مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1849|ئىنكاس: 15

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى قەيەردە؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101831
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 692
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 277 سائەت
تىزىم: 2014-1-5
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-17 11:36:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇلۇغلۇقى قەيەردە؟


    ھەممىمىزگە مەلۇمكى،مائارىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەملەنگەن تۈرلۈك يۇشۇرۇن ئىقتىدارلارنى قىزىپ چىقىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ،ئۇلارنى ئەڭ زور دەرىجىدىكى ياشاش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلغان تەلىم-تەربىيە جەريانى.بىر ئوقۇغۇچىنىڭ كەلگۈسىدە ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتتە قانداق سالاھىيەت بىلەن ياشىشى ئۇنىڭ مائارىپ تەربىيىسىنى قانچىلىك دەرىجىدە قۇبۇل قىلغانلىقىغا باغلىق دەپ مۇتلەقلەشتۈرۋەتكىلى بولمىسىمۇ، لىكىن مائارىپنىڭ بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ھاياتىدا ئوينايدىغان رولى ناھايتى چوڭ. مائارىپ خىزمىتى ئەنە ئاشۇنداق ئىغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان تولىمۇ شەرەپلىك خىزمەتتۇر، ئوقۇتقۇچىلار ئەنە شۇنداق شەرەپلىك خىزمەتنىڭ سادىق ئىجىراچىسى بولغان ئۇلۇغ ئىنسانلاردۇر.
       ئوقۇتقۇچىلار دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق، ئەڭ پاساھەتلىك ناملار بىلەن تەرىپلىنىپ كەلدى. ئوقۇتقۇچىلارنى ئېنژىنىرغا، قوياشقا، باغۋەنگە...ئوخشىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسىگە ئالقىشلار ياڭرىتىلدى. ‹‹ئون قەدەم نىرىدىن سالام بىرىشكە ئەرزىيدىغان كىشى››دەپ تەرىپلەندى. ئۇنداقتا، بىز ئوقۇتقۇچىلار يۇقىرقى شان-شەرەپكە، نام-ئاتاقلارغا راستىنلا مۇناسىپمۇ؟ بىز راستىنلا شۇنداق ئۇلۇغمۇ؟ بىز ئېنژىنىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھايات مۇساپىسىنىڭ مۇكەممەل چېرتيۇژىنى سىزىپ بىرەلىدۇقمۇ؟ قوياش بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن توڭلىغانلارغا ھارارەت، تېنىگەنلەرگە يورۇقلۇق ئاتا قىلالىدۇقمۇ؟ باغۋەن بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن پەرۋىش كۈتۈپ تۇرغان ياش نوتىلارغا مىھىرلىك قولىمىزنى سۇنۇپ سورتىنى ياخشىلىيالىدۇقمۇ؟...يۇقىرقى سۇئاللار ئۈستىدە چوڭقۇرراق ئويلىنىپ باقىدىغان بولساق‹‹شۇنداق››دەپ جاۋاپ بىرىشكە كۆپىنچىمىزنىڭ تىلى كۆيىدۇ. بۇ جەھەتتە ئۆزىمىزنى قانچىلىك ئاقلىمايلى، رىئاللىقنىڭ مەسخىرىلىك كۈلكىسى ئالدىدا كۆپىنچىمىزنىڭ بىشى تۆۋەن بولىدۇ.
      پۈتكۈل خەلق مائارىپقا ئۈمىدلىك كۆزىنى تىكىۋاتقان،كەلگۈسى مائارىپ ئارقىلىق تەسەۋۋۇر قىلىنىۋاتقان مۇشۇ پەيىتتە،   بىز ئوقۇتقۇچىلار‹‹ئات ئايلىخانغا،يول سارىخانغا››دەپ يۈرىۋەرسەك، ئىنىقكى، ئەۋلاتلارنىڭ لەنىتىگە قالىمىز، بىز بىرلىكتە تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتا ئۈستىدە ئورتاقلىشىپ، نېمىلەرنى قىلغانلىقىمىز، نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىمىز، نېمىلەرنى قىلىشىمىز كىرەكلىكى ئۈستىدە ئويلىنىپ باقايلى، شۇ ئارقىلىق ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى تونۇپ، ئۇلۇغلۇققا ئازراق بولسىمۇ يىقىنلىشىپ قالساق ئەجەپ ئەمەس.
مۇئەللىم،  باغۋەنلىكىڭىزنى ئۇنۇتماڭ.
سىز ئوقۇتقۇچى، شۇنداقلا بىر باغۋەن، كۆچەتلەرنى پەرۋىش قىلىپ قاتارغا قوشۇش سىزنىڭ مۇقەددەس بۇرچىڭىز. سىز پەرۋىش قىلماقچى بولغان كۆچەتلەر بەلكىم ئۈنۈمسىز تۇپراقتا ئۈنۈپ قالغان ، پەرۋىش تاپالمىغان كۆچەتلەر بولۇشى مۇمكىن. سايىدا ئۈنۈپ،ئوزۇقلۇق يىتىشمەي يىگىلەپ قالغان كۆچەتلەر بولۇشىمۇ، ھەتتا پەرۋىشسىز ھالدا ئەركىن ئۆسكەن ياۋا كۆچەتلەر بولۇشىمۇ مومكىن. كۆز ئالدىڭىزدىكىسى مەيلى قانداقلا كۆچەت بولسۇن، سىز باغۋەن بولغان ئىكەنسىز، ئۇلارنى تەربىيلەشتىن باش تارتالمايسىز. كۆزئالدىڭزدىكىسى سىز قانداق پەرۋىش قىلسىڭىز شۇنداق يىتىلىدىغان يۇمران كۆچەت. شۇنداق ئىكەن، كۆچىتىڭىزنىڭ تىمەن، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئەل- ۋەتەنگە مېۋە بېرىشى ياكى قۇرۇپ بىر دۆۋە ئوتۇن بولۇشى سىزنىڭ قانداق باغۋەن بولغانلىقىڭىزغاباغلىق.
كۆچەت پەرۋىشكە موھتاج. كۆچەتلەرنى سۇغىرىش، ئوغۇتلاش، ھارام شاخلىرىنى پۇتاش، ھەتتا نۆۋىتى كەلگەندە كىسىۋىتىپ، سورتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ياخشىلاش باغۋەننىڭ مەجبۇرىيتى. شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، پەرۋىشى ياخشى بولمىغان كۆچەت مەيلى ئۇ قانچىلىك ئەلا سورتلۇق كۆچەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئاخىر ئوچاققا بىر دۆۋە ئوتۇن بولىدۇ.
خىزمەتنى جان بىقىشنىڭ يولى قىلىۋالماڭ
      سىز ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت سۈزۈك ئىقىننىڭ بىر تامچىسى بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن پەخىرلىك ھىسلارغا چۆمىسىز. ئۇنداقتا، سىز ئادەم تەربىيلەشتىن ئىبارەت شەرەپلىك خىزمەتنىڭ ساھىبى بولغانلىقىڭىزدىن پەخىرلىنەمسىز ياكى مۇقىم ئىقتىسادىي مەنبەگە ئىگە بولغانلىقىڭىزدىن پەخىرلىنىپ يۈرەمسىز؟سىزنى ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە مەجبۇرلاۋاتقىنى سىزنىڭ زىممىڭىزگە يۈكلەنگەن ۋىجدانى مەسئۇلىيەتمۇ ياكى رەھبەرلەرنىڭ بىسىمى ۋە ھۆكىمەتنىڭ سىزگە بىرىدىغان ئىش ھەققىمۇ؟سىز ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى ھەقىقىي سۆيۈپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتامسىز ياكى ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالغانلىقىڭىز ئۈچۈنلا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتامسىز؟...مائارىپنىڭ نىنىنى يەۋاتقان، ئوقۇتقۇچى دەپ ئاتىلىۋاتقان ھەربىر ۋىجدان ئىگىسى يۇقىرقى سۇئاللار ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ بىقىشى كىرەك.
تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن ئىشلەپ پۇل تىپىش كىرەك، لىكىن پۇل ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىش بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشى ئەمەس. سىزنىڭ كۈتىدىغىنىڭىز باي-باياشات تۇرمۇشقا ئىرىشش بولسا، مائارىپ خىزمىتىدىن ئىبارەت بۇ دەرۋازىدىن ئالدى-كەينىڭىزگە قارىماي چىقىپ كەتكىنىڭىز تۈزۈك. چۈنكى، بۇ درۋازىنىڭ ئىچىدە ‹‹بېغىشلاش››، ‹‹بەدەل تۆلەش››دىگەن سۆزلا مەۋجۇت، ‹‹ئىرىشش›› دىگەن سۆز ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس.
ئوقۇغۇچىلاردىن مىھرىڭىزنى ئايىماڭ.
ئادەمنىڭ قەلبى مۇستەبىتلىك بىلەن ھەرگىز چىقىشالمايدۇ. مۇستەبىتلىك تۈسىنى ئالغان تەلىم-تەربىيە ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بىرىلىدىغان بىلىمى مىھىر-مۇھەببەت بىلەن يۇغۇرۇلۇشى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت مۇقەددەس سۆيگۈ ئۈستىگە قۇرۇلۇشى كىرەك.
ئۇنداقتا، بىز ئۆزىمىزنى ئوقۇغۇچىلارغا قانچىلىك بىغىشلىيالىدۇق؟ ئوقۇغۇچىلارغا قانچىلىك زىھنىمىزنى سەرىپ قىلالىدۇق؟ قانچىلىغان ئوقۇغۇچىنى مىھرىمىز تۈپەيلى ئىلىم دالاسىغا باشلاپ كىرەلىدۇق؟ يەنە قانچىلىغان ئوقۇغۇچىنى ئورۇنسىز قەھرىمىز تۈپەيلى نابۇت قىلىۋەتتۇق؟ ئوقۇغۇچى دىگەن راستىنلا ‹‹ياخشىلىق قىلىدىغان نەرسە ئەمەس››مۇ؟ ئوچۇقىنى ئىيتقاندا، بىز ئوقۇغۇچىلارغا مىھرىمىزنى بىرىشتىن قورقىمىز، ئۇلارغا مىھرىمىزنى بەرسەك، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى قورقۇنىچنىڭ يوقىلىپ، ئوتتۇرىدىكى پەردىنىڭ بۇزۇلۇپ، بىزنى ھۆرمەتلىمەيدىغان، بىزدىن قورىقمايدىغان، ئەيمىنمەيدىغان بولۇپ قىلىشىدىن، گەدىنىمىزگە مىنىۋىلىشىدىن ئەنسىرەيمىز. ئەمەلىيەتتە،بىز مىھرىمىزنى جايلاپ بىرەلىسەك يۇقارقى ئىشلاردىن ئەنسىرەشىنىڭ ھىچقانداق ھاجىتى يوق.
سىز ئوقۇغۇچىڭىزنىڭ سىزدىن ئۈركۈپ،ئەيمىنىپ تۇرۇشىنى ياخشى كۆرەمسىز؟ئالدىڭىزدىكى ئوقۇغۇچىلار بۇتتەك ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلىسا دەرس ئۆتكەندەك بولامسىز؟ئالدىڭىزدا خاتا سۆزلەپ قويۇشتىن،قالايمىقان جۈيلۈپ سىلىشتىن،ساقىلىڭىزنى تاراپ،ئىغىزىڭىزنى غىرىچلاپ سىلىشتىن قورقۇپ تۇرغان ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلىگەن دەرسىنى  دەرس دەپ قارامسىز؟
سىز ئوقۇغۇچىلارغا مىھرىڭىزنى بىرىپ،ئۆزىڭىزنىڭ ئۇلارنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلىيەلىسىڭىزلا،ئۇلاردا ئۆزىگە نىسبەتەن ئىشەنىچ،غۇرۇر پەيدا قىلالىسىڭىزلا،مۇۋەپپىقىيىەت يولىڭىز ئىچىلىدۇ.سىنىپتىكى ھەربىر ئوقۇغۇچىنى چىن يۈرىكىڭىزدىن سۆيسىڭىزلا،نەزىرىڭىزدە يارامسىز ئوقۇغۇچى مەۋجۇت بولمايدۇ.
شۈنى ئەستىن چىقارماسلىقىڭىز كىرەككى،ئالدىڭىزدا ئولتۇرغىنى بۇيرۇق ئىجىرا قىلىدىغان جەڭچى ئەمەس،كاللىسىغا سىستىما قاچىلاپ كۇنۇپكا ئارقىلىق باشقۇرسا بولىدىغان ماشىنا ئادەممۇ ئەمەس،خالىغانچە ھاقارەتلەيدىغان،دۆشكەللەيدىغان،ھەر نىمە قىلسا بولىۋىرىدىغان ھىسىياتسىز مەخلۇقمۇ ئەمەس،بەلكى ئۆزىگە يارىشا ئەقىلگە،ھىسىياتقا،ئىنسانىي قەدىر-قىممەتكە ئىگە ئادەم.يەنە كىلىپ ئۇلار تەرىپلەشتىن خۇشال بولالايدىغان،ئىللىق مۇئامىلىدىن تەسىرلىنەلەيدىغان،ئورۇنسىز دەشنامدىن ئازابلىنالايدىغان ئادەم.شۇنداق بولغانىكەن،بىز ئۇلارنى ھاقارەتلەش،دۆشكەللەش بەدىلىگە،ئۇلارنىڭ ئۈزلۈكسىز يىتىلىۋاتقان،مۈكەممەللىشىۋاتقان ئىنسانى قەدىر-قىممىتىنى يەرگە ئۇرۇش بەدىلىگە ھىچنىمىگە ئىرىشەلمەيمىز.ئىرىشىدىغىنىمىز پەقەت ياخشى گەپتىن تەسىرلەنمەيدىغان،يامان گەپتىن خىجىل بولمايدىغان بىر توپ ئۈركىگەك ئادەم دۆۋىسىدىنلا ئىبارەت بولىدۇ،خالاس.شۇڭا سىز قىرلاپ كىيىۋالغان ئىشتىنىڭىزنىڭ يانچۇقىدىن چىقىرىڭ-دە،ئوقۇغۇچىلىرىڭىزغا سۇنۇڭ،شۇندىلا سىز مىھىر-مۇھەببەتنىڭ قۇدىرىتىنى چوڭقۇر ھىس قىلىسىز.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلگۈسىگە مەسئۇل بولۇڭ.
دۇنيادا كەچۈرۋىتىشكە بولمايدىغان بىر مەسئۇلىيەتسىزلىك بار،ئۇ بولسىمۇ ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى.ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىنى بىر ئۇچقۇچىنىڭ،بىر دوختۇرنىڭ،بىر قمانداننىڭ مەسئۇلىيەتسىزلكى بىلەن سىلىشتۇرۇش مومكىنمۇ؟ئۇچقۇچىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى نەچچە يۈز يولۇچىنىڭ، دوختۇرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى نەچچە يۈز بىمارنىڭ، قومانداننىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى نەچچە يۈز ئەسكەرنىڭ جىنىغا زامىن بولۇشى مومكىن،لىكىن بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىچۇ؟بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى ئۆزى تەربىيلەۋاتقان نەچچە يۈز ئوقۇغۇچىنىڭ،ئۇلار كەلگۈسىدە ئاتا ياكا ئانا بولىدىغان ئائىلىنىڭ،ئۇلار تەربىيلەيدىغان پەرزەنتلەرنىڭ،ئۇلار ياشايدىغان جەمئىيەتنىڭ،تۇمۇرىدا قىنى ئىقىۋاتقان مىللىتىنىڭ،ئۇلار تەۋە بولغان ئەزىز ۋەتىننىڭ جىنىغا زامىن بولىدۇ.ئوقۇغۇچىلار مەيلى قانداق تەربيىلىنىشتىن قەتئىينەزەر بەربىر ياشاۋىرىدۇ،يەيدۇ،ئىچىدۇ،ئۇخلايدۇ،ئوينايدۇ...لىكىن،
مىدىرلاپ تۇرسىلا ئادەمنى ياشىدى دىگىلى بولامدۇ؟تۆپە قوشۇش بىلەن خاراكتىرلەنمىگەن ھاياتنى قانداقمۇ‹‹ھايات››دىگىلى بولسۇن؟
شۇڭا،بىز ئوقۇتقۇچلار ئوقۇغۇچىلارغا يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بۇئامىلە قىلىشىمىز كىرەك.بىزنىڭ بۈگۈنكى مەسئۇلىيەتسىزلىكىمىز ئىنىقكى،ئەتىكى پاجىئەلەرنىڭ سەۋەپكارى بولىدۇ.دىمىسىمۇ جەمئىيەتتە يۈز بىرىۋاتقان ئىنسان قىلىپىىدىن چىققان،ئادىمىيلىككە يات بولغان ھەرقانداق قىلمىش-ئەتمىشلەردە بىز ئوقۇتقۇچىلارنڭ باش تارتىپ بولمايدىغان جاۋاپكارلقى بولىدۇ.
ئىلگىرى ئوقۇتقان ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئارىسىدىن بىرەرى ەۇم كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ،ئىقتىسادىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن تەڭ بىيىپ،جەمئىيەتتە ئابرۇي-ئىناۋەتكە ئىرىشكەن بولسا،مەن ئۇنى مانچە يىل ئوقۇتقان،ئۇنداق تەربىيلىگەن،مۇنداق تەربىيلىگەن دەپ ماختىنىپ كىتىمىز،ئۇنىڭ ئىرىشكەن شان-شەرىپىگە شىرىك بولىمىز،تۆھپىسىدىن پەخىرلىنىپ كىتىمىز.ئەلۋەتتە،پەخىرلەنسەك بولىدۇ،چۈنكىئۇنىڭ بۈگۈنكى مۇۋەپپىقىيىتىگە بىزنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى تەربىيىمىز تۈرىتكە بولغان،ئەمما مەسىلىگە يەنە بىر نۇقتىدىن قارىساق،كۆرەڭلەشكە سەل بالدۇر ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىمىز.ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇتقان ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئارىسىدىن جەمئىيەتتە چىقىش يولى تاپالماي ئۇرۇلۇپ-سوقۇلۇپ پارازىت قۇرۇت كەبى ياشاۋاتقان،جەمئىيەتكە يۈك بولۇپ قىلىۋاتقان،جان بىقىشىنىڭ يولىنى تاپالماي گاڭگىراپ كىملەرگىدۇر ئۈمۈدلىك بىقىۋاتقان،يامان يولغا كىرىپ قىلىپ غۇرۇرىنى ستىۋاتقان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش پاجىئەلەرگە دۇچار بولۇپ،ئاتا-ئانلىرىنىڭ،جەمئىيەتنىڭ لەنىتىگە دۇچار بولىۋاتقان بىرەرسىنى ئۇچرىتىپ قالساق ياكى شۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ قالساق بۇ چاغدىمۇ يەنىلا مەردانىلىك بىلەن‹‹مەن ئۇنى مانچە يىل ئوقۇتقان›› دىيەلەيمىزمۇ؟ئۆز ۋاقتىدا ئۇنىڭ پاك قەلبىگە نىمىلەرنى يىزىپ سالغانلىقمىز ئۈستىدە ئويلىنىپ ئۆزىمىزنى ئەيىپلىيەلەيمىزمۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ بۈگۈنكىدەك كۈنگە چۈشۈپ قىلىشىدىكى سەۋەبنى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ پەرزەنىت تەربىيلەشتىكى دىتسىزلىكىگە،جەمئىيەتنىڭ بۇزۇلۇپ ئۇنىڭغا يامان تەسەر بىرىپ قويغانلىقىغا شىپى كەلتۈرۈپ ئكتۈپ كەتمەكچى بولارمىز،ئەلۋەتتە ئۆتۈپ كىتەلەيمىز.بۇنىڭغا سەۋەپ ئىزدىسەك سەۋەپ دىگەن تولا.ھىچكىممۇ‹‹سەن مىنى ئىلگىرى ياخشى ئوقۇتقان بولساڭ،بەلكىم بۈگۈنكى كۈنگە قالماس ئىدىم››دەپ ياقىمىزغا ئىسىلمايدۇ.لىكىن،بۇ چاغدا ياقىمىغا ئىسىلىدىغىنى ھەقىقەتنىڭ تۆمۈر تىرنىقى بولىدۇ.شۇڭا،بىر ئوقۇتقۇچىدا ئۆزى تەربىيلەپ جەمئىيەتكە چىقارغان ئوقۇغۇچىنىڭ مۇۋەپپىقىيىتىدىن كۈلەلەيدىغان،مەغلۇبىيىتىدىن ئازابلىنالايدىغان يۈرەك بولۇشى كىرەك.
قىسقىسى،مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولغان ئوقۇغۇچىلار كىيىنچە بىزنىڭ شان-شۆھرىتىمىزنى،ھايات مەئىشەتلىرىمىزنى دوغا تىكىپ بىزنى يەر بىلەن يەكسان قىلىشىمۇ ياكى بىزنىڭ پۈكۈلگەن قەددىمىزنى رۇسلاپ ئاسماندا ئۇچۇرىشىمۇ مۇمكىن.بۇ ئۇقۇغۇچىلارنى قانچىلىك دەرىجىدە تەربىيلىگەنلىكىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك،ئەلۋەتتە.مائارىپ بىر ئۇلۇغ بىناكارلىق،بۇئۇلۇغ بىناكارلىقنىڭ ھەربىر تال خىش-كىسىكى يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قوپۇرۇلۇشى،لېيى مىھنەتسىز قان-تەر بىلەن يۇغۇرۇلۇشى،‹‹بىناكارلىق››نىڭ ئۆلچىمىگە ھەقىقىي ئەمەل قىلىنىشى كىرەك.شۇندىلا بۇ‹‹بىناكارلىق››نىڭ ئىنژېنېرلىرى بولمىش ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇلۇغلۇق دەرىجىسىگە كۆتۈرەلەيمىز.مەنبەسى: بايقاش مۇنبىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nuri24 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-17 12:24 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77212
يازما سانى: 721
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5839
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 260 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-17 12:22:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ ئىسان روھىنىڭ ئىنجىنىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90909
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1317
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 734 سائەت
تىزىم: 2013-1-31
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-17 12:25:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇقۇتقۇچىلارنى دۇنيادىكى ئەڭ  گۈزەل  تىللار  بىلەن  تەرىپلىمىسىمۇ  مەيلى ،لىكىن  تىللىمىسا  دەيمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102551
يازما سانى: 1471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3911
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 450 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-17 12:30:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇتقۇچى قاراڭغۇ دىللارنى يۇرۇتقۇچى!

بىلىم چەكسىز،بىلىش چەكلىك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87057
يازما سانى: 495
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 882
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-17 12:30:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى ئورونلۇق يىزىلىپـتۇ،رەھمەت.          ئوقۇتقۇچىلاردا يۈكسەك دەرىجىدىكى مەسئۇلىيەتچانلىق،ۋە ئۆزىنى بىغىشلاش روھى بولۇش كىرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27
يازما سانى: 623
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 16396
تۆھپە نۇمۇرى: 1618
توردا: 3650 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-17 12:32:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خېل كۆپ ساندىكى كىشىلەر بولۇپمۇ جەنۇبتا  ئوقۇتقۇچىنى تىللايدىغان ،كۆزگە ئىلمايدىغانلار خېلى كۆپ،بالىلىرىنى يا ئۇنداق يا بۇنداق سەۋەبلەر بىلەن مەكتەپتىن ئايرىۋالىدىغانلار  ئاز ئەمەس... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پادىشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-17 02:36 PM  


دۇنيادا ئەۋلادلارنىڭ مۇھتاجلىققا قېلىشىدىن قورقۇنۇچلۇق ئىش يوق،شۇ سەۋەبلىك پەرزەنتلەرنى ئىلىم-پەن بىلەن قوراللاندۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم...

ئۆلۈم ئۇ بىر يىڭى ھاياتلىقنىڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103796
يازما سانى: 309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 802
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2014-2-19
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-17 12:46:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەكتەپتىكى چاغلىرىمدا مالىمنى بەك تىللايتتىم چاپتىكەش ئوغرى دەپ، ھازىر ئويلاپ باقسام ،ھەممىسى بىز ئۈچۈن ياخشى دەپ قىپتىكەن ،بىلمەپتۇق

كىتاپ ئوقۇمىساڭ ،ھەرقانچە يول يۈرگىنىڭ بىلەنمۇ سەن بىر پوشتالىيۇن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3170
يازما سانى: 2234
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31292
تۆھپە نۇمۇرى: 2856
توردا: 4225 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-17 01:09:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مائارىپ مەسىلىلىرىنى تەھلىل قىلىپ جاۋاپ بېرىش ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى.
ئوقۇغۇچىلارغا ئادەم بولۇشنىڭ توغرا يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرەلىگەن مۇئەللىم ھۆرمەتكە سازاۋەر مۇئەللىمدۇر....

پۇرسەت تەييەرلىقى بار  كىشىلەرگىلا كېلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69499
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4935
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 579 سائەت
تىزىم: 2011-12-10
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-17 01:13:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5003
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1823 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-17 01:13:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇقۇتقۇچى ئۇلۇغ ئېنسان .لىكىن دۆلىتىمىز ۋە مېللىتىمىز ئارىسىدا ئوقۇتقۇچىلۇق ھىچقاچان ئۆز ئۇلۇغلىقىنى تاپقان ئەمەس .يەنىلا كونا ‹‹سىسىق توققۇز››نىڭ بىرسى .ھەتتا ھازىرغا قەدەر ھىچقانداق قىلىشنى ئۇقالماي قالغان ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەر بولدىلا ئوقۇتقۇچىلىققا ئىمتاھان بىرەيچۇ دەپ ئوقۇتقۇچە بولىۋاتقان .مال دوختۇرلۇقنى ئۇقۇغانلارمۇ سىستىرالارمۇ ئوقۇتقۇچى بولىۋاتقان .مائارىپنىڭ جىنى ئوقۇتقۇچى ،بىزگە يىلدا يىڭىلىنىپ تۇرىدىغان مائارىپ تۈزۈلمىسى ئەمەس بەلكى ئېزچىللىق خاسلىققا ئېگە مائارىپ ،ساپالىق ئوقۇتقۇچى قوشۇنى لازىم .
   ئاخرىدا كەڭ ئوقۇتقۇچىلارغا نەۋرۇزلۇق سالام !مېللىتىمىزنىڭ يىڭى يىلى خاسىيىتىدىن مائاشىڭلار ئۆسۈپ تۇرمۇشۇڭلار ياخشىلانغاي!

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش