مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 930|ئىنكاس: 4

ئانامنىڭ ئايىغىنى كىيىمەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102954
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 456
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 101 سائەت
تىزىم: 2014-1-30
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-17 09:00:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

               ئانامنىڭ ئايىغىنى كىيىمەن


                لىندا دالي (Linda Daly)






    2007-يىلى5-ئايدا، ئانامنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزى راكى ئاخىرقى مەزگىلگە بېرىپ قالغان دەپ دىئاگىنوز قويۇلدى. گەرچە كۆپچىلىك بۇنىڭ ياخشىلىقتىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، لېكىن سۆھبىتى ئۆلۈم ۋە سەكراتتىن ھالقىپ، ئانامنىڭ ئاياغلىرىغا مەركەزلەشتى.
    نانسىي دېيلىنىڭ ئاياغلىرى داڭلىق بولۇپ، خىلى كۆپ ئىدى. سانى ئىمىلدا ماركوسنىڭكىدەك كۆپ بولمىسىمۇ، سۈپىتىدە ئېمىلدانىڭكىدىن داڭلىق ئىدى. ئانام سۈپىتى ئارقىلىق ئۇتۇق قازانغان ئىدى. لوبوتىن، قانال، پرادا، دىيور، كۇ قاتارلىقلار پەقەت ئۇنىڭ كىيىم ئىشكاپىدىكى بىر قىسىم «داڭلىق» ئاياقلار ئىدى. پەيلەر، پاشىنا، ھايۋانات تېرىسى ۋە غەلىتە تاشلار بىلەن بېزەلگەن ئىدى. ھەرخىل رەڭدىكى ۋە ئېگىزلىكتىكىلىرى بار ئىدى. شۇڭا كىشىلەر بۇ ئاياقلارنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىشى ئۈستىدا قىياس قىلىشتى، ھېچكىم بىلمىسە كېرەك،ئۇ ئاياقلار ماڭا قالىدۇ.
    بۇ ئىش ئانامنى ۋە مېنى تونۇيدىغان كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى. مەن بولسام ئۆيدىكى بىر «بېركونستوك» (گېرمانىيەنىڭ داڭلىق ماركىلىق ئايىقى)، تىرناقلىرىم
    مەينەت، خېنە سۈرتۈلمىگەن، پاكىزە تۇرمۇشنىڭ پايدىسى توغرىسىدا كۆپ گەپلەرنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئۆتۈك، ياغاچ تاپانلىق ئاياغ، بارماق چىقىپ تۇرىدىغان كەشنى ياخشى كۆرەتتىم. شۇنداق بولسىمۇ بەزىلەر مەندىن ئانامنىڭ ئاياغلىرىنى قانداق قىلىدىغانلىقىنى سورىدى. مەن ئېنىق قىلىپ «كىيىم ئىشكاپىمغا سېلىپ قويىمەن» دېدىم.
    «قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى ئويلىشىۋاتىسىز؟» دېدى ھەمدە مېنىڭ پاشىنىلىق ئاياغنى ياقتۇرمايدىغانلىقىمنى ئىما قىلدى.
    «تېخىمۇ نوچى ياسىناي دەيمەن.»
    كىشىلەر «ھە، ئاناڭ چوقۇم خوشال بولىدۇ» دېيىش ئارقىلىق مەندە يەنە ئۈمۈد بارلىقىنى ئىما قىلىشتى.
    شۇنداق، ئۇ دەل مېنىڭ ئانام. ئانام شەھىرىمىزدىكى ئۇنتۇلغان بالىلارغا ۋەكىل بولۇپ، شەھەرلىك پارلامېنت ۋە لوس ئانژىلس تەپتىش مەھكىمىسى بىلەن كۈرەش قىلغاندا، چىرايلىق يېپىنچا ۋە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاياغ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان خىزمەت كىيىمى بولغان ئىدى. ئانامنىڭ تۈرتكىسىدە، لوس ئانگىلس ناھىيىسى بالىلار ۋە ئائىلىلەر كومىتىتى، لوس ئانگىلس ناھىيىسى ئائىلە قوغداش پىلانى، لوس ئانگىلس بالىلار پىلان كومىتىتى قاتارلىق ئورگانلار قۇرۇلدى.
    ئانام ئىككىمىزنىڭ ئاياغلىرى ھەر بىرىمىزنىڭ خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدۇ. ئانام بولسا سىياسەتچى، مەن بولسام بىر ئادەتتىكى ئادەم. ئۇ پراگادا ئېگىز پاشىنلىق ئايىقىنى كىيىپ يۈرۈپ بېقىۋېلىنغان بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنى تەشۋىق قىلدى...مەن  يېڭى بالانس تاققا يامىشىش ئايىقىنى كىيىۋېلىپ چاد دۆلىتىنىڭ شەرقىدىكى دارفۇر مۇساپىرلىرىغا ياردەم بەردىم.
    نايروبىنىڭ ۋەزىيىتى ئەڭ يامانلاشقان چاغلاردىمۇ بىز نامراتلار مەھەللىسىدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈرىگە قاتناشتۇق. ئانام قاتتىق ھاياجانلانغان ئىدى، ئەمما ئايىغى يوق ئىدى. ئانام ئۆزىنىڭ داڭلىق ماركىلىق تەنھەرىكەت ئايىقىنىڭ باكتېرىيە قاپلىغان پاتقاقلىققا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى تەن ئالىدۇ. بىراق كەيپىياتنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن،ئۇ تىپىك نانسي ئۇسلۇبىدا: «كېلەركى قېتىمغىچە پرادانىڭ چىرايلىق تاغقا يامىشىش ئۆتۈكى ياساپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.
    كىشىلەر مەندىن ئانامنىڭ ئايىغىنى قانداق كىيىدىغانلىقىمنى سورىغىنىدا، مېنىڭ كاللامدا پەقەت مۇمكىن ئەمەس دېگەن
    سۆز بار ئىدى. بۇ ئانامنىڭ ئۈمۈدى ئەمەس ئىدى. گەرچە مەن 4 دىيۇملۇق ئېگىز پاشىنلىق ئاياقنى كىيەلمىسەممۇ، ئانام مېنى ماختايتتى. ئانام ئۆزىنىڭ ساھاسىدە مېنىڭ ئۆزەم نىڭ قىزىقىشىنى تېپىۋېلىشىمنى ئۈمۈد قىلاتتى، ھەتتا مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ ئۇسۇلىدا رولىمنى جارى قىلدۇرۇشۇمنى ياقتۇراتتى.
    ئالەمدىن ئۆتۈشتىن بىر كۈن ئىلگىرى، ئانام مەن بىلەن ئىككىمىز ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ماڭا قانچىلىك مۇھىملىقى ئۈستىدە مۇنازىرلەشتى. بىزنىڭ ئۆز ئالدىمىزغا ئىجتىمائىي ئالاقە دائىرىمىز بار، ھەرخىل سورۇنلاردا ئۆز ئارا تونۇشتۇرىمىز.مەن چاقچاق قىلىپ، ئەگەر مەن گىرىم قىلىپ چىرايلىق ياسانسام، مېنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىسەن دېدىم. مەن بۇنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. ئەگەر كىمكى ئۇ بولغانلىقى ئۈچۈنلا ھازىرقى مېنىڭ بولغانلىقىم توغرىسىدا سۆز ئاچسىلا گەپنىڭ تېمىسىنى يۆتكىۋېتىدۇ.
    پەقەت مەن ئانامنىڭ ئىشكاپىدىكى نەرسىلەرنى سىلاپ تۇرساملا، ئۇ ھەرگىز يىراقلاپ كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئاياغلىرى ھازىرغىچە مېنىڭ كىچىك ئىشكاپىمدا تۇرماقتا، خالىغان ۋاقىتتا كىيىۋالسام بولىدۇ. ئەگەر مەن كۈچ-قۇۋۋەتكە موھتاج بولسام بۇنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق «مانولوس» ئىكەنلىكىنى بىلىمەن.ئەگەر تۇيغۇمنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرمەكچى بولسام، بوتېگايىم بار. ئەمما مەن بىر ئىشنى ئېسىمدە چىڭ ساقلايمەن:ئانامنىڭ ئىشلىرى قەيەردە ئاخىرلاشسا مەن شۇ يەردىن باشلايمەن،ئانامنىڭ ئايىغىنى كىيسەممۇ، ئەمما ئۆزەمنىڭ يولىدا ماڭىمەن، بۇ دەل ئانامنىڭ ماڭا بەرمەكچى بولغىنىدۇر.
    مەنبە: ئوكيان تورى؛ لوس ئانگلىس ۋاقىت گېزىتى تورىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى. (ئوكيان تورىدىن قارلۇق تەرجىمىسى)


      مەنبە: ئوكيان قامۇسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-17 09:12 PM  


تارىخ، شەخس،ئەسەر،ساغلاملىق قاتارلىق ئەڭ يېڭى مەزمۇنلار ئوكيان قامۇسى ئۈندىدار سالونىدا: ئىزدەش نامى okyanqamus

ئالــپ ئەر تور بېكىتــى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3293
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 944 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-18 09:21:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۈشەنمىكىم سەل قىيىنغا چۈشتى!!
بولسا ئاپتورنىڭ تەرجىمھالىنى چىقىرىپ قويغان بولسىڭىز ھە!!!

ئالـــــــــپ ئەر  تور بېكىتـــــــــــــــى قۇرۇلدى، قەدەم تەشرىپ قىلغايسىلەر Www.Alipar.cn

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104010
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 581
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 130 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-18 11:22:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەردىكى بۇ خېنىم، ئانىسى بىلەن تۇرمۇش ئادىتى، ماڭغان يولى ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئانىسىنىڭ ئۆزىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ھايات مۇساپىسدىكى يول كۆرسەتكۈچى ماياكلىقىنى ئەسكەرتكەنمۇ قانداق؟ ئانىسىدىن قالغان ئاياقلارنى كىيمىسىمۇ، لېكىن شۇ تەۋەرۈكلەرنىڭ ھەر ۋاقىت ئۇنىڭغا كۈچ- قۇۋەت بېغىشلايدىغانلىغىنى سۆزلىمەكچىدەك قىلىدۇ.

ئېسىڭدىن چىقىرىپ خوش بولساڭ مەيلى ۋە لېكىن ئۇنتالماي چەكمىگىن ئازاپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1715
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8967
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 355 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-18 09:59:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا ھايات يولىدىكى ماياك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1715
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8967
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 355 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-18 09:59:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا ھايات يولىدىكى ماياك

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش