|
|
|
|
ئامېرىكا سەپىرى 8-كۈنۋاشىنگىتوندا ئۆتكەن ئۇنتۇلماس بىر كۈن
شۇنداق قىلىپ بۈگۈن بىركۈن زىيارەت قىلدىغان شەھەرلەر ۋە ئوبىيكتىلارنى ئاڭلاپ ئۆتتۇق.. دۆلىتىمىز بىلەن نەق 12 سائەت پەرقلەنگەچكە كېچىچە ئۇخلىيالمىدىم...بىركۈن كاللام قۇپقۇرۇق ...چۈنكى مېڭىمىز 27 يىلدىن بېرى جۇڭگو سائىتىگە توغۇرلاقلىق ئەمەسمۇ؟ۋاقىتنى ئۇدۇل كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن تەسكە توختىدى...ئامال قانچە ساناقلىقلا كۈنلەر قالدى ئەمەسمۇ؟ قېتىرقېنىپ زىيارەتلىرىمنى داۋاملاشتۇراي...شۇ بويىچە بىللە كەلگەن ھەرقايسى تورچىلار ۋە ئاخباراتلار ۋەكىلى بىلەن ئەتتىگەندىن كەچ بولغىچە بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئامېركا خەلقىنىڭ بىرقىسىم دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئۆرپ ئادەتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى..
.مەن بۇ قېتىملىق ساياھەت خاتىرەمدە قانداقتۇر شەھەر توغرىسىدا ۋە بىرقىسىم تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشلىرى توغرىسىدا قەلەم تەۋرەتمىدىم...چۈنكى ئۇزۇندىن بۇيان ئامېرىكا تەسىراتلىرى ياكى ئامېرىكا ساياھەت خاتىرلىرىدە بۇ نۇقتىلار تەكرار سۆزلەنگەن...مەن پەقەت ئۆزۈم ھېس قىلغانلىرىم بويىچە سۆزلەپ ئۆتىۋاتىمەن...بۇ ساياھەت خاتىرەمنى قانداقتۇر يېزىقچىلىق ئۆلچەملىرىگە سېلىۋالماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن... كۆڭلۈم بەكلا يېرىم...يېقىن دوستۇم، دوپپامنى قەدىرلەپ ،خۇش بولۇپ كەيگەن پاۋۇل ئەپەندىم بۈگۈن خىزمەت ۋاقتى توشۇپ مەندىن ئايرىلدى...قۇچاقلىشىپ ئايرىلدۇق...ئۇ مەن ئۈچۈن كۈندە مۇسۇلمانچە ئاشخانا ئىزدەش ۋە مېنىڭ مۇلازىمەتلىرىمنى قىلىش بىلەن ئالدىراش كۈن ئۆتكۈزگەن ئىدى...ئۇ ھاياتىدا تۇنجى ئۇچراشقان ئۇيغۇر مەن بولسام ،مېنىڭ ھاياتىمدا تۇنجى ئۇچراشقان ۋە سىرداشقان ئامېرىكىلىق پاۋۇل ئەپەندى ئىدى...ئۇ كاۋاب بىلەن ناننى ياقتۇرۇپ قالدى،مەن ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىنمۇ پاۋۇل يەنە پات پات ھالال ئاشخانىلارغا كىرىپ تۇردىغانلىقىنى ،تاماقلىرىنىڭ ئالاھىدە ئوخشايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى..
قىززىق يېرى پاۋۇل ئەپەندىم مېنى دەپ ئاشخانىلارغا بارسىمۇ يەنە ئوخشاش كىرالارنى تۆلەپ ئۆز يېنىدىن چىقىم قىلاتتى... ئۇ بۇ يىل 72 گە كىرىپتۇ...ئەمما ئۇ ناھايىتى تىمەن ئىدى..ئۇ ھاياتىدا شىنجاڭغا بېرىش نىسىپ بولسا چوقۇم مەن بىلەن كۆرۈشۈشنى ئېيتىپ ئۆتتى...خەير پاۋۇل،ئەمدى سېنىڭ گەپلىرىڭ ئەسلىمىگە ئايلىندىغان بولدى..... شۇنداق قىلىپ بىر ۋاقلىق ھالال تاماق 12 دوللار ، ھېلىقى تەكەللۇپ بىلەن بىكاردىن بىكارغا قوشۇپ بېرىدىغان 2 دوللار،تاكسىي 8 دوللار ،جەمئىي 22 دوللار ،يەنى جۇڭگو پۇلىدا 120 يۈەن دىگەن گەپ، بۇ يەردە پۇل خەجلەش ئۈچۈن چوقۇم جۇڭگو پۇلىنى ئۇنتۇپ كېتىش كېرەك، ئەگەر ماڭا ئوخشاش دوللارنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىسىڭىز ھېچنىمىگە خەجلىگىڭىز كەلمەيدىكەن...تاماق يەپ بولۇپ يىغىن كۈن تەرتىپلىرى داۋاملاشتى...بۇلاردىكى يىغىن ئېچىشتىكى ھالەت ئەركىنلىكى ۋە ئۈچ كىشىنىڭ تەكرار سۆزلەشتىن ساقلىنىشى مېنى ئۆزىگە قايىل قىلدى... شۇنداق قىلىپ ئەكەلگەن ئۇيغۇرنىڭ ئۆرۈپ ئادەت مەدەنىيەتلىرىنى ئەكس ئېتىدىغان دوپپىنى پاۋۇلغا،ئابلىكىم زۇنۇن جەۋلانى يازغان ھۆسىنخەتنى پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغان ئورۇننىڭ مەسئۇلى مارتى خانىمغا ، تۇرسۇنجان سالامەت شەۋقى يازغان ھۆسنىخەتنى مارتى خانىم سەپداشلىرىدىن فىرانك ئەپەندى ،داۋىد ئەپەندىلەرگە مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ سوۋغا قىلدىم..
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ناھايىتى خۇرسەن بولغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى...يىغىن جەريانىدا ئورۇنلاشتۇرغۇچى تەرەپ مىيىپلارغا بولغان مۇلازىمەتنى تېخىمۇ ياخشىلاشنى، مۇسۇلمانچە تاماقلارنى چوقۇم تەييار قىلىشىنى قايتا قايتا تەكىتلىدى... جەدۋەلگە توشقۇزغان مۇسۇلمانچە دېگەن سۆزنىڭ بۇنچە قەدىرلىكلىكىنى بىلمەپتىمەن...يىغىن جەريانىدا مىيىپلارنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقلىرى ئۈستىدە سورىغىنىمدا،،،ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مىيىپلار پەقەتلا مەلۇم جەھەتتە كەمتۈكلەرنى كۆرسىتىدۇ..ئاللىقاچان مىيىپلار قانۇنلىرى قېلىپلاشقان،چوقۇم نورمال خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلىيەلىشى كېرەك...مىيىپلار ھەق -ھوقوقى تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولىدىغان دۆلەتكەن...قىززىق يېرى بۇ يەردە قار ياغسىلا مەكتەپ ،ئىدا ئورگان بىراقلا ئۆزلىرىگە شۇ كۈننى ئارام كۈنى قىلۋالىدىكەن، بۇ ئارقىلىق ئادەمنى ئاساس قىلىپ تۇيۇقسىز بولغان قاتناش ۋەقەسى ۋە يىقىلىپ چۈشۈشلەرنى ئازايتىدىكەن......ۋاشىنگىتون
ئامېرىكا سەپىرى 8- كۈن...مانا بۈگۈن ئەتتىگەن سەھەردە يەنە تورداشلارغا سەپەر خاتىرەمنىڭ كىچىككىنە تەمەچلىرىنى سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن...ۋەتەن بىلەن بۇ يەر 10 سائەتچە پەرقلىندىكەن... ئامېرىكىدا ھېلىقى مۇلازىمەت پۇلى بېرىدىغان ئىش توغرىسىدا خېلى تەپسىلىي مەلۇماتلارغا ئېرىشتىم... ئادەتتە ئىستىمال سوممىسىنىڭ 10 پىرسەنتتىن 20 پىرسەنتىگىچە بىز ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلغانلارغا بېرىدىكەنمىز... مەسىلەن 100 دوللارلىق بىر ۋاقىتلىق مۇلازىمەت خاراكتىرىنى ئالغان ئىش پائالىيەتتە بولسىڭىز ئوخشاشلا 10 دوللاردىن يۇقىرى پۇل بېرىدىكەنسىز..تاللا بازارلىرىدا بۇخىل مۇلازىمەت ھەققى تۆلىمەيدىكەنسىز...ئويلاپ قالدىم ،ماۋۇ خىل ياخشى بولغان مەدىنىيەت ھادىسىنى نېمىشقا يۇرتىمىزغا كېلونلاپ ئەكەتمەيمىز؟ بۇ ئارقىلىق ئاشخانىدا بىز تۆۋەن كۆرۈپ،ۋاقىراپ تىللاۋاتقان ئۇيغۇرلىرىمىز ،كاستىيۇملارنى كىيىپ ئالاھىدە مۇلازىمەتلەرنى قىلسا...ۋاھ....ئۇ چاغدا ئىش باشقىچە..بۇلار 10 دوللار بەرگەن بولسا بىز ھەر بىرىمىز 1 يۈەندىن بەرسەك ئۇ كىشى كۈندە ئاز دېگەندە 200 مېھمان ئۇزىتالايدۇ...بۇ ئارقىلىق كىيىنكى مۇلازىمىتى ۋە شۇ يەردە مۇقىم ئىشلىشى تېخىمۇ ئالغا سۈرۈلىدۇ...ئادەتتە ئامېرىكىدا شۇنداق مۇلازىمەت تىپىدىكى ئورۇنلاردا ئىشلىگەنلەرنىڭ سائەتلىك مۇئاشى 2 دوللارنى ئاساس قىلىدىكەن...بۇ ئىككى دوللار تۇرمۇشىغا قانداق يېتىدۇ دەمسىز؟ ئۇ مۇلازىمەت پۇلىدىن ياخشى تاپسا كۈندە 200 دوللارمۇ تاپالايدىكەن...دىمەك ئايدا نورمال ھالەتتە ھېچ بولمىغاندا كۈنىگە 50 دىن 1500 دوللار تاپتى دېگەن گەپ...ئەمما ئۇ بۇ پۇلنى تېپىش جەريانىدا ھېرىپ قالمايدۇ...بىرلا ئادەمدىن ئېلىۋالمايدۇ...يۇرتىمىزدىمۇ ئوخشاشلا مۇشۇ 1 يۈەن ئارقىلىق ئاپتوبۇسقا چىقىشتىن باشقا ئىشلارنى ئاساسەن قىلالمايمىز..
.ئىچىمىز پۇشسىلا ئامېرىكىنى جاھانگىر دۆلەت دەپ تىللاپ قاخشاپ قويىمىز..ئەپسۇس ئامېرىكىنىڭ ئىلغار تەرەپلىرى بىزنى قايىل قىلماي تۇرمايدۇ.......مۇنداق بىر ئىش بولدى،ئەتىگەندە ياتاق تازلايدىغانغا 2 دوللارنى ياستۇق ئۈستىگە قويۇپ قويۇشنى ئۇنتۇپتىمەن،ئىككى دوللارنى بېرىپ سىنادىكى مەن بىلەن بىللە كەلگەن يولداشقا ياتاق كارتىسىنى بېرىپ ،پۇلنى قويۇپ قويۇشنى تاپىلاپ مەن ھالال تاماقخانا ئىزدەپ يۈرۈپ كەتتىم..قايتىپ كېلىپ ھېلىقى مەن كارتىنى بېرىپ قويغان خەنزۇنى تاپالمىدىم،تەرجىمانىم پاۋۇل ئەپەندىم مەندىن نېمىش قىلۋاتقانلىقىنى سورىغاندا كارتا باشقىلاردا قاپتۇ دەپ بولىشىمغا ياتاق مۇلازىمەت ئورنىغا بېرىپ ئەھۋالنى شۇنداقلا دىيشىگە ،،،، ياتاق نۇمۇرنى سوراپلا يېڭى كارتىدىن بىرنى بەردى،تەرجىمانىمدىن ھەيران بولۇپ سورىدىم، بۇ كارتىنى قايتا بېجىرىشكە قانچە پۇل كېتىدۇ؟ ئۇ سۆزلەپ ئۆتتى؛ بۇنىڭغا پۇل كەتمەيدۇ...يەنە ئويلىنىپ قالدىم، ئۇ ياتاقنىڭ بىزنىڭ ئىلەنلىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلىدۇ؟ ھۆكۈم قىلىش ھاجەتسىز...ئادەتتە ئامېرىكىدا ئاساسەن يالغان سۆزلەش مەۋجۇد بولمايدۇ...كىشىگە ئىشىنىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ...ئەسلى مۇنداقكەندە....بىزنىڭ يۇرتلاردا بولسا كارتىنى يۈتتۈرۋەتكەنگە بىرمۇنچە قوساق كۆپىكى بىلەن قايتىدىن بېجىرىپ ،كىملىكلەرنى نەچچە كۆرۈپ ئاندىن قىلىپ بېرىدۇ..بۇخىل ئىشەنچ ئامېرىكىلىقتا نەدىن تۇرغۇزۇلغان؟ مەسىلە دەل شۇ يەردە،،، كۆپ قىسىم ئامېرىكىلىقنىڭ تۇرمۇشلىرى پۈتۈنلەي تەكەللۇپ ئىچىدە ئۆتىدىكەن...كۈلۈمسىرەشنى دائىملىق ئادىتى قىلۋالغانكەن...لېفىتتا 8- قەۋەتتىن پەسكە چۈشكىچە بىرقانچە يەردە توختايدۇ،توختىغان ھامان بىرتوپ كىشى لېفىتقا چىقىدۇ،،چىقىپلا توختىماي بىر نەرسىلەرنى دەپ كۈلۈشۈپ چۈشۈپ كېتىدۇ،تەرجىمانىمدىن سورىغىنىمدا ھەر قېتىملىق سۆزلىرى ئىككى كىشى ئۈچۈن مۇناسىۋەتسىز... ئۇلار بىر بىرىنى تونىمايدۇ..سۆزلەش تېمىلىرى ھەرخىل ...ھاۋانىڭ ئوچۇقلىقى،كىيمىنىڭ ياراشقىنى،،قاتارلىقلار...بىز تونىمايدىغان كىشى ئەمەس ئازراق تونۇش كىشى ئالدىمىزدىن ئۆتىۋاتسىمۇ ناھايىتى ئوڭايسىزلىنىش ئىچىدە سالاملىشىپلا ئۆتۈپ كېتىمىز ...ئامېرىكىلىقتنىڭ تۇرمۇشتىكى بۇ قىزغىنلىق ئۇلاردا چوڭقۇر بولغان ئىللىق بىر مېھىرنى شەكىللەندۈرۈپ ئۆز ئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپتۇ....بۈگۈن مارتى خانىم يىغىن ئاخىردا مەخسۇس مەن ئۈچۈن ئازراق سۆھبەتتە بولدى..ئۇ دەيدۇ ،پۈتكۈل ئامېرىكىلىق سۆزلەشكەندە چوقۇم كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ سۆزلىشىنى ،كۆزىنى ئۈزمەسلىكنى خالايدۇ..ئەمما سەن بايىدىن بېرى تەرجىمانغىلا قارىدىڭ ،بۇ ئىشنى تۈزەتكىن دەيدۇ...بىزنىڭ قائىدىمىزدە يات بىر جىنىس بولسۇن ياكى ئوخشاش بولسۇن بىر كىشىنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراشنى ئەدەپسىزلىك دەپ بىلىمىز ئەمەسمۇ...مەن ئۆرپ ئادىتىمىزنى ئۇنىڭغا قىسقىچە چۈشەندۈردۈم...ئۇ توغرا چۈشەندى يۇ بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم شۇنداق قىلىشىم كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.. بۇ يەرنىڭ ماي قاچىلاش ئورۇنلىرى قىززىقكەن، ماينى چوقۇم ئۆزىڭىز قاچىلايدىكەنسىز، ماي قاچىلاش ئورنىدا سىز ۋەتەندە كۆرگەندەك سىزگە ماي قاچىلايدىغانلار يوقكەن...پەقەت ئەتراپتىكى مەلۇم تاللا بازىرى ماي قاچىلاش كارتىسى يوق ئەھۋالدا. شۇ يەردە ئولتۇرۇپلا ماي سوممىسىنى دېگىنى بويىچە بېكىتىپ بېرىدىكەن...يەنىلا شۇ كىشى چىقىپ ئۆزى قاچىلايدىكەن...يەنە بىر ئالاھىدە قائىدىسى مېھىر مۇھەببەتنى تولۇق ھېس قىلغۇزدىكەن...يۇقرى سۈرئەتلىك يول تاق لىنىيلىك بولۇپ شۇ تاق لىنىيلىك يولنىڭ ئوتتۇردا يەنە بىر يول بولۇپ ئۇ يول ئالاھىدە تىز سۈرئەتلىك بولۇپ ئاساسەن توسۇلۇپ قالمايدىكەن،مۇشۇ يولدا مېڭىش ئۈچۈن ماشىندا چوقۇم ئۈچ ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ كىشى بولىشى تەلەپ قىلنىدىكەن...بۇ خىل ئەھۋالدا ئىشقا بېرىپ كېلىشتە ماشىننى توختىتىپ 4 ماشىنا ئىگىسى بىر ماشىندا مېڭىپ قاتناشتىكى قىستاڭچىلىقنى تۈگىتىدىكەن...بۇنىڭدا ھېچكىم بىر بىرگە پۇل بىلەن مۇلازىمەت قىلمايدىكەن... شوپۇر شۇ ئۈچ كىشىنىڭ ماشىنسىغا چىققىنىغا خوشال ،يولوچى بېرىۋالغىنىغا،،بۇ ئارقىلىق بىرى مېھرى مۇھەببەتنى تولۇق ھېس قىلغۇزسا يەنە بىر تەرەپتىن يولدىكى قىستاڭچىلىقنى ئازلىتىدىكەن....يەنە بىر يېرى مۇھىت ساپلقكى يۇقىرىكەن...قارلار ياغدى.بۇ يەردە ئۈرۈمچىدىكىدەك مەينەتچىلىكتىن ئەسەر يوق...
پەقەت بىرە كۈن ئۆتكۈندىن كېيىنلا يامغۇردەكلا پاك پاكىز ...بۇ يەردە مۇھىت تازلىقچىلىرىنى ئۇچراتمىدىم،قارىسام ھەربىر كىشى ئۆز ئۆزىگە مۇھىت تازلىقچىسىكەن..بۈگۈن كەچ ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىپ مەن بىلەن بىر يۇرتتىكى خوشنام بىلەن كۆرۈشۈشكە نىسىپ بولۇپ،يولدىشىنىڭ ئەلا مۇلازىمىتى بىلەن ئۆيىگە بېرىپ ،نېفىتلىك تونۇشلاردىن مەرزىيە،ۋە يولدىشى، بالىسى بەرنا شۇنىڭدەك نۇرىمان ھەدەملە بىلەن كۆرۈشۈپ بىر ۋاقلىق ئۇيغۇر پولوسىغا ئېغىز تەگدىم...
خۇددىي ھاياتىمدا پولو يەپ باقمىغاندەك مەززە بىلەن يەپ كەتتىمدە....يەنە ئۇيغۇر تامىقىغا ھېچ نەرسە ئوخشىمايدىكەن جۇمۇ...ئەتە ئەتتىگەندىن باشلاپ يەنە بىز كەلگەن ئاخباراتچىلار توپى بىرگە بىر قاتار ئىشلار ئورۇنلاشقانلىقى سەۋەبلىك قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولدۇم....يولدىشىنىڭ كەچنى كەچ دېمەي مېنى ئاپىرىپ قويۇشلىرىدىن بۇلاردىمۇ ئامېرىكىلىقتىكى مېھىر مۇھەببەتنىڭ سىماسىنى كۆرگەندەك بولدۇم...ئۇلارنىڭ شۇنداق ياخشى كۈتكىنىگە كۆپ رەھمەتلەرنى ئېيتتىم ...ئامېرىكىنى ماختاۋەرگنىم ئەمەس،ھەقىقەتەن بۇلاردىكى ئەڭ مەينەت مەدەنىيەتلەرنى ئۆزىمىزگە يۇقتۇرۇپ ئىلغارلىقلىرى ئۈستىدە مۇستەقىل تەپەككۇردىن قۇرۇق قاپتۇق....يەنە بىر مەن ئامېرىكىدا ئەڭ ياقتۇرمىغان ئىشىم ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ قانۇنلۇق نىكاھلىنىشى ...بۇ تەرەپتە بەزى بىر نوقۇل ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلىشى دىنىنىزغا تۈپتىن مۇخالىپ،ھېس قىلغانلىرىمنىڭ قەلەم يۈزىدە ئىپادىلنىشى ئارانلا مۇشۇنچىلىك......ئاللاھ خالىسا تېخىمۇ ياخشى بولغان ئامېرىكا كىچىككىنە تۇرمۇش تەمەچلىرىدىن ھەرۋاقىت سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشقا تېرىشىمەن.... يەنە ئالاھىدە ئېيتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى مەن ئامىرىكىدا يوللۇققانلىرىمنى ئاددىي تەپەككۇرلىرىم بىلەن ئىپادىلەپ يېزىۋاتىمەن...بەلكىم بەزى سىرتتىن ھېس قىلغانلىرىمدا خاتالىقلارنىڭ بولىشى تەبئىي ...ئەمما مەنمۇ تەرجىمانىم ئارقىلىق يۇقرى تۈستە ئامېرىكىلىق ئۈستىدە ئەھۋال ئېگەللەشكە تېرىشتىم... يەنە بىرى بىۋاستىلا تېلفوندا يازغانلىقىم سەۋەبلىك ئىملاخاتالىقلىقلىرىنىڭ بولىشى تەبئىي---تۈزىتىپ ئوقۇغايسىزلەر-زىيارەت خاتىرەمنى ئوقۇۋاتقانلار قانچە كۆپ بولسا مېنىڭ يېزىشىمغا ئىلھام بولىدىكەن....مۇمكىن بولسا قىممەتلىك ھېس تۇيغۇلىرىڭلاردا ئوخشاش بەھىرلەنسەك-- ۋاشىنگىتون ---18-چىسلا سەھەر 6:40 مىنۇت
|
|
|
|
|
|