|
|
|
|
مالايسىيا ئاۋىئاتسىيە شېركىتىنىڭ بېيجىڭغا قاراپ ئۇچقانMH370 نۆۋەتچى ئايروپىلانى، يەر يۈزى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ يوقاپ كەتتى ئەگەر ئايرپىلان تېپىلمىسىمۇ قارا قۇتا تىپىسلا ھەممە سىر ئاشكارلانغان بولاتتى بىراق ھازىرغىچە ھىچنىمە يوق. ئۇنداقتا بىز ئايروپىلان ھادىسىلىرىنىڭ سەۋەبىنى بىلىشتىكى مۇھىم نەرسە« قاراقۇتا» ھەققىدىكى مەزمۇننى بىلىپ ئۆتەيلى.
قارا قۇتا ( ئېنگىلىزچە يېزىلىشى black box) بولسا ئايروپىلان ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلىتىدىغان ئېلېكترونلۇق خاتىرىلەش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بىرى، ئەسلى ئاتىلىشى ئاۋىئاتسىيە ئۇچۇش خاتىرىلىگۈچىسى. ئۇنىڭ ئىچىگە ئۇچۇش سانلىق مەلۇماتلىرىنى خاتىرىلەش ئەسۋابى ۋە كابىنكا ئۇنئالغۇسى ، ئايروپىلاننىڭ ھەرقايسى مىخانىكىلىق بۆلەكلىرى ۋە ئېلېىكرۇنلۇق ئاپاراتلىرىغا مۇناسىۋەتىلىك سېنزورلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
قارا قۇتا ئايروپىلان خىزمەتتىن توختاشتىن ياكى ھادىسىگە ئۇچراپ چۈشۈپ كېتىشتىن يىرىم سائەت ئاۋۋالقى مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ۋە ئۇچقۇچىلار كابىنكىسىدىكى ئاۋازلارنى خاتىرىلىۋالىدۇ. بۇ ماتېرىياللارنى كېرەك بولغاندا چىقىرىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. قاراقۇتانىڭ يۇقىرى تىمپىراتۇرىغا، بىسىمغا، سوقۇلۇشقا، ماگىنىتلىق كاشىلىلارغا بەرداشلىق بىرىش ئىقتىدارى ناھايىتى يۇقىرى ، ئۇنىڭدىن باشقا دېڭىز سۇيىغا ئۇزۇن مۇددەت چىلىنىپ تۇرسىمۇ ئاسانلىقچە ھېچنەرسە بولمايدۇ. شۇڭا ئايروپىلان پۈتۈنلەي پاچاقلىنىپ كەتسىمۇ، قارا قۇتىدىكى ئۇچۇرلار مۇكەممەل ساقلىنىپ قالىدۇ. ھازىرغىچە دۇنيادا يۈزبەرگەن نۇرغۇن قېتىملىق ئايروپىلان ھادىسىلىرىنىڭ سىرى ئەنە شۇ قارا قۇتىغا ساقلانغان ئۇچۇلارنىڭ ياردىمىدە يېشىلگەن.
كونكىرتراق قىلىپ ئېيتقاندا قاراقۇتا قايسى ئۇچۇرلارنى ساقلايدۇ؟
قاراقۇتا ئاساسەن ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ئېگىزلىكى، سۈرئىتى، ئۇچۇش يۆنىلىشى، ئۆرلەش –چۈشۈش ئەھۋالى، سۈرئەت ئاشۇرۇش ئەھۋالى، يېقىلغۇ سەرپىيات ئەھۋالى، شاسسى (قونۇش جازىسى)نىڭ خىزمەت ئەھۋالى، گرېنۋىچ ۋاقىت خاتىرىسى، ئايروپىلان سىستېمىسىنىڭ خىزمەت ئەھۋالى ۋە دۋىگاتېللارنىڭ خىزمەت ئەھۋالىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى خاتىرىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بەزىلىرىگە يەنە ئايروپىلان بۆلۈمچىلىرىدىكى ئاۋازلارنى خاتىرىلەش قۇرۇلمىسىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىدۇ.
قارا قۇتىنىڭ بەرداشلىق بىرىش ئىقتىدارى زادى قانچىلىك؟
قارا قۇتىنىڭ سرتقى قېپى ناھايىتى مۇستەھكەم پولات تاختا بىلەن قاپلانغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئادىئاباتىك (يۇقىرى تىمپىراتۇرىغا قارشى) قەۋەت ۋە سوقۇلۇشتىن قوغداش قەۋىتى بىلەن قوغدىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قارا قۇتىنىڭ تېخىمۇ بېخەتەر بولۇشى ئۈچۈن ئۇ ئادەتتە ئايروپىلاننىڭ قۇيرۇق قىسمىدىكى «ئەڭ بېخەتەر» ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ ئايروپىلان ھادىسىگە ئۇچىرىغاندا قۇرۇق قىسمىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ.
ناۋادا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ كۆيۈپ كەتسە ، قاراقۇتا 1100℃ لىك ئوت يالقۇنى ئىچىدە 30 مېنۇتتىن ئارتۇقراق بەرداشلىق بىرەلەيدۇ. 2 توننا ئەتىراپىدىكى جىسىم بىلەن باسقاندا 5 مېنۇت بەرداشلىق بىرەلەيدۇ، بېنىزىن، ئاپتول، ئولېئىن،باتارېيە سۇيۇقلۇقى، كىسلاتا، دېڭىزسۈيى قاتارلىقلارغا نەچچە ئاي چىلىنىپ تۇرسىمۇ بۇزۇلمايدۇ، يېغىنچاقلىغاندا ئۇ خىلمۇ-خىل بالا-قازالارغا بەرداشلىق بىرەلەيدىغان قىلىپ ياسالغان بولۇپ، ئايروپىلان ھادىسىلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم يىپ ئۇچى بولۇپ قالغان. ھەتتا كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئۇ بىردىن- بىر «شاھىد» بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا بىز ئايروپىلان ھادىسىگە دائىر مەلۇماتلارنى ئاڭلىغاندا كۆپىنچە ئاڭلايدىغىنىمىز قارا قۇتىنى ئىزدەش ھەققىدىكى پاراڭلار بولۇپ قالىدۇ.
گەرچە ئومۇمى ئەھۋال شۇندا بولسىمۇ ، ئەمما ئازساندىكى بىر قىسىم ئاۋىئاتسىيە ھادىسىلىرىدە بۇ مۇستەھكەم قارا قۇتىمۇ ئامان قالمىغان، شۇڭا خەلقئارالىق ئاۋىئاتسىيە ئورگانلىرى قاراقۇتىنىڭ بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسى ھەققىدە تېخىمۇ قاتتىق بەلگىلىمىلەرنى(ئۆلچەم) تۈزگەن بولۇپ، ساقلىغۇچ دىئېلېكترىك مۇھىتى ماگنىتلىق لېنتدىن تېخىمۇ قاتتىق سوقۇلۇشقا بەرداشلىق بىرەلەيدىغان تىنچ ھالەتلىك ساقلىغۇچقا ئالماشتۇرىلىۋاتىدۇ، بۇخۇددى كومپيۇتېرنىڭ ساقلاش ئۆزىكىگە ئوخشايدۇ.
ئۇنداقتا بۇ «قاراقۇتا» راستىنلا « قارا» رەڭلىكمۇ ؟
قاراقۇتا دېسە كۆپىنچىمىزنىڭ كۆزئالدىغا قاپقارا رەڭلىك بىر قۇتىسمان جىسىم كېلىشى مۇمكىن. بىز ئەمدى قاتاقۇتىنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشى بىلەن بىرئاز تونىشايلى ؛
قاراقۇتىنىڭ سىرتقى قىپى ناھايىتى مۇستەھكەم، پاراللېلېپىپېد شەكلىدە بولۇپ، تەخمىنەن 4~5 پارچە خىش چوڭلىقىدا بولىدۇ. ئىچكى قىسمىدا بىرقىسىم ئېلېكترىك زاپچاسلار جايلاشقان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇ بىر سىگنال قوبۇللاش-تارقىتىش ئاپپاراتى. ئايروپىلان سەپىرى جەريانىدا ، ئۇ ئىچكى قىسمىدىكى سىنزۇر ئارقىلىق يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى دەل ۋاقتىدا توپلاپ، ئاپتۇماتىك ھالدا مۇناسىپ رەقەملىك ئۇچۇرلارغا ئايلاندۇرۇپ داۋاملىق تۈردە خاتىرىلەيدۇ؛ ئايروپىلان ھادىسىگە ئۇچىرىغاندا ، قاراقۇتىنىڭ جىددى سىگنال تارقىتىش ئۈسكۈنىسى نۆۋەتتىكى ئورنى ھەققىدە ئېنىق چاستۇتىلىق ئۇچۇر سىگنال تارقىتىدۇ (مەسىلەن؛ 37.5كىلوگېرتس) ، بۇ خۇددى يۈرەك سوقۇشىغا تەقلىد قىلىنغان سىمسىز تېلېگراف سىگىنالىدەك ئۆزىنىڭ ئورنىنى مەلۇم قىلىپ، ئىزدىگۈچىلەرنىڭ پائالىيىتىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.
قاراقۇتا – قارا ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەتتە يالتىراق ھەل بېرىلگەن ئاچ قىزىل رەڭلىك بولىدۇ، بۇخىل رەڭ كۆزگە ئاسان چىلىقىش بىلەن بىرگە تاشقى قىسمىدىكى نۇرقايتۇرۇش تاسمىسى قاتارلىقلار ئايروپىلان ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ قاراقۇتىنى تىپىشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ، بولۇپمۇ ئايروپىلان دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن ئەھۋاللاردا بۇنىڭ رولى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ.
ياۋروپانىڭ ئۆلچىمىگە ئاساسلانغاندا ، قاراقۇتا جەزمەن 2.25 توننا سوقۇلۇش زەربىسگە بەرداشلىق بېرىشى، 1100℃ يۇقىرى تىمپىراتۇرا ئىچىدە 10 سائەتكە يېقىن بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. يۇقۇرىقى ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇشى ئۈچۈن قاراقۇتا ئادەتتە مونوكرىستاللىق تۆمۈر ۋە بىرقىسىم يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۇقىرى تىمپىراتۇرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ماتېرىياللاردىن ياسىلىدۇ.
قاراقۇتىنىڭ ئايروپىلاننىڭ قايسى قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ؟
ئادەتتە قاراقۇتا ئايروپىلاننىڭ قۇيرۇق قىسمىغا ئورۇنلىشىدۇ. سەۋەبى مۇتەخەسسلەر نۇرغۇن قېتىملىق ئايروپىلان ھادىسىلىرىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ، ئايروپىلانلارنىڭ قۇيرۇق قىسمىنىڭ ئاسانلىقچە بۇزغۇنچلىققا ئۇچرىمايدىغانلىقىنى بايقىغان . شۇڭا بۇ قارا قۇتىنى ئورۇنلاشتۇرۇدىغان ئەڭ مۇۋاپىق ئورۇن ھېسابلىنىدۇ.
سۇغا چۈشۈپ كەتكەن قارا قۇتا ئۆزىنى قانداق مەلۇم قىلىدۇ؟
رەڭ ۋە نۇرقايتۇرۇش لېىنتىسدىن باشقا يەنە سۇئاستى بېئاكون (سىمسىز تېلېگراف يۆنىلىش كۆرسىتىش بەلگىسى) (ULB) ئورنىتىلغان بولىدۇ. ناۋادا سىز ئاۋۇ قاراقۇتىنىڭ رەسىمىنى كۈزەتكەن بولسىڭىز، قاراقۇتىنىڭ بىر بىشىدا كىچىك سىلىندىرسىمان نەرسىنى بايقايسىز، قارىماققا ئۇ قاراقۇتىنىڭ تۇتقۇچىدەك قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ دەل بىز دېگەن سۇئاستى بېئاكۇنىدۇر.
ئايروپىلان سۇغا چۆككەندە، بېئاكۇن ئاددى قۇلاق بىلەن ئاڭلىغىلى بولمايدىغان ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى ئىمپۇلۇسى تارقىتىدۇ، بۇخىل ئىمپۇلۇسنى سونار ياكى ئاۋازئىلمى تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرى بىلەنلا پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ. بېئاكوننىڭ بىر تەرىپىدە خۇددى كالىنىڭ كۆزىگە ئوخشايدىغان بىرخىل سىنزور ئورۇنلاشقان بولۇپ، بۇ دەل سۇئاستى سىنزورى بولۇپ، ئۇ سۇغا تېگىشكەن ھامان قارا قۇتا ، ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنى ئىمپۇلۇسى تارقىتىشقا باشلايدۇ.
ئۇ ئادەتتە 37.5kHz ئىمپۇلۇسلىق سىگنال تارقىتدىغان بولۇپ، 14000 فۇت (4267مېتىر) چوڭقۇرلۇقتىكى سۇئاستىدىن سىگنال يەتكۈزۈپ بىرەلەيدۇ. ئادەتتە ئۇ خىزمەتكە كىرىشىپ ھەرسېكۇنتتا بىر قېتىم سىگنال تارقىتىدۇ ۋە بۇ ھالەتتە 30 كۈن داۋاملاشتۇرالايدۇ ، ئۇنىڭغا ئۇدا 6 يىل خىزمەت قىلالايدىغان باتارىيىلىك قوزغاتقۇچ سەپلەنگەن بولىدۇ.
قارا قۇتىنىڭ قىسقىچە تارىخى
ئامېرىكىنىڭ بىر ھەربىي خىزمەت ئۆتەيدىغان ئايروپىلانى ھادىسىگە ئۇچىرىدى، بۇ تۇنجى ئايروپىلان ھادىسىى ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردە ئايروپىلان تالاپەتلىرى ئاستا-ئاستا قاتناش ۋەقەلىرى قاتارىدىن رەسمىي ئورون ئالدى. دېمەك بۇ خىل ئەھۋال ئايروپىلان ھادىسىلىرىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈشكە ياردىمى بولۇدىغان بىرتۈرلۈك ئەسۋابنىڭ مەيدانغا كېلىش ئېھتىياجىنى كۈچەيتتى.
بۇ ئەسۋابنىڭ قاراقۇتا دەپ ئاتىلىپ قىلشىمۇ تاساددىپي ئەھۋال ئەمەس، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە دەسلەپكى ئۇچۇش ئەھۋالىنى خاتىرىلەش ئەسۋابلىرى جەڭ ئايروپىلانلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسا ئۇرۇشتىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا خەلق ئاۋىئاتسىيسىدە قوللىنىلغان . ئەينى ۋاقىتلاردا ئايروپىلاندىكى ئېلېكتىرۇنلۇق ئۈسكۈنىلەر چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان قارا رەڭلىك ساندۇقچىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولاتتى. شۇڭا ئۇنىڭ قاراقۇتا دەپ ئاتىلىپ قىلىشى شۇنداق بىر ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە بولسا كېرەك.
مەنبە:كېلەچەك مۇنبىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-18 03:56 PM
|
|
|
|
|
|