مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 623|ئىنكاس: 4

ئەجدادلىرىمىزدا مۇھىت ئېڭى ۋە بىزدىكى «يامان بۇلىدۇ»لار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97620
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4363
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 07:57:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەجدادلىرىمىزدا مۇھىت ئېڭى ۋە بىزدىكى «يامان بۇلىدۇ»لار


                                                        ئىلغارجان مەتتۇرسۇن ئىسلام (ئۇيۇشقاق)


ھەرقانداق بىر مىللەت ئۆزى ئەسىرلەر مابەينىدە ياشاپ كەلگەن جۇغراپىيىلىك ماكانى ،تەبئىي شارائىتى ،تارىخ -كەچمىشلىرى،ئېتىقاد قىلغان دىنى،ئۆرپ-ئادەت ،قائىدە-يوسۇنلىرى،مەدەنىيەت تىندۇرملىرى ئاساسىدا شەكىللەنگەن ھەم شۇ مىللەت كىشلىرىنىڭ مەنىۋىيىتىنى بېيىتىپ ،ھەركىتىنى تەرتىپكە سېلىپ تۇرغۇچى پەرھىز،ئەخلاق-مىزان ،ئۇدۇم-پىرىنسىپلىرى بولىدۇ،بۇنداق ئۇدۇم -پىرىنسىپلار ئۆز نۆۋىتىدە شۇ مىللەت كىشلىرىنى يامانلىقتىن چەكلەپ ياخشلىققا دەۋەتلەشتە ،بۇلۇپمۇ ياشلىرى ۋە ئۆسمۈرلەردە ساغلام ھاياتلىق قارىشى تۇرغۇزۇشتا سەل قارىغىلى بولمايدىغان تولىمۇ ئەھمىيەتلىك روللارنى ئارتقۇزۇپ كەلگەن .تارىم ،تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدىكى بوستانلىقلارنى ماكان تۇتۇپ ياشاپ كەلگەن خەلقىمىزدىمۇ ئەخلاق ھەم پاكىزلىق جۈملىسىگە ياتىدىغان بۇنداق ئادەت ناھايتى كۆپ بۇلۇپ ،ئەجدادلىرىمىز مۇشۇ ئۇدۇملارغا تايىنىپ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى ئۆز يولىدا كۆڭۈللۈك ،رەتلىك راۋانلاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا تەبىئەتنى ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇنىڭ بىلەن تەبئىي بىر گەۋدىلىشىپ دەل-دەرەخ ،گۈل-گىياھلارنى ،ئۇچار-قانات ،جان-جانىۋارلارنى ئاسراپ ھەم قوغداپ ،ئۆزلىرىنىڭ ھالال مېھنىتىگە تايىنىپ مىڭبىر مۇشەققەتتە ياشارتقان ئاشۇ بوستانلىقلارنىڭ سۇ-تۇپرىقىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاپ ،ئۆزىگە خاس مۇھىت مەدەنيىتى ياراتقان ۋە بۇ ئارقىلىق پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مۇھىت ئاسراش ئەنئەنىسى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقانتى.
ئۇلار سۇ،تۇپراق،دەل-دەرەخ،گۈل-گىياھ،باغۋاران،كۆل-ئېقىنلارنى ئۆزلىرىنىڭ ھاياتى ،بارلىقى بىلەن باغلاپ چۈشەنگەن ،ھەمدە ئۇنى قەدىرلەپ ئاسراشنى ئەڭ ئەقەللىي ئۇدۇم -ئادەتلىرىگە تەبئىي سىڭدۈرۋەتكەندى.
گەرچە ئاشۇ ئۇدۇم -ئادەت،پەرھىز -يۇسۇنلارنىڭ نۇرغۇنى زامانلارنىڭ ئۆتۈشى ،تۇرمۇش ئۇسۇلىمىزنىڭ ئۆزگىرىشى ،ئىدىيە-قاراشلىرىمىزنىڭ تولا ئالمىشىشى نەتىجىسىدە بارا-بارا ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بولسىمۇ ،لىكىن بەزىلىرى يەنە باشقىچە شەكىلىدە ساقلانغان ،راۋاجلانغان ئىدى ،بۇلۇپمۇ بۇقاراش -ئادەتلەر مەلۇم نەزەرىيۋى قېلىپ ياكى ئەندىزە سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى ،كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ ئادەتتىكى قائىدە -يۇسۇن سۆزلىرى،پەرھىز بۇيرۇملىرى شەكلىدە ھاياتىمىزغا سىڭىپ كەتكەندى.«يامان بۇلىدۇ»شەكلىدە ساقلىنىپ قالغان بەزىبىر ھاياتىلىق قارىشىمىز ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىدىن ئىدى .ئەپسۇسكى ،بۇ قاراشلار كېيىنچە «كونىلىق»،«خۇراپىي»قاتارىدا يەكلەشكە،چەتكە قېقىلىشىقا ئۇچىرىغان ،سەل قارالغان بولدى،ئەمما ئىنچكە قارىساق ئاشۇ «كونا»گەپلەر ئىچىدىن بىز بۈگۈنگىمۇ،ھەتتا ئەتىمىزگىمۇ كېرەكلىك نۇرغۇن مەڭگۈلۈك «يېڭى قاراشلارنى »تېپىپ چىقالايمىز.
«ئادەمدە بىلىملا بۇلۇپ ئادەمگە خاس ئەخلاقى بولمىسا ،ئۇ گوياكى ئەقىللىق ھايۋاندۇر،بۇنداق ئەقىللىق ھايۋانلارنىڭ قولىدىن ھەرقانداق ۋەھشىيىلىك ھەم نۇمۇسسىزلىقىنىڭ ھەممىسى كېلىدۇ»دەيدۇ ئاقىللىرىمىز .دېمەككى،ئىنسان ئۈچۈن بىلىم بەك مۇھىم ،ئادەمىيىلىك ئەخلاق تېخمۇ مۇھىم ،بۇ ئىككىسى قۇشۇلسا «ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز »قويغاندەك بولىدۇ .ئۇشبۇ ھېكمەت يەنە «ئالىم بولماق ئادەم بولماقتىن قىيىن »دېگەن ماقال بىلەن پاراللېل مەنالىنىدۇ،كىچىكىمدە ،چوڭلار بىزنىڭ بىرەر بولمىغۇر گەپ-سۆز ياكى قىلىق-ھەركەتلىرىمىزنى كۆرۈپ قالسا «ئۇنداق قىلماڭ،يامان بولىدۇ،بالام»،«بۇنى قىلسا ،ئۇنداق بۇلۇپ قالىدۇ»،«ئۇنى قىلسا بۇنداق بۇلۇپ قالىدۇ»دېگەندەك  ئاللىقانداق سۈر قۇشۇلغان ئىبارىلەر بىزنى ئاشۇ بولمىغۇر ئىشلاردىن چەكلەپ تۇراتتى .بۇنداق گەپلەرنى بىزگە ئۆزىمىزنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ۋە جەمئىيتىمىزدىكى چوڭ ياشتىكى كىشلەر تۇرماق بىز تۇنۇمايدىغان ئاپئاق ساقال خىزىر سۈپەت بوۋايلارمۇ ،مۈكچىيىپ ھاسىغا چۈشكەن تەۋەررۈك مومايلارمۇ ھەمىشە ئەسكەرتىپ تۇراتتى .بىز بۇنداق تەنبىھلىك سۆز-ئىبارىلەرنى ماڭدامدا بىر ئاڭلاۋېرىپ ،ئۆزىمىزچە نېمىدىندۇر ئەيمىنىپ قالاتتۇق-تە،چوڭلار توسىدىغان ئاشۇ بولمىغۇر قىلىق-ھەركەتلەرنىڭ قېشىغا ئىككىنچىلەپ يوللىمايتۇق.
ھازىر ئويلاپ باقسام ،ئاشۇ تەنبىھ-نەسىھەتلەردىن پەقەت«نان ياكى تۇزغا دەسىسىە كۆزى تۇتۇلۇپ قالىدۇ»،«سۇغا تۈكۈرسە ياكى مىشقىرسا،ئېغىز -بۇرنىغا قوقاق چىقىدۇ»،«سۇغا تەرەت قىلسا سۆڭگىچىگە ھونناق چىقىدۇ »،«ئېرىق-ئۆستەڭگە كۈل ياكى سۈپۈرۈندى تۆكسە ،تويى بىلەن ئۆلىمى بىللە بۇلۇپ قالىدۇ»،«يېڭى كۆكلىگەن بولجا كەسسە ياش تۇرۇپ ئۆلۈپ كېتىدۇ »...دېگەندەك ناھايتى ئاز بىر قىسىمىلا يادىمدا قاپتۇ.
بىراق كېيىنچە بۇنداق گەپلەر بارا-بارا دېيىلمەس،تەكىتلەنمەس ،ھەتتا ئاڭلانماس بۇلۇپ قالدى .خۇددى «تەبىئەت بىزنى ياراتقان ئانىمىز »دەپ ئېتىراپ قىلغان تۇرۇقلۇق نەچچە ئون يىل ھۆكۈم سۈرگەن «تەبىئەتنى بويسۇندۇرايلى!»دىن ئىبارەت تەتۈر سەنەمگە ئۇسسۇل ئويناپ ،ئاشۇ تەبىئەتكە ،يەنى بىزنى سېخىيلىق بىلەن بېقىپ كېلىۋاتقان ئانىمىزغا قارشى كۆرەش قىلغىنىمزغا ،نەچچە يىللاپ كوللېكتىپ دەرەخ كەسكىنىمىزگە ئوخشاش ،ئەجدادلىرىمىز تەرىپىدىن ئاللىقاچان ئىسپاتلىنىپ بىزگىچە داۋاملىشىپ كەلگەن ،ياش ئەۋلادلارنى ئادىمىيلىك قېلىپىغا كىرگۈزۈپ تەربىيلەپ چىقىشتا ئەھمىيتى زور بولغان يۇقرىقىدەك بىر قاتار «يامان بۇلىدۇ»لىرىمىز يەنە باشقا تۈرلۈك ئۇدۇم -ئادىتىمىز «كونىلىق»،«ئىلمىي ئاساسىي يوق خۇراپاتلىق »دېگەندەك قالپاق بۆھتانلار بىلەن چەتكە قېقىلىپ بۇلۇشىچە تىللاندى ،تۈرلۈك چىرايلىق نام،ھەتتا كۆكەرتىش نامىنى قۇيىۋېلىپ دەل-دەرەخلەرنى قىرغىن قىلىشتەك بۇنداق تەتۈرلۈك بەزى جايلاردا ھېلىھەم مەۋجۈت .مۇشۇ تۇپراققىلا ماس كېلىدىغان نۇرغۇن ئۆزگىچە ئېسىل مېۋە-چىۋە ،كۆچەت-دەرەخ سورتىمىز ۋەيران قىلىنماقتا.
توۋا دەيمەن ،بىزنىڭ ئاشۇ  يەرلىك مېۋىلىك دەرەخلىرىمىز زادى نېمە گۇناھ قىلغان ،كىملەرنىڭ قايېرىگە تاقاشقان بولغۇيتى؟!مۇنداق تەبىئەتنىڭ ئەسلى تەبىئىتىگە خىلاپ قالايمىقان كېسىش مۇھىتىنى بۇزۇشتىن باشقا نېمە ئېلىپ كەلدى؟«ئاسىيا كىندىكى »گېزىتىنىڭ 1998-يىل ئەتىيازدىكى مەلۇم ساندا :«گۇماناھىيىسىدە ئادەملەر قۇشقاچ بۇلۇپ قۇرۇت تۇتتى»ناملىق بىر قىسقا خەۋەر بېرىلگەن ،شۇچاغدا مەن بۇ خەۋەرنىڭ ماۋزۇسىدىنلا بىزلەرگە قارىتىلغان ئېغىر بىر قارا يۇمۇرنىڭ يېتىپ كىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغانتىم ،راسىت دېگەندەكلا ،ياندۇرقى يىلىلا «ئىنەكنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭ بېشىغا كەلدى»،خوتەن قۇرتىلاپ كەتتى ،مىغ-مىغ يامراپ ،دەل-دەرەخلەرنى سويغان پىيازدەك ئاقىۋەتكە گەزلىمە قۇرت ئىسىملىك لەنىتى-ۋابا ئاپەت خوتەننى بېسىۋالدى.دەسلەپتە قوللىرىمىز پۇراپ ،گاللىرىمىز ئاغىرىپ ھەتتا غىزالىنىۋاتقان داستىخانلىرىمىزدىمۇ قۇرتىلار لۆمىلدىشىپ مېڭىپ يۈرگەندەك كۆرۈنۈپ كېتىپ ،ھەپتە-ئايلارغىچە تۈزۈك تاماق يىيەلمەي يۈردۇق .ھەممىمىز ئىش-خىزمەتنى تاشلاپ ئېتىز-ئېرىق ئارىلاپ نىجاسەت بالادەك مىغىلداپ كەتكەن قۇرتىلارنى بىرمۇ-بىر تېرىشكە مەجبۇر بولدۇق ،قازان بېشىدا ئەنسىز پىقىراپ يۈرۈپ تاماق ئەتتۇق .ئاش-قازانلىرىمىز قۇرت تېرىپ ،تاماق يېيەلمەي ھۆ بۇلۇپ يۈردۇق ،ھېلىمۇ خوتەندە توختىماي توپا ياغىدۇ ،بوران چىقىدۇ .ئەل سۆيگەن شۆھرەتلىك يازغۇچىمىز نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتىقاندا توپا دەستىدىن «خوتەندە چىشلار غۇچۇرلايدۇ».
شەھەرلەردىن تارتىپ چەت-يېزا -قىشلاقلارغىچە كەڭ يامرىغان ئاشۇ رېستۇرانلاردىكى ۋە بىزدىكى ھەرخىل ئولتۇرۇش ،توي-مەرىكە ،زىياپەتتىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلىرىمىزدىكى بۇزۇلۇپ-چېچىلىۋاتقان نازۇ-نىممەت ،ئاش-ئوزۇقلارغا قاراپ ھەرقانداق بىر ۋىجدان ئىگىسنىڭ يۈرىكى پىژ-پىژ ئېچىشىپ كېتىۋاتسىمۇ لىكىن ياتقان يېرىدىن ئەتىسى ئىككى كۆزى كۆرمەس ھالدا قوپقان بىرمۇ ئىسراپخورنى كۆرگەندەك قىلمىدۇق ،ئەكسىچە تەشۋىقات ۋاستىلىرىمىز ئادەملىرىمىز تېخمۇ ئۇزلىشىپ ،كۆزلىرىنىڭ روشەنلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى داڭلاپ تۇرۇپتۇ.بىزمۇ ھەم كىشلەرنىڭ چىراي-تۇرقىنىڭ چىرايلىقلىشىپ ،ياغلاپ قويغاندەك پارقىراپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتمىز .بۇلارغا قاراپ ئاشۇ «يامان بۇلىدۇ»لار بىزگە ۋەھىمە سېىلىپ بىكاردىن بىكار قورقىتىپتۇ ،پۇت-قولىمىزنى چۈشەپتۇ ،بىزنى كونىلىق بىلەن باغلاپ ئاۋارە قىلپتۇ دەيلىمۇ؟ئۇنى «كونىلىق»،«خۇراپىيلىق»قاتارىدا ئىنكار قىلايلىمۇ؟
ھېچ ئىش بولمىغاندەك تۇرغىنى بىر تاشقى كۆرۈنۈش خالاس،بىز «يامان بولىدۇ»دېگەن ئىشىنى قىلغان دەقىقىنىڭ ئۆزىدىلا بۇ جازا يېتىپ كەلمەپتۇ.بەلكى ئاستا-ئاستا ،تۇيدۇرماي ،ئىشقىلىپ شۇ ياكى باشقا شەكىلدىكى يوللار بىلەن تارتقۇلۇقىمىزنى تارتقۇزۇپتۇ.مانا،قارىسىڭىز كېسەلدىن تولا نېمە يوق.كۆز،قۇلاق ،ئېغىز،بۇرۇن ،گال-كاناي،ئۆپكە،يۈرەك ،جىگەر ،بۆرەك ،پۇت-قول چات ئارىلىرىغا چۈشكەن سان-ساناقسىز كېسەللىك بىزگە «يامان بولغان »بولماي نېمە؟بىز بۇلارنى قىلما دېگەننى قىلغاننىڭ جازاسى دېمەي تۇرالايمىزمۇ ؟
«يامان بۇلىدۇ»لار ئۆرگىلىپ -چۆرگىلىپ يۈرۈپ تەبىئەتكىمۇ ،ئىنسانغىمۇ ماس قولاي ،دۇرۇس بولغان تەڭپۇڭ ھاياتلىق كارتىنىسىنى ئىشارە قىلغان .شۇنى قوغلاشقانكەن .ھەربىر سەل قاراش ،مەنسىتمەسلىك ،چەكتىن ئېشىش مانا بىزگە ئوڭايلىقچە ئالدىنى ئېلىپ بولمايدىغان ۋابا كېسىلىنى سوۋغا قىلىپتۇ .ئاشۇ «يامان بۇلىدۇ»لار ھەقىقەتەنمۇ يامان ئەمەس گەپلەركەنتۇق .ئەقىللىق ئەجدادلىرىمىز مەسىلىنى زاھىرەن كۆزى بىلەن  كۆرۈشكە ئادەتلەنگەن ،ھادىسىدىن كۆرە ماھىيەتكە بەكرەك ئەھمىيەت بەرگەن ،شۇڭا بىزگە ئاشۇنداق ئالتۇنغا بەرگۈسىز ئۆگۈت-نەسىھەتلەرنى ،تەنبىھ-تەربىيەلەرنى ئۇدۇم قىلىپ قالدۇرغانكەن .
ئەمما ئۇلار بىزنىڭ شۇنداق بىر زامانلاردا  ھەرقانداق ئۇلۇغ ئۇدۇم-ئادەتلەردىنىمۇ ئەيمەنمەيدىغان دەرىجىدە بەڭۋاشلىشىپ كېتىشىمىزنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولسا كېرەك.
مۇلاھىزنى خۇلاسىلىساق شۇنداق يەكۈنگە كېلىمزكى:ئەجدادلار ھەرگىزمۇ قۇرۇق گەپ ساتقان ۋە ئۆز يۈرەك پارلىرى بۇلىمىش بىزلەرگە قۇرۇق گەپلەرنى ئۇدۇم قالدۇرغان ئەمەس ،ئۇلارنى «ساۋاتسىز»،«خۇراپىي»<«قالاق»دېيىشكە بولمايدىغاندەك قىلىدۇ ،بىز ئاشۇ ئەسكى چاپان ئىچىدىكى كونا قاتتىق ئۆتۈك ،چاڭگا ساقال مۆتىۋەرلىرىمىزنى ھازىرقى زامان ئاتالغۇسىدا پاراسەتلىك تەبىئەتشۇناس ،ئۆتكۈر جەمئىيەتشۇناس ،پىشقان پەيلاسوپ ،يېتىلگەن ئاستىرولوگ-ئاستىرونوم ۋە تەجىربىلىك مۇھىىت ئاسىرىغۇچى مۇتەخەسىسسىلەرىدىن ئىكەن ،دېسەكمۇ ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدىغاندەك قىلىدۇ.يېقىنىقى يىللارىدىن بۇيان پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا ئومۇميۈزلۈك تەكىتلىنىۋاتقان «ئېكىلوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش »شۇئارى ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ دانىشمەن ئەجدادلىرىمىز ئۇزاق ئەسىرلىك ھايات كەچمىشلىرى داۋامىدا تەھقىقلەپ ،سىناقتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن بىزگە مەنىۋى مىراس سۈپىتىدە قالدۇرۇپ كەتكەن ئاشۇ بىر قاتار ئۇدۇمىمىزنىڭ زامانىمىزدىكى باشقىچە ۋارىيانتى ئەمەسمۇ؟!

مەنبە: "شىنجاڭ مەدەنىيىتى" 2007-يىللىق6-سانى



ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ  

چ چ  ؛  2536190268  .   يانفۇن  ؛ 15699088894

ھەر كىم ئۆز تەغدىرىنىڭ تۆمۈرچى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25888
يازما سانى: 853
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12098
تۆھپە نۇمۇرى: 1598
توردا: 3277 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 09:59:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104481
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1925
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 288 سائەت
تىزىم: 2014-3-6
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 10:12:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا ،ئەجداتلىرىمىز ھەقىقەتەن بېشدىن ئۆتكەن تەجرىبىلەرنى سۆزلەيدۇ،ئۇلار تىرىك ھېكمەت خەزىنىلىرى،ئۇلار ھەتتا گۈل-گىياھ،ئۇچار-قۇش ۋە ئويدە بېقىلىدىغان ئەرمەكلەرنىمۇ ئۆز بالىسىدەك ئاسرايدۇ.ئۇلارنى قەدىرلەپ، ھاياتلىرىدىن كۆپلەپ مەنپەئەتلىنەيلى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102551
يازما سانى: 1471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3911
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 450 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-17 03:06:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىلىپتۇ.

بىلىم چەكسىز،بىلىش چەكلىك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1715
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8965
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 354 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-18 09:37:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىلىپتۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش