لۈكچەك شائىر ئاتالسام مەيلى،
مۇڭغا پاتقان كوچاڭغا ئۈنۈپ.
سىڭىپ كىرسەم قەلبىڭگە نۇردەك،
ۋەسلى ئاتەش سۆيگۈڭگە كۈنۈپ
لۈكچەك شائىر ئاتالسام مەيلى،
قارا چۈشتەك دوقمۇشتا قۇنۇپ.
ئالسام تۈندە شەيتاندىن قىساس،
بەرگەن ھالال لەۋزىڭنى تۇنۇپ.
لۈكچەك شائىر ئاتالسام مەيلى،
يىرتقۇچ قۇشتەك مىلىنىپ قانغا.
شېرىن ھۇزۇر تىرناقتىن تاكى،
يامراپ چىقىپ قوشۇلسا جانغا.
لۈكچەك شائىر ئاتالسام مەيلى،
غازاڭ باسقان روھىڭنى قۇچۇپ.
يوقھپ كېتەر سېنىڭدىن كۈلپەت،
بىسى سۇنغان شەمشەردەك ئۇچۇپ...
لۈكچەك شائىر ئاتالسام مەيلى،
قىلىپ غەيۈر يۈرەكنى دەسمى.
قېنىپ جۇشقۇن ھاياتقا باغرىم،
يىگىت بولسام دۇنيادا رەسمى...
مەنبە: ئىجادىيىتىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Azizim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-16 02:46 PM