مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9185|ئىنكاس: 60

قۇياش بورىنى ۋە مالايسىيانىڭ MH370 ئايروپىلانى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580071
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12297 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-18 09:22:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قۇياش بورىنى ۋە مالايسىيانىڭ MH370 ئايروپىلانى



0001.jpg


بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە يەنى 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى مالايسىيانىڭ MH370تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى ھاۋا يولىدا تۇيۇقسىز غايىب بولۇپ، ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولماي، پۈتۈن دۇنيادا زور غۇلغۇلا قوزغاپ، ئاخبارات ساھەسى ۋە تور دۇنياسىدىكى سىرلىق بىر قىزىق تېما بولۇپ قالدى. مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا 239نەپەر يولۇچى ئولتۇرغان بۇ ئايروپىلاندا 154نەپەر جۇڭگولۇق بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر نەپەر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز باركەن، شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى قېرىنداشلارمۇ بۇ ۋەقەگە خېلى زور كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە. بۇ توغرىلىق نۇرغۇن بەس –مۇنازىرە ۋە ھەرخىل ئېھتىماللىق قاراشلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. گەرچە بۇ پەرەز رېئاللىقتىن سەل چەتنىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئازراق بولسىمۇ پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ ئويلايمەن.

0002.jpg


قۇياش بورىنى يەنى ماگنىت بورىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، چۈنكى قۇياش قويۇپ بەرگەن زەررىچىلەر زەرەت ئېقىمىغا ئىگە بولغاچقا ، ماگنىت مەيدان ئىندۇكسىيەسى پەيدا قىلىپ ئېلېكتر ۋە ئۇچۇر سىگنالىنى توسۇپ قويىدۇ. قۇياش بورىنى 2خىل بولۇپ، بىر خىلى ياكى دېيىلىدۇ، ئېتىلىش سۈرئىتى بىرقەدەر ئاستا، تەركىبىدە زەررىچىلەر كۆپ بولمايدۇ، بۇ خىل قۇياش بورىنىنىڭ پەيدا بولۇشى تىنچ ھالەتتىكى قۇياش تاجى رايونى (يەنى كۈننىڭ تولۇق تۇتۇلۇشى ) بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. قۇياش تاجىدىكى ماددىلارنىڭ ئاستا سۈرئەتتە سىرتقا كېڭىيىشى بىلەن، قۇياش يۈزىدىن تەدرىجىي يىراقلىشىدۇ-دە، تىنچ ھالەتتىكى قۇياش بورىنىنى شەكىللەندۈرىدۇ. قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى يىراقلاشقانسېرى، سىرتقا كېڭىيىپ سۈرئىتى تەدرىجىي چوڭىيىپ ، زىچلىقى ئۈزلۈكسىز كىچىكلەيدۇ، يەر شارىغا يېتىپ كەلگەندە ۋاقىتتا ، ئېتىلما ئېقىمى ھەر سېكۇنتىغا مىڭ مېتىرغا يېتىدۇ، ھەر بىر كۇب سانتىمېتىر ئورۇندىكى پروتون سانى 10 دانىغىچە بولىدۇ. بۇخىل قۇياش بورىنىنىڭ يەر شارىغا بولغان تەسىرى ئانچە چوڭ بولمايدۇ.

0003.png


يەنە بىر خىلى بولسا، قۇياش ئاكتىپلاشقان ۋاقىتتا زەررىچىلەر ئېقىمى ئېتىلىپ چىقىدۇ، بۇ خىل قۇياش بورىنى قۇياشتىن ئېتىلىپ چىققان ماددىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك، تەركىبىدە زور مىقداردا زەرەتلىك زەررىچىلەر بولۇپ، ئېتىلىپ چىقىش سۈرئىتى ھەر سېكۇنتىغا 2000000~1000000 مېتىرغىچە بولىدۇ. زەررىچىلەرنىڭ زىچلىقى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، ھەر كۇب سانتىمېتىرغا نەچچە ئون تالدىن توغرا كېلىدۇ. تەۋرەنمە قۇياش بورىنىنىڭ تەركىبىدىكى يۇقىرى سۈرئەتتىكى زەررىچىلەر يەرشارىغا كۆرۈنەرلىك توسقۇنلۇقلارنى پەيدا قىلىپلا قالماي، ئۇچۇر ئالاقىسىغا ئاز بولمىغان ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، مىسالەن: قۇياش بورىنى سۈنئىي ھەمراھ ئالاقىسىنى ئۈزۈپ قويىدۇ، سۈنئىي ھەمراھ خەۋەرلىشىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ئالاقىنى پۈتۈنلەي پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ئايروپىلان بىلەن سۈنئىي ھەمراھ خەۋەرلىشىشنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالسا ئايروپىلان ھاۋا يولىدىن ئادىشىپ قىلىپ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن .

ئەينى ۋاقىتتىكى قۇياش بورىنىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەر مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
خەلقئارا تېز لىنىيىسى باش ماقالىسى: 2013-يىلى 6- ئاينىڭ 9-كۈنى
رۇسىيە RT تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خەلقئارا سۇغۇرتا شىركىتى)Lloyd’s (بىلەن ئاتموسفېرا ۋە مۇھىت تەتقىقات ئورنى بىرلىكتە ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېيىلگەن: يەر شارى پات ئارىدا بىر مەيدان دەرىجىدىن تاشقىرى قۇياش بورىنىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىشى مۇمكىن، بۇ ئاپەت خاراكتېرلىك زەربىنىڭ تەسىرىدە كۆپلىگەن غەرب دۆلەتلىرىدە ھەتتا بىر نەچچە ئاي توك توختاش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، بۇ سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئومۇمىي زىيان ئىككى تىرىليون 600 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ( تەخمىنەن 16 تىرىليون يۈەن ) گە يېتىشى مۇمكىن دېيىلگەن.
دوكلاتتا يەنە دېيىلىشىچە، دەرىجىدىن تاشقىرى قۇياش بورىنى تەخمىنەن 150 يىلدا بىر قېتىم يۈز بېرىدىكەن، ئۆتكەن قېتىمقىسى 1859- يىلى يۈز بەرگەن بولۇپ، شۇ قېتىمقى ھادىسىنى كىشىلەر كاررىڭتون قالايمىقانچىلىقى (Carrington Event) دەپ ئاتىغان. ئەينى چاغدا يەر شارىدا يۈز بەرگەن ماگنىت بورىنىنىڭ تەسىرىدە پۈتۈن دۇنيادىكى تېلېفون ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان، شىمالىي قۇتۇپ ئاسمىنىدا كۆرۈلىدىغان قۇتۇپ شولىسىمۇ ئالاھىدە روشەن كۆرۈنگەن. ئەمما ئۇ چاغلاردا ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ھازىرقىدەك كەڭ- كۆلەمدە ئومۇملاشمىغان ئىدى.

مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر خەۋەر
2013-يىلى2-ئاينىڭ 13-كۈنى
ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا تېلېگراممىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى (NASA) ئاگاھلاندۇرۇپ،يەر شارى پات يېقىندا ساقلىنىش تەس بولغان " بوشلۇق بورىنى" غا يولۇقىدۇ، كەينىدىن ئەنگلىيىدە كەڭ كۆلەمدە توك توختاپ قالىدۇ شۇنداقلا ئۇزۇن مەزگىل مۇھىم ئۇچۇر ئالاقە ئىشلىرىمۇ توختايدۇ دېگەن. 2013-يىلى يۈز بېرىدىغان بۇ بوشلۇق بورىنى بەلكىم دۆلەتنىڭ توك تورىنىڭ ھەددىدىن زىيادە قىزىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھاۋادا ئۇچىدىغان نەرسىلەرگە قاتتىق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن.كەلگۈسى نەچچە ئون يىل ئىچىدە قۇياش ھەرىكىتى ئەڭ كۈچەيگەن باسقۇچلارغا كىرىدىغان بولۇپ،يەر يۈزىدىكى ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر،يول باشلاش ئۈسكۈنىلىرى، شۇنداقلا مۇھىم سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ توختاپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئامېرىكا .ئالەم قاتناش ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىچە،2013-يىلى قۇياش <ئېغىر ئۇيقۇ> ھالىتىدىن ئويغىنىدىغان بولۇپ،بۇنىڭدىن ھاسىل بولغان قۇياش دېغى يەر شارىنىڭ ماگنىت مەيدانىغا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇزغۇنچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئالىملارنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىملىق بوران ھەرىكىتى بەلكىم يەر شارىنىڭ جىددىي مۇلازىمەت سىستېمىسى ، تېببىي ئۈسكۈنىلەر،بانكا سىستېمىسى ، شۇنداقلا ھاۋادىكى قاتناشنى كونترول قىلىش ئۈسكۈنىلىرىدىن تارتىپ،كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر، مەسىلەن ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى، iPod ۋە سۈنئىي ھەمراھلىق يول باشلاش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق بارلىق نەرسىلەرنى ۋەيران قىلىۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن. ئىنسانلارنىڭ ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرگە بولغان ھەددىدىن زىيادە تايىنىۋېلىشى، شۇنداقلا بۇ خىل ئۈسكۈنىلەرنىڭ ماگنىت مەيدان ئېنىرگىيسىگە بولغان كۈچلۈك سېزىمچانلىقى تۈپەيلى،بۇ قېتىمقى قۇياش بورىنى ھەرىكىتىنىڭ يەر شارىغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى نەچچە يۈز مىليارد فوند ستېرلىڭغا يېتىدىكەن.


مەنبە:مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى(جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئاملاشتۇرۇشلار بولسا ئۈندىدارغا قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ نۇمۇرۇم:295997753
ئەسكەرتىش: قۇشىۋالغاندا كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101942
يازما سانى: 1105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3525
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 452 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-18 09:46:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر     قىرىندىشىمز   بار  دىمىسەم    قىزىقمايتىم   بۇ   خەۋەرگە   

يەر شارىدا ھەر قانداق چوڭ قىيىنچىلىق بولسۇن، ئۇنىڭ چىقىش يولى بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97716
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1182
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 98 سائەت
تىزىم: 2013-9-9
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-18 09:49:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق خىيالى پەرەزلەرگە بىر نىمە دىيش قىيىن. ئاللاھقا تاپشۇردۇم.
ھامان بىر كۈنى بىلىدىغان ، سىرى يىشىلىدىغان ۋاقتى كىلىدۇ.

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-18 09:50:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاچانمۇ تېپىلار؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2966
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 429 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-18 09:56:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي بۇ سىر قاچان يىشىلە ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28749
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-18 10:05:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىما بىلەن مالايسىيانىڭ يوقاپ كەتكەن يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئالاقىسى بارمۇ ؟
تىما ماۋزۇسىغا بۇ يوقاپ كەتكەن ئايروپىلاننى قىستۇرۇپ قويغىنىغا قارىغاندا كىشىلەرنىڭ جىددىيچىلىكىنى تۆۋەنلىتىش ۋە ئاۋىئاتسىيە قاتنىشىدىكى بۇندىن كىيىنكى يولۇچىلار ئەندىشىسىنى بىر ئاز يوقىتىش ئۈچۈن بۇ تىما ئارقىلىق مەزكۇر ئايروپىلانغا تەبىر بەرگەن ئوخشايدۇ .
ئەمما مىنىڭچە بۇ تىما مەزمۇنىنى بۇ يوقاپ كەتكەن ئايروپىلانغا باغلاپ سەۋەپ قىلىشقا بولمايدۇ ، چۈنكى تمىدا دىيىلگەندەك ئەگەر قوياش بورىنى راسلا بۇ ئايروپىلاننىڭ يوقاپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا يەر شارىدىكى مەلۇم رايۇنلاردا كەڭ كۆلەمدە توك توختاش ، تىلىفۇن ئالاقىسى ئۈزۈلۈش قاتارلىق ئىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىردىكەن .
بىراق بۇ ئايروپىلان يوقاپ كەتكەندە بۇنداق ئىشلار كۆرۈلمىگەن ، ئەمدى بۇنىڭدىنمۇ قانائەتلىنەرلىك سەۋەپ ياكى چۈشەندۈرۈش بولسا ئوتتۇرغا قويسا بولىدۇ .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
سەۋېر + 10

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

مۇھتاجىلىق بەك يامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1715
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8965
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 354 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-18 10:13:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھامان بىر كۈنى سىرى يىشىلىدىغان ۋاقتى كىلىدۇ.

ياردەم مەزمۇنى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40834
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4230
تۆھپە نۇمۇرى: 139
توردا: 388 سائەت
تىزىم: 2011-5-15
ئاخىرقى: 2015-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-18 10:14:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىشىلمەيدىغان سىىر   يۇق  بەلكىم بىز ئۇيلاپ يەتمىگەن نەچچە خىل ئىھتىمالىقى با ئەلبەتتە   ئايرىپىلان مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر بۇلسىلا كۇرۇپ چىقتىم ئەمما كىشىنى قايىل قىلغۇدەك ئەمەلىيەتكە يىىقىن ھىچبىر خەۋەر يۇق كىشىنى ئۇيغا سالىدۇ خالاس

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80125
يازما سانى: 261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3763
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 141 سائەت
تىزىم: 2012-5-14
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-18 10:15:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
SaBa_002 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-18 09:46 PM
ئۇيغۇر     قىرىندىشىمز   بار  دىمىسەم    قىزىقمايتىم   بۇ    ...

مەنمۇ شۇ ، يەنە كىلىپ قەشقەرلىككەن دىسە!

ياردەم مەزمۇنى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40834
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4230
تۆھپە نۇمۇرى: 139
توردا: 388 سائەت
تىزىم: 2011-5-15
ئاخىرقى: 2015-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-18 10:23:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ نەزىرىمدىكى ئايرىپىلان باشقا قاتناش ۋاستىلىرىگە قارىغاندا قۇلاي، تىز ئشەنچىلىك باشقا قاتناس ۋاستىلىرىدىن كۇپ بىخەتەر ئىدى، قانداق بۇلوپ بۇنداق بۇلغىنى ئەمدى  يابىر ئاسمان بۇشلىقىغا چىقپ كەتكىنىنى يابىر....... بىلگىلى بۇلمىسا نەگىمۇ كىتىپ قالغاندۇ ئۇلار  ....

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش