|
|
|
|
ئامېرىكا سەپىرى 6-كۈنى
--ۋاشىنگىتوندا---
شۇنداق قىلىپ 15-چىسلا بېيجىڭدىن 6 دە يولغا چىقىپ 13 سائەت ماڭغاندىن كېيىن يەنە 15- چىسلا 8 دە ئامېرىكىغا چۈشۈپتۇق...ئايروپىلاندا ئولتۇرۇشتىن باشقا ئىش بولمىدى...تەلىيىمگە مەن ئولتۇرغان ئورۇننىڭ نائۇشنىك سالدىغان يېرى بۇزۇقكەن...ھېچقانداق كىنو كۆرمەي ئۇخلىيالىغانچە ئۇخلاپ، تېلفونىمدىكى ناخشىلارنى ئاڭلاپ كەپتىمەن..ئويلاپ باقسام بىرەرمىڭدىن ئارتۇق ناخشا تېكىستىنى بىلدىكەنمەن،يادلىيالايدىكەنمەن..ئەمما ساناپ تۇرۇپ 40 سۈرىنى دەپ بېرەلمەيدىكەنمەن....ئۇف....ئويلىنىش ئىچىدىمەن.... تەكشۈرۈش ئورنىدا بىرمۇنچە ئىنگىلىسچە گەپ سوراپ ئەرەب دېگەن سۆز بىلەن ئاخىرلاشتۇردى...مەنمۇ شۇنىڭغا يانداپ ئۇيغۇر دىگەندىن كېيىن پاسپورتۇمغا زەن سېلىپ قارىۋىتكەندىن كېيىن ئۆتسەڭ بولىدۇ دېدى...مەن بىلەن بىرگە كەلگەن ئاۋۇ خەنزۇ يولداش سىنا تورىنىڭ شەنشى باش باشقۇرۇش ئورنىدىن كەلگەن ،ئايروپىلاندىن چۈشكەندىن كېيىن ھەرھالدا ماڭا ياردەملىشىپ نەرسە كېرەكلىرىمنى كۆتۈرۈشۈپ بەردى..
كۈتىۋىلىش زالىدا بىرقانچە ئامېرىكىلىق مۇشۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزگەنلەر كۈتىۋالدى..باشقا شەھەرلەردىكىلەر تولۇق كەلگەندىن كېيىن بىزگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئالاھىدە ماشىنا ئارقىلىق ۋاشىنگىتونغا يۈرۈپ كەتتۇق...ئەمما ماۋۇ خىل مۇلازىمەتنى مىيىپلىك تارىخىمدا ئۇچرىتىپ باقمىغانمەن...نېمىلا دىسەڭلار مەيلى..ئەمما ماۋۇ ماشىننى راسلا ماختايمەن...ئارقىدا مەخسۇس مىيىپلار چىقىش ئورنى بولۇپ ئاپتۇماتىك ھالدا پەسكە چۈشۈپ بىز مۇقىملىشىپ بولغاندىن كېيىن كۆرۈپلا ئېپ چىقىپ كېتىدىكەن...مەيلى ھاسا ياكى ھارۋا بولسۇن ئوخشاشلا قولايلىق ئىكەن...بۇ خىل مۇلازىمەتلەردە ھېچ بىر جاپا تارتمايلا ماشىنىغا چىقىۋالدىم...
ئاۋۇ رەسىمدىكى كىشىلەردىن يېنىمدىكى بولسا مۇشۇ پائالىيەتنى ئالاھىدە قوللىغان كىشى بولۇپ كەلگەندىن كېيىن ئىزچىل مېنىڭ ھارۋامنى ئىتتىرىش ۋە نەرسە كېرەكلىرىمنى رەتلەش ئىشلىرىدا مەشغۇل بولدى..ياخشى يېرى ئۇ خەنزۇچىنى ياخشى بىلەتتى...شۇنداق قىلىپ ئايالىدىن ئاجرىشىپ 30 يىلدىن بېرى تەنھا تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان ئەپەندىم ماڭا تەرجىمانلىق قىلىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ يالغۇزلۇق تۇرمۇشلىرىنى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ سۆزلەپ بەردى.. ھەر ھالدا خەنزۇچىنى بولسىمۇ ئۆگىنىپتىكەنمەن.. ھەرھالدا مەقسىتىمىزنى ئۇقتۇرالىدۇق...ئالاھەزەل 45 مىنۇتلاردىن كېيىن دىيىلگەن ۋاشىنگىتوندىكى مېھمانخانىغا كەلدۇق...
ۋاشىنگىتون مەن ئويلىغاندەك ئادەم دىڭىزى ئەمەس ئىكەن...يولدا تۈزۈكرەك ئادەمنىمۇ ھەم تاپقىلى بولمايدىكەن...ھەربىر ياتاقتا مىيىپلار ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلىتىدىغان ھارۋا بار ئىكەن..قولايلىق شارائىتتىمۇ يەنىمۇ قولاي بولسۇن دەپ تەرجىمانىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن ھارۋىغا چىقىۋالدىم... مەن كىرگەن ياتاق خىيالىمدا نەچچە كىشىنىڭ ئوخشايدۇ دىسەم ،چوقۇم ھەر بىرىمىز مۇشۇ چوڭ ياتاقتا يالغۇز ئارام ئېلىشىمىز ،باشقىلار دەخلى قىلماسلىقى كېرەك ئىكەن...ياتاقتا توڭلاتقۇدىن تارتىپ ،دەزمالغىچە ھەممە نەرسە بار ئىكەن..ئەپسۇس بىر قۇتا مېنىرال سۇ 5 دوللار يەنى 31 يۈەن خەلىق پۇلى ئىكەن...بولدىلا تەبئىي سۇنىلا ئىستىمال قىلاي... ما قاراڭ،ئامېرىكىدا ئولتۇرۇپ يىگەن ناننىڭ لەززىتى پەقەت ئوخشىمايدىكەن... مانا مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش دىگەن...چاينى ئۆزۈم قايناتتىم... شۇنداق قىلىپ ھازىرچە مەن كۆنەلمىگۈدەك بىرەر يېتەرسىزلىكنى تاپالمىدىم... مانا ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپتۇ...ئەتىدىكى زىيارەتكە چىقىدىغان يەرلەرگە ماۋۇ يەردە مىيىپلىكىمنى بانا قىلىپ كېچىكىپ قالسام بولمىغۇدەك،،ئەلۋەتتە مىيىپلارغا ئاجرىتىلغان تەمىنات ئادەتتىن تاشقىرى .... كۈندىلىك ماشىنام ، مېنى توشۇيدىغان كىشى، تەرجىمانىم، تامىقىم ھەممىسى تەييار، ئەمدى ۋەتەندىكى قېرىنداشلارنىڭ زىيادە ئەنسىرشىنىڭ ئورنى يوق...
ئاللاھنىڭ مۇشۇنداق پۇرسەتلەر بىلەن تەمىن ئەتكىنگە ، مۇشۇ خىل پۇرسەتكە ئېرىشتۈرگىنىگە چەكسىز شۈكرى...نۇرغۇن تورداشلارنىڭ دۇئالىرىدا سېغىنىپ تۇرغىنىغا ھەم كۆپ رەھمەت... ئايرىم سۆز قايتۇرۇپ بولالمىسام رەنجىمىگەيسىلەر..ئەمما سىلەرنىڭ سۆزۈڭلارنى قويماي كۆرۈپ ئۆزۈمگە تەسەللىي تېپىۋاتىمەن....... خەير ئەتىدىكى زىيارەت خاتىرەمدە كۆرۈشەيلى.... ۋاشىنگىتون----
ئامېرىكا سەپىرى --7- كۈنى
-- ۋاشىنگىتون---
ئەتىگەنلىك تازلىقتا خېلى قىينالدىم ... چاچ سوپۇن ۋە بەدەن سوپۇنلىرىنى لۇغەتكە قاراپ تەرجىمە قىلىپ ئىشلەتتىم...پاۋول ئەپەندىم ئەتىگەندىلا مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلىش ئۈچۈن ياتاق ئۆيۈمدىكى ئىشىكنى چەكتى.. ئۇنىڭ ئىللىق مۇئامىللىرى خىزمىتىمنى قىلىشتىن ھېچ بىزار ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى... پاۋول ئەپەندىم بىلەن ئەتىگەندىلا قىزغىن مۇڭداشقا چۈشۈپ كەتتۇق..پاۋول بۇندىن 50 يىل بۇرۇن دۆلىتىمىزنىڭ تەيۋەنگە بېرىپتىكەن...ئۇ ئاڭلىغان شىنجاڭدا سۇ كەمچىل ، ئاشلىقنى باشقىلار ئىشلەپ چىقىردىغان بىر جاي ئىكەن...ئۇنىڭغا بىر قاتار تەبئىي شارائىتلارنىڭ ياخشىلىقىنى شۇنداقلا شىنجاڭ ئاساسلىقى ئاشلىق ئىشلەپ چىقىرىش بازىسى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قويدۇم...شۇنداقلا سوۋغاتلىق ئېلىۋالغان بۇيۇمدىن تۇنجى دوپپىنى ئۇنىڭغا كەيگۈزدۈم...ئۇ شۇ ۋاقىتتىلا كېيىۋالدى...ۋە ئاشخانىدا تاماق يېگەچ ئۇچرىغان ئامېرىكىلىققا دوپپىسىنى كۆرسىتىپ بىرنىمىلەرنى دىدى..
سورىسام ئۇ ئۆزىنى باشقىلارغا قاملاشمىغان ، دوپپىنىلا كىيۋالغان ، باشقا ھېچ يېرى ئۇيغۇرغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى يۇمۇرىستىك ھالدا ئىپادىلەپتۇ...دىمەك تۇنجى دوپپام ئۇنىڭ قەلبىنى شاتلاندۇردى.. ئاللاھ خالىسا ئېلىۋالغان دوپپىلىرىم بىر قانچە ئامېرىكىلىققا ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى ، كىيىم - كېچەكلىرىنى تونۇشتۇرۇشتا پايدىسى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس! يولدا ئاپتاپ سۇنۇپ ئولتۇرسام بىر قارا تەنلىك ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ يېنىمغا كەلدى..ئەرەپچە دۇئالارنى قىلىپ ماشائاللاھ ، دەپ كېتىپ قالدى...ۋەئەلەيكۇم ئەسسالاملا دىيەلىدىم....شۇنداق قىلىپ بۈگۈنكى زىيارەت باشلانماقچى..جۇڭگونىڭ داڭلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن كەلگەن 7 كىشى ھەر ۋاقىت بىللە زىيارەت قىلىدىكەنمىز...بۇ بىر ھېسابتا خەلقئارانى چۈشنىشىمنى ئىلگىرى سۈرسە يەنە بىر جەھەتتىن دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ كەسىپ جەھەتتە ھەمكارلىشىشىمنى روياپقا چىقىرىدۇ... ماشىنىمىز كەلدى...زىيارەتكە يۈرۈپ كەتتۇق...ياتاقتىن باشقا جايدا تور ئىشلىتىش مۇمكىن بولمىغاچقا قىسقا مەزمۇنلارنى دەل ۋاقتىدا تور بار شارائىتتا يوللاپ كەچتە بىراقلا مىسرانىمغا يىغىنچاقلاپ يوللايمەن... خەير
ئامېرىكا ئاق ساراي...
تەرجىماننىڭ يېتەكلىشى بىلەن ئاقساراينى زىيارەت قىلدۇق...چۈشەندۈرۋاتقان ئامېرىكىلىق ئىنتايىن ئەستايىدىل ...ئۇ بىزگە ئاق ساراينى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ، ئۇ يەر ئوبامانىڭ ئۆيى ياكى ئوبامانىڭ يېرى ئەمەس،ئۇ پۈتۈن ئامېرىكىلىقنىڭ...ئەمما كۆپىچە ئوبامانىڭ خىزمىتى شۇ يەردە...ئارىمىزدىن بىرى ئوباما بىلەن كۆرۈشكىلى بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى سورىغاندا...ئۇ كۈلۈپ كېتىپ بەلكىم ئوباما سۈ ئۈزىۋاتىدۇ..ئىچىگە كىرسەك سەت تۇرىدۇ دەپ ھەممىمىزنى كۈلدۈرۋەتتى!بۈگۈن ئارام كۈنى بولغاچقا ھېچقانداق ئىدارە ئورگانلار ئىشلىمەيدىكەن...شۇڭلاشقا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالاھىدە كۆرۈشۈش پائالىيەتلىرى قىلماي بىزلەرنى ئىختىيارى بىر قىسىم موزىيلارغا ئېكىسكۇرسىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ...
پائالىيتىمىز داۋاملىشىۋاتىدۇ...ئەتە بىرىنجى كۈنى رەسمىي ھالدا كۈن تەرتىپ بويىچە پائالىيەت قىلىمىز...ئاللاھ خالىسا ھەر قېتىملىق ئىشلارنى ۋاقتىدا خەۋەر قىلىپ تۇرىمەن....
دەسلەپكى زۇڭتۇڭ كىيىن بالىلار پارالىچ بىلەن ماڭالماس بولۇپ قالغان ...ئەمما ئۇ ۋەزىيەتنىڭ قالايمىقان ۋاقىتلىرىدا ئامال بار ماڭالماسلىقىنى چاندۇرماسلىق ئۈچۈن كۆپ ھاللاردا ئورۇندۇقلارغا يۆلىنىۋىلىپ نۇتۇقلارنى سۆزلىگەن...بۇنداق قىلىشى باشقىلاردىكى غەيرەت ،جاسارەتنىڭ سۇسلىشىپ قېلشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىكەن... چاقلىق ئورۇندۇقنى ئۇ مەخسۇس ئۆزى ئىجاد قىلغان بولۇپ ، رەسىمدىكىسى ئۇ دەسلەپ ئىشلەتكەن چاقلىق ئورۇندۇق...كىلىنتۇننى ھەممە ماختىشىدىكەن ،چۈنكى ئۇ زۇڭتۇڭ تارىخىدا ئەڭ ئاز گەپ بىلەن ئەڭ جانلىق مەنا ئىپادىليەلەيدىغان كىشى ئىكەن...
ئامېرىكىنى ماختىغۇم كېلىۋاتىدۇ...ماختاپ باقاي ئەمسە...سوپۇننىڭ ماغزىپى كۆپ چىقىدىكەن، كارۋىتى يۇمشاقكەن، قۇشلىرى ئادەمدىن قورقمايدىكەن،....بولدىلا سۆزلىسەم بىر توقاي نەرسە بوپ كېتىدۇ..ئۇمۇمەن ئېلىپ ئېيتقىنىمدا ئامېرىكا ھەممىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالىدىكەن،كۆزىڭىزگە ھەممە نەرسە ئالاھىدە كۆرۈنۈپ كېتىدىكەن... ما ياتاق دىگەندە دۆلىتىمىزدىكىدەك چىش پاستىسى،چىش چوتكىسى ،تاغاق قاتارلىقلار يوقكەن..بىر ۋاق تاماقنى توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ ۋاشىنگىتوندىن 6 يەردە مۇسۇلمانچە تاماقخانىنى تاپتىم...بىر ۋاقلىق تاماق 34 دوللارغا توختىدى...قىززىق يېرى ھەرقاچان بىرە دوللارنى سىز ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلغانلارغا ئارتۇق بېرىدىكەنسىز...بىزنىڭ ئاۋۇ تەرەپلەردە ئۆزىنى بىلىپ باھانى ئۆستۈرىۋەرگەنلەر ۋە شۇنىڭدەك كىشىلەرنى تولا كۆرىۋىرىپ بىكاردىن بىرەسىگە پۇل بەرگىڭىز كەلمەيدىكەن..ئەمما سورىغىنىمدا بۇلار ئەڭ ئەقەللىي قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاركەن..تاماق يېدۇق ،يەپ بولۇپ ئارتۇق 2 دوللار بەردۇق، تاكسىغا چىقتۇق ،ئارتۇق 2 دوللار بەردۇق... ياتاقتىكى ياستۇق ئۈستىگە ھەم بىر ئىككى دوللار قويۇپ قويشىمىز كېرەككەن...شۇلاردىن ھېس قىلدىمكى،بۇلار ھەرخىل مۇئاشى تۆۋەن ئورۇنلاردىكى كىشىلەرنى مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۇزاق مۇددەت شۇ يەردە تۇرىشىغا ئاساس سېلىپ بېرىدىكەن..بۇخىل ياخشى ئىشى داۋاملىشىپ ھازىر ئادەتكە ئايلىنىپتۇ،يەنە باشقا يەردىن كەلگەنلەرگىمۇ شۇ خىل قائىدىنى چوقۇم سىڭدۈرۋىتىدىكەن...بۇخىل ئەھۋالدا مۇلازىمەت قىلغۇچى كۆپ تەكەللۇپ بىلەن خۇددى بىز ئۈچۈنلا شۇ يەردە ئىشلەۋاتقاندەكلا ئەستايىدىل مۇلازىمەت قىلىدىكەن... ھالال ئاشخانىغا بېرىپ بىرقانچە تاماق تىزىملىكىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىۋاتقانلىقىدىن ھەيران قالدىم... ئۇلارنىڭ دىگەن تاماق تىزىملىگىدە كاباب دەيدىغان بىر تاماق بولۇپ ئاڭلىنىشقا كاۋاپ بىلەن ئوخشاش، نەن دەپ يەنە بىر ئاتىلىشىدىن نانمىكى دىدىم... مانا راسكەن ،كاباب دېگىنى بىزنىڭ ئوتتا قاقلاپ پۇشۇرغان كاۋىپىمىز شۇكەن،نان ئۆزىمىزنىڭ شۇ..ئۇلاردىن تەرجىمانىم ئارقىلىق بۇ ئىسىملارنىڭ نەدىن كەلگىننى سوراتقۇزدۇم،ئۇلار ئافرىقا ياكى ھېندىستاندىن كەلگەن دەپ جاۋاب بەردى..مەن ئۇنىڭغا بۇ ئىسىملار ئۇيغۇرنىڭ دەپ بىلگىنىم بويىچە چۈشەندۈرۈپ قويدۇم...ئۇمۇ خۇرسەن بولۇپ بۇنىڭدىن كېيىنكى كىشىلەرگە شۇنداق چۈشەندۈردىغانلىقىنى ئېيتتى...مەن ئويلىغان ئامېرىكا ۋاشىنگىتون ئادەم دېڭىزى ئىدى،ئەپسۇس ، ئادەم ئىنتايىن ئاز ھەم ھەممىسىنىڭ ھەركەت قىلىش شەكىللىرى بەكلا ئاستا،بۇلاردا يا جىددىيلىشىشنى كۆرگىلى بولمايتتى.. مانا ماشىننى شۇنداق ھەيدىسىمۇ بولدىكەنغۇ؟ ماشىنىلار بىر بىرىگە يول قويۇپ ناھايىتى ئاستا يۈرىدىكەن..رىۋايەتلەردىكى ئامېرىكىدا ھەممە ماشىننىڭ رولى ئوڭ تەرەپتە دىگەن قاراشمۇ ھەم خاتاكەن،ئوخشاش سول تەرەپتە ئىكەن...بىر ئامېرىكىلىق ئىتىنى ئەگەشتۈرۈپ مېڭىۋاتاتتى يەنە بىر ئامېرىكىلىق كېلىپ شۇنداق ئىللىق سۆزلىشىپ ئىچىدىن قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى...تونۇشلىرى ئوخشايدۇ دىسەم بىرقانچە يەردە شۇ خىل مەنزىرى ئۇچراپ قالدى...كىشىلەرگە تەكەللۇپنى كۆپ ئىشلىتىپ تۇرۇپ ئىنتايىن خۇشپېئىل ئىكەن..ئويلاپ قالدىم...ئۆزىمىزچە يىقىلىپ چۈشكەن ئۇيغۇرنى يۆلەپ قويغاننى كۆرسەك ئۇيغۇر ئاندا ياخشى ئىش قىلدى دەپ ماختاپ ھارمايمىز...ئادەم يىقىلغاندا ۋاقىتلىقلا ياردەم بەرگەندىن ھەر ۋاقىت ئىللىق مۇئامىللەردە بولۇپ قەلىبلىرىمىزنى ئوخشاش مۇھەببەتكە توشقۇزۋالساق ياخشى ئەمەسمۇ؟. توۋا ماۋۇ ھايۋانلاردىمۇ ھېچ بىر ئادەمدىن قورقۇش ھالىتى يوق..ئۇچالايدىغان قۇشمۇ ئۇچۇشنى ئېغىر كۆرۈپ سەكرەپ مېڭىپ يول بوشتىدىكەن.. خەۋەرلەردە تولا ئۇچرىتىدىغان، قاچانلا قارىسا دۇنيانىڭ چوڭ ئىشلىرى مۇلاھىزە قىلىندىغان بۇ چوڭ ئورۇنلارغا بىزمۇ قەدەم باسالىدۇق،زىيارەت يېتەكچىمىز سۆزلەپ ئۆتتى، ئامېرىكا كىشىنىڭ ئەركىنلىكىنى ئەڭ يۇقىرى تۈستە قوغداشنى ئاساس قىلىدۇ...بۇ يەردە مەيلى رەسىمگە چۈشۈڭ ياكى بەلگىلەنگەن ئورۇنلاردىن ئىمارەتلەرنى كۆرۈڭ ھەممىسى ھەقسىز!---
|
|
|
|
|
|