مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5197|ئىنكاس: 25

ئوغرى يىگىتنىڭ مۇھەببىتى (مىكرو كىنو سىنارىيىسى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92986
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 721
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 213 سائەت
تىزىم: 2013-3-10
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 01:35:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1-مەيدان:  ئاپتۇبۇس بېكىتى

ئاپتۇبۇس ساقلاپ تۇرغان بىر توپ كىشلەر، ئاپتۇبۇسنىڭ تېخىچە كەلمىگىنىگە تىت تىت بۇلۇۋاتقان قىز ، خىيالىي تۇرغان يىگىت ،دەل شۇچاغدا  قىزنىڭ تېلېفۇنى سايرايدۇ .

-ھە ، ئاپا، ھەئە، مائاشىمنى ئالدىم ھازىر بانكىغا سىلەرگە پۇل سالغىلى ماڭدىم، ئەنسىرمەڭ ئاپا، پۇلنى ياخشى جايلاشتۇردۇم ، ھە ئاپا ماشىنا كەلدى، مەن سىزگە بىردەم تۇرۇپ تېلېفۇن قىلاي.

قىز شۇنداق دېگىنىچە ئالدىراشلا تېلفۇننى سومكىسىغا سېلىپ ئېغىزىنى ئەتمەيلا قىستالغىنىچە ئاپتۇبۇسقا چىقىدۇ، يىگىتمۇ قىزنىڭ ئارقىدىنلا ماشىنىغا چىقىدۇ ۋە شۇ ئارلىقتا قىزنىڭ پورتمالىنى ئېلىۋالىدۇ،

2-مەيدان  :  بېكەت     

          (مۇزىكا باشلىندۇ)

كېيىنكى بېكەت ،يىگىت ماشىنىدىن چۈشۈپقالىدۇ  ،ئاپتۇبۇس ئەينىكىدىن قىزنىڭ ھېچنىمدىن بىخەۋەر چىراي ھالىتى كۆرىنىدۇ.


                           3-مەيدان  :  بازار

قايناق بازار ،مىغ مىغ كىشلەر ئارىسىدايىگىت  ئالاھىدە كۆزگە كۆرىنىدۇ،  ئۇ بىر ئادەم بىلەن سوقۇشۇپ كېتىدۇ ۋە شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ پورتمالىنى ئېلىۋالىدۇ ۋە مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلۈپ قويىدۇ ،  ئۇنىڭ ئوغرىلىققا ئۇستىلىقى چىقىپلا تۇرىدۇ،


                              4-مەيدان ؛  ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ئۆيى

  نۆۋىتى كەلگەن قىز  پۇل قۇيۇش ئۈچۈن سومكىسىنى ئاختۇرىدۇ ۋە پۇلنى  ئوغرى ئېلۋالغانلىقىنى ھېس قىلدۇ، ئۇ كەينىدىكى كىشلەرنىڭ تېز بولمامسىز دېيشلىردىنكىيىن  كۆڭلى يېرىم ھالدا سىرىتقا چىقىپ كېتىدۇ

5-مەيدان :  باشلانغۇچمەكتەپ  ئالدى

مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدى ،مەكتەپ دەرۋازىسدىن يۈگۈرشىپ چۇقۇرىشىپ چىقىۋاتقان بالىلار ئارىسىدىن بىرىنى ئىزدەۋاتقان يىگىت ، دەل شۇ چاغدا كىچىككىنە بىر قىز ئاكا دەپ توۋلىغىنىچە يىگىتكە قاراپ كېلىدۇ  ، يىگىت مېھرى بىلەن قىزچاقنى قۇچاقلايدۇ.


                           6-مەيدان : يول

يول بويىدا غەمكىن كېتىۋاتقان قىز      (مۇزىكا ئاخىرلىشىدۇ)

                        7-مەيدان :بېكەت  

يامغۇر يېغۋاتقان، كىشلەر ئالدىراشقىنىچە ئۇياندىن بۇيانغا  ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ ،باشقىلارنىڭ  ئۆزىگەھەم ھەيرانلىق ھەم ئىچ ئاغرىتىش نەزىرىدە قاراشلىرىغا ئۈستى بېشىنىڭ ھۆل بۇلۇپ كەتكىنىگە  پەرۋا قىلماي روھسىز غەمكىن ئولتۇرغان قىز .شۇ ئەسنادا يىگىت بىلەن كىچىك قىز خۇشال ھالدا بېكەتكە يېتىپ كىلىدۇ ، ھەدەپ سىڭلىسىنىڭ  ئۈستى بېشىنى يامغۇردىن ساقلاش بىلەن ئاۋارە بۇلۇۋاتقان يىگىت سىڭلىسىنىڭ تارتقۇشلىشى بىلەن يان تەرەپكە قارايدۇ  ۋە قىزنى كۆرۈپلا جىددىيلىشىپ كېتىدۇ

      سىڭلىسى: -ئاكا ، قارىڭە  ،ئاۋۇ ھەدەشكە ،

يىگىت  : كىچىك بالا دېگەن باشقىلارنىڭ ئىشىغا  ئارلاشمايدىغان ،مېڭىڭ،ماشىنا كەلدى ماڭايلى

   يىگىت شۇنداق دېگىنىچە سىڭلىسىنىڭ  قولىدىن تارتىدۇ  ، دەل شۇ چاغدا قىز ئورنىدىن تۇرىدۇ ۋە بېشى قېيىپ  يىقىلىپ قالىدۇ.

   سىڭلىسى: -ئاكا ، قارىڭە  ھەدەش يىقىلىپ چۈشتى،

     يىگىت بىلەن كىچىك قىز  يۈگۈرگىنىچە قىزنىڭ قېشىغا  بارىدۇ .


                  8-مەيدان : كېسەللەر  ياتىقى

  كېسەل كارۋېتىدا ھوشسىز ياتقان قىز ئاستا كۆزىنى ئېچىشقا باشلايدۇ ،ئۇ ئەتراپقا ھەيرانلىق ئىچىدە قارايدۇ،قىزنىڭ ھوشىغا كەلگىنى كۆرگەن كىچىك قىز خۇشال بۇلىدۇ .

   سىڭلىسى : -ھەدە، ھوشىڭىزغا كەلدىڭىزمۇ؟

  قىز   : -بۇ،، بۇ قەيەر ؟  مەن قانداقسىگەبۇ يەردە  ياتىمەن ؟

  سىڭلىسى : -بۇ دوختۇرخانا ،ھەدە ، سىز بېكەتتە يىقىلىپ قالغانتىڭىز ،ئاكام بىلەن ئىككىمز سىزنى  دوختۇرخانىغا ئېلىپ  كەلدۇق،                                         


9- مەيدان : دوختۇر ئىشخانىسى

  يىگىت : - دوختۇر ئۇ قىزنىڭ ئەھۋالى قانداقراق، ئېغىر ئەمەستۇ –ھە؟  

دوختۇر : -  ئۇ قىزنىڭ تېنى بىر قەدەر ئاجىزكەن ، يەنە كېلىپ يامغۇردا ئۇزۇن تۇرۇپ قېلىپ  سوغۇق ئۆتۈپ كېتىپتۇ، روھى كەيپىياتىمۇ ئانچە تۇراقلىق ئەمەسكەن ،بىراق ئەنسىرمەڭ، ياخشى ئارام ئېلىپ ئوبدان كۈتۈنسە  ،بىر نەچچە كۈنئىچىدە ياخشىلىنىپ كېتىدۇ.                                                                             

يىگىت  : -  ھە ،ئۇنداقتا رەھمەت سىزگە دوختۇر، مەن چىقاي.


10-مەيدان :  ياتاق ئىچى

يىگىت قولىدا بىرخالتە يېمەكلىك كۆتۈرگىنىچە  كىرىپكېلىدۇ،  

   سىڭلىسى : -ئاكا،  قارا ھەدەم ھوشىغا كەلدى،

   يىگىتنى كۆرگەن قىز تارتىنىپ ئورنىدىن سەل مىدىرلايدۇ  ، يىگىتمۇ قىزدىن ئوڭايسىزلىنىپ قىزدىن كۆزلىرىنى ئېلىپ قاچىدۇ .

   يىگىت :- تېچلىقمۇ؟ بولدى مىدىرلىماڭ، دوختۇرسىزنى ياخشى ئارام ئالسۇن دېگەن،

قىز :- مېنى  قۇتۇلدۇرۋالغىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت، سىلەرنى بەكئاۋارە قىلىپتىمەن ،

يىگىت :- ئۇنداق دېمەڭ، رەھمەت ئېيىتقۇچىلىقى يوق ئىش ،

سىڭلىسى :- ئاكا،دوختۇر ئاكاش نېمە دېدى؟  ھەدەمگە نېمە بۇلۇپتۇ؟

يىگىت:-چوڭ ئىش يوقكەن ھەدەڭ يامغۇردا ئۇزۇن تۇرۇپ كەتكەچكە سوغۇق ئۆتۈپ قاپتۇ، بىرنەچچە كۈن ياخشى ئارام ئالسا، ساقىيىپ كېتىدىكەن،

سىڭلىسى :-ھەممىسى ئاشۇ ئوغرىنىڭ كاساپىتى، قارا، ئاكا، ھەدەمنىڭ گۈل سېتىپ ئىشلەپ تاپقان پۇلىنى يەنە تېلفۇننى ئاپتۇبۇستا ئوغرى ئېلىۋاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەدەم بىر كۈن كەچكىچە تاماق يېمەي يائۆيىگە قايتالماي يامغۇردا قاپتۇ. بەك ئەسكىكەن ئۇ ئوغرى  (سىڭلىسىنىڭ قۇشۇمىسى تۈرۈلىدۇ)

  يىگىت:- ھە...ھە..شۇنداق ئىشمۇ بولدىمۇ ؟سىزنى ئەجەپمۇ نەس بېسىپتۇ بۈگۈن ،

(يىگىت بەكمۇ جىددىيلىشىپ كېتىدۇ قىزغاقارىيالمايدۇ)

قىز :- شۇنى دەڭە، ،،، بولدىغان ئىش بوپ بولدى، قانچە ئاغرىنساممۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ،بىراق، سىلەردەك ياخشى  نىيەتلىككىشلەرگە ئۇچراپ   قالغىنىم مېنىڭ  ئامىتىم ياخشىلىقىڭلارنى ھەرگىز ئۇنتۇپقالمايمەن

يىگىت :- بولدى ئۇنداق تۈزۈت قىلىپ كەتمەڭ .  تۇرمۇشتا بۇنداق ئىشلار بۇلۇپ تۇرىدۇ،  قېنى ئازراق  بىر نەرسە يەۋېلىڭ  قورسىقىڭىزمۇ ئاچقاندۇ ؟

  يىگىتشۇنداق دېگىنىچە بايا ئەكىرگەن خالتىنى ئاچىدۇ .

11-مەيدان : تېلفۇن دۇكىنى


يىگىت بىلەن قىز بىرلىكتە قىزغا تېلفۇن كۆرىدۇ، (مۇزىكاباشلىنىدۇ)

12-مەيدان : گۈل دۇكىنى


خېرىدارلارغا گۈلسېتىۋاتقان قىزنىڭ تېلفۇنى سايرايدۇ ، تېلفۇن يىگىتتىن كەلگەن بۇلۇپ قىز قىزغىنلىق بىلەن پاراڭلىشىدۇ .

13- مەيدان :  يىگىتنىڭ ئۆيى

قىز بىر مۇنچە نەرسىلەرنى كۆتۈرگىنىچە كىرىپ كېلىدۇ ۋە ئالدىغا يۈگۈرۈپ كەلگەن كىچىك قىزنى مېھرى بىلەن سۆيۈپ قويىدۇ، ئۇلار ئۈچى بىرلىكتە كىچىك قىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزىدۇ .

14-مەيدان :  باغچە  

ئۈچىبىرلىكتە قولۋاققا چىقىدۇ،  كىچىك قىزغا ئۇيۇنچۇق ئېلىپ بېرىدۇ ئۇلار نىڭ تۇرقىدىن تۇلىمۇ بەخىتلىكى چىقىپلا تۇرىدۇ .


15-مەيدان : يىگىتنىڭ ياتاق ئۆيى

يىگىت تارتمىدىن قايسى كۈنى ئوغرىلىۋالغانقىزنىڭ  پورتمالىنى ئېلىپ ئۇنى ئاۋايلاپ ئېچىپ قىزنىڭ  پورتمال ئىچىگە سېلىنغانسۈرىتىگە بىر ھازا قارايدۇ  ئاندىنئۇھسىنغىنىچە كارۋاتقا ئۆزىنى تاشلايدۇ .

16- مەيدان :يول

قىزبىلەن يىگىت يانمۇ يان ماڭغاچ  قىزغىن پاراڭلىشىدۇ، ئۆي ئالدىغا كەلگەندە قىز يىگىت بىلەن خوشلىشىپ ئۆيىگە كىرىپ كېتىدۇيىگىت بولسا ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قىيماي قارايدۇ .

17-مەيدان :ئاشخانا

خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىۋاتقان يىگىت .(مۇزىكا ئاخىرلىشىدۇ)

18- مەيدان: خوجايىنئىشخانىسى

يىگىتكىرىپ كېلىدۇ

خوجايىن : -ھە قېنى كېلە ئولتۇر، قانداق ،ئشىلارئېغىر كەلمىگەندۇ ئۇكا؟

يىگىت :- ياقەي كۆنۈپ كەتتىم، ھازىر ئانچە تەس بىلىنمەيدۇ،بۇ يەردە ئىشلىگىنىمدىن شۇنداق خۇشال بولدۇم رەھمەت سىزگە ئەنۋەر ئاكا،

خوجايىن:- ھې ھې ،ئەلۋەتتە خۇشال بۇلىسەندە ، ھالالدىن پۇل تېپىۋاتساڭ، گەرچە تاپقان پۇلۇڭ ئوغرىلىق قىلغاندەك كۆپ بولمىسىمۇ،لېكىن ھەممىسى ئۆزۈڭنىڭ ئەجرىدىن كەلگەن ئەمەسمۇ ؟ ،ھەي  ھەممسسى ئاشۇ پەرىشتە سۈپەت قىزغا يۇلۇقۇپ قالغىنىڭدىن بولدى دە،  ئوبدان قەدىرلە جۇمۇ ؟

يىگىت :- ئەلۋەتتە، شۇنداق قىلىمەن ، پات ئارىدائۇنىڭغا توي قىلىش تەكلىپى قويىمەن

خوجايىن :- يارايسەن ئۇكا، يۇلىڭ ئۇچۇق بولغاي،  ھە ماۋۇ سېنىڭ بۇ ئايلىق مائاشىڭ  قېنى ئالغىن

يىگىت:-  رەھمەت ئاكا ،


19-مەيدان :- دۇكان

  قىزغا ئۈزۈك تاللاۋاتقان يىگىت (مۇزىكاباشلىنىدۇ)

20- مەيدان :-يىگىتنىڭ  ياتاق ئۆيى

سومكىسىدىنبولاقلىق بىر  پارچە سوۋغات قۇتىسىنى ئالغان قىز ئۇنى قەيەرگە قۇيۇشنى دەمال بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى ،ئاندىن تارتمىنى ئېچىپ ئىچىگە سېلىپ قۇيۇپ ئىشىككە قاراپ ماڭدى بىراق ئىككى قەدەم مېڭىپلا قەدىمى توختىدى، چىرايدىكى كۈلكە ئۆچۈشكە باشلاپ ئۇنىڭ ئورنىنى ھەيرانلىق ئالدى. ئۇ ئارقىسىغا يېنىپ قوللىرى تىترىگەن ھالدا تارتمىنى قايتىدىن ئېچىپ ئۆزىنىڭ پورتمالىنى ئالدى، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن يىگىتنىڭ ماشىنىدىن چۈشكەن كۈرىنىشى ئۆتىدۇ ۋە قولىدىن پورتمال چۈشۈپ كېتىدۇ .

21-مەيدان :  يىگىتنىڭ ئۆيى

بىردەستە ئەتىرگۈل ۋە ئۈزۈكنى ئېلىپ كىرگەن يىگىت قىزنى ھەممە  يەردىن ئىزدەپ ياتاقئۆيىگە كىرىپ يەردە تۇرغان پورتمالنى كۆرۈپ تۇرۇپلا قالىدۇ ۋە ھەممىنى چۈشىنىدۇ.

22-مەيدان : قىزنىڭ ياتاق ئۆيى

تىزىنىقۇچاقلاپ يىغلاپ ئولتۇرغان قىز يىگىتتىن كەلگەن تېلېفۇنغا پەرۋاسىزلىق بىلەنقارايدۇ تېلېفۇن سايراۋېرىدۇ.

23-مەيدان :  يىگىتنىڭ ئۆيى

قىزنىڭ تېلفۇننىئالمىغىنى كۆرگەن يىگىت ئۈمىدسىزلىندۇ

24-مەيدان :  گۈل دۇكىنى

قىز روھسىز ھالدا كىرىپ كېلىدۇ ، قىزنىڭ كەلگىنى كۆرگەن خوجايىن قىزغا بىر پارچە خەت ۋە  ئۈزۈك سېلىنغان قۇتىنى   بېرىدۇ، قىز ئۈزۈكنى  ۋە  خەتنى كۆرۈپلا خوجايىننىڭ قەيەرگە دېگىنىگمۇ پەرۋا قىلماي يۈگۈرگىنچە سىرىتقا قاراپ ماڭىدۇ

25-مەيدان ،يىگىتنىڭ ياتاق ئۆيى

خەت يېزىۋاتقان يىگىت.

(خەتمەزمۇنىنى قىسقارتىۋەتسەكمۇ ياكى ئېكران سىرتىدىن بېرىلگەن ئاۋاز سۈپتىدە  قۇشۇلسىمۇ بۇلىدۇ  ) .                                                            


26-مەيدان :  بېكەت  

يىگىت  ئارقىسىغا قىيالماسلىق نەزىرى بىلەن بىرنى قارىۋەتكەندىن كېيىن سىڭلىسىنىڭ قولىدىن تۇتقىنىچە چامىداننى سۆرەپ ئاپتۇبۇس تەرەپكە ماڭىدۇ، بۇچاغدا  قىز جىددىيلەشكەن ھالدا بېكەتكە كىرىپ كېلىدۇ، قىزنى كۆرگەن سىڭلىسى ئاكىسىغا قىزنى كۆرسىتىدۇ يىگىت بىلەن قىز بىر بىرگە كۈلۈمسىرەپ قارىشىدۇ  
   (  مەنبە : ئۆز قەلىمىم)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-19 11:49 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104156
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 213
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2014-2-26
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 10:16:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلەم ماھارىتىڭىزگە ئاپىرىن . ناھايىتى ياخشى يىزىپسىز ، بۇندىن كىيىنمۇ داۋاملىق ياخشى بولغان ئەسەرلەرنى مۇنبەرگە يولاپ تۇرغايسىز

ھەقىقى بىر ئوغۇل دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل قىزنى سۆيمەيدۇ ،      بەلكى ئۆزىنىڭ دۇنياسىنى گۈزەللەشتۈرگەن قىزنى سۆيىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91260
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1058
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 222 سائەت
تىزىم: 2013-2-6
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 10:45:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىگىت بىلەن قىز بىرلىكتە قىزغا تېلفۇن كۆرىدۇ،.....


يىگىت بىلەن سىڭلىسى بىرلىكتە دوختۇرخانىدىكى قىزغا سوۋغا قىلىش ئۈچۈن تېلىفۈن كۆرىدۇ.

مېنىڭچە مۇشۇنداق دېسە تىخىمۇ توغرا بولامدىكىن.  بۇ ئەسىرىڭىز ھەقىقەتەن ئىسىل چىقىپتۇ، بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ ئىلگىرى مەن كۆرگەن ئۇيغۇلارنىڭ ئىشلىگەن « تىمساھنىڭ كۆز يېشى » دېگەن كىنو ئېسىمگە كىلىپ قالدى. رېژوسسىرلار بۇ سىنارىيەنىمۇ كىنو قىلىپ ئىشلەشنى ئويلىشىپ باقسا بولغۇدەك.

نېمىلەرنى ئويلا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11976
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16174
تۆھپە نۇمۇرى: 3127
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 11:14:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مۇنبەردە مۇشۇنداق ئەسەر يوق ئىدى. ئەمدى سىز تولۇقلاپسىز.
ياخشىكەن، يەنە يىزىپ تۇرۇڭ، مىكرو فىلىم ئىشلەپ قالساق ئەجەپ ئەمەس.

قاراڭغۇ زۇلمەتنى قاغىغاندىن كۆرە بىرەر چىراق ياققىنىڭ تۈزۈك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97965
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1822
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 351 سائەت
تىزىم: 2013-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 11:44:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىنارىيە ۋەقەلىكى كۆز ئالدىمدىن كىنو لېنتىسىدەك تىزىلىپ ئۆتتى، ياخشى بىر فىلىم بولغۇدەك.

نە ئۈچۈن ئەيلەي كۆڭۈلنى شادلەر، قايسى غەملەرگە قىلاي پەريادلەر؟!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580071
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12297 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 11:53:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز بالىلار  بىلەن مەسلىھەتلىشىپ مىكرو فىلىم ئىشلىمەكچىتۇق، بىزگە كېرىكى سىنارىيە ئىدى، بۇ سىنارىيىڭىز ياخشى چىقىپتۇ، بەزى جايلىرىنى ئەمەلى ئەھۋالغا ئاساسەن ئۆزگەرتسەك بولغۇدەك.
ئەگەر بىز فىلىم ئىشلەشكە تۇتۇش قىلساق چوقۇم سىز بىلەن ئالاقىلىشىمىز...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئاملاشتۇرۇشلار بولسا ئۈندىدارغا قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ نۇمۇرۇم:295997753
ئەسكەرتىش: قۇشىۋالغاندا كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100898
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 78
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2013-12-15
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 12:08:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىنارىيە ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ لېكىن سىز ياخشى ئوقۇپ بېقىڭ ۋەقەلىكتە نۇرغۇن جايلاردا
زىدىيە - تۇقۇنۇشلار بىر - بىرىگە باغلاشمىغاندەك تۇرىدۇ ...
___________________________________________________
بۇمىنىڭ شەخسى كۆزقارىشىم . ..  سىزمۇ مۇنبەردىن ياخشاراق تەكلىپ چىقىپ قالار دەپ يوللىغان بۇلسىڭىز كېرەك ... ! بۇنى بلىمىدىم بىراق ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ ... داۋاملىق تىرىشىڭ !

ياردەم مەزمۇنى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40834
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4230
تۆھپە نۇمۇرى: 139
توردا: 388 سائەت
تىزىم: 2011-5-15
ئاخىرقى: 2015-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 12:38:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىلىپتۇ مەنمۇ بەك ياختۇردۇم   قىرىندىشىم بۇلساچۇ  تىمىڭىزنى قايتا-قايتا كۇرۇپ چىقىڭ شۇ قىزنى ئۇزىڭىزدەپ بىلىپ كۇرۇپ چىقىڭ   شۇندىلا تىمىڭىز ئەسلىدىكىدىنمۇ  ياخشى چىقىشى ...

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104481
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1925
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 288 سائەت
تىزىم: 2014-3-6
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 01:18:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسلا مىسرانىمدا مۇشۇنداق ژانىر كەمچىل ئىدى ،تېخىمۇ تېرىشىپ مەنىلىك ،ياخشى ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13872
يازما سانى: 625
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10436
تۆھپە نۇمۇرى: 660
توردا: 1360 سائەت
تىزىم: 2010-10-14
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 01:20:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ياخشى چىقىپتۇ.
   ئالدى بىلەن سىزدىن ئەپۇ سورىۋالاي خاپا بولماڭ«ھەر كاللىدا ھەر خىيال، تاز كاللىدا مىڭ خىيال» دېگەندەك، مەن مۇنداق بىر ئىشنى ئويلاپ قالدىم، بەزى كۈرنۈشلەردە بىرەر ئېغىز دىئالۇگ يوككەن، شۇ سەل كەممۇ قانداق؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   halpambag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-19 01:21 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش