|
|
|
|
بۆرىنىڭ توققۇز خسلىتى
1.پۇرسەت كۈتۈش ، بۆرە ئۆزى ئاجىز ۋاقىتتا قانداقتۇر ئاتالمېش غورور ئۈچۈن ئۆزىدىن كۈچلۈكلەرگە ھۇجۇم قىلمايدۇ .
2.ئۆملۈك . بۆرە ئۆزدىن كۈچلۈك دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇشتا چوقۇم كوللىكتىپ ھوجۇمغا ئۆتىدۇ .
3.ئۆزىنى بىلىش ، بۆرىنىڭ ھايۋانلار پادىشاھى بۇلۇش خىيالى بار ئەلۋەتتە . لېكىن بۆرە ئۆزىنىڭ شىر ، يولۋاس ئەمەس ، بۆرە ئىكەنلىكىنى ئەستە ساقلايدۇ .
4.ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرىدۇ . بۆرە قانداق قىلىپ ئەڭ كىچىك بەدەل بىلەن چوڭ پايدىغا ئېرىشىشنى بىلىدۇ .
5.تەڭ ئىلگىرلەپ تەڭ چېكىنىش . بۆرە گەرچە تەنھا يۈرۈشنى ياخشى كۆرسىمۇ ، لېكىن بىرلەشمە ھۇجۇمدا ئەڭ ئىتپاق ، بۆرە يارلانغان سەبدىشىنى تاشلاپ جەڭ مەيدانىدىن چېكىنمەيدۇ .
6. ئۆزىنى ھەم ئۆزگىنى چۈشۈنۈش . بۆرە ھەر قانداق رەقىبىنى ھۆرمەت قىلىدۇ ، رەقىبىنى ياخشى چۈشىنىدۇ، رەقىبىنى سەل چاغلىمايدۇ ، شۇڭا بۆرە ئاسان غەلبە قىلىدۇ .
7.كۈيۈمچانلىق . ئەركەك بۆرە چىشى بۆرە ھامىلدار بولغاندىن تارتىپ بۆرە كۈچۈكى تۇغۇلۇپ تاكى مۇستەقىل ھەركەت قىلغۇچە ئانا-بالىنى قوغدايدۇ.
8 . مۇستەقىل ياشاش . بۆرە بالىسى مۇستەقىل ھەركەت قىلىش يېشىغا يەتكەن ھامان بالىسىدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ ، چۈنكى بۆرىنىڭ پەلسەپەسى ‹‹ بۆرە بول ، بولمىسا قوي بول ›› دېگەنلىكتۇر .
9 . ئەركىنلىكنى سۆيۈش ، بۆرە ئەركىن ، تەنھا يۈرۈپ ئاچلىقتىن ئۆلۈشكە رازىكى ، بىر پارچە تەييا لوقما ئۈچۈن باشقىلارغا قۇيرۇق شىپاڭشىتمايدۇ . مەنبە : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى .
|
|
|
|
|
|