ئۇيغۇر ئوغلى
تەجىربىلىك ئەزا
ئەقىلدىن ئەقىلگە ئەقلىيىلەر
ھەر قانداق ئادەم ئۆزگىگە بىرەلىگەن تەسەللىنى ئۆزىگە بىرەلمەيدۇ. ئىنسان ئاجايىپ سىر _ تاشلىۋەتسەڭ ئاغرىنىدۇ، دائىم ئىزدەپ تۇرساڭ سەندىن بېزار بولىدۇ. بالىلىق ___ مەڭگۈلۈك شىرىن چۈش. سەن ھاياتىڭدا سېنى تۇنجى قېتىم تىللىغان كىشى بىلەن سىنى تۇنجى سۆيگەن كىشىنى ئۇنتۇيالمايسەن. قىزلار ئۆزىنى ياخشى كۆرگەنلەرنى ئالداپ ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغانلار تەرەپىدىن ئالدىنىدۇ. مۇھەببەتتىن رايى قايتقان كىشىگە ئەتراپتىكى ھەممە نەرسە خۈنۈك كۆرۈنىدۇ. مەسئۇلىيەت ___ يېرىم غەلبە. ئۆتمۈش ئىبرەت، بۈگۈن پۇرسەت، ئەتە ئۈمىد. ئىنساننىڭ تۇنجى مەكتىپى ئائىلە، تۇنجى ئۇستازى ئانا، تۇنجى دەرسى ئەللەي. ئەسلىمە ___ ئۇچرىشىشنىڭ بىر خىل شەكلى سەن قايغۇ - ھەسرەتكە مۇپتىلا بولغاندا تەسەللى بىرەلىگەن ئەمەس، نەتىجە قازانغىنىڭدا چىن كۆڭلىدىن كۈلەلىگەن ئادەم ھەقىقىي دوستۇڭدۇر. باشقىلارنىڭ سېنى مۇكەممەل چۈشىنىشىگە پۇرسەت بەرمە بولمىسا ئۇنىڭ ساڭا بولغان مايىللىقى تەبىئىي ھالدا چېكىنىشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ. بىلمەي ئۆتكۈزگەن خاتالىق ___ پۇشايمان ، بىلىپ ئۆتكۈزگەن خاتالىق ۋىجدان ئازابى. ئۆزۈڭگە ئاچچىقىڭ كەلگەندىلا ھەممىدىن ۋاز كېچەلەيسەن. كۆز يېشى ئادەم كۆڭلىنىڭ راۋان تەرجىمىسى . توي ___ مۇھەببەتنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتكە ئورۇن بەرگەن تۇنجى كۈنى
ھاياسىز قىز ___ توزىغان گۈل ۋىجدانسىز ئوغۇل___ ئوتتىن كېيىنكى كۈل ھاياسىز قىز ___ ئوت - چۆپ باسقان ئېتىز روھ شولىسى تەشۋىش ___ بىشارەتلىك چۈش غەم ___ ئازاپلىق تەم غورۇر ___ پارقىراق شەمشەر كۆڭۈل ___ گاھ چىلبۆرە گاھ ئولجا بېشىڭدىكى چاچ ___ سەن ماڭىدىغان يوللارنىڭ سانى تەپەككۈر ئۈنچىلىرى سەن بىراۋنى قەدىرلىگەنسىرى ئۇنىڭ سېنى كۆزگە ئىلمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسەن. كۆز كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى ، سۆز قەلىبنىڭ ئىشىكى خىيال ___ چۈشتىكى ساياھەت مۇھەببەتكە بولغان ھۆرمەت ___ ئەخلاق گۈللىرىنىڭ ئېچىلىشى، ھايا پەردىسىنىڭ يېپىلىشى بىلەن تۇغۇلىدۇ مەنبە: ھېكمەت خاتىرەم
پاش قىلىش
تىرىشچان ئەزا
دائىملىق ئــەزا
يىـڭى ئــەزا
مەستانە ئـــەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ