مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2678|ئىنكاس: 19

ئالەمنىڭ بارلىققا كېلىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77212
يازما سانى: 779
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5779
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 249 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 01:15:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئالەمنىڭ بارلىققا كېلىشى

   كائىناتنىڭ تۇنجى ماددىسىنڭ نېمە ئىكەنلىكى ۋە قانداق يارىتىلغانلىقى ھەققىدە ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بېرى بىر قىسىم نەزىرىيلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىنسانلار ئاسمان ھەققىدە پەرقلىق كۆز قاراشلاردا مۇھاكىمە ئېلىپ بارماقتا .بۇ مەسىلەرنى قۇرئان-كەرىم ئايەتلىرى بىلەن تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ.

ئايەتلەردە:

    «كاپىرلار بىلمەمدۇكى، ئاسمانلار بىلەن زېمىن بىر-بىرىگە تۇتاش ئىدى،ئۇلارنى ئايرىۋەتتۇق.ھەممە جانلق مەۋجۇداتنى سۇدىن ياراتتۇق،ئۇلار (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە) ئىشەنمەمدۇ؟»[1]«ئاندىن ئۇ ئاسماننى (يارىتىشىقا) يۈزلەندى. ھالبۇكى،ئۇ تۇمان ھالىتىدە ئىدى. ئاسمان بىلەن زېمىنغا:‹ئىختىيارىي ياكى ئىختىيارسىز ھالدا كېلىڭلار(يەنى ئەمرىمنى قوبۇل قىلىڭلار)›دېدى.ئىككىلىسى : ‹ئىختىيارىي كەلدۇق›دېدى. »[2]  ئاللاھ ئىككى كۈن ئىچىدە زېمىننى ياراتتى.ئۇ زېمىن ئۈسىتىگە تاغلارنى پەيدا قىلدى، ۋە زېمىنغا بەخت –سائادەت ئاتا قىلدى،يەنە تۆت كۈن ئىچىدە بەندىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كېرەكلىك نازۇ- نېمەتلەرنى تەيلىدى،ئۇ پۈتۈنلەي تۇمان بىلەن قاپلانغان پايانسىز ئەرشتە تۇرۇپ، زېمىن بىلەن ئاسماندىن :

-بىز ھۇزۇرۇڭغا كېلىشنى خالايمىز –دەپ جاۋاب كەلدى.

    ئاللاھ ئەرش كۇرسىدا ئولتۇردى ، ئۇ كۈن بىلەن ئاينى ئۆز ئوقۇدا مۇئەييەن ۋاقىت بويىچە ئايلىنىشىقا بۇيرىدى، ئاندىن پەرىشتىلەرنى ياراتتى، پەرىشىتىلەر ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئوقۇدى،سەجدە قىلدى،ۋە ساداقەتمەنلىك

بىلەن ئىتىكاپتا تۇرۇپ ئىبادەت قىلدى.

    ئاندىن ئاللاھ يەنە ئادەم ئەلەيھىسالامنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى  يارىتىپ،ئۇنى زېمىندا تۇرۇشقا بۇيىرۇماقچى بولدى. [3]شەك شۈبھىسىزكى ئاسمان ۋە زېمىنلارنىڭ يارىلىشىدا ، كېچە بىلەن كۈندۇزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ، ئەقىل –ئىگىلىرى ئۈچۈن ئەلۋەتتە روشەن دەلىل بار.

ئاسمان ۋە زېمىننىڭ يارىلىشى توغرىسىدا ، ئاسمان قانداق ئېگىز قىلىندى، تاغلار قانداق تۇرغۇزۇلدى،زېمىن قانداق يېيىتىلدى [4] سەن (ئۇلارغا)ۋەز- نەسھەت قىلغىن، سەن پەقەت (ئۇلارغا)ۋەز-نەسھەت قىلغۇچىسەن.[5]

قۇرئان-كەرىم ئاللاھنىڭ ئىلاھى قۇدرىتىنى قەلبىمىزدە چوڭقۇر چۈشىنىپ بىلىشىمىز، ھەر زامان ئىسىمىزدە چىڭ ساقلىشىمىز ئۈچۈن پات-پات ئاسمان ھەققىدە مىسال كەلتۈرىدۇ.مۈلك سۈرىسىدە مۇنداق دەيدۇ:

« سەن (ئاسمانلارغا) تەكرار قاراپ باققىنكى، بىرەر يوچۇقنى كۆرەمسەن؟ ئاندىن سەن يەنە ئىككى قېتىم قارىغىن، كۆزۈڭ (ئاسمانلاردا بىرەر نۇقساننى تېپىشتىن) ئۈمىد ئۈزگەن ۋە تالغان ھالدا قايتىدۇ.»[6] يەنە ئۇلۇغ ئاللاھىمىز بىزدىن ئاسىماندا بىرەر قاتناش ۋەقەسى، بىرەر قالايمىقانچىلىق كۆردۈڭمۇ؟ يۇلتۇزلارنىڭ بىر-بىرىگە سوقۇلغانلىقىنى كۆردۈڭمۇ؟دەپ سوراۋاتقاندەك قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىلاھى ئىنتىزام ئىچىدە تەرتىپلىك ھەرىكەت قىلىدۇ. ئاللاھ قۇياش ،ئاي توغرىسىدا مىسال بىرىدۇ. قۇياشنىڭ ئۆز ئوربىتىسىدا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئىشارەت قىلىدۇ. ئىلىم –پەن يېقىنىقى زامانغا قەدەر بۇ ھەقىقەتنى تېخى بايقاپ بولالمىغان ئىدى. شۇڭا ئىنسانلار16-17-ئەسىرلەردە دۇنيا جىم تۇرامدۇ؟ يۇملاقمۇ؟ تۈزمۇ؟ قۇياش ئايلىنامدۇ ياكى دۇنيا ئايلىنامدۇ؟..دەپ تالاش-تارتىش قىلىشاتتى.

16-ئەسىردە گالىلېي يەر شارى ئايلىنىدۇ دېگەنلىكى ئۈچۈن خىرىسىتىئان دىنىي سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.خرىسىتىيئان دىنىغا قارشى ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. گالىلېي جېنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن:«خاتالىشىپتىمەن، يەر شارى ئايلانمايدىكەن» دەپ جازادىن ئامان قالغان. سوت مەھكىمىسىدىن چىقىۋاتقاندا دوستلىرىغا: «مەن يەر شارى ئايلىنىدۇ، ئايلانمايدۇ دېسەم بەرىبىر، يەر شارى يەنىلا ئايلىنىۋىرىدۇ.»دېگەن.

    گالىلېي بۇ مەلۇماتىلارنى ئابباسىلار دەۋرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بايقاشلىرىدىن بىلگەن. ئۇ دەۋىردە مۇسا ئاكا –ئۇكىلار سىنجار رايونىدىكى تەكشۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە بىر مېردىئان يايىنىڭ 360 گرادۇس، بىر گرادۇسقا تەڭ كەلگەن مۇساپىنىڭ106-2\3كلومېتىر ئىكەنلىكىنى، يەر شارىنىڭ ئايلانمىسىنىڭ 8000پەرسەخ (①پارسىچە ۋە ئەرەپىچە بىرلىك بولۇپ تەخمىنەن39مىڭ كلومېتىر)ئىكەنلىكىنى ھېسابلاپ چىققان. كۈنىمىزدىكى زامانىۋى ئەسۋابلارنىڭ تەكشۈرۇش نەتىجىسىدە يەر شارىى ئايلانمىسىنىڭ 40مىڭ كلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى . بۇ رەقەملەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق چوڭ ئەمەس.[7]

    كۈنىمىزدىكى ئالەم فىزىكىچىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشى يۇقىرىقى ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا ئۇيغۇن كەلمەكتە.

   توكيو ئىلمىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور- يۇشىلى كوزەينغا، يەرنىڭ شەكىللىنىشى ھەققىدىكى قۇرئان-كەرىم بىلىملىرىنى سۆزلىگەندە ئۇ:

-        بۇ كىتاب قاچان نازىل بولدى ؟ دەپ سوردى .

-     1400يىل ئىلگىرى. دەپ جاۋاب بېرىلگەندە ئۇ ناھايىتى ھەيران بولۇپ

مۇنداق دېدى:

-     شەك-شۈبھىسىزكى، بۇ كىتاب كائىناتقا ئېگىزدە تۇرۇپ نەزەر سالماقتا. قاراڭلار! بارلىق نەرسىلەر ئىنچىكە تەپسىلاتىغا قەدەر تولۇق بار، ھەم تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان مۇكەممەللىكتە تەسىۋىرلەنگەن، ئۇنىڭدا كەم قالغان بىر نەرسە يوق!

پروفېسسور يۇشىلى بۇ قېتىملىق دوكلاتىدا ئاسمان–زېمىندىكى جىسىملارنىڭ شەكىللىنىشى ھەققىدە زامانىمىزدىكى ئىلىمىي تەتقىقاتلارنىڭ ناھايىتى ئېنىق بايقاشلارنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن. دەل بۇ ۋاقىتتا بىرەيلەن ئۇنىڭغا قۇرئان-كەرىم بەرگەن. پروفېسسور قۇرئان-كەرىمدىكى بۇ ئايەتنى كۆرۈپ قاتتىق ھەيران قالغان. قۇرئان-كەرىم بۇ شەكىللىنىش ھالىتىدىكى مەۋجۇتلىقىنى «دۇخان» دەيتتى. بۇ ئىزاھلاش پروفېسسورنىڭ ئىدىيسىگە قاتتىق تەسىر  قىلغان. چۈنكى بۇ ۋاقىتقىچە ئىلمىي تەتقىقاتلاردا گاز جۇغلانمىسىنىڭ پارتىلىشى نەتىجىسدە كېلىپ چىققان شەكىلنى «سىس» (تۇمان) سۆزى بىلەن ئىپادە قىلغان. ئەمەلىيەتتە ،سىس (تۇمان) قىسمىدا بار بولغان سوغۇقلۇق ۋە سۇغا ئوخشايدىغان ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۇنى بۇنداق ئىزاھلاشقا بولمايدۇ. قۇرئان-كەرىم «دۇخان» ، يەنى «ئىسسىق تۇمان»دەپ ئاتاپ  ئەمەلىي چۈشەندۈردى. ھەمدە مەۋجۇت ئەكىس تەسىرلەرنى ئىپادىلەش بىلەن بىرلىكتە پارتىلاشتىكى ھارارەتنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. بۇ سەۋەبتىن قۇرئان-كەرىم ئىلىم –پەن ئاچالمىغان بىر ئىشىكنى 1400يىل ئىلگىرى ئېچىپ ، ئىنسانلارنى ئۇلار يېڭى بايقىغان مۇكەممەل بىر ھەقىقەت بىلىمىگە ئىگە قىلدى.ھەقىقەتەن،ئايەتلەر بۇ مۆجىزىنى ئېنىق بايان قىلىپ بەردى.

QQ图片20140319130828.jpg

بۇ رەسىم تارتىلغان رەسىم،«دۇخان» ، يەنى «ئىسسىق تۇمان»

     پروفېسسور يۇشىلىغا ئىلىم- پەننىڭ بىر قىسىم سىرلارنى بايقىغانلىقىنى،قۇرئان- كەرىمنىڭ بۇلارنى ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويۇپ بولغانلىقى سۆزلەنگەندە ئۇ مۇنداق دېگەن:

-« بۇ بىلىملەرنىڭ بىر ئىنسان سۆزى بولىشى مۇمكىن ئەمەستۇر. چۈنكى بىز ئىلىم ئەھلى پەقەتلا بۇ ساھە ئۈستىدە مۇتەخەسسىسلىشەلەيمىز،ئەمما قۇرئان-كەرىم پۈتكۈل كائىنات ساھەسىدىكى مەلۇماتلار، ھەتتا بۇنىڭدىمۇ كۆپ ساھەلەردىكى مەلۇماتلارنى مۇكەممەل شەكىلدە ئۆز ئىچىگە ئېلىپ ئىزاھلىغان. بۇنداق كەڭ دائىرىلىك ساھەگە تارقالغان ئەڭ توغرا، ئەڭ مۇكەممەل بىر ئىلمىي ھەقىقەتنى ھەر قانداق بىر ئىنساننىڭ ئوتتۇرىغا قويالىشى مۇمكىن ئەمەستۇر. بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىلمىي ھاياتلىقىمنى قۇرئان-كەرىمغا قارىتىمەن، ئىلگىرىكى نەزەر دائىرەمنى قۇرئان-كەرىم بىلەن كىڭەيتىمەن! »

    ئالەمنىڭ شەكىللىنىشى توغرىسىدا بىرىلگەن پروگرامىدا  يەنە مۇشۇ  يېقىنقى 2011-يىلى 11-12-ئاي ئەتراپىدىكى بىر يەكشەنبە كۈنى CCTV-10قانىلىدا چۈشتىن بۇرۇن ئالەم توغرىسىدا  دېگەن بىر ھۆججەتلىك  فىلىمدە بىر ئاستېرنومىيە ئالىمى ئالەمنىڭ شەكىللىنىشى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن:

«كائىنات مۇنداق شەكىللەنگەن، ئالەمدە بىر كىچىك كۆك نۇر شىددەت بىلەن پارتىلاپ يەنى نۆل پۈتۇن  مىليون مىليون مىليون مىليون مىليون مىليون مىليون مىليون مىليون مىليون مىليون ...دەن بىر سېكۇنت ئىچىدە ئالەم شۇنداق تېزلىك بىلەن كىڭەيگەن ھەمدە شۇنداق كېڭىيىۋاتىدۇ ھەم بۇ كائىنات بۈگۈنكى دەۋىرگە كەلدى، ھەم ئالەم تارىيىشىمۇ مۇمكىن ، بىراق بىز ئالەم بوشلۇقىدا يەنە ئىنسانلار بار ياكى يوق دېيەلمەيمىز؛ شۇڭا كائىناتتا يەنە بىزگە ئوخشاش ئىنسانلار مەۋجۇت، ئالەمنىڭ  چېكى بار دېسەك ئۇ ھالدا بىز ئالىملار ئاشۇ كۆك نۇر پارتىلىغان جاينى ئالەمنىڭ چېكى دەپ قارايمىز ھەمدە يەنە كىلىپ شۇ جاي دەل ئالەمنىڭ چېكى بولمىسا ئۇنداقتا بۇ كۆك نۇر پارتىلىغان جاي دەل ئالەمنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدۇ ، شۇڭا بىزنىڭ قۇياشتىن يەنە نۇرغۇن نەچچە مىليارت قۇياش بولۇشى مۇمكىن» دەپ كۆرسەتكەن.

QQ图片20140319130852.jpg

بۇ ئىككى پارچە رەسىم تۇرغۇن يۇلتۇز شەكىللىنىدىغان قىسمى (تارتىلغان رەسىم

QQ图片20140319130945.jpg

)

    قۇرئان- كەرىمدە يەنە مۇنداق بايان قىلىنغان:ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ:

«ئاسماننى قۇدرىتىمىز بىلەن بىنا قىلدۇق ۋە بىز(ئۇنى) ئەلۋەتتە كېڭەيتەلەيمىز.» [8]

بۇ ئايەت نازىل بولغاندا يەر شارى ، قۇياش ۋە كائىنات توغرىسىدا ئىشەنچىلىك بىر بىلىم يوق ئىدى.زامانىمىزدىكى تەرەققىياتلار نەتىجىسىدە ئايەتنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنگىلى بولىدىغان بولدى.

ئايەتتىكى «سەما»(ئاسمان)كەلىمىسى يەر شارىنىڭ سىرتىدىكى كائىناتنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قوللىنىلغان. بۇ ھالدا جانابى ئاللاھ كائىناتنى كېڭەيتكەنلىكىنى خەۋەر قىلماقتا. «لموسغون: كېڭەيتكۈچىمىز، كېڭەيتىۋاتىمىز» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان بۇ كەلىمىنىڭ بېشىدىكى «لە»قوشۇمچىسى كەلىمىنىڭ مەنىسىگە «تېخىمۇ كۆپ » دېگەن مەنىنى قوشىدۇ. دەرۋەقە بۇنىڭغا ماس ھالدا 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئىلىمىي بايقاشلار كائىناتنىڭ تېز سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتىقانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى.[9]

    يارىتىلغان كۈندىن ئېتىبارەن تېز سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتقان كائىنات دائىرىسى مۇئەييەن بىر ھالەتكە كەلگەندە تارتىش كۈچى سەۋەبىدىن توختايدۇ ۋە ئۆز ئىچىگە قاراپ چۆكۈشكە باشلايدۇ.ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سىتانفور ئۇنۋېرستىتىدىكى فىزىكا پروفېسسورى رېناكاللوش ۋە ئادرەي لىندې مۇنداق  دەيدۇ:

«كائىنات كىچىكلەشگە ، يوقۇلۇشقا قاراپ ماڭماقتا.  بىز كۆرەلەيدىغان ۋە كۆرەلمەيدىغان بارلىق جىسملار بىر پىروتوندىن تېخىمۇ كىچىك بولغان ھالاتكە كېلدۇ، خۇددى بىر قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدىكىدەك...».

ئىلىم-پەن يېڭىدىن بايقاۋاتقان بۇ ھادىسىگە 14ئەسىر ئىلگىرى قۇرئان-

كەرىمدە مۇنداق بىشارەت بېرىلگەن :

« ئۇ كۈندە ئاسماننى (پۈتۈكچى) نەرسە يېزىلغان قەغەزنى يۆگىگەندەك يۆگەيمىز. مەخلۇقلارنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالىتىدە ئەسىلىگە قايتۇرىمىز.(بۇ) بىز ئۈستىمىزگە ئالغان ۋەدىدۇر، (ئۇنى) چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىمىز.» [10] «ئۇلار ئاللاھنى ھەقىقىي رەۋىشتە تونۇمىدى. قىيامەت كۈنى زېمىن پۈتۈنلەي ئاللاھنىڭ چاڭگىلىدا بولىدۇ، ئاسمانلار ئاللاھنىڭ ئوڭ قولىدا قاتلىنىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ شىرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر.»[11]

قۇرئان-كەرىم كائىناتنىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا ئاسمانلار بىلەن زېمىننىڭ دەسلەپتە بىر-بىرىگە تۇتاش بولۇپ، كىيىن ئايرىلغانلىقى [12] ئاسمان–زېمىننىڭ يارىتىلىشىنىڭ ئالتە كۈن(مۇددەت، باسقۇچ،دەۋىر)دە تاماملانغانلىقى، [13]ئاسمانلارنىڭ تۈۋرۈكسىز يارىتىلغانلىقى،[14]كەمچىللىكسىز يەتتە ئاسمان قىلىنىپ يارىتىلغانلىقى،[15]ئاي، قۇياش ۋە يۇلتۇزلارنىڭ ئۆزىگە خاس پەلەكتە(ئوربىتىدا)ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى(ئايلىنىدىغانلىقى)،[16]يۇقىرىغا ئۆرلىگەنسىرى ھاۋا بېسىمىنىڭ تۆۋەنلەيدىغانلىقى،ئوكسىگېننىڭ ئازلايدىغانلىقى...قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردىن خەۋەر بەرگەن. كۈنمىزدە بۇ ھەقتىكى ئىلىمىي تەتقىقاتلارمۇ قۇرئان-كەرمدىكى بۇ بىلىملەرنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىماقتا.

    ئاللاھ بەندىلىرىگە دائىم: «ئويلان، تەپەككۇر قىل، ئەقلىڭنى ئىشلەت!»دەيدۇ. بىلىنگەنلەرگە قارىغاندا بىلىنمىگەنلەر كۆپ بولغان بىر دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. مەسىلەن: بىر ئاتومنى ئېلىپ ئېيتىساق، ئېلىكترونلار ۋە يادرو ... ئېلىكتىرونلار يادرو ئەتراپىدا بىر سېكۇنىتتا 2000 كىلومېتىرلىق سۈرئەتتە ئايلىندۇ، لىكىن ھېچقاچان بىر-بىرى بىلەن ئۈسسۈشۈپ قالمايدۇ. بۇنى بىز ھېس قىلالمايمىز . پەقەت فىزىكا ئىلمى بىلەنلا ئاللاھ ياراتقان قانۇنىيەتلەردىن ئاز بىر قىسمىنى بىلەلەيمىز.

    بىر ئاتومنى چەكسىز چوڭايىتقان ۋاقتىمىزدا كۆز ئالدىمىزدا چەكسىز ئاسمان نامايەن بولىدۇ. تېرلىيونلارچە يۇلتۇزلار...ھەممىسى  ئايىلىنىۋاتقان ھالاتتە ، ھېچبىر يەنە باشقىسى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالمايدۇ، كائىناتتىكى بارلىق ئاسمان جىسىملىرى سائەت ئىستىرىلكىسىنىڭ تەتۈر يۆنىلىشىگە قاراپ ھەرىكەت قىلىدۇ، ھەممىسى ئايلىنىدۇ، لىكىن ھەر بىرىنىڭ ئۆزىگە خاس پەرقلىق ئوربىتىسى ۋە ئايلىنىش ۋاقتى بولغانلىقى ئۈچۈن بىر-بىرىگە سوقۇلۇپ كەتمەيدۇ. ئالاھىدىلىكى سان-ساناقسىز يۇلتۇزلار توپى ئارىسىدا قاتناش ۋەقەسى چىقمايدۇ، ھەممىسىنىڭ ۋەزىپىسى باشقا ۋە باشقا... شۇنىڭدەك ئاسماننى كىچىكلەتسەكمۇ، بىر ئاتوم مەيدانىغا  كېلىدۇ.جانابى ئاللاھ بىر ئىلاھ سەنئەت مۆجىزىسى بىلەن:«ئويلىمامسىلەر، تەپەككۇر قىلمامسىلەر؟ ئەي ئەقىل ئېگىلىرى!...» دەپ ئەقلىمىزگە، ۋىجدانىمىزغا خىتاب قىلىدۇ، ھېكىمەتلىرى بىلەن قەلبىمىز ۋە ئەقىللىرىمىزنى ئېرشاد قىلماقتا . كائىناتتىكى كىچىككىنە زەررىچىدىن باشلاپ ھەر شەيئى بىزگە ھال تىلى بىلەن سۆزلىمەكتە .

   ئامىرىكا ناسا ئالەم تەتقىقات مەركىزى رەئىسى پروفېسسور دوكتۇر ئارمەس تومدىن سورالغان:

-بوشلۇق يوق ! ئاتموسفېرادا بوشلۇق بولىشى مۇمكىن ئەمەس.ئەگەر بوشلۇق بولسا ئىدى، كائىناتنىڭ تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇپ ، ئاسماندىكى پۈتكۈل قانۇنىيەتلەر ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كېتەتتى ۋە نەتىجىدە بوشلۇقتا كۆپلىگەن قاتناش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن بولاتتى.

    بۇ جاۋابتىن كىيىن ئۇنىڭغا مۇنۇ ئايەت ئوقۇلدى:

« ئۇلار ئاسماننى قانداق تۈۋرۈكسىز بەرپا قىلغانلىقىمىزغا،ئۇنى (يۇلتۇزلار بىلەن) بىزىگەنلىكىمىزگە، ئۇنىڭدا ھېچقانداق يوچۇق يوقلىقىغا قارىمامدۇ؟» [17]قەلب كۆزىنى ئېچىش ۋە ئىبرەت بولسۇن دەپ نازىل قىلغان بۇ ئايەت  پروفېسسورنى ھەيران قالدۇردى. پروفېسسوردىن يەنە بىر سۇئال

سورالدى:

-        كائىناتنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىغا يېتىپ بارالىدىڭىزمۇ؟

ئۇ ئۇلۇغ كىچىك تىنغان ھالدا :

-     ئۇزۇندىن بۇيان يېتىپ بېرىشقا تىرىشىۋاتىمىز،ئەمما قولىمىزدىكى تېلېسكوپلار ۋە ئۇچقۇرلارنىڭ كۈچى يەتمىدى. ھەمىشە كۆز ئالدىمىزغا تۇمان قاتلاملىرى شەكلىدە ھەرخىل تۇمانلار چىقىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن يىراقتىن باشقۇرىلىدىغان تېلېسكوپلارنى ياساپ چىقىپ ، ئالەم بوشلۇقىغا ئەۋەتتۇق، نەتىجىدە يەنە ئوخشاش . مەن كائىناتنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىغا يېتىپ بارالايدىغانلىقىمىزغا ئىشەنمەيمەن. چۈنكى ئۇنى چەكسىز دەپ ئويلايمەن...دېدى.

پروفېسسورغا يەنە قۇرئان-كەرىمدىكى مۇنى ئايەت ئوقۇلدى:

«سەن(ئاسمانلارغا) تەكرار قاراپ باققىنكى، بىرەر يوچۇقنى كۆرەلەمسەن؟ ئاندىن يەنە ئىككى قېتىم قارىغىن، كۆزۈڭ (ئاسمانلاردا بىرەر نۇقساننى تېپىشتىن) ئۈمىد ئۈزگەن ۋە تالغان ھالدا قايتىدۇ.» ئايەت ئوقۇلغاندىن كىيىن ئىنساپلىق بىر ئىلىم ئەھلى ئۈچۈن ئەڭ كىچىك بىرەر يوچۇق قالدۇرۇلمىغان بۇ ھەقىقەتلەر ئالدىدا پروفېسسور توم بۇ ھەقىققەتنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ ، ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:

«مەن باشتىن تارتىپ ئويلاۋاتىمەن! قۇرئان-كەرىم ھەققىدە خالىغانچە بىر باھا بېرىش ئىنتايىن قىيىن ۋە نازۇك بىر ئىش. ھەقىقەتەن  ھەيرانمەن ، يىللار ئىلگىرى نازىل بولغان بىر قەدىمىي كىتاب قانداقسىگە دېققەتنى  جەلىپ قىلىدىغان ئاستېرونومىيە بىلىملىرى مۇكەممەل  شەكىلدە ، ھەتتا باشقىلارنى ئاجىز قالدۇرىدىغان دەرىجىدە بايان قىلىپ بىرەلىگەندۇ؟ ...1400يىل ئىلگىرى ئىنسانلار نېمە ئىش قىلالايىتتى؟ تولۇق مەلۇمات يوق. ئەمما بۇلار بىلىشكە ئەرزىگۈدەك مۇھىم مەلۇماتلاردۇر.»[18]

      دېمەك ئالەم مانا شۇنداق ھالدا شەكىللەندى ھەم شۇنداق تەرەققىي قىلدى، ۋە  كېڭىيىۋاتىدۇ ، ھەم تارىيىدۇ !  بۇنى پەقەت بىر ئۇلۇغ ئاللاھ تائالا بىر ئادىل ھۆكۈم چىقىرىدۇ...،بىز ئىنسانلار  بۇنىڭغا بەك ئاجىز كىلىمىز ھەمدە پۈتكۈل كائىنات سېستىمىسىنىڭ سىرىنى يېشىشكە كۈچ قۇدرىتىمىز يەتمەيدۇ ! چۈنكى بىز ئىنسانلار  مىنۇت بىلەن ئىلگىرىلىسەك ئالەم« نۇر تېزلىكى » بىلەن ياكى ئۇنىڭدىنمۇ تىز سۈرئەتتە كېڭىيىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ ، شۇڭا بىز ئىنسانلار  ھازىر كۆرۇپ تۇرىۋاتقان بارلىق تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ھەممىسى بىزدىن نەچچە ئون نەچچە يۈز مىليارت نۇر يىلى يىراقلىقتا ھەمدە بىز  كۆرۈپ تۇرىۋاتقان يۇلتۇزلارنىڭ كېچىدىكى نۇرى بولسا يەنى بىز بىر مىنۇت ئىچىدە كۆرگەن نۇر،شۇ يۇلتۇزنىڭ  27000يىل بۇرۇنقى چاقنىغان ۋاقتىنى ياكى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ يىراق بولغان بۇرۇنقى ۋاقتىنى كۆرگەن بولىمىز ....

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- v) l8 G- b( h& q  w' F

پايدىلانما ماتىرياللا:

قۇرئان كەرمىننىڭ تۆۋەندىكى ئايەتلەر ۋە ماتىرىياللار:

[1]ئەنبىياھ سۈرىسى 30- ئايەت

[2]فۇسسىلەت سۈرىسى 11-.ئايەت

[3] «قۇرئان-كەرىمدىكى قىسسىلەر »ئاپتۇر :داۋۇت غازى ،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى2001-يىللىق نەشىرىسىنىڭ 1. بېتىدىن ئېلىندى .

[4] « ياخىشىلار باغىچىسى»ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى تەرجىمە قىلغان 80-بەتتىن ئېلىندى.

[5]سۇرە غايشە 18~21ئايەتكىچە

[6]مۈلك سۈرسى 3-4ئايەتلەر

[7] «بەيتۇل-ھېكىمەت» دىيانەت ئىسلام ئېنىسكلوچىدىيسى، ئاپتۇرى:ماھمۇت كايا: ، ،ئىسىتانبۇل،1992-يىلى،6-جىلىد،89؛ئىسىمائىل ھەققى ئىزمىرلى:«ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرى بىلەن غەرب مۇتەپەككۇرلىرىنى سېلىشتۇرۇش»،ئەنقەر ،1997-يىلى،16-بەتتىن ئېلىندى.

[8]زاىيات سۈرىسى 47-ئايەت .

[9]، [97]،[103] «ئىسلام دوئىلغا چاقىرۋاتىدۇ» ،ئاپتۇرى:ۋاھىدۇددىنخان: 251-،253-،113-،138-بەتلەر (تۈركچگەتەرجمەقىلغۇچى:جىھادخ .رەشاد)،ئىسىتانبول،1996-يىلى،107 بەتتىن ئېلىندى

[10] ئەنبىيا سۈرىسى 104 ئايەت

[11] زۇمەر سۈرىسى 67-ئايەت

[12]ئەنبىيا سۈرىسى 30-ئايەت

[13]ھۇد سۈرىسى7-ئايەت

[14]رەئد سۈرىسى2-ئايەت ، لوقمان سۈرىسى10-ئايەت؛ھەج سۈرىسى65-ئايەت

[15]بەزى ئايەتلەر ئۈچۈن بەقەرە سۈرىسى 29-ئايەت؛ئىسىرا سۈرىسى44-ئايەت؛مۈلك سۈرىسى3-ئايەت

[16]ياسىن سۈرىسى38-40 ئايەتلەر

[17]قاف سۈرىسى6-ئايەت

[18] «رەخىمەت پەيغەمبىرىرىدىن رەخىمەت شاماللىرى ۋە قۇرئان-كەرىم مۆجىزىلىرى»،ئاپتۇر :ئوسىمان نۇرى توپباش؛تۈركچىدىن ئۇيغۇرلاشتۇرغۇچى :سۇمەييە؛ باشاق نەشىرىياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان،  237 -بەتتىن ئېلىندى


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
baxagim0996 + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ياردەم مەزمۇنى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40834
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4198
تۆھپە نۇمۇرى: 139
توردا: 379 سائەت
تىزىم: 2011-5-15
ئاخىرقى: 2014-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 01:38:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   كۇپ تەشكۇر قىرىندىشىم  اللا  ئەجرىڭىزنى بەرگەي

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96287
يازما سانى: 924
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 779
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 478 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2014-7-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 02:02:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇزۇندىن بۇيان يېتىپ بېرىشقا تىرىشىۋاتىمىز،ئەمما قولىمىزدىكى تېلېسكوپلار ۋە ئۇچقۇرلارنىڭ كۈچى يەتمىدى. ھەمىشە كۆز ئالدىمىزغا تۇمان قاتلاملىرى شەكلىدە ھەرخىل تۇمانلار چىقىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن يىراقتىن باشقۇرىلىدىغان تېلېسكوپلارنى ياساپ چىقىپ ، ئالەم بوشلۇقىغا ئەۋەتتۇق، نەتىجىدە يەنە ئوخشاش . مەن كائىناتنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىغا يېتىپ بارالايدىغانلىقىمىزغا ئىشەنمەيمەن. چۈنكى ئۇنى چەكسىز دەپ ئويلايمەن...بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) w2 }/ L/ h* B7 q3 n. r* l* z
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! e' n0 a7 k  g9 c5 R/ D0 K

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' a/ `/ D$ R0 Mمېنىڭچە ئاسمانمۇ يۇمىلاق بولۇشى مۇمكىن.

ھەسەنجان ئابدۇراخمان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104545
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7944
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 187 سائەت
تىزىم: 2014-3-8
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 02:10:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت قېرىندىشىم . ئاللاھ ئەجىرڭىزنى بەرسۇن ،

دوست ئۈچۈن ئۆلۈش قىيىن ئەمەس ، لىكىن ئۆلۈشكە ئەرزىيدىغان دوست تېپىش قىيىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103984
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 332
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2014-2-23
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 02:13:33 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جىق نەسىلەنى ئۇقۋالدىم ئاغىنە .بولسا مۇشۇنداق تىملانى جىقىراق يوللاپ تۇرۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 839
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2399
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 620 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 02:23:57 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنى چۈشەنمەك قىيىنكەن!!بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: J9 X/ V2 G& A- R2 H: H
ئۆتكەن بىر جۈمە كۈنى بىز مۇسۇلمانلارغا نىم بولدى؟ دەپ( ئاجايىپ)بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, q7 d% ~. z& B4 i! s. B. V& q
بىر تىما يوللىغانتىڭىز.....

دۇنيا ئۈچۈن بولۇپ پاتپاراق،
ئىنسان ئۆتەر تويماي ئاشۇنداق.
ھاياتلىقتا تويمىغان كۆزنى
تويدۇرىدۇ پەقەتلا تۇپراق.....


مىنىڭ تىمىلىرىمنى كۆرمەكچى
بولسىڭىز ھويلامغا مەرھەمەت قىلىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101110
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 803
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2013-12-20
ئاخىرقى: 2014-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 02:30:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى  يەرلىرنى ئانچە چۇشىنەلمىدىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77212
يازما سانى: 779
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5779
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 249 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 04:02:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوللىغانتىڭىز
توغرا يولغانتىم~ بىراق نادان كىشىلەر ھاقارەتلكەنلىكتىن ئۆچۈرىۋىتىلدى~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77212
يازما سانى: 779
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5779
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 249 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 04:16:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ىر تىما يوللىغانتىڭىز.....
قانداق چۈشەنمەك تەسكەن!بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 O: R3 a4 i7 Z" g  j

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 }: u' X: P% O2 kبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 S% A% q$ S+ E6 S2 F$ p- I
بىر  ئادەمنىڭ  دېمەكچى بولغان پىكىرىنى ۋە قەلبىنى  چۈشۈنۈش ئۈچۈن،كىيىنكى ئەۋلاتلارغا  بىر ئەسىر ۋاقىت ئازلىق قىلىدۇ!!!!بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# E7 l6 N0 {, V- P
بىر  ئادەمنىڭ  قەلبىنى  چۈشۈنۈش  بىر ئەسىر ۋاقىت ئازلىق قىلىدۇ   مۇشۇ سۆزنى چۈشەنسىڭىز ئاندىن مىنى چۈشۈنەلەيسىز
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 f- t' n8 m, D) Z4 p4 f6 L; O

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4239
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 19717
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1543 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 05:04:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم،شۇنداق  ئېسىل تېما يوللاپسىز

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش