|
|
|
|
مۇھاكىمە : ئەگەر ئالەملىك تارتىشىش كۇچى بولمىسا
ئىزاھات : مەزكۇر يازما مىنىڭ كوپ يىللىق ئويلىنىشىمنىڭ نەتىجىسى بۇلۇپ مۇناسىۋەتلىك ماقالە ئىلمى ماقالە جىددى يىزىلىۋاتىدۇ بۇ يازماhttp://ilimpen.biz تورىنىڭ مۇۋەپپىقيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبىرىكلەش يۇزىسىدىن http://ilimpen.biz تۇرىمىزدا ئىلان قىلىندى ، باشقا بېكەتلەرگە مەنبەنى ئەسكەرتكەن ھالدا ئىلان قىلسىڭىز بۇلىدۇ ، كەمىنە مۇھاكىمىنىڭ تەبئى پەنگە دائىر يازمىلىرىمۇ http://ilimpen.biz دا ۋە باشقا تور بېكەتلىرىمىزدە داۋاملىق ھۇزۇرۇڭلاردا بۇلىدۇ ، تەلىم بەرگەيسىلەر، رەھمەت.
چەكلىك ، چىگىرىسى يوق ئالەمنىڭ پەيدا بۇلۇشىدىن ئادەمنىڭ تورىلىشىگىچە ، يۇلتۇز تۇمانلىرىنىڭ يىغىلىپ قۇياش سېستىمىسىنىڭ شەكىللىنىشىدىن دېڭىز دولقۇنلىرىنىڭ كۇتۇرۇلۇپ -چۇشۇشىگىچە ، بۇران چىقىپ ، چاقماق چېقىپ ، يامغۇر يېغىشتىن DNA بۇرمىسىنىڭ نۇسخىلىنىشىغىچە ، سۇ دۇلقۇنلىرىنىڭ ھاسىل بۇلۇشىدىن ئېلىكتىر - ماگىنىت مەيدانى ، كۇچلۇك كۇچ ، ئاجىز كۇچ مەيدانلىرىغىچە ، سۇنىڭ قاينىشىدىن كۇۋانت ھادىسىلىرىغىچە ، پىنروس قەۋىتىدىن دوپلىر ، كومپىتۇن ئىففىكىتلىرىغىچە ئۇمۇمەن ئىنىرگىيە ئوزگىرىش جەرىيانلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئالەملىك تارتىش كۈچىنىڭ سىماسىنى تاپقىلى بۇلىدۇ.
ئۇنداقتا ، ئەگەر ئالەملىك تارتىشىش كۇچى بولمىسا قانداق نەتىجە كىلىپ چىقىدۇ ؟
قارىشىمىزچە ، ئەگەر ئالەملىك تارتىش كۇچى بولمىسا ، ئەڭ ئەقەللىسى كەمىنە مەۋجۇت بولمايدۇ ! ئوخشاشلا ، مۇشۇ يازمىنى كۇرۇۋاتقان سىزمۇ بولمايسىز !!.
تۇۋەندە بۇ ھەقتە قىسقىچە يۇزەكى توختىلىمىز.
1. ئالەملىك تارتىشىش كۇچى بولمىسا باشقا بارلىق كۇچلەر بولمايدۇ !
كوپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك تەبئەت دۇنياسىدا ئالەملىك تارتىشىش كۇچىدىن باشقا يەنە كۇچلۇك كۇچ ، ئاجىز كۇچ ، ئىلىكتىر ماگىنىت كۇچى قاتارلىق ئېنىقلانغان كۇچلەر مەۋجۇت ، ئەگەر ئۇلارنى ئاتۇم ئولچىمى دائىرىسىدە سېلىشتۇرساق كۇچلۇك كۇچنىڭ كۇچنىڭ قىممىتىنى 1 دىسەك تەخمىنەن ئىلىكتىر ماگىنىت كۇچى 137 دىن بىر
، ئاجىز كۇچ 10 نىڭ مەنفى 12- دەرىجىسى ، ئالەملىك تارتىشىش كۇچى 10 نىڭ مەنفى 38 -دەرىجىسى سانلىق قىممىتىدە بۇلىدۇ.
ئالەملىك تارتىشىش كۇچى ئاجىزمىكەن ؟
شۇنداق ، ناھايىتى ئاجىز ، <<تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق>> ، بىراق ، مۇشۇ تىلغا ئالغۇچىلىك يوق ئاجىز كۇچ - ئالەملىك تارتىشىش كۇچى - بارلىق كۇچلەرنىڭ تەسىرلىشىش جەرىيانىدىكى ئىنىرگىيە ئوزگىرىش جەرىيانلىرىغا ھەل قىلغۇچ دەرىجىدە تەسىر كورسىتىدۇ! ۋە رول ئوينايدۇ!!
ئىلىكتىر ماگىنىت كۇچىنى مىسالغا ئالساق ، بىر دانە زەرەت بىردانە فۇتۇننى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن ماسىسى ئېشىپ دەرھال چاستۇتىىسىنى بىنەپشە تەرەپكە سۇرىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەرىكەت تىزلىكىدە ئوزگىرىشمۇ بۇلىدۇ.
ئەگەر ماسىسىدا ئوزگىرىش بولمىسا ، ئىنىرگىيە تەڭپۇڭلۇغىنى ساقلىغان ياكى تەسىر كۇچكە ئوچرىمىغان بۇلىدۇ ، يادرو سىرتىدىكى مۇئەييەن بىر قەۋەتتە ھەرىكەتلىنىۋاتقان ئىلىكتىرۇن شۇ قەۋەتتەھەرىكەتلىنىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى جەزمەن ئىنىرگىيىسىدە ياكى ئېينىشتىيىن ماسسا ئىنىرگىيە تەڭلىمىسى ۋە پىلانىك تەڭلىمىسىگە ماس كىلىدىغان ماسىسىدا تىگى- تەكتىدىن ئالغاندا شۇ ئىلىكتىرۇننىڭ ئالەملىك تارتىشىش كۇچى مەيدانىدا ئوزگىرىش بولماسلىقى كېرەك!
يالغۇز يۇقۇرىدىكى جەرىياندىلا ئەمەس بارلىق ئىلىكتىر ماگىنىت جەرىيانلىرىنىڭ ھەممىسىدە قارىماققا ئىلىكتىر ماگىنىت مەيدانى رول ئويناۋاتقاندەك قىلغىنى بىلەن ئىلىكتىر ماگىنىت مەيدانىنىڭ رولى تەسىرگە قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەرىكەت تىزلىكىدە ياكى ئالەملىك تارتىشىش كۇچى مەيدانىنىڭ چامىسىدا ئوزگىرىش ھاسىل قىلىش ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ.
ئىلىكتىر-ماگىنىت كۇچىنىڭ تەسىرى ئاخىرقى ھىساپتا ئالەملىك تارتىشىش كۇچىدە ئىپادىلىنىدۇ ، دىمەك ، ئالەملىك تارتىشىش كۇچى بولمىسا ئىلىكتىر ماگىنىت كۇچى ئىپادىلىنىشتىن قالىدۇ دە كۇچتىن قالىدۇ.
كۇچلۇك ۋە ئاجىز ئارا تەسىر جەرىيانىمۇ ئاخىرقى ھىساپتا ماسسا ئوزگىرىشى يەنى ئالەملىك تارتىشىش كۇچىنىڭ ئوزگىرىشى بۇلۇپ ئىپادىلىنىدۇ ، فىينىماننىڭ ئالاقىدار نوقتىنەزەرلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك نەزەرىيەلەرگە ئاساسلانغاندا بۇ ئىككى خىل كوچمۇ زەررىچە ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ ۋە ماسسىدا مۇئەييەن ئوزگىرىش ئارقىلىق ئىنىرگىيە ئۇزۇتىلىدۇ. دىمەك ، بۇ جەرىيان يەنىلا ئاخىرقى ھىساپتا ئالەملىك تارتىشىش كۇچى مىقتارى ئارقىلىقلا ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ ، يادرو ئىلىكتىر ئىستانىسىلىرى ۋە ئاتۇم ، ۋۇدۇرۇد بومبىلىرىنىڭ ئىشلەش فىرىنسىپلىرىنى بىلىدىغانلار ئۇچۇن بۇ جەرىيان چۇشىنىشلىك.
دىمەك ، باشقا بارلىق ئوزئارا تەسىرنىڭ جەرىيانى ۋە ۋە نەتىجىسى ماسسا ئوزگىرىشى تىگى تەكتىدىن ئالغاندا ئالەملىك تارتىشىش كۇچى مىقتارىنىڭ ئوزگىرىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ ، شۇڭا دەيمىزكى ئالەملىك تارتىشىش كۇچى بولمىسا باشقا تەسىرلەرمۇ ئىپادىلىنىپ چىقمايدۇ ۋە چىقالمايدۇ!.
2. ھاياتلىق بولمايدۇ .
قارىماققا ھاياتلىق بىلەن ئالەملىك تارتىش كۇچىنىڭ جېق مۇناسىۋىتى ئېغىرلىقنى ھىساپقا ئالمىغاندا كوپ يۇقتەك بىلىنىدۇ ، ئەمەلىيەتتە يەر شارىدا ياكى خالىغان بىر پىلانىتتا كاربۇن ئاساسلىق ھاياتلىقنىڭ بۇلۇشى ئۇچۇن ئەڭ كىمىدە مۇۋاپىق تەركىپ ۋە يىتەرلىك قۇيۇقلۇقتىكى ئاتمۇسفىرا بۇلۇشى كېرەك ، ئەگەر شۇ پىلانىتىنىڭ تارتىشىش كۇچى مەيدانى ياكى تىزلىنىش مەيدانى يىتەرلىك كۇچلۇك بولمىسا ئاتمۇسفىراسىنى ئوچۇق سېستىمىدا ساقلاش ئىمكانىيىتى يوق ، شۇڭا ھاياتلىقمۇ بولمايدۇ ۋە تەرەققى قىلالمايدۇ
.3. ئىسسىقلىق ھەركىتى بولمايدۇ .
سىز تىمپىراتۇرىنىڭ ئالەملىك تارتىشىش كۇچى بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى بار دىيىشىڭىز مۇمكىن ، بىراق ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ئالەملىك تارتىشىش كۇچىدىن باشقا كۇچلەر بولمىغان شارائىتتا مۇلىكۇلا ، ئاتۇم بولمايدۇ . ئىلىكتىر ماگىنىت كۇچىدىن خالى ھالدا ئىسسىقلىق ھەركىتىنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ، ئەمما ماھىيەتلىك سەۋەپ يالغۇز بۇلا ئەمەس .
ئىسسىقلىق ھەرىكىتى جەرىيانىغا قاتناشقۇچىلار توختىماستىن قانۇنىيەتلىك ئەمما قالايمىقان ھەرىكەتلىنىشى تىزلىكىدە ھەر ۋاقىت ئوزگىرىش بۇلۇشى كېرەك ، بۇ يەردىكى تىزلىنىش ماسسىغا مۇناسىۋەتلىك بولسا تىزلىكنىڭ چوڭ كىچىكلىكى بىلەن ئىسسىقلىق ھەركىتى قىلغۇچىنىڭ ماسسىسى چەمبەرچەس باغلانغان. تىزلىكتە ئۇزگىرىشلا بۇلىدىكەن مۇقەررەر ھالدا ماسسىدىكى ئوزگىرىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ - بۇ نوقتىنى تار مەنىلىك نىسبىيىلىك نەزەرىيەسىنى ئوگەنگەنلەر بىلىدۇ!.
4. ئاسمان جىسىملىرى شۇنداقلا ئالەم بولمايدۇ !
ھازىرغا قەدەر ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان كائىنات مودىللىرىدا بولسۇن ياكى كانت-لاپلاس تەلىماتى قاتارلىق نەزەرىيەلەردە بولسۇن ئالەملىك تارتىشى كۇچى ياكى ئۇنىڭ ھازىرقى زاماندىكى كېڭەيتىلىشى بولغان ماكان زامان ئەگىرىلىكى ھەل قىلغۇچ ئۇرۇندا تۇرىدۇ ، باشقا تەسىرلەر ئاساسىدىكى كائىنات مودىلىنى شەخسەن مەن ئۇچىرىتىپ باقمىدىم.
5. ۋاقىت بولمايدۇ.
ۋاقىت توغرىسىدا ھازىرغىچە نۇرغۇن بەس مۇنازىرە مەۋجۇت بولۇشىدىن ھەتتا ئۇنىڭ ئوبىكتىپ ياكى سوبىكتىپ مەۋجۇتلۇق بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر ئالەملىك تارتىشىش كۇچىدىن ئايرىلغان ۋاقىت كەسكىن قىلىپ ئېيتقاندا مەۋجۇت بولمايدۇ.
ئەگەر بولسا سىز تەسەۋۋۇر قىلىپ باقسىڭىز ۋە ئىزدىنىپ باقسىڭىز بۇلىدۇ .
6. كۇۋانتلىشىش بولمايدۇ .
بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەش زۇرۇركى بىز پىلانىك ئېينىشتىيىنلارنىڭ خىزمىتىدىن باشلاپ كۇۋانتلىشىشنىڭ مىكرو دۇنيادىكى ئۇمۇمىيۇزلۇك ھادىسە ئىكەنلىكىنى بىلدۇق ، ئەڭ كىچىك تەسىر مىقتارى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان سانلىق فارامىتىرلارنى ۋاستىلىك ۋە بىۋاستە ئولچەپ چىقتۇق ، ئېنىقسىزلىق فىرىنسىپى ، سىغىشماسلىق پىرىنسىپى ، بوز ئېينىشتىيىن تەقسىماتى ، نازۇك تۇزۇلۇش تۇراقلىقى قاتارلىقلارنى بىلدۇق ،بىراق كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇردىغىنى ۋە قىزىقتۇرىدىغىنى شۇكى نورغۇن كۇۋانت ھادىسلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلگەن بولساقمۇ ئۇنىڭ شەكىللىنىش مىخاينىزىمى ۋە ماھىيىتىنى بىلىشكە مىنىڭ بىلىشىم ۋە ھىس قىلىشىمچە ھازىرغىچە ناھايىتى ئاجىز ھالەتتە تۇرىۋاتىمىز!.
ئەمما بۇ جەرىيان -ئىشىنىمەنكى - ئالەملىك تارتىشىش كۇچى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
...........
قىسقىسى ، ئالەملىك تارتىش كۇچى بولمىسا ھېچنىمىنى تەسەۋۋۇر قىلىشمۇ ، تەسەۋۋۇر قىلغۇچىمۇ بۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئېھتىمال بۇ پۇتكۇل كائىناتنىڭ ئىگىسى بارلىق قانۇنىيەتلەرنى ياراتقۇچىنىڭ ھېكىمەتلەرگە تۇيۇنغان ئۇرۇنلاشتۇرۇشىدىن بولسا كېرەك !.
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا muhakima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-17 08:58 PM
|
|
|
|
|
|