دارۈي ھەققىدە ھېكايە(تەرجىمە)
دارۈي 8 ياش ۋاقتىدا بىر قىتىم كىنۇغابارماقچى بولىدۇ.بىراق يېنىدا پۇل بولمىغاچقا دادىسىدىن پۇل سوراش كېرەكمۇ ياكى ئۆزى ئىشلەپ پۇل تېپىش كېرەكمۇ دىگەن مەسىلىدە ئىككىلىنىپ قالىدۇ.ئاخىرىدا ئۇ كىيىنكىسىنى تاللايدۇ.ئۇ ئۆزى بىر خىل گازلىق سۇ ئىچملىكى تەڭشەپ،يولدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەرگە ساتىدۇ.بىراق ئۇ ۋاقت دەل قاتتىق سوغۇق بولىۋاتقان قىش كۈنلىرى بولغاچقا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن باشقا ھىچكىم ئۇنىڭ سۈيىنى ئالمايدۇ.
دارۈي تاسادىپىيلا ناھايتى مۇۋاپپىقىيەت قازانغان بىر زات بىلەن پاراڭلىشىش پۇرسىتىگە نائىل بولىدۇ. ئۇ ھىلىقى زاتقا ئۆزىنىڭ <<ۋەيران بولۇش تارىخى>> نى سۆزلەپ بىرىدۇ ،ھىلىقى زات ئۇنىڭغا ئىككى موھىم تەكلىپ بىرىدۇ. بىرسى،باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇپ بىقىش، ئىككىنچىسى ، زېھنىنى ئۆزى بىلىدىغان ، قىلالايدىغان،ھەم پايدىلىنالايدىغان نەرسىگە مەركەزلەشتۈرۈش.
بۇ ئىككى تەكلىپ ئىنتايىن مۇھىم ھالقائىدى.
چۈنكى 8 ياشلىق بالىغا نىسبەتەن ئىلىپئىيتقاندا ، ئۇنىڭ قىلالمايدىغان ئىشى ئىنتايىن كۆپ بولىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ چوڭ –كىچىك كوچىلارنى ئايلىنىپ توختىماستىن ئويلىنىدۇ. كىشىلەر زادى نىمىگە مۇھتاج؟ ئۇ بۇ پۇرسەتتىن قانداق پايدىلىنىش كېرەك؟
بىر كۈنى ئەتتىگەنلىك ناشتا ۋاقتىدادادىسى دارۈينى گېزىت ئەكىرىشكە بۇيرۇيدۇ،ئامرىكىلىق گېزىت يەتكۈزگۈچىلەر دائىم گېزىتنى ئالاھىدە ياسالغان نەيچە ئارقىلىق باغچىنىڭ ھويلىسىغاكىرگۈزۈۋىتەتتى،ئەگەر سىز ئۇخلاش كىيىمى بىلەن ئازادە ئولتۇرۇپ ناشتا قىلغاچ گېزىت كۆرمەكچى بولسىڭىز، ئىسسىق ھۇجرىڭىزدىن ئايرىلىپ سوغۇق شامالغا قارىماي باغچىغابىرىپ گېزىتنى ئەكىرىۋىلىشىڭىزغا توغرا كىلەتتى.گەرچە ئارلىق ئۇزۇن بولمىسىمۇ،بىراق بەك ئاۋارىچىلىق ئىدى.
دارۈي دادىسىغا گېزىت ئەكىرىپ بەرگىلى چىققان ۋاقىتتا كاللىسىغا بىر ئەقىل كىلىدۇ، شۇ كۈنى ئۇ قوشنىلىرىنىڭ ئىشىك قوڭغۇرىقىنى بىسىپ ئۇلارغا<< ھەر ئايدا پەقەت بىرئامرىكا دوللىرى ھەق تاپشۇرسىلا ئۇ ھەركۈنى ئەتتىگەندە گېزىتنى ئۇلارنىڭ ئىشىكى ئاستىدىن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرگۈزىۋىتىدىغان>>لىقنى ئىيتىدۇ،نۇرغۇن ئادەم قوشۇلىدۇ، ناھايتى تىزلا ئۇنىڭ خىرىدارى 70 نەچچىگە يىتىدۇ، بىر ئايدىن كىيىن ئۇ ئۆزى ئىشلەپ تاپقان پۇلنى قولىغا ئالغان ۋاقتىدا ئۆزىنى خۇددى كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتقاندەك شۇنداق ئازادە ھىس قىلىدۇ.
دارۈي ناھايتى تىزلايەنە بىر يېڭى پۇرسەتنى بايقايدۇ.ئۇ خىرىدارلىرىغا ھەركۈنى ئەخلەت خالتىلىرىنى ئىشىكىنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويسىلا ئۇنى ئەخلەت ساندۇقىغا ئۆزى تۆكۆۋىتىدىغانلىقىنى،بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرئايدا پەقەتلا بىر ئامرىكا دوللىرى قوشۇپ بەرسىلا بولىدىغانلىقىنى ئىيتىدۇ، كىيىن يەنە بالىلارنىڭ پۇل تىپىشىغا ماس كىلىدىغان نۇرغۇن ئۇسۇللارنى ئويلاپ چىقىدۇ. ھەمدە ئۇلارنى رەتلەپ كىتاپچە قىلىپ << بالىلارنىڭ پۇل تېپىشىنىڭ 250 خىل ئۇسۇلى >> دېگەن نامدا كىتاپ چىقىرىدۇ.
دارۈي 12 ياش ۋاقتىدىلا بازارلىق يازغۇچىغا ئايلىنىدۇ،15 ياش ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ سۆھبەت پروگراممىسىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، 17 ياش ۋاقتىدىلا نەچچە مىليۇن ئامرىكا دوللىرىنىڭ ئىگىسى بوپقالىدۇ.
بۇ ماقالە<< بىيجىڭ تىل ئونۋىرستىتى>> تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان << خەنزۇتىلى تەرەققىياتى-ئوتتۇرادەرىجىلىك ئاغزاكى تىل دەرىسلىكى1-قىسىم>>(发展汉语中级口语教程>>دېگەن دەرسلىك كىتابىنىڭ ئوقۇش مەشىقى قىسمىدىن رەتلەپ تەرجىمە قىلىندى.
تەرجىمە قىلغۇچى:ئابباس ئۆمەر ئەلقۇت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلقۇت511 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-16 09:34 PM