ئۈندىداردا سالون قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش دەرىسلىكى(1) ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئەزىزلەر،ھەممىڭلارغا كەمىنە مەشئەلدىن ئوتلۇق سالام.ئالدىنقى قىتىملىق يازمامدا كىيىنكى قىتىمدا ئۈندىداردا سالون قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى ئۆگىتىپ ئۆتىدىغانلىقىم توغرىسىدا ئۇچۇر بەرگەن ئىدىم،بۈگۈن قولۇم ئازراق بىكار بولۇپ بۇنىڭغا ۋاقىت چىقىپ قاپتۇ،شۇ سەۋەپ بۇ دەرىسلىكنى تۈزۈپ چىقتىم،دەرىسلىكنىڭ ھەجمى بىر ئاز چوڭ بولىشى ۋە ۋاقتىمنىڭ قىس بولۇشى سەۋەپلىك بۇنى ئىككىگە بۆلۈپ يىزىشقا توغرا كەلدى،بىرىنجى قىسمىدا ئۈندىداردا سالون قۇرۇشقا كىتىدىغان بارلىق قەدەم باسقۇچلارنى تەپسىلى سۆزلەپ ئۆتىمەن،ئىككىنجى قىسمىدا ئۈندىدار ئارقا بىتىنى باشقۇرۇش ۋە تىما يوللاشنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن،ئالدىراپ قالغان دوسلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن،ئۇنداقتا دەرىسلىكىمىزنى باشلاپ كەتسەك قىززىقسىڭىز دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا بولسۇن. ئاۋۋال ئۈندىدار سالوننىڭ ئورگان بىتىنى ئاچىمىز،بەت ئادىرسى: ئاندىن ئىچىلغان بەتتىن تىزىملىتىشنى باسىمىز،(رەسىمدىكىدەك)
ئاندىن ئىچىلغان بەتكە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلانى توشقۇزىمىز،بىرىنجى كاتەككە خەت ساندۇقىڭىزنى توشقۇزىسىز،ئاندىن مەخپى نومۇر بەلگىلەيسىز،ئاخىردا دەلىللەش كودىنى كىرگۈزۈپ بولۇپ مۇقىملاشنى باسىمىز.(رەسىمدىكىدەك)
ئاندىن سىز بايا توشقۇزغان خەت ساندۇقىغا بىر دەلىللەش كودى ئادىرسى بارىدۇ،خەت ساندۇقىمىزنى ئاچىمىز:
ئاندىن خەت ساندۇقىمىزنى ئاچقاندىن كىيىن دەلىللەش ئادىرسىغا كىرىمىز(رەسىمدىكىدەك)
ئادىرىسقا كىرگەندىن كىيىن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلانى كىرگۈزىمىز،كىملىك نومۇرى بىلەن كىملىك رەسىمى تەلەپ قىلىندۇ(رەسىمدىكىدەك)
ئاندىن كىيىنكى قەدەمدە سالونغا ئىسىم كىرگۈزىمىز،ئاندىن ئىقتىدارىنى تونۇشتۇرمىز،ئاندىن ئادىرسى،تىل-يىزىقى ۋە تۈرى قاتارلىقلارنى تاللاپ بولۇپ كىيىنكى قەدەمگە ئۆتىمىز.(رەسىمدىكىدەك)
ئاندىن كىيىنكى قەدەمدە سالون تۈرىنى تاللاشنى تەلەپ قىلىدۇ،ئاۋۋال سالون تۈرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي،ئادەتتە ئۈندىدار سالونى 服务号 ۋە 订阅号 دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ،بۇ ئىككىسىنىڭ قانداق پەرقى بار دىگەندە 服务号 بولسا چوڭ كارخانا ۋە شىركەت تۈسىنى ئالغان ئورۇنلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كىلىدۇ،订阅号 بولسا شەخىسلەرنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن يولغا قويۇلغان ۋە ئىشلىتىش جەھەتتە بىر قەدەر كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ،شۇڭا بىز بۇنى ئۆز ئىھتىياجىمىزغا ئاساسەن تاللىساق بولىدۇ.(رەسىمدىكىدەك)
ئۆزىڭىز ئىھتىياجلىق تۈرنى تاللاپ بولغاندىن كىيىن مۇقىملاشنى باسسىڭىز مەشخۇلاتىڭىز توغرا بولغان بولسا سالون قۇرۇش مۇۋاپىقىيەتلىك بولغانلىق توغىرسىدا ئۇچۇر چىقىدۇ،تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ئۇچۇر چىقسا غەلبە قىلدىڭىز دىگەن گەپ:
ئادەتتە سالون قۇرۇلۇپ بولغاندىن كىيىن بىز سالوننىڭ پۈتۈن ئىقتىدارلىرىدىن تىخى تولۇق پايدىنىلالمايمىز،چۈنكى سالون چوقۇم باش ئورگان تەرەپنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كىرەك،ئادەتتە تەستىقتىن ئۆتۈشكە 1 ھەپتىدىن 15 كۈنگىچە ۋاقىت كىتىدۇ،بۇ ۋاقىتلاردا بىز سالوننىڭ ئارقا بىتىنى تەڭشەش ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلانى قىتىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىپ تۇرساق بولىدۇ،سىناق ئۇقتۇرىشى خەت ساندۇقىڭىزغا بارىدۇ،سىناقتىن ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن دوسلىرىمىزغا تەشۋىق قىلىشنى باشلىساق بولىدۇ. ئۇنداقتا بىرىنجى قىسىم مۇشۇ يەردە ئاياقلاشتى،كىيىنكى قىسىمنى ئامال بار تىزراق يوللايمەن،ئەمسە ئاللاغا ئامانەت،ھۆرمەت بىلەن Declan تور گۇرۇپىسى. مەنبە:ئۆزۈم يەنى Declan تور گۇرۇپىسى.
|