قارا گۈللەر ئېچىلغانئاخشام،
پىغان ئۆرلەر ئۈزۈلگەنتاردىن.
شورتاڭ يەردەك ئىسسىيدۇيۈرەك،
ھىجران قۇچۇپ مۇزلىغانقاردىن.
ئۈنسىز ئاققان بىر ئەزىمدەريا،
ئوتلۇق كۈيلەر قوشۇلغانبۇلاق.
ئاشىق-مەشۇق ئاقتۇرغانياشتىن،
شامال دارىپ ئۇزاردىقۇلاق.
لالما خىيال تارقىتارئۆسەك،
كاككۇك قۇنۇپ سايرىغانتالدىن.
شېرىن چۈشلەر يىغلاڭغۇقىسسە،
پۈتۈپ چىققان مەيىنشامالدىن.
ساقىپ چۈشكەن گىرىمسەنيۇلتۇز،
قېتىپ قالغان زەيپانەنىدا.
سۇنۇق ئايدىن بالقىغاننۇرغا،
تۇنجى سۆيگۈ ئەيلەنگەنپىدا…
ئەسنەك باسقان مەجنۇنتالتۈۋى،
سوراپ ئىچكەن لەۋلەردىنشاراپ.
بەختى كۈلگەن دەقىقەھالسىز،
تەنھا قۇشتەك چەككەنئىزتىراپ.
نازلىق كۈلكە قاپلىغانكېچە،
شەبنەم ۋىلۋىل چاقنىغانچىملىق.
يېشىل تۇيغۇ ئىلكىدەھاپىز،
سەرسان روھى ئىزدەيدۇجىملىق.
ئەبجەش سېزىم قوزغالغانتەندىن،
بولۇپ كەتكەن قەلەندەرۋاپا.
سۆيۈش گەرچە بولسىمۇتاتلىق،
سالار جانغا مۇشەققەت-جاپا.
مايماق نىيەت كۆكلەيدۇتەگسىز،
نامسىز پەسىل بەرمەيدۇئارام.
گۈللەر قارا ئېچىلغانپەيتتە،
كۆزدىن ياشلار تۆكۈلەرتارام.
مەنبە: ئىجادىيىتىم