غەزەپ ۋە زار
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
ئەي پەلەك، بۇ دەھشىتىڭدىن ئىنتىھا بىزارىمەن،
ئىستىدىم كۆپ تاپمىدىم بۇ دەردىمە ھېچ دارىمەن.
.
ئاتا-بوۋامدىن مىراس كونا كېسەلنىڭ دەردىدە،
گاھ ئۆلۈپ، گاھ تىرىلىپ، كۆپتىن بېرى ئاۋارىمەن.
.
بىر پۇراپ كۈلسەم نە ئارمان، بېغىم باھارى گۈلىنى،
ھەر سەھەر گۈل ئىشقىدا بۇلبۇلغا ئوخشاش زارىمەن.
.
دوستلىرىم ئوۋغا چىقاردا كەلتۈرۈر مىسالىغا،
قارچىغا قۇشلار ئۇلار، مەن مىسالى سارىمەن.
.
يۈز قىلماس تەئەررۇز كۆپ كۆڭۈلچاندۇر ئۇلار،
كۆرسەم چاينار نىجىس گوياكى دىل ئازارىمەن.
.
لا ئەقىل دەپ ئويلىدى،چىندىن نەزەر سالماي تۇرۇپ،
يېڭىلىپ كەتتى ئۇلار،كۆپتىن بېرى ھۇشيارىمەن.
.
قولدىن ئىش كەلمەيدۇ دەپ،دائىم غىدىقلايدۇ مېنى،
مەن ئۇلارنىڭ شۇ سۆزىگە بەكمۇ-بەك خۇنبارىمەن.
.
پەنگە ماڭساق كۆز ئېچىپ كاپىر، جەدىت دەپ قارغىشۇر،
بۇ ھاماقەت دەۋرىدە ئاتەش بۇلۇپ يانارىمەن.
.
چۆل-جەزىرە، دەشتۇ-سەھرا ئىچرە قالدىم نائىلاج،
ئاھ قاچان بىر يول تېپىپ قوشۇلاي قاتارىمەن.
.
سۇغا تەشنادۇر بۇ چۆل، بىپايان مۇنبەت زېمىن،
مىسلى دەريا تاپماي ئېقىش، قاينام بۇلۇپ قاينارىمەن.
.
ئويغىنىپ كەتتى جاھان، مەغرىبى-مەشرىق تامام،
مەن تېخى سۈت ئۇيقۇدا، چۈش كۆرۈپ ياتارىمەن.
.
باشقىلار كۆكتە ئۇچۇپ، سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق،
مەن مىسالى يالاڭ ئاياق دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن.
.
ئىلىم-پەندىن يوق خەۋەر، باستى غەپلەت، خەۋپ-خەتەر،
ھالىمىز قۇلدىن بەتەر، قانداق چىداپ تۇرارىمەن
تىل-ھاقارەت، تەنە-دىخمار ۋاي داد!...بۇ جاننى قىينىدى،
ئەمدى نە قىلماق كېرەك، ئەجەپمۇ بولدۇم خارىمەن.
.
زۇلۇمنىڭ ئوكيانىدىن تاپماي پاراغەت ئارىلى
تاغ كەبى دولقۇنىدا ئۆرلەپ، ھەققە ئاھ ئۇرارىمەن.
يىللارغا جاۋاپ
لۇتپۇللامۇتەللىپ
ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ،
يىللار ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى.
ئاققان سۇلار، ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ،
يورغا يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى.
ئوغرىلاپلا قاچىدۇ ئارقىغا يانماي،
بىر-بىرىنى قوغلىشىپ، يورغىلىشىپ.
ياشلىق بېغىدا بۇلبۇللار قانات قاقماي،
يوپۇرماقلار قۇيۇلىدۇ پورلىشىپ.
ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى،
تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق،
يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى،
ياشلىق گۈلىدىن تۆكۈلىدۇ بىر تال يۇپۇرماق.
يىللار شامىلى يەلپۈنىدۇ، ئىزلار كۆمۈلىدۇ،
يوپۇرماقسىز دەرەخ بىچارە-بولىدۇ قاخشال.
يىللار سېخى قۇرۇق كەلمەيدۇ ئەكىلىپ بېرىدۇ،
قىزلارغا قورۇق، ئەرلەرگە ساقال
.
بىراق يىللارنى تىللاش توغرا كەلمەيدۇ،
مەيلى ئۆتىۋەرسۇن، ئۆزىنىڭ يولى.
ئادەملەرمۇ ۋاقىتنى قولدىن بەرمەيدۇ،
چۆللەرنى بوستان قىلغان ئادەملەر قولى.
يىللارنىڭ قوينى كەڭ، پۇرسىتى نۇرغۇن،
تاغدەك ئىشلار يىللار بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ.
قاراب باق ئاخشامقى بوۋاق كىچىككىنە تۇرسۇن،
تۈنۈگۈن ئۆمىلەپ، ھە… بۈگۈن مېڭىپ يۈرىدۇ.
كۆرەشچان بالىلار قوغلىشىپ يىللار،
كۆرەش نەۋرىلىرىنى چوقۇم تاپىدۇ.
ئاخشام بەخىت ئۈچۈن قۇربان بولغانلار،
قەبرىسىنى يادلاپ گۈللەر ياپىدۇ.
مەيلى ساقال سوۋغا قىلسا قىلسۇن يىللار،
مەنمۇ تاۋلىنىمەن يىللار قوينىدا.
ئىجادىم شېئىرىمنىڭ ئىز تامغىسى بار،
ئالدىمدىن قېچىپ ئۆتكەن ھەر يىل بوينىدا
قېرىماسمەن كۆرەشنىڭ كەسكىن چېغىدا،
شېئىرىم يۇلتۇز بولۇپ يانار ئالدىمدا.
ئۆلۈم پەستە قېلىش كۆرەشنىڭ داۋانلىق تېغىدا،
چىدام غەيرەتنىڭ يەڭگىنى ھەريان يادىمدا.
ئېسىلارمەن مىلتىق ئېتىپ تاۋلانغان قولغا،
يېپىشارمەن بايراق بىلەن ئالغا ئاتلىغان يولغا.
كۈرەش باياۋانىدا ھارماسمەن ئەسلا،
كۈرەش بىلەن كىلىپ چىقىمىز كەڭ غالىب يولغا.
يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمە،
ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۆلۈمنى.
قېرىتىمەن دەپ ئارتۇق كۆڭۈل بۆلمە،
ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قۇيارمەن ئوغلۇمنى.
يىللار دېڭىزى دولقۇنلۇق بولساڭمۇ،
ئۇپقۇنلىرىڭنى يارىدۇ بىزنىڭ كاراپ.
يىلنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قورقىتىپ باقساڭمۇ،
ئىجاد يىللارنى قېرىتىدۇ دەپ بېرىمىز جاۋاب
ئاتىلارسۆزى
ئەسلىسى ۋە يەشمىسى
قىلماغۇقىلىقلارنى
ئاشنۇچاسانمىش كەرەك
سانمادىنقىلمىشتا كىن
نە تىگىنتانمىش كەرەك
قىلماسلىققا تېگىشلىك قىلىقلارنى
ئالدىبىلەن ئويلاش كېرەك.
ئويلىمايقىلغاندىن كېيىن
ئۇنىڭدىن تانماسلىق كېرەك.
كىرىككەن تونلار كىرىن
سوۋ ئۈزە يۇمىش كەرەك
سۆز كىرى كىتمەس يۇسا
نەتەگىن قىلمىش كەرەك
كىر باسقا كىيىمنىڭ كىرىنى
سۇ بىلەن يۇسا چىقىپ كېتىدۇ.
سۆز كىرىنى يۇيۇپ چىقىرىشنىڭ
ھېچقانداق ئامالى يوق.
ئايىپسىز تىشكە ئەر
بويۇنىن سۈنمىش كەرەك
ئول ئاندا تۈزۈن بىرلە
تىرىگلىك قىلمىش كەرەك
ئەيىپسىز ئاياللارغا
ئەرلەربويىنىنى ئېگىشى كېرەك
شۇنداق پەزىلەتلىك ئايال بىلەن
ئۆمۈربويى بىرگە تىرىكچىلىك قىلىش كېرەك.
ئاقىقات بولسا تۈزۈن
ئاڭا جان بىرمىش كەرەك.
مەڭى چىن ئول مەڭى ئوق
تاقى نە ئايمىش كەرەك.
ئۇراستىنلا دۇرۇس بولسا
ئاڭاجاننى بېرىش كېرەك.
بۇئەبەدىي مەڭگۈلۈك ھەقىقەت
[ئۇنىڭغا]يەنە جاننى دېيىشنىڭ ھاجىتى بار؟
ئىش قىلغۇ ئەيگۈ ئىشنى
كۆكىتۇر كۆنى يولنى
كەسمەڭلار ئەگرى تالنى
توبەسىندا مېۋە بار
دوست بولساڭ ياخشى بىلەن دوست بول.
ئۇ ساڭا توغرا يولنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.
ئەگرى تال دەپ كېسىۋەتمەڭلار
ئۇنىڭ شاخلىرىدا مېۋىسى بار.
ئەردەملىگ كىشى ئەردىنى بىرلە تۈز ئول
ئەردەمسىز كىشى ئەتۈك ئىچىندەكى ئۇلياق بىرلە تۈز ئول
پەزىلەتلىك كىشى گۆھەر،
پەزىلەتسىز كىشى پېتەك.
بۇيانلىغ كىشى بۇرقانلار بىرلە تۈز ئول
بۇيانسىز كىشى يوق باقىر بىرلە تۈز ئول
ساۋابلىقئىش قىلغۇچى بۇرخاندۇر
ئىنساپسىزكىشى ئەسكى مىستۇر
بەگىمسىنمەيۈك بەگ بولسا بەلتىر سايۇ بەلگە سالۇر
ئاتا قىمسىنما يۇق ئاتىغ بولسار ئارت سايۇ ماياقا يۇر
ئەمەلتۇتمىغان كىشى ئەمەل تۇتمىسا ھەر دوقمۇشقاقامچا قويۇر.
ئاتىغىچىقمىغاننىڭ نامى چىقسا ھەر بىر تاغ ئۆتكىلگە بەلگە سالۇر.
ياغمۇ ياغسا قاپۇڭ بولوسۇن ياپىنغۇ كەرگەك
ياۋۇز كىشى ياقىن كەلسە ئابىنغۇ كەرگەك
يامغۇرياغقاندا يېپىنچاڭ بولسا،يېپىنىۋال.
ياۋۇزئادەم يېقىنلاشسا ئۇنىڭدىن ئېھتىيات قىل.
قوچۇ تاغىندا قاپلان يوق
قۇدۇق سۇۋىندا بالىق يوق
قوچۇ تېغىدا قاپلان يوق.
قۇدۇق سۈيىدە بېلىق يوق.
ئەر قۇتى بەلىڭ
سۇۋ قۇتى تەرىڭ
ئەرنىڭ قۇتى قورقماسلىقتا.
سۇنىڭ قۇتى چوڭقۇرلۇقتا.
(قۇتى:-قەدىر-قىممەت)
ياخشىلىق ۋە يامانلىق توغرىسىدا
يۈسۈپ خاس ھاجىپ
238 كىشىدە ئىككى ئات،بۇ تىلدا يۈرۈر،
بىر ئەسكى ،بىر ياخشى جاھاندا قالۇر.
1297 يامانغا يېقىنلاشما قىلغاي زىيان
يامانلىق چاقار ئۇ بولۇپ بىر يىلان
1315 كشىگە ھەم ئۆزىگە قىلما سەن زىيان
ھەۋەسنى قويۇپ قىل ياخشىلىق ھامان
1362 بالا-زورلۇق ۋاقتىدا قىلياخشىلىق
تىلىڭ ھەم قولۇڭدىن يۇيۇنسۇن خەلق
1706 يوغانچى،تەكەببۇر تېتقسىز كىلۇ
ئۇنى كىبرىسى كۈنمۇكۈن پەسقىلۇر
2006 ئۇيات كىمدە بولسا سىلىق خۇيلۇق ئول
ناچار ئىشقا ھەرگىز ئۇ سۇنمايدۇ قول
2008 ئۇيات بارچە يامان ئىشتىن توسقۇچى
پۈتۈن ياخشى ئىشقا ئۇلاشتۇرغۇچى
2066 ئېغىر يۈك كىشىگە ئۆزۈمچىل قىلىق
ئۆزۈمچىل قىلىققا ئوق ئات قارشى چىق
3346 ھاۋاغا بىرىلمە ، ئەقىلبىرلە كەس
تېنىڭ باش كۆتۈرسە بىلىم بىرلەباس
4212 قوشۇلما پىتنىخورغا بارما يېقىن
ئۇنىڭكىم تىلىدىن چىقار ئوت-چېقىن
4253 ھەسەت بىر كىسەلدۇر داۋاسا ئۇزاق
ئۆزىنى ئۆزى يەپ سىزەر ئۇ ئاداق
4411 تۈپىڭ-يىلتىزىڭنى پاساتلىق قىرار
بۇ ياخشى ئىزىڭنى پاساتلىق بۇزار
مەزكۇر ئەسەر جەمئىي 82 باب ، 6644بېيىت،13288مىسرا، شېئىر شەكلى : مەسنەۋى،مۇتەققارىپ بەھرىدە يېزىلغان.
ئاپتور بۇ ئەسەرنى 1069-يىلىدىن1070-يىلىغىچە يېزىپ ھەسەن بۇغرا قارا خانغا تەقدىم قىلغان،ئۆزى 1018-يللىرى با لاساغۇندا تۇغۇلغان 1085-يىللىرى قەشقەردەئالەمدىن ئۆتكەن.
.ئەدەپ-ئەخلاق توغرىسىدا
ئەسلىسى ۋە يەشمىسى:
)ئەلگە شەرەف بولمادى جاھۇنەسەف،1)
لېك شەرەف كەلدى ھەياۋۇ ئەدەب
مەنسەپۋە نەسەپنىڭ يۇقۇرلىقى كىشىگە شان-شەرەپ كەلتۈرەلمەيدۇ، لېكىن ھەقىقىي شان-شەرەپكەلتۈرگۈچى نەرسە ئىنساندىكى ئەدەب ۋە ھايادۇر.
)بولماس ئەدەبسىز كىشىلەرئەرجۇمەنىد،2)
پەسىت ئېتەر ئول خەيلىنى چەرخى بەلەنىد.
ئەدەبسىزكىشىلەر ھەرگىزمۇ ئەزىز بولالمايدۇ، بۇنداق كىشىلەر ئاخىرى دەۋىر تەرپىدىنخارلىققا دۇچار قىلىنىدۇ
.
)تەركى ئەدەبىدىن بىرىكۈلگۈدۇرۇر،3)
كۈلگۈ ئەدەب تەركىغە بەلگۈدۇرۇر.
ئەدەبسىزلىكنىڭبىر ئالامىتى ئورۇنسىز كۈلۈشتۇر، چۈنكى ئورۇنسىز كۈلكە ئەدەبسىزلىكنىڭ بەلگىسى
)كىمكى ئۇلۇغراق ئاڭاخىدمەت كېرەك،4)
ئولكى كىچىكرەك، ئاڭا شەفقەت كېرەك.
ھەربىرئادەم ئۆزىدىن چوڭلارغا خىزمەت قىلىشى ، ئۆزىدىن كىچىكلەرگە مېھىر شەپقەتكۆرسىتىشى كېرەك
.
)ئەيىش، نەۋائىي، نىچەدىلكەشىدۇرۇر،5)
لىك ئەدەب بىرلە ھەيا خۇشدۇرۇر.
ئەينەۋائىي، بەزمە ۋە زىياپەتلەر ھەرقانچە كۆڭۈللۈك بولسىمۇ، ئەدەب ۋە ھايا بىلەنئولتۇرۇش ياخشىدۇر.
)بىر دىگەننى ئىككى دىمەكخۇش ئەمەس،6)
سۆزچۇ تەكرار تاپدى دىلكەش ئەمەس.
بىرقېتىم ئېيىتقان سۆزنى يەنە ياندۇرۇپ دىيىش ياخشى ئەمەس، تەكرار لانغان سۆز كۆڭۈلگەياقمايدۇ
.
)خوبكىم يوقتۇر شەمايىلبىرلە شىرىن سۆز ئاڭا،7)
سەيىد بولماس ئەل ، نىچە كىم بولسە زىيبا سۈرەتى.
بىراۋنىڭكۆرنىشى ھەرقانچە چىرايلىق بولسىمۇ، ئەگەر ئۇ ئەخلاقلىق ۋە شىرىن سۆزلۈك بولمىسا،ھېچكىم ئۇنىڭغا مايىل بولمايدۇ
.
)خلئەتىن زەربەفىتدىيبادىن گەر ئەتسۈن ، بىل يەقىن،8)
كىم نەمۇدار ئىچرەدۇر زەر بەفىت دىيبا سۈرەتى.
ئۇنداقلارئەگەر نەپىس زەربابتىن كىيىم كىيىۋالغان ھالەتتىمۇ، سەن ئۇنى نەپىس زەربابكىيىملەرنى كۆرگەزمە قىلىدىغان بىر قارانچۇق، دەپ بىلگىن.
)گەرچە قۇياشتىن پەرۋەرىشئالەم يۈزىغە ئام ئىرۇر،9)
سەھرادە قامغاغۇ تىكەن، بوستاندا سەرۋۇ گۈل بىتۇر.
گەرچەقۇياش نۇرى پۈتۈن ئالەمگە تەكشى چېچىلىپ، ئورتاق پەرۋىش قىلسىمۇ ، يەنىلا چۆلدە قامغاق ۋە تىكەنلەر ئۈنىدۇ، بوستاندابولسا سەرۋى ۋە گۈللەر ئۆسىدۇ.
(10)بەرمەس تەتۋىل چۇسۈخەندان سۆزىگە.
قىل مۇختەسەر ئولچە بولغاي ئىمكان سۆزىگە.
.ناتىقكىشى بەك ئۇزۇن سۆز قىلمايدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قىسقا سۆزلەش لازىم.
)گەر ئىش غەيرى مەۋقىئىدەمەۋجۇد ئىرۇر،11)
كىشى ھەرنىكىم قىلدى مەردۇد ئىرۇر.
بىرئىش قىلىشتا ئەگەر نىيەت نا توغرا بولسا، كىشى ھەرقانچە ھەركەت قىلغان بىلەنمۇ،ئىشنىڭ نەتىجىسى خاتا بولىدۇ.
مۇلايىم تەكەللۇم، ۋەھشىلەرنى ئۈلفەت سارى باشقارۇر،12)
.مۇلايىمسۆز دۈشمەن كۈچلەرنىمۇ دوسىتلاشتۇرالايدۇ.
)تەۋەززۇ ياخشى ئەمماياخشىراقىدۇر،13)
ئەگەر دەئىپ ئەتسە ئانى ئەھلى دەۋلەت.
كىچىكپىئىللىق ياخشى خىسلەت ، ئەگەر دۆلەتمەن كىشىلەر ئۇنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلسا، بۇتېخىمۇ ياخشىدۇر
)نىچە زەرۇرەت ئارا قالغان چاغدا ،14)
چى دىمەس ئەرسەڭ ، دىمە يالغان داغى.
ئەگەرزۆرۈرىيەت تۈپەيلىدىن راسىت گەپ قىلىشقا ئىمكان بولمىسا، يالغان سۆزنىمۇ سۆزلىمە
.
) تبىئەتكە ھەرنىكى ئادەتبولۇر،15)
چۇ ئەسكىردى ئادەت، تەبىئەت بولۇر.
. ئەگەر كىشى ئۆز مىجەزىگە بىرەر ناچار ئىشنى ئادەتقىلىۋالسا، ئۇ ئادەت كونىرىغانسىرى ئۇنىڭ تەبىئىتىگە ئايلىنىدۇ.
) نېكىم قىلدۇ جاھىلكى،ئېردى يەمان،16)
تۇتۇپ ئەكسىنى تابدىم ئاندىن ئەمان.
بىلىمسىز كىشىلەرقانداق يامان ئىشنى قىلغان بولسا، مەن ئۇ ئىشنىڭ تەتۈرنى قىلىپ ، ئۇ ئىشتىن ئامانلىق تاپتىم.
) كىمكى، تىلەسەڭ بىلەي،مەقالىن ئاڭلا،17)
ئەسلىن دىسەڭ ئاڭلايىن، فەئالىن ئاڭلا.
ھەرقانداق كىشىنىڭ مىجەز خۇلقىنى بىلمەكچى بولساڭ ، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ باق، ئەگەر ئۇنىڭ تېگى تەكتىنى بىلەي دىسەڭ، ئۇنىڭ خۇي پەيلىنى كۆزەتكىن
.
)كىردىگارىغە باقىپ ،ئەسىل ھالىن ئاڭلا،18)
ئەسلىغە دەلىل ئانىڭ مىسالىن ئاڭلا.
چۈنكى قىلىۋاتقان قىلىقىغا قاراپ، كىشىنىڭ ئەسل قىياپىتىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئەمەل ۋە ھەركەت ھەر كىمنىڭ ئەسلى قىياپىتىنىڭ ئاشكارلىنشىدۇر.
كاشىغەر
گۇمنام
ئەسلىسى ۋە يەشمىسى:
مەززەئىلۇتفى ئىلاھىدۇر دىيارى كاشىغەر،
ئىشقئىلىنىڭ قىبلەگاھىدۇر مازارى كاشىغەر.
قەشقەر تەڭرىنىڭ مەرھىمىتى تېرىلغان جايدۇر
ئۇنىڭ مازارى ئاشىقلارنىڭ قىبلىگاھىدۇر
ئىشقئۈلپەت چەشمىسىدىن دەردۇ مېھنەت جۇش ئىتەر،
تۇپراغىھەسرەت بىلەن بىتكەن ھېسارى كاشىغەر.
ئىشىق-ئۈلپەت بۇلىقىدىن دەر-مېھنەت جۇش ئۇرۇپ تۇرىدۇ
ئۇ تۇپرىقى،قورغانلىرى ھەسرەت بىلەن قۇرۇلغانشەھەردۇر
دىلەرەبالەرباغرىنى لەئلى بەدەخشان ئەيلەگەي،
بىرنىگاھى غەمزىسىدىن گۈلئۇزارى كاشىغەر.
قەشقەرنڭ گۈل يۈزلۈكلىرى جىلۋىلىك بىر بېقىشىبىلەن
ھەرقانداق گۈزەللەرنىڭ باغرىنى خۇددى بەدەخشانياقۇتىدەك قىزىل قان قىلىۋىتىدۇ
ئابىروكنابات، گۈلگەشتى مۇسەللە سەھل ئېرۇر،
خۇلدىدىنئەفزۇن تۇمەن مىڭ لالە زارى كاشىغەر.
ئۇنىڭ ئالدىدا رۇكنابات سۈيى ۋە مۇسەللا گۈلشىنىچاغلىقلا
بىر نەرسە ، ئۇنىڭ لالىزارى جەننەتتىن تۈمەنمىڭھەسسە ئارتۇق
ئەيىشئېلىگە خارىدىن كەلگەي گۈلى ئىشرەت ئېسى،
چۈنسۇلەيمان دۆلەتىدۇر خالى زارى كاشىغەر.
كۆڭۈل ئاچاي دېگەن كىشىلەرگە بۇ جاينىڭ ھەتتا تىكەنلىرىدىنمۇ
گۈل پۇرىقى كىلىدۇ،ئۇنىڭ ۋەيرانلىرى سۇلايماندۆلىتىگە تەڭدۇر
ئۇد، ئەنبەر تۇپرىغىدۇر،ئابى كەۋسەردۇر سۈيى،
دۇرى-مارجانتاشلىرىدۇر كۇچسارى كاشغەر.
ئۇنىڭ توپىسى ئىپار بۇرايدۇ، سۇلىرى بولسا ئابىكەۋسەر،
قەشقەر تاغلىرىنىڭ تاشلىرى ئۈنچە-مارجاندۇر.
ياپەرى، يا ھۆرى يا باغى ئېرەم ياد ئەيلىمەس،
شەھرىنىئۇنتار بولۇر ھەركىم دۇچارى كاشىغەر.
كىمكى قەشقەرگە كىلىپ قالسا،ئۇ ھۆر-پەرىلەرگىمۇ،
جەننەتكىمۇ ھەۋەس قىلمايدۇ، ئۆز يۇرتىنى بولسا ئۇنتۇپلا كىتىدۇ.
ھۇشمەندۇ،دەرتمەندۇ،مەرد زەندۇلەپ چۇقەند،
نارخەندان،سىب رەنا ھەر نەبارى كاشىغەر.
ئەقىللىق كىشىلەر بولسۇن، دەردمەنلەر بولسۇن، ئەربولسۇن. ئايال بولسۇن، لېۋى خۇددى قەنت-شېكەرنىڭ ئۆزى، قەشقەر كىشىسىنىڭ يۈزى كۈلۈپ تۇرغان ئانار ياكى قىپقىزىل ئالما.
كاشىغەرشەھرىن بىلىڭ گۇمنامنىڭ يايلاغىدۇر،
دىلكۇشا ئىشرەت پەزا ھەر سەبزە زارى كاشىغەر.
قەشقەر شەھىرىنى گۇمنامنىڭ يايلىقى دەپ بىلىڭلار، قەشقەرنىڭ ياپ-يېشىل چىمەن باغلىرى
كىشىنىڭ دىل بەھرىنى ئاچىدۇ،كىشىگە ھۇزۇر بەخش ئېتىدۇ.
تەييارلىغۇچى: ئالىمجان تۇرسۇن ئاتەش ئوغلى
كىيۇ كىيۇ:552482073
يۇقارقى ماتېرىياللار ئالىي مەكتەپكە ئىمتاھان بەرگۈچىلەر ئىگەللشكە تېگىشلىك شېئىرلار 。 بۇ ماتېرىيالنى ساقلىۋالماقچى بولغانلارنىڭ مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلارنى سورايمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-17 05:21 AM