يەنىلا ناھايىتى ئاق كۆڭۈل مىھرىبان ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تۇنۇپ يەتتۈك،رەخمەت سىلەرگە. قىلغان ياردىمىڭلار بىزدىن يانمىسا ئۇلۇغ اللەھ دىن يانا ئۇلۇغ ئاللا بىرنىڭ ئورنىغا مىڭنى بىرە!
بەزى قېرىنداشلىرىمىز ئىئانە قىلىش جەريانىدا قىيىنچىىلىققا يۇلۇققانلىقىنى ھەمدە تاۋباۋ تورى ئارقىلىق ئىئانە قىلىشنى ئۈمۈد قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ تىمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن.
توربانكا كارتىسى ئارقىلىق پۇل ئىئانە قىلماقچى بولغان دوستلارغا:
پوچتا بانكىسى:6221508960000644334
سودا-سانائەت بانكىسى:6222023002011669424
بۇ ئىككى كارتىنىڭ نامى مىنىڭ نامىمدا يەنى مۇرات سابىر 穆拉提.萨比尔
تاۋباۋ تورى ئارقىلىق ئىئانە قىلماقچى بولسىڭىز:http://item.taobao.com/item.htm?id=37863525356
ئەسكەرتىش:ھەممەيلەنگە قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن تاۋباۋ تورىدا ئىئانە قىلماقچى بولسىڭىز باھاسىنى ئۈزىڭىز بىكىتىپ سۆز قالدۇرۇپ قويسىڭىز لا بۇلىدۇ. رەخمەت سىلەرگە!
ئالاقىلىشىش نۇمۇرى:13999846446
باشقۇرغۇچىلار تەستىقلاپ قويساڭلار،ئاللا ئەجرىڭلىنى بىرە،شۇ سەۋەپ ئەشۇ نارسىدە قىزىمىز ساقىيىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
|
|
|
|
|
|