|
|
|
|
ئىشەكلىك كۈتۈپخانىچى
(تەرجىمە ئەسەر)
1943- يىلى. ياش مۇستاپا ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، خىزمەت ئورنى ئۈرگۈپ تاھسىن كۈتۈپخانىسىغا تەخسىم قىلىنىدۇ. ئۇ ۋاقىتلاردا دۆلەت خىزمەتچىسى بولۇش دېگەن ئاجايىپ شەرەپلىك بىر ئىش ئىدى. چۈنكى شەخسى شىركەت، ئىش يەرلىرى دېگەن يوق گەپ ئىدى. مۇستاپا كۈتۈپ خانىنى ئېچىپ، كىتاپلارنى چىرايلىق رەتلەپ، تىزىپ، سىرىپ-سۈپۈرۈپ، كىتاپ ئوقۇيدىغان كىشىلەرنىڭ كېلىشىنى ساقلاپ ئولتۇرىدۇ. ئەمما بىر كۈن، ئىككى كۈن، بەش كۈن، ئون كۈن. كۈتۈپ خانىغا كېلىپ كىتاپ ئوقۇيدىغان ھېچ كىم يوق. مۇستاپا ھەيران قالىدۇ. بۇ ئەھۋالنى پەقەتلا چۈشىنەلمەيدۇ. ئاخىرى ئەتراپىدىكىلەرگە ۋە باشلىقلارغا ئەھۋالنى ئاڭلىتىدۇ.
باشلىقلار مۇستاپادىن، ئىشقا بېرىپ كۈتۈپ خانىنى ئېچىۋاتامسەن؟
مۇستاپا، ئەلبەتتە، ھەر كۈنى ئەتىگەندىن كەچلىچە ئېچىۋاتىمەن.
مائاشىڭنى ۋاقتى- ۋەقتىدا ئېلىۋاتامسەن؟
مۇستاپا، ھەئە، ئېلىۋاتىمەن.
ھە، ئانداق بولسا ساڭا نېمە كام؟ ئولتۇرغان يېرىڭدە ئولتۇر، مائاشىڭنى ئال. بۇ ساڭا يەتمىدىمۇ؟ خەق كېلەمدۇ- كەلمەمدۇ نېمە كارىڭ؟ ياكى كىشىلەر كىلىپ كىتاپ ئوقۇسا ئائاشىڭغا مائاش قوشۇپ بىرەمتى، بۇرۇندىنلا زادى ھېچكىم كىلىپ كىتاپ ئوقۇمايدۇ- دېيىشتى كۈلۈشۈپ.
ئەمدىلا 23 ياشقا كىرگەن مۇستاپا قاتتىق ئويلىنىدۇ ۋەئۆزىنىڭ خىيالىنى ئايالىغا ئېيتىدۇ. ئايالى باشتا، "سەن ساراڭ بولۇپقالدىڭمۇ" دېگەن بولسىمۇ كېيىن ئىرىنىڭ پىكرىگە قوشۇلىدۇ.
مۇستاپا قاتراپ يۈرۈپ، چىرايلىق بۇرۇت قويۇۋېلىپ،گالاستۇقلىرىنى ياراشتۇرۇپ باغلاپ، چىرايلىق كاستۇم ئىشتان، چاپانلىرىغا قىرچىقىرىپ كىيىپ ئولتۇرۇشقان، دۆلىتىگە، مىللىتىگە بىر گىرام پايدىسى تەگمەيدىغان سۈرۈن تەلەت چوڭ- كىچىك باشلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، مىڭ بىر تۈرلۈك تۇسالغۇلارنى بىردىن- بىردىن بېسىپ ئۆتۈپ، ماقۇل كەلتۈرۈپ، بىر ئېشەك سىتىۋالىدۇ.
ئۇ ئىشەككە ئۆلچەپ ئىككى دانە ياغاچ ساندۇق ياسىتىپ ئۈستىگە كىتاپ قايتۇرۇپ بىرىش ساندۇقى دېگەن خەت يازىدۇ. كىتاپلارنى قېلىن، نىپىزلىكىگە قارىتا رەتلەپ، 180 دىن 200 گىچە كىتاپنى ساندۇققا قاچىلاپ، ساندۇقنى ئىشەككە ئارتىپ يېزىمۇ- يېزا ئايلىنىشقا باشلايدۇ. كۈتۈپخانىسىغا، "پەقەتلا جۈمە ۋە شەنبە كۈنلىرى ئاچىمىز".دېگەن خەت يېزىلغان ئىدى
يېزىنىڭ يوقسۇل بالىلىرى ھەيران قالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئىشىگىنىڭ ئۈستىدىكى ساندۇقلارغا لىققىدا كىتاپ قاچىلانغان بىر ئادەم. خۇددى نوئىل دادىغا ئوخشاش. نوئىل دادا يالغان ئەمما ئالدىدىكى مۇستاپا تاغىسى راست. نوئىل دادىنىڭ ئەپسانە يالغان كىيىكلىرىنىڭ ئورنىدا، ئىشەك. يېزا بالىلىرى ئۈچۈن ئالدىدىكى ئىشەك بالىلارنى يالغان كىيىكلەردىنمۇ بەكەرەك جەلىپ قىلىپ تۇرىدۇ.
ياش مۇستاپا بالىلارغا، "بۇ كىتاپلارنى ئېلىپ ئوقۇڭلار، سىلەر ئۈچۈن بەكمۇ پايدىلىق. ئەمما كونىرىتىۋەتمەڭلار، باشقا يېزىنىڭ بالىلىرىمۇ ئوقۇسۇن. مەن 15 كۈندىن كېيىن دەل بۈگۈنكى كۈندە كېلىپ سىلەردىن كىتاپلارنى تاپشۇرۇپ ئالىمەن. ئوقۇپ بولساڭلار ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ ئوقۇڭلار دەيدۇ ۋە يولىغا راۋان بولىدۇ.
مۇستاپانىڭ كېيىنكى كۈنلىرى مانا مۇشۇنداق ئۆتىدۇ. ئۈرگۈپتىكى كۈتۈپ خانىدا بىر، ئىككى كۈن تۇرىدۇ. باشقا كۈنلەردە ئىشىگىنى ھەيدەپ يېزىمۇ- يېزا ئايلىنىدۇ.
ھەر قېتىم مۇستاپا يېزىلارغا بارغاندا بالىلار ھاياجاندىن چۇقۇرۇشۇپ مۇستاپانى ئورىۋالىدۇ. يېڭى كىتاپلارنى بەس- بەستە ئارىيەتكە ئېلىپ ئوقۇيدۇ. باشقا باشلىق، ئەمەلدارلار دۆلەتتىن بەرگەن مائاشىنى ئېلىپ يېرىدىن قىمىلدىماي ئولتۇرغان ئۇ ۋاقىتلاردا مۇستاپا ئىسسىق- سوغوق دېمەستىن ئىشىگى بىلەن ئىگىز- پەس، ئەگرى- توقاي يوللاردا بولىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مۇستاپا خەلق تەرىپىدىن تونۇلۇشقا باشلايدۇ. كىشىلەر كىتاپ ئوقۇش ئۈچۈن مۇستاپانىڭ ئىشەكلىك كۈتۈپخانىسىغا كېلىشكە باشلايدۇ.
كېيىنچە مۇستاپا ئاياللارنىڭ كىتاپ ئوقۇش ئۈچۈن پەقەتلا كەلمەيۋاتقانلىقىنى سېزىدۇ.
مۇستاپا Zenith ۋە Singer ئىسىملىك شىركەتلەرگە، "ماڭا كىيىم تىكىش ماشىنىسى ئېۋەتىپ بېرىڭلار. مەن سىلەرنىڭ شىركىتىڭلارنىڭ ئىسمىنى كۈتۈپ خانامنىڭ ئىشىكىگە يوغان ھەرىپ بىلەن يازىمەن"دەپ خەت يازىدۇ. زېنىت شىركىتى 9 دانە، سىنگەر شىركىتى بولسا بىر دانە كىيىم تىكىش ماشىنىسى ئېۋەتىپ بىرىدۇ. مۇستاپا شۇنىڭدىن كېيىن سەيشەنبە كۈنلىرىنى ئاياللار كۈنى قىلىدۇ.
لاتا سېتىۋالغان ئاياللار كىيىم تىكتۈرۈش ئۈچۈن كۈتۈپخانىغا يۈگىرەيدۇ. كېيىنچە بۇ 10 دانە كىيىم تىكىش ماشىنىسى يېتىشمىگەچكە ئاياللار ئۈچىرەتتە تۇرۇشقا باشلايدۇ. مۇستاپا ئۈچىرەتتە ساقلاۋاتقان ئاياللارنىڭ قولىغا ۋاقتى كەلگىچە ئوقۇسۇن دەپ بىرەردىن كىتاپ تۇتقۇزۇپ قويىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ساۋاتسىزلارنىڭ كۆپلىگىنى بايقىغان مۇستاپا خەلق ئۆيلىرىگە ساۋاتسىزلارنى يىغىپ تەربىيلەشكە باشلايدۇ. مۇستاپا ئاياللارغا كېيىنچە گەلەمچىلىك كۇرسلىرى ئاچىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ رايۇنلاردا گەلەمچىلىك كەسپى جانلىنىشقا باشلايدۇ.
بۇئەھۋاللاردىن كېيىن ۋالى مەھكىمىسىدىن، "مۇستاپا ئۆز خىزمىتىدىن باشقا ئىشلارغا چات كېرىشكە باشلىدى" دەپ داۋا ئاچىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇستاپا 50 ياشقا كىرگەندە ۋاقتىدىن بۇرۇن مەجبۇرى ھالدا دەمئېلىشقا چىقىرىلىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كاپادوكيا خەلقى ئىچىدە مۇستاپا بىر ئەپسانىغا ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭ بۇ پىداكارلىق روھى بىلەن يېزىلاردىكى ساۋاتسىزلىق نىسپىتى چۈشىدۇ، بالىلاردا كىتاپ ئوقۇش قىزغىنلىقى بارلىققا كېلىدۇ. مۇستاپا 2005- يىلى ۋاپات بولىدۇ. پۈتۈن كاپادوكيا رايۇنى خەلقى مۇستاپانىڭ ئۆلۈمىدىن كۆڭلى بەكمۇ يېرىم بولىدۇ. ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ ئۈرگۈپكە ئىشەكلى كۈتۈپخانىچى مۇستاپا گۈزەل گۆز ۋە ئىشىگىنىڭ ھەيكىلىنى قاتۇرىدۇ. تەرجىمە مەنبەسى: http://deepdark.blogcu.com/esekli-kutuphaneci-mustafa-amca/12556843 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-17 05:00 AM
|
|
|
|
|
|