مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3177|ئىنكاس: 80

توردا قەلەم ھەققى بەرگىلى بولماسمۇ؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86694
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 444
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2012-11-1
ئاخىرقى: 2014-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-18 11:58:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىدە توردىكى ئىسىل  يازمىلارنى كۆرسەم شۇ يازغۇچىنىڭ ئەجرىگە تور يۈزىدە رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ بىلەن قانداقتۇر مەسىلىلەر ئۈستىدە غايىۋى مۇڭدىشىپ كىتىمەن، ھەتتا  بەزىلىرىنى كاتتا مىھمان قىلغۇم، يەنە بەزىلىرىگە بولسا ھەر بىر سۆزى ئۈچۈن مۇنچە تەڭگىدىن شاراقلىتىپ بەرگۈم كىلىدۇ... بۇ ئەلۋەتتە بىر خىيال خالاس، لىكىن دۇنيادىكى نۇرغۇن كەشپىيات، نەتىجە،غەلىبىلەرنىڭ خىيالدىن ھەتتا خام خىيالدىن كەلگەنلىكى بىزگە ئايان.
ئۇنداق بولسا ئەشۇنداق ئەسەرلەرگە تور بىكەت ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ مۇۋاپىق ھەق بەرسە بولامدۇ يوق؟ بۇنداق قىلىشنىڭ زادى ئەھمىيىتى بارمۇ يوق؟
مىنىڭچە ئالدىنقى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىمكانىيىتى بار، چۈنكى ھازىر پۇل تېپىۋاتقان بىكەتلەر مەخسۇس مۇئاشلىق خىزمەتچى تەكلىپ قىلىپ خەۋەر ئۇچۇر تەرجىمە قىلدۇرۇش، كاتىباتلىق، قاتتىق يۇمشاق دىتال ئاسراش... قاتارلىق خىزمەتلەرگە سېلىۋاتىدۇ. ئۆتكەندە مەلۇم بىر تور بىكەتنىڭ تەرجىمە قىلغۇچى تەكلىپ قىلىش ئېلانىنى كۈرۈپ قالدىم، قارىسام بىرىدىغان پۇلى خېلى باركەن، تېخى ئالىدىغان ئادەم سانىمۇ ئاز ئەمەس، دىمەك ئەشۇنداق بىكەتلەرنىڭ ھالى خېلى  ياخشى دىيىشكە بولىدۇ. شۇنداق ئىكەن قىممەتلىك ئەسەرلىرى بىلەن ئەل قەلبىنى ئەسىر قىلىپ، تور بىكەت، مۇنبەرلەرنى ئاۋات قىلىۋاتقان ئەشۇ "ئىختىيارى تەرجىمان" ۋە " پىدائى يازغۇچىلار" مۇ ئەشۇنداق تەمىناتتىن بەھرىمان بولسا بولمايدىغان يېرى  يوق. مىنىڭچە بۇ مەسىلىنى بىر قىسىم تور بىكەتلەر گەپ يوق ھەل قىلىپ كىتەلەيدۇ.
كىيىنكى مەسىلىگە كەلسەك، يەنى بۇنداق قەلەم ھەققى تۈزىمىنى يولغا قۇيۇشنىڭ ئەھمىيىتى بارمۇ يوق دىگەندە، مىنىڭچە ئەھمىيىتى بار. سىز جاپا تارتىپ بىر خەنزۇچە ياكى ئىنگىلىزچە ماتىيالنى تەرجىمە قىلىدىڭىز ، باشقىلار ئوقۇپ مەنىۋى ھەتتا ماددى نەپ ئالدى، ئۇنداقتا سىزگە نىمە پايدا؟ بۇ ئەلۋەتتە ھەممىدە پۇلغا قاراش كىرەك دىگەن گەپ ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىڭ ئەمگىگىنى قەدىرلەش ، ئۇلارغا ئىلھام بىرىش مەسىلىسى . ئەشۇ تەرجىمان ياكى يازغۇچى تور يۈزىدىكى ئىتىراپ قىلىشلار بىلەن بىرگە يەنە بەلگىلىك ماددى ئىلھاملاندۇرۇشقا ئىرىشەلىسە مىنىڭچە بىرنى يازىدىغان يەرگە ئىككىنى، بىرنى تەرجىمە قىلىدىغان يەرگە بىرنەچچىنى تەرجىمە قىلىۋىتىدۇ ئەمەسمۇ؟ بىزمۇ كىچىكىمىزدە مەكتەپتىن مۇكاپاتقا ئالغان بىر موچەنلىك دەپتەرنى دادىمىز ئەپ بەرگەن نەچچە كويچەنلىك قېلىن خاتىرە دەپتەردىن ئەلا بىلەتتۇققۇ...ئىلھامنىڭ كۈچى چەكسىز...
شۇڭا مەن داڭ چىقارغان، بەلگىلىك ئىختىزادى ئۈنۈم ھاسىل قىلىۋاتقان تور بىكەتلەردىن بۇ يېڭى شەيئى توغرىلىق ئاز-تولا ئويلىنىپ بېقىشىنى سورايمەن، ئەلۋەتتە تور قەلەم ھەققىنى ھەممە ئادەمنىڭ ھەممە تېمىسىغا بەرگىلى بولمايدۇ، كۆپ كۈرۈلگەن تېمىكەن دەپمۇ بەرگىلى بولمايدۇ، كۆپ قىسىم كىشىلەر قوللىغان تېمىلاركەن دەپمۇ بەرگىلى بولمايدۇ، مىنىڭچە بولغاندا ھازىرقى ۋەزىيەتتىكى مۇھىم مەسىلىگە ئىجادى، ئىلمى، مۆتىدىل يۇسۇندا ياندىشالىغان، تورداشلارغا ھەقىقى مەنىۋى ياكى ماددى نەپ بىرەلىگەن، شۇ تور ياكى مۇنبەرنىڭ نوپۇزىنى كۆتۈرۈشكە كۈچ چىقارغان نادىر تېمىلارغا ئادىل، ئاشكارا ئۇسۇلدا ئۆزىمىزنىڭ كۈچى يىتىشىچە مۇۋاپىق ھەق بەرسەك تامامەن بولىدۇ. دىققەت، مىنىڭ دەۋاتقىنىم ئايلىق خىزمەتچىلەرگە بىرىدىغان ھەق ئەمەس بەلكى تورغا پاتپات ياخشى ئەسەرلەرنى يوللايدىغان ۋاقتلىق تەرجىمان ۋە تور يازغۇچىلىرىغا بىرىدىغان ۋاقتلىق قەلەم ھەققى . بۇ  تۈزۈم  بەلكىم  تور ئەسەر ھوقۇقىنى ماددى ۋە قانۇنى ئاساسقا ئىگە قىلىپ، ھەممە بىكەت ، ھەممە مۇنبەردە ئوخشاش ئادەم تەرىپىدىن يېزىلغان ئوخشاش تېمىلار ئېقىپ يۈرىيدىغان ئەھۋالنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە ئالدىنى ئالالىشىمۇ مۈمكىن.
ئاڭلىسام غەرپتىكى تاماقخانىلاردا تاماق پۇلىدىن سىرىت تاپان ھەققى دەپ بىرنىمە باركەن، بىزدە تور قەلەم ھەققى بولسا  نىمىشقا بولمايدىكەن؟ تور كارۇلى تېڭشۇنمۇ مەملىكەت خەلقىنى مىھمان قىلىمەن دىدىغۇ...
ئەمدىكى گەپ، داڭلىق تور بىكەتلەرنىڭ بۇ ئىشنى سىناپ بېقىش باقماسلىقىدا. يېڭى شەيئى دەسلەپتە كىچىك بالىدەك ئاجىز، غەلىتە بولىشى مۈمكىن، بىراق كارامەتنى كىيىن كۆرىمىز. قېنى ئاتامانلار ، تور دۇنياسىدا يېڭىلىق يارىتىشقا بىر كۈچۈپ باقايلى ، يا بايدىن چىقار يا سايرامدىن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   biltap.com تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-19 12:12 AM  


ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
alip-ar + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
kulpat + 10 مانا
ئۇتغۇر + 50 توغرا، ماددىيدىنمۇ ئى.
ئېزھار + 10 سىناق:نەق پۇل دەپ تۇرا.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 80   باھا خاتىرىسى

يالپۇز تىۋىشلىرى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1588
يازما سانى: 432
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11450
تۆھپە نۇمۇرى: 607
توردا: 923 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 01:00:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىققان ئەسەرلەرنى قوللاش يۇزسىدىىن شۇ توردا تور بانكا كارتىسى مۇلازىمىتىنى يولغاقويسا ھەم باشقا كارتىدىن پۇل يۆتكىگىلى قويسا .ئۇ تىما بىزگە ياقسا ھەم بەك ئىسىل چىققان بولسا خالىساق بەش كوي مەردلىكىمىز تۇتۇپ كەتسە 50ھەتتا يۇزنى بەرسەك بىۋاستە كارتىمىزدىن شۇ ئەسەر ئىگىسىنىڭ تىمىسىغا پۇل تاشلىغىلى بولىدىغان قىلغىلى بولسا نىمىدىگەن ياخشى ھە .
بۇ چاغدا يانغىن ، سائادەت ئاچاش ،بەرگىيە ،مەلىكە يەنە نۇرغۇنلىغان يىتىشىۋاتقا ياشلىرىمىزغا ئىلھام بولاتتى ،شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كىچىسى مۇكچىيىپ ئولتۇرۇپ ئەسەر يىزىپ بىزگە ئىسىل ئەسەرلەرنى سۇنىۋاتقانلارغا كىچىككىنە بولسىمۇ ياردىمى بۇلاتتى...

مۇشۇ ئىشنى ئويلىشىپ باقسا خۇددى تاۋباۋدىن مال ئالغاندەك قىلغىلى بولماسمۇ ئەسەرلەرگە ئۆزىمىز خالىغانچە پۇل بىرىشكە .....

قىز قەلبى پىنھان چىغىر يول ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9176
يازما سانى: 1111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7467
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 1831 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2015-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 01:12:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىر ئېشەك قېتىقى ئىچىدىغان يەردىن چىققاندىكىن مۇنبەرلەر قەلەم ھەققى بەرگىلى ئۇنىمايدۇ

ئازاب چەككەن سەۋر قىلسۇن، ئازابقا دۇچار قىلغان
ئازابلىنىشنى كۈتسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73338
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3493
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2012-1-17
ئاخىرقى: 2014-9-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 01:16:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ پىكىرگە قوشۇلىمەن. بۇ ھامان بولىدىغان يۈزلىنىش، بۇ ئىشنى ئاتامانلار ۋە ئەزالار ياخشىراق كېڭىشىپ باقايلى. ھەركىم قابىليىتىگە ۋە ئەجىر-مىھنىتىگە يارىشا ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىكى قوللاشقا ئىرىشسە بولىدۇ دەپ قارايمەن.

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ، ياخشى كۈنلەر ئالدىمىزدا! غەيرەتلىك بول!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104481
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1925
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 288 سائەت
تىزىم: 2014-3-6
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 01:21:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
YALPUZ يوللىغان ۋاقتى  2014-3-19 01:00 AM
ياخشى چىققان ئەسەرلەرنى قوللاش يۇزسىدىىن شۇ توردا تور  ...

قوللايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81163
يازما سانى: 320
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6031
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 249 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2015-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 01:29:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



ئېيىتقىنىڭىز ئورۇنلۇق،پىكرىڭىزنى قوللايمەن.ئېسىل پىكىر.


شۇ تاپتا مىسرانىمدا 130000 ئەتراپىدا ئەزا تۇرۇپتۇ،بىر يۈز ئوتتۇز مىڭ ئەمەس،مۇشۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر نەچچە يۈز ئادەم ئېسىل يېزىلغان يازما-ئەسەرنى بىر يۈەندىن ،بىر نەچچە يۈز يۈەنگىچە مۇكاپاتلاپ قويساق،شۇ يازمىنى يېزىپ ئاخىرلاشتۇرۇپ بولغىچە تالغان بويۇنلىرىنىڭ ھاردۇقى چىقىپ قالاتتى.


ھازىر تور بانكا پۇل يۆتكەش ئۇسۇللىرى شۇنچىلىك قولايلىقلىشىپ كەتتى،تىلفۇنىمىز ئارقىلىق 0.01يۈەندىن ،نەچچە مىڭ يۈەنگىچە QQ دا خەت يوللىغاندەكلە پۇل يوللىغىلى بولۇپ كەتتى،شوڭا تېما ئېگىسى ئېيىتقاندەك تەرەققى قىلغان تور بەتلەر تور ئەسەرلىرى يازما مۇكاپات نەق پۇل باھا بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىسە،بولاتتى،پۇل ھەر بىر ئوقۇرمەننىڭ ئۆز يانچۇقىدىن چىققاچقا قايسى تېمىنى باھالاش،باھالىماسلىقنى ئۆزلىرى قارار قىلالايتى،


QQ截图20140319011935.png


مەن بۇ تېمىنى 10 يۈەن نەق پۇل بىلەن باھالاپ قويدۇم.تاپشۇرۋىلىڭ.


مانا مۇشۇنداق.





باشقىلار ھازىركىتاب كۆرىۋاتىدۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1854
يازما سانى: 2208
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 314254
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 5512 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 02:27:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەييارغا كۆنۈپ قالغان بىز  ، ئەكەل دىسە بەرگىنمىز  كەلمەي قالىدۇ   .
      پۇل بەرمىسىمۇ بەرمىسۇن  ئەمما شۇ يازغان يازمىنى تولۇق ئوقۇپ چىقسا  ، يازمىدىكى مەزمۇننى توغرا قۇبۇل قىلسا ، شۇ يازمىنى يازغان ئادەمنىڭ ھاردۇقى چىقىدۇ  ،  رەھمەت بىلەن ياخشى يېزىپسىزگە توشۇپ كەتكەن تىمىلارغا قاراپ : ئېسىت ! دەپ كىتىمەن .

دۈشمەنلىرىمگە ئۈزۈم تىتىيمەن ، دوستلىرىمنىڭ قەستىدىن ساقلا خۇدايىم!

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 2586
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21786
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 10029 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 03:29:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپسىز.
يېقىن كەلگۈسىدە سىز دېگەندەك ياخشى، ئىجادىي يازمىلارغا قەلەم ھەققى بېرىش چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ. يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيانقى تور ئەدەبىياتى تەرەققىياتىغا نەزەر سالساق بۇرۇنقىغا قارىغاندا ھازىر چېكىنىش بەكلا ئېغىر. يازغۇچىلار ئاساسەن ئەسەرلىرىنى مەتبۇئاتلارغا ئەۋەتىۋاتىدۇ. سەۋەبىي ئاز بولسىمۇ قەلەم ھەققى بار.
قەلەم ھەققى بىر ئاپتورغا نىسبەتەن زور قىممەتتىكى ئىقتىسادى مەنپەئەت ئېلىپ كېلەلمىسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ رىغبەتلەندۈرۈش كۈچىنى  سەل قاراشقا بولمايدۇ.
ھازىرقى تور بەتلىرىمىز يوقۇرىدا تورداش ئاشكار ئېيتقىنىدەك ‹‹بىكار››غا كۈنۈپ كەتتى. شۇنداقلا نوپۇزلۇق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىگە قەلەم ھەققى بېرىلىش تۈگۈل، چۈشكەن تېتىقسىز ئىنكاسلار ئاشۇ يازغۇچىلارنىڭ تورغا ئەسەر يوللاش قىزغىنلىقىنى سۇسلىتىۋەتتى. شۇڭا تور بەتلەر كەلگۈسى تەرىققىياتىنى ئويلىغىندا ئىجادىي ئەسەر ئېلان قىلىدىغانلارغا قارىتا مۇۋاپىق ھەق بېرىشنى ئويلىشى كېرەك.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ئۇتغۇر + 10 بەكمۇ ئورۇنلۇق!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4544
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28276
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6038 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 08:47:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تەكلىپ ئىكەن ، تور دۇنياسىغا بىۋاستە يېزىپ يوللايدىغانلار ئادەتتە ئىشتىن سىرىتقى ۋاقىتتا يازىدۇ ، بەزىدە ئىش ئۈستىدىمۇ يېزىشى مومكىن ، مۇشۇنداق شارائىتتا قىسمەن نوقسانلاردىن خالىي بولۇپ كىتەلمەسلىكى ئېنىق ، مەن ئويلايمەن مۇشۇ نەق پۇل ئارقىلىق قوللاپ رىغبەتلەندۈرۈلسىمۇ بولىدۇ ، ئەڭ مۇھىمى ئوقۇرمەن ئۆزى ياقتۇرغان قايسىبىر تىمىنى ئوقىسۇن ئۇنى چۈشىنىپ ئۇنىڭدىن روھى ئوزۇق ئالالىسا ھەم ئاپتۇر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئويلىغانلىرىنى يەتكۈزەلىسە شۇ تىما ئاپتۇرىغا نىسبەتەن بىر خۇشاللىق ھەم چوڭ رىغبەتلەندۈرۈش بولىشى مومكىن .

مۇھتاجىلىق بەك يامان

ئالپ ئەر تورى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 1001
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3451
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1057 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 09:14:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوللايمەن!!
بولسا شۇنداق قىلىلى، بىرنەرسە يازماقمۇ خىلى تەس ھازىر!! قورساقتا بىلىم بولمىسا بولمايدۇ!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش