مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3649|ئىنكاس: 33

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مۇۋەپپىقيەتلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97620
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4363
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 01:11:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى

نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

ئىلاۋە:
مەن بۇ ماقالەمنى مەرھۇم قەدىرلىك ئانام نۇرنىسا ئابدۇرېھىمنىڭ ئەبەدىيلىك خاتىرىسى ئۈچۈن بېغىشلايمەن.
مەن ئۈچۈن دۇنيادا ئەڭ قەدىرلىك، ئەڭ مېھرىبان ئانام، ماڭا ئىنسانلىقنى،ئىنسانىيەتنى جۈملىدىن ئۆز قوۋىنى سۆيۈشنى ئۆگىتىپ، ئەقىل-ئىدرىكىمنى ئاچقان بىرىنچى ئۇستازىم 5-ئاينىڭ 22-كۈنى، مەزكۇر ماقالەمنى يېزىۋاتقان، كېچە-كېچىلەپ،ماتېرىياللار دۆۋىسىدىن مەنبەلەر ۋە ئۇچۇرلار ئىزدەۋاتقان كۈنلىرىمدە بىز بىلەن ۋىدالاشتى. مەن بۇ خەۋەرنى يىراق ئوكيان قىرغىقىدىن ئاڭلىغىنىمدا زور ئىلھاملار بىلەن خەت بېسىۋاتقان بارماقلىرىم بىردىنلا ئىشتىن توختىدى ، كۆزلىرىم خىرەلەشتى، كۆز ياشلىرىم تاراملاپ تۆكۈلدى، ئانامنىڭ مېھرىبان سىماسى كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى، ھەر بىر ئىلھامبەخش سۆزلىرى قۇلۇقىم تۈۋىدە قايتىدىن جاراڭلىدى، مەن ئۆز-ئۆزۈمگە سوئاللار قويدۇم ھەم جاۋاب تاپتىم، ئاخىرى كۆز ياشلىرىمنى سۈرتىۋېتىپ، يېزىۋاتقان مەزكۇر ماقالەمنى تاماملاپ، تېزراق ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ ھوزۇرىغا تاپشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ چاڭقىغان قەلبلىرىنى ئازراق بولسىمۇ سۇغۇراي دېگەن قارارغا كەلدىم.
مېھرىبان ئانامغا ! جۈملىدىن دۇنيادىكى بارلىق ئانىلارغا ئەڭ ئالىي ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن!

*** *** ***

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر دىئاسپورىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا تەۋە قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرگە جايلاشقان . بۇلاردىن باشقا يەنە رۇسىيە فېدېراتسىيىسى، تۈركمەنىستان ۋە تاجىكىستاندا ئانچە كۆپ بولمىغان ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشايدۇ. ئۇيغۇرلار ئالدى بىلەن جۇغراپىيىلىك جايلىشىش جەھەتتىكى قولايلىق شارائىت تۈپەيلىدىن قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىن ئىبارەت ئۈچ جۇمھۇرىيەتكە ئەڭ كۆپ تارقالغان . بۇنىڭدىن باشقا يەنە رۇسىيە، تۈركمەنىستان ، تاجىكىستان، ئۇكرائىنىيە ۋە باشقا جۇمھۇرىيەتلەردىمۇ ئاز ساندا ئۇيغۇرلار ياشايدۇ.
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ئۆزىگە خاس مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە بولۇپ، مەدەنىيەت-مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە باشقا تۈرلۈك ساھەلەردە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇيغۇرلار بۇ جۇمھۇرىيەتلەردە ئاز سانلىق مىللەت ھېسابلانسىمۇ، بىراق سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي-مائارىپ، سەنئەت ۋە باشقا ھەر قايسى ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بىلەن ئۆزلىرى ياشىغان جۇمھۇرىيەتلەرگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يېقىنقى ئىككى ئەسىرلىك تارىخى قوقەنت خانلىقى، چار رۇسىيە ئىمپېرىيىسى، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ھازىرقى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەردىن ئىبارە مەركىزىي ئاسىيانىڭ سىياسىي داۋالغۇشلىرى ۋە تەرەققىيات جەريانلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ھاياتى مانا شۇ ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتى بىلەن زىچ باغلانغان ئىدى.
ھازىرقى زامان ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ياشىغان دۆلەتلىرى ۋە تۈزۈملىرى ئايرىم بولسىمۇ، بىراق ئورتاق ئۇيغۇر مەدەنىيەت گەۋدىسىگە مەنسۇپتۇر. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر ئاھالىسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ بېشىدىن ئېتىبارەن باشلىغان ئۆز ئالدىغا مىللىي كىملىك تىكلەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر مىللىي كىملىك ۋە مىللىي روھىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، مۇرەككەپ سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت تەرەققىيات مۇساپىلىرىنى بېسىپ ئۆتتى. مەزكۇر ماقالىدە ئۇلارنىڭ بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئىچىدە بېسىپ ئۆتكەن مەدەنىيەت-مائارىپ تەرەققىيات مۇساپىلىرى، شۇنىڭدەك قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ئومۇمىي بايان بېرىش ئاساسىي نۇقتا قىلىنىدۇ.

1. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى
ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ رەسمىي ئىستاتىستىكىلىرى بويىچە ئالغاندا، بۈگۈنكى كۈنلەردە قازاقىستان ئۇيغۇر دىئاسپورىسى ئەڭ كۆپ دۆلەتتۇر. قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ 2012-يىلىدىكى ئىستاتېستىكىسى بويىچە ،بۇ جۇمھۇرىيەتتىكى ئۇيغۇرلار 237532 نەپەر[1].
ئۇنىڭدىن كېيىن قالسا، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى بولۇپ، 2012-يىلىدىكى قىرغىزىستاننىڭ دۆلەتلىك ئىستاتېستىكىسى بويىچە ئالغاندا، ئۇيغۇرلار 50 مىڭ نەپەر[2] .
ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 2000-يىلىدىكى ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتىدا 19526 نەپەر دەپ كۆرسىتىلگەن، بىراق ھازىرغىچە يېڭى سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى بۇ جۇمھۇرىيەتتە 60 مىڭ ئۇيغۇر ياشايدىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان[3] . ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ مەزكۇر ئۇچۇرلاردىن بىر قانچە ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكى ھەققىدە تۈرلۈك غەيرى-رەسمىي پەرەزلەر مەۋجۇت.
تۈركمەنىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئەڭ ئاز بولۇپ، بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇمات يوق. 1890-يىلى، 270 ئائىلە، يەنى 1307 نەپەر ئۇيغۇر يەتتەسۇدىن تۈركمەنىستاندىكى مۇرغاب دەرياسى ۋادىسىغا كۆچۈپ كېلىپ يەرلەشكەن. ئۇلارنىڭ سانى 1990-يىلى 1392 نەپەر، 2010-يىلى، 2000 نەپەر دەپ ئېلان قىلىنغان. 1928-1929-يىللىرى ، تۈركمەنىستاننىڭ بايرام -ئالى رايونىدا ئىككى ئۇيغۇر كولخوزى قۇرۇلغان ئىدى[4] . ئەمما ، تاجىكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى نوپۇس ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر يوق. بۇ جۇمھۇرىيەت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ ئاز جاي بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تاجىكىستاننىڭ 1926-يىلىدىن تاكى 2009-يىلىغىچە بولغان مىللەتلەرنىڭ نوپۇس ئىستاتېستىكىسى تەركىبىگە ئۇيغۇرلار كىرگۈزۈلمىگەن.
رۇسىيە فېدېراتسىيىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ توپلىشىپ ئورۇنلاشقان جايلىرى يوق. مەزكۇر دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلار تارقاق ھالەتتە بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى موسكۋا ۋە سانكتپېتېربۇرگ شەھەرلىرىگە مەركەزلەشكەن. رۇسىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ 2010-يىلىدىكى نوپۇسى 3690 نەپەر دەپ كۆرسىتىلگەن[5] .
لېكىن، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا مەيلى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەر دەۋرىدىكى ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئىشەنچ قىلماسلىق ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ ئەمەلىيەتتە بۇ سانلىق مەلۇماتلاردىن كۆپ ئىكەنلىكى ھەققىدە تۈرلۈك قاراشلار ھەم ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئوخشىمىغان مەلۇماتلىرى مەۋجۇت.
ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار جۇغراپىيىلىك ۋە تىل-دىئالېكت ئالاھىدىلىك بويىچە ئىككى ئاساسىي گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى پەرغانە گۇرۇپپىسى، يەنە بىرى يەتتەسۇ گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت[6].
ئۇيغۇر دىئاسپورىسىنىڭ پەرغانە گۇرۇپپىسى ئاساسلىقى ئەسلىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى بوستانلىقلار رايونىدىن كۆچۈپ چىقىپ، پەرغانە ۋادىسىدىكى بۈگۈنكى ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاننىڭ شەھەر ھەم دېھقانچىلىق رايونلىرىغا ئورۇنلاشقانلار بولۇپ، بۇ گۇرۇپپا تاكى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا يەرلىك ئاھالىلار تەرىپىدىن “قەشقەرلىكلەر” دەپ ئاتالغان ئىدى.
پەرغانە ۋادىسى ۋە يەتتەسۇ رايونى قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇر قەبىلىلىرى پائالىيەت قىلغان رايونلاردۇر. بۇ رايونلار بىلەن تارىم ۋە ئىلى ۋادىسىنىڭ زىچ تارىخىي باغلىنىشى مەۋجۇت. ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زاماندا بۇ ۋادىلارغا كەڭ كۆلەملىك كۆچۈشلىرى 1759-يىلىدىن كېيىن باشلانغان مانجۇر-چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ھەربىي ھۇجۇملىرى ۋە قىرغىنچىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. 19-ئەسىردىكى ئۇرۇشلار نەتىجىسىدە تېخىمۇ كۆپ ساندىكى قەشقەرىيە ئاھالىسى تۈركۈملەپ، پەرغانە ۋادىسىغا كۆچكەن ئىدى. قازاق ئالىمى چوقان ۋەلىخانوفنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 19-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا پەرغانە ۋادىسىغا 300 مىڭدىن ئارتۇق قەشقەرلىكلەر ماكانلاشقان[7]. شۇ دەۋرلەردىكى پەرغانە ۋادىسىغا جايلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ۋە نوپۇسى ھەققىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرىدىن گ.ئىسھاقوف، ئا.م. رېشېتوۋ ، ئا. ن. سېدلوۋسكايا، س. س گۇبايېۋا ، ئى.ۋ. زاخاروۋا، غ.سادۋاقاسوف ۋە باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقاتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
س. س. گۇبايېۋا چوقان ۋەلىخانوفنىڭ مەلۇماتلىرى ئاساسىدا 19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا پەرغانە ۋادىسىدا 300 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان[8].
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئالىمى، ئاكادېمىك غوجاخمەت سادۋاقاسوف، پەرغانە ۋادىسىدا چوقان ۋەلىخانوف قەيت قىلغان 9 مىڭ نوپۇس دولانلىقلارنى قوشۇپ، 324 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشىغان دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى[9].
ئى. ۋ. زاخوروۋانىڭ قارىشىچە، 1860-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا قوقەنت خانلىقى تەۋەسىدە 200-250 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشىغان[10] .
پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار يەرلىك ئۆزبېكلەرگە سىڭىپ كېتىشى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، بۇ ئىككى خەلقنىڭ ئەسلىدىن بىر-بىرى بىلەن ئېتنىك پەرقى بولماسلىقى، تىل، دىن، سەنئەت ئۆرپ-ئادەت، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە باشقا كۆپ تەرەپلەردىكى ئوخشاشلىقلار قەشقەرىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەرغانە ۋادىسىدىكى بۇ خەلققە سىڭىشىپ، ھازىرقى زامان ئۆزبېك مىللىتىنىڭ ئېتنىك تەركىبىنى تەشكىل قىلغۇچى تەركىبگە ئايلاندى.
يەتتەسۇ گۇرۇپپىسى، ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى ئىلى ۋادىسىدىكى ئەسلىدىن بار بولغان ۋە 1881-يىلى رۇسىيە بىلەن چىڭ ئىمپېرىيىسى « ئىلى شەرتنامىسى»نى ئىمزالاپ چېگرا ئايرىغاندىن كېيىن قورغاس دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى ئىلى تەۋەسىدىن رۇسىيە تەۋەسىگە كۆچكەن 45مىڭ تارانچى[11] ، يەنى ئىلى ئۇيغۇرلىرى شۇنىڭدەك 1955-1962-يىللىرى ئارىسىدا ئىلى ۋە باشقا شىمالىي رايونلاردىن كۆچكەنلەردۇر.
بۇ ئىككى گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار تىل جەھەتتىن ئالغاندا ئوخشاشلا ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەركىزىي دىئالېكتىغا مەنسۇپ بولۇپ ، پەقەت ئايرىم شىۋىلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە خالاس. پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرى ، يەنى بۇرۇنقى قەشقەرلىكلەر قەشقەر شىۋىسىنى ئاساس قىلغان. يەتتە سۇ رايونىدىكىلەر بولسا ئىلى شىۋىسىنى ئاساس قىلغان ئىدى. بۇ ئىككى گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار تاكى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا «قەشقەرلىق» ۋە «تارانچى» دېگەن ئىككى خىل نام بىلەن بىر-بىرىنى پەرقلەندۈرگەن ھەم يەرلىك ئاھالىلار ۋە چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن شۇنداق ئاتالغان ئىدى. 1921-يىلىدىكى تاشكەنت قۇرۇلتىيى نەتىجىسىدە « ئىنقىلابى ئۇيغۇر ئىتتىپاقى» بۇ خىل ئاتاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇيغۇر نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر نامى قەدەممۇ-قەدەم پەرغانە ۋە يەتتەسۇ گۇرۇپپىسىنىڭ ئورتاق مىللىي نامى بولدى. قەشقەرلىق ۋە تارانچى ئاتالغۇسى پەقەت بىر مىللەتنىڭ ئىككى جۇغراپىيىلىك رايونغا جايلاشقان قىسىملىرىنىڭ ئايرىم ناملىرى بولۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ ئېتنىك نام ئەمەس ئىدى.
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ھەققىدە تۈرلۈك ئۇچۇرلار مەۋجۇت. ئۇيغۇر رەھبىرى ئابدۇللا روزىباقىيېف 1923-يىلى، پۈتۈن turk ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ 600 مىڭدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىگە ئائىت سانلىق مەلۇماتنى turk كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە رۇسىيە بولشېۋىكلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا بيۇروسىغا مەلۇم قىلغان[12]. ئەنە شۇ يىللاردا ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن بۇرھان قاسىموف پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشايدىغانلىقىنى يازغان. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق قىسىمى پەرغانە ۋادىسىغا تارقالغان ئىدى. ئابدۇللا روزىباقىيېف كېيىنرەك پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنى 500-700 مىڭ ئەتراپىدا دەپ يازغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ھەققىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت ئىدى. بىراق، سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتى بۇنىڭدىن زور دەرىجىدە تۆۋەن بولۇپ، 1924-يىلى، ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، پەرغانە ۋادىسىدىكى زور ساندىكى قەشقەرلىق ئۇيغۇرلار ئۆزبېك سۈپىتىدە تىزىمغا ئېلىنغان. رۇسىيە ئالىمى سېرگېي ئاباشىننىڭ قاراشلىرىغا تايانغاندا، پەرغانە ۋادىسىدىكى بۇ زور ساندىكى «قەشقەرلىقلەر» سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1924-يىلى باشلىغان ئوتتۇرا ئاسىيادا مىللىي جۇمھۇرىيەتلەرنى قۇرۇش سىياسىتى نەتىجىسىدە ئۆزبېك ئېتنىك تەركىبىگە قوشىۋېتىلىپ، يېڭى ئۆزبېك مىللىتىنى ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ئىدى. بىراق، 1926-يىلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نوپۇس تەكشۈرىشىدە، ئۇيغۇر مىللىتى « قەشقەرلىق»، «تارانچى» ۋە « ئۇيغۇر» دېگەن ئۈچ خىل نام بىلەن تىزىمغا ئېلىنغان. ئەمما، 1937-يىلىدىكى تەكشۈرۈشتە پەقەت ئۇيغۇر نامىلا ئىشلىتىلگەن[13]. سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتلىرىدا ئىزچىل ئاز كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭ تۈرلۈك سەۋەب-ئامىللىرى بار ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئازلاپ كېتىشىدە مىللىي سىياسەت ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبېكلەر ئارىسىدىكى ئېتنىك پەرقنىڭ كۈچلۈك بولماسلىقى ئاساسلىق سەۋەب بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 1932-1933-يىللىرىدىكى ئاچارچىلىق، 1937-يىللىرىدىكى تازىلاش ۋە 1941-1945-يىللىرىدىكى سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئازلاپ كېتىشىدىكى مۇھىم ئامىللاردۇر. مەسىلەن، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ سانى 1947-يىلى، قازاقىستان كومپارتىيىسىنىڭ بىرىنچى سېكرېتارى جۈماباي شاياخمەتوف قازاقىستاندا ئۇيغۇر ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇش ھەققىدە موسكۋاغا يوللىغان دوكلاتىدا 27 مىڭ دەپ مەلۇم قىلىنغان بولۇپ، 1937-يىلىدىكىدىكى سانلىق مەلۇماتتىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن. ئەلۋەتتە ،قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ سانىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب،1932-1933-يىللىرىدىكى ئاچارچىلىق مەزگىلىدە زور ساندىكى ئۇيغۇرلار يەتتەسۇدىن ئىلى ۋادىسىغا كۆچۈپ كېلىپ، ۋەتىنىگە قايتمىغان ئىدى. ئەنە شۇ تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1950-يىللاردىكى سانلىق مەلۇماتىدا سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىدىكى پۈتۈن ئۇيغۇر ئاھالىسى ئاران 100 مىڭ ئەتراپىغا چۈشۈپ قالغان.
سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قايتىدىن تېز كۆپىيىشى 1954-1962-يىلىدىكى كۆچۈش نەتىجىسىدە ئىشقا ئاشتى. ئۇيغۇرلارنىڭ يەتتە سۇ گۇرۇپپىسى تەركىبىگە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، ئاقسۇ، ئۈرۈمچى، ئاتۇش ۋە باشقا جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ قوشۇلدى. تاشكەنت ۋە پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار تەركىبىگە ئىلى تەۋەسىدىن كەلگەن ئىلى ئۇيغۇرلىرىمۇ قوشۇلدى.

2. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىك تەرەققىياتى
1954-1962-يىللىرىدىكى كەڭ كۆلەملىك كۆچۈش نەتىجىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بىراقلا ئاشتى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى، تىل-يېزىقى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، سەنئىتى ۋە باشقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللىي كىملىكلىرى كۈچەيدى ھەم راۋاجلاندى.
1954-1962-يىللىرىدىكى كەڭ كۆلەملىك كۆچۈش نەتىجىسىدە ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى كۆپلىگەن يەرلىك ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولۇپ، قىرغىزىستاننىڭ ئوش، جالال ئاباد، فرۇنزې، قاراقول ، توقماق قاتارلىق جايلىرىدىكى ئەسلىدىن بار بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىمى بۇ چاغدا مىللىي كىملىكىنى ئۆزبېككە ئۆزگەرتىپ، ئۆزبېكلىشىش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرۈپ، سانى ناھايىتى ئاز قالغان ئىدى. ئۆز ئېتنىك كىملىكىنى ساقلىغان ئۇيغۇرلار يېڭىدىن كۆچۈپ كەلگەنلەر بىلەن قوشۇلۇپ، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى بىردىنلا كۆپەيدى . ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرى بۇ چاغلاردا ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزبېكلىشىپ، ئۆز مىللىي كىملىكىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك يۈتتۈرۈپ قويغان بولۇپ، ئەسلىدىكى ئېتنىك كىملىكىنى يوقاتمىغانلار يېڭى كۆچۈپ كەلگەنلەر بىلەن قوشۇلۇش نەتىجىسىدە ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى رەسمىي شەكىلدە قايتىدىن پەيدا بولدى ھەمدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار كولخوزلار، يېزا-قىشلاقلار ۋە شەھەرلەرگە توپلىشىپ، زىچ ياشىغانلىقى ئۈچۈن ئۆز مىللىي كىملىكى، مائارىپى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىنى ساقلىشى باشقا جۇمھۇرىيەتلەرگە قارىغاندا زور دەرىجىدە ياخشى ئىدى. 1950-يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پەقەت قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىلا سوۋېت ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئىدى.
سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىدىكى بۇ ئۇيغۇرلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، «سوۋېت ئۇيغۇرلىرى »، ئۇلارنىڭ ئەدەبىياتى « سوۋېت ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، ئۇلاردىن چىققان ئالىملار « سوۋېت ئۇيغۇر ئالىمى» دېگەندەك ناملار بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلاردىن پەرقلەندۈرۈلگەن بولسا، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەر مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن، ئورتاق «سوۋېت ئۇيغۇرلىرى» دەپ ئاتالغان بىر گەۋدە يوقىلىپ، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر دىئاسپورىسى ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەرگە پارچىلىنىپ ئايرىم تەرەققىيات يولىغا مېڭىشقا باشلىدى.
گەرچە، يەتتەسۇ ۋە پەرغانە رايونىدىكى مەزكۇر ئىككى گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى كۈنلەردە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۆت جۇمھۇرىيەتكە تارقىلىپ، بىر پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئايرىم دىئاسپورىلىرىنى شەكىللەندۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدە مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى تەشكىل قىلغان پەرغانە گۇرۇپپىسى بۈگۈنكى كۈنلەردە پۈتۈنلەي دېگۈدەك يەرلىك خەلقلەرگە سىڭىپ تۈگىدى ھەمدە بۇ رايوندىكى قالدۇق ئۇيغۇر گۇرۇپپىلىرى داۋاملىق تۈردە سىڭىش باسقۇچىنى بېشىدىن كەچۈرمەكتە. گەرچە ئەنجان قاتارلىق رايونلاردا ھازىرمۇ مەلۇم ساندا ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بار بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ئۆز ئانا تىلىنى ئۇنۇتقان ، تىل ۋە ئېتنىك ئالاھىدىلىك جەھەتلەردىن ئۆزبېكلەردىن پەرقسىز ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. ئەمما، ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ پەقەت 1955-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر دىيارىدىن كۆچۈپ كەلگەن تەركىب ۋە قازاقىستاندىن بۇ جۇمھۇرىيەتكە خىزمەت يۈزىسىدىن بېرىپ يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى تاشكەنت شەھىرىنى مەركەز قىلىپ، ئۆز مىللىي كىملىكى ۋە مەدەنىيىتىنى مەلۇم دەرىجىدە ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئەۋلادلارنىڭ ئالمىشىشى بىلەن مەزكۇر جۇمھۇرىيەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى قەدەممۇ-قەدەم ئاجىزلاش شۇنىڭدەك داۋاملىق ئۆزبېكلىشىش جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈرمەكتە .
ئۇيغۇرلارنىڭ قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتەسۇ گۇرۇپپىسى بولسا ئۆز مىللى كىملىكى، مىللىي مەدەنىي-مائارىپى ، ئەدەبىيات-سەنئىتى، مۇزىكىلىرى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئىزچىل تۈردە ياخشى ساقلاپ قالدى شۇنىڭدەك بۇلارنى مەلۇم دەرىجىدە راۋاجلاندۇرۇپ، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كىملىكىنىڭ مەركىزىي ئاسىيا رايونىدىكى بىر پارچىسىلىق رولىنى ئوينىماقتا. بۇ گۇرۇپپىنىڭ يەرلىك قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق خەلقلەرگە سىڭىپ كېتىشى ئاساسەن دېگۈدەك كۆرۈلمىدى. بىراق، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات يۆنىلىشىنى تەتقىق قىلىش ناھايىتى مۇھىم. ئەلۋەتتە، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ 1954-1962-يىللىرى ئارىسىدا كۆچۈپ كەلگەنلىرى تەركىبىدە يەنە كۆپ ساندا ئەسلى قەشقەر ۋە ئاتۇش قاتارلىق جايلاردىن كېلىپ چىققانلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەشۇ جايلاردىن ئالدىن بىلەن ئىلى ۋادىسىغا، كېيىن ئىلىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپكە ئۆتكەنلەر ئىدى. بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئۆزلىرىنى تارانچىلار، ۋە ياكى يەتتەسۇلۇقلاردىن پەرقلەندۈرۈش خاھىشىمۇ مەۋجۇت ئىدى. ئەمما، ھازىر مۇنداق خاھىشلار ئاساسەن دېگۈدەك تۈگىگەن.

3. ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات باسقۇچلىرى
ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىردىكى مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى دۆلەت تۈزۈلمىسى بويىچە چار رۇسىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەردىن ئىبارەت ئۈچ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى بويىچە ئۈچ دەۋرگە ئايرىش مۇمكىن. بۇ ئۇچ دەۋرنىڭ ئۆزىگە خاس خاراكتېرى ، خۇسۇسىيەتلىرى ، تەرەققىيات يۆنىلىش ۋە مۇساپىسى مەۋجۇت.
بىرىنچى دەۋر: چار رۇسىيە دەۋرى: (1878-1917-يىللىرى(
1878-يىلى، چار رۇسىيە پۈتۈن turk رايونىنى تولۇق ئىشغالىيەت ئاستىغا ئالغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى تاشكەنتنى مەركەز قىلغان turk گېنېرال گۇبېرناتورلۇقىنىڭ ھەربىي ۋە مەمۇرىي باشقۇرۇش دائىرىسى ئىچىدە ئىدارە قىلدى. تاكى 1917-يىلى،پادىشاھلىق تۈزۈم ئاغدۇرۇلۇپ، ئۆكتەبىر ئۆزگىرىشى نەتىجىسىدە ھاكىمىيەتلەر بولشېۋىكلارنىڭ قولىغا ئۆتكۈچىگە بولغان ئارىلىقتا چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى تۇركىستاننى ئۆزىنىڭ خام ئەشيا بازىسىغا ئايلاندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا تاشكەنت قاتارلىق جايلاردا كىچىك كۆلەمدىكى يېنىك سانائەت بازىلىرىنى قۇردى ھەمدە تۆمۈر يول ياساپ، ئىچكىرى رۇسىيە بىلەن تۇتاشتۇرۇشقا كىرىشتى. رۇسىيە سودا-سانائەت بۇرژۇئازىيىسىنىڭ turk خام ئەشياسىغا بولغان ئېھتىياجى ئۇلارنى تاشكەنت قاتارلىق شەھەرلەرگە زامانىۋى ياۋروپا مەدەنىيىتى، سانائەت ئەسلىھەلىرىنى ئېلىپ كېلىشكە، ياۋروپا ئۇسلۇبىدىكى مەكتەپلەرنى ئېچىپ، يەرلىك خەلق پەرزەنتلىرىنى مەلۇم دەرىجىدە تەربىيىلەشكە مەجبۇر قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى يەرلىك سودا گۇرۇھى ۋە يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرىنىڭ رۇسىيىنىڭ پېتىربۇرگ، موسكۋا، ئورىنبۇرگ ۋە باشقا شەھەرلىرىگە بېرىپ سودا قىلىش ھەم مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئىمكانىيىتى يارىتىلدى. چار رۇسىيە ھۆكۈمرانلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىگە نىسبەتەن چوڭ مىللەتچىلىك ۋە كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزسىمۇ بىراق، يەرلىك خەلقلەر مەلۇم رەۋىشتە ئىلغارلىقلار ۋە تەرەققىياتلار بىلەن ئۇچرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. لېكىن، چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىگە قارىتا ھېچقانداق ئومۇميۈزلۈك مەدەنىيەت-مائارىپ جەھەتلەردىن گۈللەندۈرۈش، خەلقنىڭ مەدەنىي-مائارىپ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، بۇ ساھە ئۈچۈن مەبلەغ سالمىدى. يەرلىك خەلقلەر پەقەت ئۆزلىرىدىن چىققان خەلقپەرۋەر، يېڭىلىقپەرۋەر كىشىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىغا تايىنىشقا مەجبۇر بولدى.
رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ ئەنە شۇنداق ئايرىمىچىلىقى ۋە مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى تۈپەيلىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىدە ساۋاتسىزلىق ناھايىتى ئېغىر بولدى. ئەنە شۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇرلارمۇ بار بولۇپ، مەيلى پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن ۋە ياكى يەتتەسۇ رايونىدىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى ئومۇميۈزلۈك ئارقىدا قالغان ئىدى.ئۇيغۇرلاردىمۇ ساۋاتسىزلىق نىسبىتى ئوخشاشلا يۇقىرى بولدى. زامانىۋى مەكتەپ ئېچىش، مەدەنىي ئاقارتىش ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتى بولمىدى. 1917-يىلىدىكى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىنلا ئوتتۇرا ئاسىيادا يەرلىك خەلقلەرنىڭ مىللىي ئويغىنىش، مەدەنىيەت ئاقارتىش ھەرىكەتلىرى ئەۋجى ئالدى. ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز جەمئىيەتلىرى ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ، مەدەنىي ئاقارتىش ھەرىكىتىگە ئاتلاندى. بۇ جەھەتتە « تارانچى كومىتېتى» ئۆز ئالدىغا بىر قاتار پروگراممىلارنى قويغان ئىدى. سوۋېت ھاكىمىيىتى ئورنىتىلغاندىن كېيىن، سوۋېت ھۆكۈمىتى يەرلىك خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ۋە ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت-مائارىپ جەھەتتىن گۈللىنىشىنى چاقىرىق قىلىپ، بىر قاتار چارە-تەدبىرلەرنى قوبۇل قىلدى. يەرلىك خەلقلەرنىڭ چار رۇسىيىگە قارشى تۇرۇشى ۋە ئاخىرىدا سوۋېت ھاكىمىيىتى تەرەپتە تۇرۇشىدىكى ئامىللارنىڭ بىر ئالدىنقىسىنىڭ مىللىي كەمسىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈشى، كېيىنكىسىنىڭ مىللىي كەمسىتىشنى بىكار قىلىپ، مىللىي ،مەدەنىي-مائارىپ جەھەتلەردىن گۈللىنىش ۋەدىلىرىنى بېرىشىگە باغلىق ئىدى.
يەتتەسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ خېلى كۆپ قىسىمى 1883-يىلىدىن كېيىن رۇسىيە پۇقرالىرىغا ئايلانغان بولسىمۇ، ئەمما تاكى 1918-يىلىغىچە بولغان 40 يىل ۋاقىت ئىچىدە ئۇلاردا مەدەنىيەت جەھەتلەردىن كۆرۈنەرلىك گۈللىنىش مەنزىرىسى كۆرۈلمىگەن ئىدى، پەقەت ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى رۇس تىلىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ھەمدە زاۋۇت-فابرىكىلاردا ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە بولدى. يەنە بىر قىسىمى بولسا، قازان، ئۇفا، ئورىنبۇرگ قاتارلىق جايلاردىكى تاتارلار بىلەن ئالاقە قىلىش ئارقىلىق يېڭىچە مائارىپ ۋە مەدەنىيەت بىلەن تونۇشۇش ئىمكانىيىتىگە بولۇپ، ئۆزلىرىنى تەرەققى قىلدۇردى.
چار رۇسىيە دەۋرى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىگە ئوخشاش ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ھېچقانداق گۈللىنىش ئېلىپ كەلمىگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىۋى مەدەنىي-مائارىپىنىڭ رەسمىي شەكىللىنىش ۋە گۈللىنىشى سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيە ئاستىدا سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىلا ئىشقا ئاشتى. يەتتەسۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ، ئومۇمەن ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە ئارقىدا قالغانلىقى، ساۋاتسىزلىقنىڭ ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيىدە ئىكەنلىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇللا روزىباقىيېف، بۇرھان قاسىموف قاتارلىقلارنىڭ ماقالىلىرىدە كۆپ تەكىتلەنگەن ئىدى. بۇرھان قاسىموف يەتتەسۇدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت-مائارىپ ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ ، «خەلقىمىزنىڭ 100دىن بىرى بولمىسا، قالغانلىرى يېزىشنى بىلمەيدۇ. ساۋاتسىزلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش چارىلىرى بىزدە تېخى كۆرۈلمىدى. كامچىللىك كۆپ،مىڭدىن بىرىنىمۇ يېزىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، ئىنقىلابتا پۈتۈن رۇسىيىدىكى ئايماقلارنىڭ ئارىسىدا ئەڭ ئېزىلگىنى بىز.ئاۋال ھەم، ھازىرقى كۈندە ئەڭ تۆۋەن،نادان سانالغىنى بىز، ئېغىرلىقنى، خورلۇقنى ئەڭ كۆپ تارتقان بىز ئۇيغۇر خەلقى»[14] دەپ يازغان.
ئىككىنچى دەۋر: سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرى: ( 1918-1991-يىللىرى)
ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىردىكى سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ستالىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن باسقۇچ ۋە ستالىندىن كېيىنكى باسقۇچ ھەم سوۋېت- جۇڭگو رەقىبلىك باسقۇچىدىن ئىبارەت ئىبارەت ئۈچ مەزگىلگە ئايرىش مۇمكىن. ستالىن دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يەنە 1937-1938-يىللىرىدىكى چوڭ تازىلاش ھەرىكىتى ۋە سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشىنى چېگرا قىلىپ، ئىككى باسقۇچقا ئايرىش مۇمكىن. بىرىنچى باسقۇچ 1918-1941-يىللىرى بولۇپ، بۇ 20 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر خەلقى مەدەنىيەت-مائارىپ، سەنئەت ۋە باشقا ھەر ساھەلەر بويىچە مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. ئۇيغۇر زامانىۋى مەدەنىيىتى، سەنئىتى، ئەدەبىياتى يوقلۇقتىن بار بولۇپ، شەكىللىنىش ۋە راۋاجلىنىش جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈردى.
بىرىنچى باسقۇچتا يارىتىلغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەنزىرىسى 1937-1938-يىللىرى ستالىننىڭ تازىلاش ھەرىكىتى بىلەن بىتچىت قىلىنغان بولسا، 1941-يىلى، سوۋېت-گېرمان ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشى بىلەن كېلىپ چىققان ئۇرۇش مالىمانچىلىقى بىلەن تامامەن تۈگەشتى.
20-ئەسىر ئوتتۇرا ئاسىيا سوۋېت دەۋرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى 1945-يىلىدىن تاكى ستالىن ئۆلۈپ خرۇشېۋ ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەنگىچە بولغان باسقۇچتۇر. مەزكۇر باسقۇچتا ئۇيغۇر خەلقى بارلىق سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ئۇرۇش جاراھەتلىرىنى ساقايتىش، دۆلەتنىن ئىقتىسادى ۋە ئىگىلىكىنى قايتىدىن قۇرۇش ھەم كۈچەيتىشكە ئاتلاندى. ستالىن ھۆكۈمىتى 1943-يىلىدىن كېيىن شەكىللەنگەن تىنچ ئوكيان-ئاسىيا رايونى ۋەزىيىتى، دۇنيا ۋەزىيىتى جۈملىدىن جۇڭگو ۋە ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىگە كۆرە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدىمۇ يېڭى ئىستراتېگىيە بەلگىلىگەن بولۇپ، بۇ دەل ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرنىڭ 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى قوللاش ھەم ياردەم بېرىشتە ئىپادىلەندى. 1949-يىلىدىن كېيىن بولسا، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قوللاش ئارقىلىق غەرب دۆلەتلىرىگە قارشى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىكى سوتسىيالىزم لاگېرىنى كۈچەيتتى. ئەنە شۇ بىر قاتار سەۋەب-ئامىللار تۈپەيلىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىدا 1938-يىللىرى تاقىۋېتىلگەن ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئېچىلىشقا، ئۇيغۇر مەدەنىيەت -مائارىپ، سەنئەت ۋە نەشرىيات ئورۇنلىرى ئەسلىگە كېلىش ھەم يېڭىدىن ئېچىلىشقا باشلىدى. چۈنكى، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئۈچۈن تەرەققى قىلغان، گۈللەنگەن « سوۋېت ئۇيغۇرلىرى» نى مودېل قىلىپ كۆرسىتىش ۋە بىر پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا بولغان ماھىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك ئىدى.
ستالىن ئۆلگەندىن كېيىن، نىكىتا خرۇشېۋنىڭ شەخسكە سېغىنىشقا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ۋە ستالىننىڭ خاتالىقلىرىنى تەنقىد قىلىپ، ستالىن دەۋرىدىكى گۇلاگلارنى بىكار قىلىپ، گۇلاگ تۇتقۇنلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش باشلانغاندىن كېيىن سوۋېت ئۇيغۇر مەدەنىيەت-مائارىپىدا يېڭى تەرەققىيات يولى باشلاندى.
سوۋېت دەۋرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچى سوۋېت-جۇڭگو رەقىبلىك باسقۇچى بولۇپ، بۇ 1961-يىللىرىدىن 1989-يىللىرىغىچە بولغان 30 يىلغا يېقىن ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ جەرياندا نىكىتا خرۇشېۋ، لېئونىد برېژنېۋ ۋە مىخايىل گورباچېۋتىن ئىبارە ئۈچ شەخس مۇقىم ۋە ئۇزۇن ۋاقىت ھۆكۈم سۈردى. برېژنېۋ بىلەن گورباچېۋ دەۋرى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ.
ئۈچىنچى دەۋر: مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەر دەۋرى (1991-يىلىدىن تاكى ھازىرغىچە)
1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىدە 15 مۇستەقىل دۆلەت مەيدانغا كەلدى شۇنىڭدەك سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى غەرب دۇنياسىنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىقىلىشى دۇنيانى ئۆزگەرتتى، جۈملىدىن مەزكۇر دۆلەتنىڭ ئەتراپىدىكى خەلقىئارا ۋە رايون خاراكتېرلىق مۇناسىۋەتلەردە زور ئۆزگىرىش يۈز بەردى. ئوتتۇرا ئاسىيادا مەيدانغا كەلگەن مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەر بۇ 20 يىل ئىچىدە قەدەممۇ-قەدەم ئۆز مىللىي ۋە دۆلەت كىملىكىنى تىكلەش يولىنى تۇتۇپ، ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى ئاساسلىق مىللەتلەر‏- قازاقلار، ئۆزبېكلەر، قىرغىزلار، تۈركمەنلەرنىڭ دۆلەتچىلىك، مىللەتچىلىك ئىدىيولوگىيىسىنى كۈچەيتىلدى. بۇ 20 نەچچە يىل ئىچىدە سابىق چار رۇسىيە، كېيىنكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئىلگىرى-كېيىن بىر ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ياشىغان مەزكۇر خەلقلەر مۇستەقىل دۆلەتچىلىك ئىدىيىسىنى كۈچەيتىش،ئۆزىگە-ئۆزى خوجا بولۇش ۋە مىللىي ئىپتىخارلىقنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا تۈرلۇك پروگراممىلارنى ئەمەلگە ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆز دۆلەتلىرىدە كۆپ مىللەت ياشىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ كۈچلۈك مىللىي كىملىك ئىدىيىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئېلىپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە زېمىن پۇتۈنلۇكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يولىدا « قىرغىزىستان بىزنىڭ ئورتاق ئۆيىمىز» ، « قازاقىستان بىزنىڭ ئورتاق ئۆيىمىز» دېگەندىن ئىبارەت « ئورتاق ۋەتەن» ئىدىيىسىنى تەرغىپ قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى ھەم قېرىنداشلىقىنى تەكىتلىدى. گەرچە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي خەلقلىرى ئەسلىدىن ئورتاق مەدەنىيەت ۋە تارىخ كىملىكىگە ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئەمما تۈرك قېرىنداشلىقى ۋە تۈرك بىرلىكى شوئارىنى ئاشكارا ۋە رەسمىي رەۋىشتە يولغا قويۇلمىدى. ئەكسىچە يەنىلا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مودېلى بويىچە مىللىي سىياسەت قوللاندى.
مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەر دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى قازاقىستاننى مەركەز قىلىپ، ئۆز مىللىي مەدەنىيىتىنى، مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىمانىيىتىگە ئىگە بولدى، ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكى ۋە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا ئىگە بولۇشىدەك ئەۋزەللىكى تۈپەيلىدىن قازاقىستان ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش سىياسىتىنى چەتكە قاقمىدى. ئەمما، سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ زور كۆلەمدە مەبلەغ ئاجرىتىش سىياسىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۇزۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ھۆكۈمەتنىڭ مەبلىغى ۋە باشقۇرۇشى بىلەن قۇرۇلغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت، تەشۋىقات ، تەتقىقات، مائارىپ ئورۇنلىرىغا قارىتا مەبلەغنى قىسقارتىش ئارقىلىق، بۇ ئورۇنلارنىڭ گورباچېۋ دەۋرىدىكىدەك ئالاھىدە سالاھىيىتىگە چەك قويدى، بەزىلىرىنى توختاتتى، بەزىلىرىنى بولسا قىسقارتتى. بازار ئىگىلىكى، خۇسۇسىيلاشتۇرۇش تۈزۈملىرىنىڭ كەڭ ئومۇملىشىشى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئۆز مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا مەبلەغ سېلىشقا ۋە ئۆز كۈچىگە تايىنىشقا مەجبۇر بولدى. ئەمما، قازاقىستان ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت-مائارىپىنىڭ راۋاجلىنىشىنى قوللاش پوزىتسىيىسىدەداۋاملىق چىڭ تۇردى. قىرغىزىستاندا بولسا، ئۇيغۇرلار ئوخشاشلا ھۆكۇمەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق قازاقىستانغا ئوخشاش سىستمېىلىق مىللىي مائارىپىقا ئىگە بولۇش ئىمكانىيىتى بولمىدى. بۇ جايدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى پەقەت ئاممىۋى تۇس ئالدى. ئۆزبېكىستان بولسا، تامامەن باشقىچە بولۇپ، ئۇ يەردە ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ ئۆزبېكلىشىشى ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۇن مىللىي مائارىپتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئوخشاشلا ئاممىۋى تۈس ئالغان بولۇپ، قازاقىستاندىكى ئوخشاشا جۇمھۇرىيەت دەرىجىسىدىكى تىياتىرلارغا ، مەدەنىيەت -مائارىپ ئورۇنلىرىغا ئىگە بولۇشى مۇمكىن بولمىدى.
مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەر دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چوڭ مىللەتچىلىك بېسىمى، سىياسىي ئىدىيىۋى بېسىمىدىن قۇتۇلغان بولۇپ، ئۇ ئىدىيە جەھەتتىن ئەركىن تەرەققى قىلىش، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى كۈچەيتىش ھەم تەرغىپ قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى سىياسىي رامكىدىن قۇتۇلۇش بىىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي ئانا ۋەتىنىدىكى ئومۇمىي ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىش ۋە يۇغۇرۇلۇش ئىستىقبالىنى كۆردى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇنقى «سوۋېت ئۇيغۇرلىرى» دېگەن سىياسىي ئېتنىك چۈشەنچىسى يوقىلىپ، ئۆزلىرىنى روھى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئانا ۋەتىنىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن تەقدىرداش ھېسابلاش خاھىشى كۈچەيدى. سوۋېت دەۋرىدە ئەسلىدىن بۇ زېمىندا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى« يەرلىك» ياكى « سوۋېتلىك» دەپ ، 1954-1962-يىللىرى كۆچۇپ كەلگەنلەرنى « كۆچمەنلەر» ، « خىتايلىقلار» دەپ ئايرىشتەك قىسمەن مەھەللىۋازلىق ئىللەتلىرى زاۋاللىققا دۇچ كەلدى. « يەرلىك ئۇيغۇرلار» دىكى ئۆزلىرىنى « ئۇلۇغ سوۋېت خەلقى» دەپ ئۈستۈن كۆرىدىغان خاھىشلىرىگە خاتىمە بېرىلدى. ئومۇمەن، مۇستەقىللىق دەۋرىدە «سوۋېت ئۇيغۇرلىرى» ئايرىم جۇمھۇرىيەتلەرگە پارچىلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ بۇرۇنقىدەك ئورتاق « سوۋەتلىك» ئىدىيىسى ئەمەس، بەلكى ئانا ۋەتىنىدىكى يادرولۇق توپلۇق، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي قىسىمى بىلەن ئۆزىنى باغلاش، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىي ئىدىيىسى ئالمىشىپ، تېخىمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى.
مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەر دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى پىكىردىكى ئەركىنلىك، ئۇسۇلدىكى ئەركىنلىك بولۇپ، قازاقىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ دېموكراتىك تۇزۇملىرىدىن نەپ ئېلىپ، ئۆز مەدەنىيىتىنى قانۇنىي تۈزۈملەرگە بويسۇنۇش ئاساسىدا راۋاجلاندۇرۇش يولىغا كىردى. ئەلۋەتتە، قازاقىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات يۆنىلىشى مۇھىم بىر تېما. ئۇلارنىڭ يۆنىلىشى قانداق بولىدۇ؟ ھازىر قانداق يېڭى مەسىلىلەر شەكىللىنىشكە باشلىدى؟ دېگەن سوئاللار قويۇلۇشى تەبىئىي. ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى يۈزلىنىشىدىكى ئاساسلىق نۇقتا مەزكۇر رايونلاردىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى كەلگۈسىدە ئەشۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئىگىسى بولغان ئاساسلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت گەۋدىسى ئىچىگە سىڭىپ كېتىشى مۇمكىنمۇ؟ بۇ سىڭىش ئورتاق تۈرك قېرىنداشلىقى نەزەرىيىسى ئاستىدا ئەمەلگە ئاشامدۇ؟ ياكى باشقىچە يولدىمۇ؟ ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرى بۇنداق رېئاللىقنىڭ مودېلىنى ئاللىقاچقان كۆرسەتكەن بولۇپ، قازاقىستان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەقدىرى قانداق شەكىلدە بولۇشى مۇمكىن؟مانا بۇ ، مۇرەككەپ سواللاردۇر. ئەلۋەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ كەگۇسى مەۋجۇتلۇقى ئۇيغۇرلارنىڭ يادرولۇق قىسىمى بولغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مەۋجۇتلۇقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئاساسىي گەۋدىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى تارماقلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئەمما، نۇرسۇلتان نازاربايېف قازاقىستان تېررىتورىيىسىدىكى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىغا نىسبەتەن « قوش تللىق» سىياسەت يۈرگۈزمىگەن بولۇپ، نازاربايېفنىڭ ئۇيغۇر باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ مىللىي مائارىپىنى تولۇق رەۋىشتە راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساقلىنىپ ۋە قوغدىلىپ قېلىنىش ئۈچۈن چىن يۈرىكىدىن ھەسسە قوشۇپ، دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ قەدىمى ۋە شەرەپلىك ئەزاسى بولغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداشنىڭ ئۈلگىسىنى يارىتىشى ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.
ئەلۋەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئۈچىنچى دەۋرى بولغان مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەر دەۋرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئىلگىرىكى ئىككى دەۋرگە قارىغاندا ئەركىن تەرەققى قىلىش يولىغا كىرگەن، ئانا ۋەتىنى بىلەن تەقدىرداشلىقى ئاشقان ،ئەمما كۈچلۈك ۋە مۇرەككەپ ئىستىقبال مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن دەۋردۇر.

4. 1920-1930-يىللاردىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى
مەزكۇر تېما ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىنىڭ 1918‏-1941‏-يىللىرىدىكى باسقۇچغا مەنسۇپتۇر.
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قازاقىستاندا ئەڭ دەسلەپ 1918-يىلى، « سادايى تارانچى» گېزىتى نەشىر قىلىنىپ، بىر مەزگىل تارقىتىلدى. گېزىتنىڭ ئىگىلىرى ھۈسەيىنبەگ يۈنۈسوف قاتارلىقلار « تارانچى كومىتېتى»غا يېتەكچىلىك قىلىپ، مەدەنىي ئاقارتىش ۋە سوۋېت ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرۇش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن بۇ گېزىت تارقىتىۋېتىلدى[15]. 1919-يىلى، ئابدۇللا روزىباقىيېف قاتارلىقلار « ئۇيغۇر جەمئىيىتى»نى قۇرغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق پروگراممىسى يەنىلا مەدەنىي ئاقارتىش بولغان ئىدى.
1919-يىلى ئالمۇتىدا تۇنجى قېتىم 4 سنىپلىق ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتىپى ئېچىلدى. بۇ مەكتەپ 1925‏-يىلىدىن كېيىن 9 يىللىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئايلىنىپ سوپى زارۋات نامى بېرىىلىدۇ شۇنىڭدەك تۇنجى ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى بولۇپ قالىدۇ.
«ئۇيغۇر جەمئىيىتى» يەتتەسۇ رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مەكتەپ ئېچىش، مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغاندىن تاشقىرى يەنە «كۆك كۆينەكلەر» دەپ ئاتالغان سەنئەت گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ، تۇنجى ئۇيغۇر دراممىلىرىنى ئوينىدى. ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدە ئا. روزىباقىيېفنىڭ « مەنسەپپەرەسلەر» درامىسى بار ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇيغۇر تىياتىر گۇرۇپپىسى يەنە نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوفنىڭ « نۇزۇگۇم» دراممىسىنى ۋە كېيىن « ئانارخان » دراممىلىرىنى ئوينىدى. يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا دراما تىياتىرى تېز سۈرەتتە تەرەققى قىلىش بىلەن دەسلەپكى ئۇيغۇر دراما رېجىسسورلىرى ۋە كەسپىي ئارتىستلىرى قوشۇنى يېتىشىپ چىقتى.
1923-يىلىغا كەلگەندە ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ باشچىلىقىدا « ئۇيغۇر بىلىك ھەيئىتى» قۇرۇلۇپ، بۇنىڭ تەركىبىگە نەزەرغوجا ئابۇسەمەتوف، بۇرھان قاسىموف، ئىسمايىل تاھىروف قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى كىردى[16]. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق پروگراممىسى ئۇيغۇر تىل، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ بىلىم ۋە مەدەنىيەت-مائارىپ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئىدى. ئۇيغۇر رەھبەرلىرى ۋە زىيالىيلىرىنىڭ ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىشى نەتىجىسىدە 1920-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە يەتتەسۇنىڭ ئۇيغۇرلار جايلاشقان بارلىق يېزىلىرىدا مەكتەپلەرنىڭ ئومۇملىشىپ بولۇش ۋەزىيىتى شەكىللەندى.
بۇرھان قاسىموف ۋە ئابدۇللا روزىباقىيېف قاتارلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى تېز تەرەققى قىلدۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى ئىزچىل تەكىتلىگەن بولۇپ، گەرچە 1921-1925-يىللىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرلار رايونىدا خېلى كۆپ ساندا مەكتەپلەر ئەچىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار يەنىلا بۇنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ساۋاتسىزلىق نىسبىتىنىڭ داۋاملىق يۇقىرىلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
سوۋېت ئۇيغۇر رەھبىرى ئابدۇللا روزىباقىيېف ئۆزىنىڭ 1925-يىلى ئېلان قىلغان ماقالىسىدە مەكتەپ ۋە مائارىپ مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ۋە مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، گەرچە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي-مائارىپىدا كورۇنەرلىك ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلگەن ۋە كۆپ ساندا ئۇيغۇر ياشلىرى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان بولسىمۇ بىراق، ئۇيغۇرلار ئۈچۇن ئەچىلغان مەكتەپلەرنىڭ يەنىلا ئازلىقىنى شىكايەت قىلىپ مۇنداق دەپ يازغان:
« ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرلۈك جۇمھۇرىيەتلەردە ياشايدىغان 500-700 مىڭ ئۇيغۇر مېھنەتكەشلىرى ئۇچۇن يولغا قويۇلغان مەكتەپلەرنىڭ سانى ئاران20-25تىن ئاشمايدۇ.بۇنىڭ تولىسى يەتتەسۇدا.مەكتەپلەرنىڭ تەمىناتى ناچار»[17].
ئابدۇللا روزىباقىيېف قاتارلىق ئۇيغۇر رەھبەرلىرى ئىزچىل تۈردە سوۋېت ھاكىمىيىتىدىن ئۇيغۇرلارمىڭ مەدەنىي-مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ياردەم بېرىشنى، ياشلارنى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا تەربىيىلەشنى، مەكتەپلەرنى كېڭەيتىشنى تەلەپ قىلىپ، كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئىدى. ئەنە شۇنىڭ نەتىجىسىدە 1925-يىلى، يەتتەسۇ ئوبلاستى بويىچە ئۇيغۇر مۇئەللىملىرى كېڭىشى قۇرۇلتىيى چاقىرىلىپ، رەسمىي كېڭەش تەسىس قىلىنغان ھەمدە شۇ يىلى يەتتەسۇدىكى 17 ئۇيغۇر مەكتىپى ھۆكۈمەتنىڭ ھېسابىغا ئۆتۇپ، بارلىق تەمىناتنى ھۆكۈمەت زېممىسىگە ئالغان.
ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھازىرقى زامان مائارىپى بۇرۇن باشلانغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئارىسىدىن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىلا كۆپ ساندىكى ياشلار، موسكۋا، لېنىنگراد، تاشكەنت، باكۇ، قازان، ئالمۇتا ۋە باشقا شەھەرلەردىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىلا ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا ياشلار ئالىي مەلۇماتلىق بولغان. ئابدۇللا روزىباقىيېف قاتارلىقلارنىڭ ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىشى نەتىجىسىدە 1921-يىلى قازاق ۋە ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە تەلىم ئالغان 30-40 يېقىن ئۇيغۇر ياش تاشكەنت ۋە موسكۋادىكى تۈرلۈك مەكتەپلەرگە ئەۋەتىلگەن بولسا ، 1922-يىلى ، يەنە 80 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياش موسكۋا ۋە تاشكەنتتىكى ئوقۇش ئورۇنلىرىغا يولغا سېلىنغان»[18].
1923-يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياش موسكۋا، لېنىنگراد، تاشكەنت، باكۇ ۋە باشقا شەھەرلەردىكى ئالىي مەكتەپلەردە»[19] ، بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى موسكۋادىكى شەرق كوممۇنىستىك ئەمگەكچىلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان.
ئۇيغۇر مەكتەپلىرى 1924-1925-يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيادا ئايرىم جۇمھۇرىيەتلەر مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن تېز كۆپىيىشكە باشلىغان بولۇپ، 1925-1926-يىللىرىغا كەلگەندە پۈتۈن ئالمۇتا ئوبلاستىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ سانى 32 گە يېتىپ، ئۇنىڭدا 3490 ئوقۇغۇچى ئوقۇغان. 1928-1929-يىللىرىغا كەلگەندە ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ سانى 42گە يېتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىمۇ ئاشقان[20].
بۇلاردىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئاممىۋى يوسۇندا ساۋاتسىزلىقنى يۇيۇش، مەدەنىيەت ئاقارتىش پائالىيەتلىرىمۇ كۈچەيگەن بولۇپ، تۇرلۇك ئىشتىن سىرتقى ئاممىۋى سەنئەت، مەدەنىيەت گۇرۇپپىلىرى تەسىس قىلىنغان ئىدى. ئالمۇتىدا سوپى زارۋات نامىدىكى ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى 1920-يىللاردىكى تۇنجى ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى سۈپىتىدە كۆپلىگەن ياش ئۆسمۈرلەرنى تەربىيىلىدى.
ئەمما، ئۆزبېكىستاندىكى ۋەزىيەت باشقىچە بولۇپ، 1920-يىللىرى ئارىسىدا ئۆزبېكىستان تەۋەسىدە ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بولغان. ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئۆزبېك مەكتەپلىرىگە بارغان ئىدى. بىراق، 1930-يىللارنىڭ بېشىغا كەلگەندە ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان، تاشكەنت ۋە باشقا جايلىرىدا ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەر، تېخنىكوملار، سەنئەت ئۆمەكلىرى ۋە نەشرىيات ئورۇنلىرى ھەم گېزىتلەر ئىش ئېلىپ باردى . 1933-يىلى قۇرۇلغان ئەنجاندىكى ئۇيغۇر دراما ۋە ناخشا- ئۇسۇل ئانسامبىلى ئۇزۇن مەزگىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بولۇپ، ئۆزبېكىستاندا 1934-يىلى، تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار ھەققىدە « جانانخان» ناملىق كىنو فىلىمى ئىشلەنگەن ئىدى. ئەنجاندىكى ئۇيغۇر دراما ۋە ناخشا -ئۇسۇل تىياتىرى ئەينى ۋاقىتتا ئۆزبېكىستان تەۋەسىدە خېلى داڭ چىقىرىپ ، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىك تىياتىر دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، ئەيسار ئىبرايىموف ( 1910-1986) غەنىجان تاشمەتوف ( 1913-) ، جالال ئاسىموف (1907-1968) قاتارلىقلار دەسلەپكى داڭلىق ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى ئىدى. غەنىجان تاشمەتوف ئۆزبېكىستان خەلق ئارتىسى نامىغا سازاۋەر بولۇپ، ئۇزۇن مەزگىل ئۆزبەكىستانننىڭ « مۇقىمى» تىياتىرى، ئەنجاندىكى ئۇيغۇر تىياتىرى ۋە 1966-يىلىدىن كېيىن ئۆزبېكىستان رادىئوسى تەركىبىدىكى ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسۇل ئانسامبىلىنى باشقۇردى[21].
ئەيسار ئىبرايىموف بولسا، ئۇزۇن مەزگىل ئۆزبەكىستاننىڭ يولداش ئاخۇنبابايەف تىياتىرىدا خىزمەت قىلىپ، 1930-يىللاردىن ئېتىبارەن « لەيلە-مەجنۇن» دراممىسىدا مەجنۇننىڭ رولىنى ئويناشنى داۋاملاشتۇرۇپ، بۇ رولنى 1100 قېتىم ئويناش بىلەن ئۆزبېكىستان دراما تارىخىغا يېزىلغان[22].
قازاقىستان ئۇيغۇر تىياتىرى 1934-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، غولام جەلىلوف ( 1901-1995)، ئەخمەت شەمىيېف ( 1908-1983)، ئەسقەرجان ئەكبەروف ( 1910-1981)، مىرخەلىل زەيناۋىدىنوف( 1911-1978)، ئەخمەتجان سوپىيېف( 1916-2000)، مەخپىر باقىيېف ، ئاياللاردىن خەلىچەم ئېلىيېۋا ( 1911-1997)، رۇشەنگۇل ئېلاخۇنوۋا ( 1920- 2000)، سەلىمە ساتتاروۋا ( 1920-1985) ۋە باشقىلار دەسلەپكى ئۇيغۇر كەسپىي دراما ئارتىستلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەم دراما ئارتىسلىق ھەم ناخشىچىلىق ئالاھىدىلىكلىرى ۋە تالانتى بىلەن قازاقىستان خەلق ئارتىستلىرى نامىغا بۇرۇنلا ئېرىشكەن ئىدى.
تاشكەنت 1920-1938-يىللىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەركىزىگە ئايلانغان بولۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى بۇ شەھەرگە مەركەزلەشكەن ئىدى. تاشكەنتتە، 1921-يىلى، « كەمبەغەللەر ئاۋازى»، « ياش ئۇيغۇر » ژۇرنىلى چىققان. «كەمبەغەللەر ئاۋازى » كېيىن ئالمۇتىغا يۆتكەلگەن.
1927‏-يىلىدىن ئېتىبارەن پىشپەكتە «قۇتۇلۇش» گېزىتى چىقىرىلىپ 1928‏-يىلى دېكابىردا سەمەرقەنتكە يۆتكەلگەن، 1930‏-يىلىدىن كېيىن تاشكەنتكە يۆتكىلىپ، « كۇن چىقىش ھەقىقىتى» گە ئۆزگەرتىلىپ ئۆزبېكىستان كومپارتىيسىنڭ ئورگان
گېزىت سۇپىتىدە 1936‏-يىلى « شەرق ھەقىقىتى»گە ئۆزگەرتىلىپ، كۆپ تىراژ بىلەن چىقىرىلغان ئىدى. بۇ ۋاقىتتا پەقەت بىر ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىدىلا 60 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر كولخوزى ئىش ئېلىپ بارغان . ئۇلارنىڭ ئاساسلىق قىسىمى پەرغانە ۋادىسىغا جايلاشقان ئىدى[23].
تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى 1927-يىلىدىن تارتىپ ، «ئىنقىلابچى شەرق» ناملىق ئەدەبىي، ئىجتمائىي-سىياسىي ژۇرنال چىقاردى. مەزكۇر ژۇرنالنىڭ مۇھەررىرلىكىنى ئابدۇلھەي مۇھەممەدى، بۇرھان قاسىموف ۋە باشقىلار قىلدى. مەزكۇر ژۇرنال تاكى 1933-يىلىغىچە نەشىر قىلىندى. بۇ ۋاقىتتا يەنە قازاقىستان كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورگان ژۇرنىلى سۈپىتىدە « قىزىل تاڭ» ژۇرنىلى نەشىر قىلىنىپ، تاكى 1933-يىلىغىچە داۋاملاشتى. ئالمۇتىدا « قىزىل تۇغ» گېزىتى نەشىر قىلىنىشقا باشلىدى.
بىراق، ئۆزبەكىستاندىكى « قۇتۇلۇش»،يەنى كېيىنكى« شەرق ھەقىقىتى» گېزىتى بىلەن «ئىنقىلابچى شەرق» ژۇرنىلى ۋە « قىزىل تۇغ» گېزىتى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئەڭ ئاساسلىق مەتبۇئات بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە «قۇتۇلۇش»، كېيىنكى « شەرق ھەقىقىتى» گېزىتى بىلەن « كەمبەغەللەر ئاۋازى» گېزىتى ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. مەزكۇر گېزىت ۋە ژۇرناللار ئۇيغۇر خەلقىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىجتمائىي-سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ھاياتى ھەم سىياسەت-تۈزۈلمىلىرى ھەققىدە بىلىمگە ئىگە قىلىپلا قالماستىن بەلكى چەتئەللەردىكى ئەھۋاللار، خەلقىئارا ھەم ئىچكى خەۋەرلەر بىلەن تەمىنلىدى شۇنىڭدەك يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدنەئىيىتى، ئىجتىمائىي-سىياسىي،ئىقتىسادىي، تىل-ئىملا ۋە باشقا تۈرلۈك مەسىلىلىرى ھەققىدىمۇ ھەر خىل مەلۇماتلار، ماقالىلارنى ئېلان قىلىپ تۇردى. بۇ گېزىت-جۇرناللار يەنە ئۇيغۇر ياش ئەدەبىياتىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۇچۈنمۇ زېمىن ھازىرلىغان ئىدى.
تاشكەنتتىكى ئاز مىللەتلەر ئىنستىتۇتى ۋە باشقا ئوقۇتۇش ئورۇنلىرىدا 1920-يىللىرىدىلا كۆپ ساندا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئالدى بىلەن ئىشچىلار فاكۇلتېتىغا كىرىپ تەييارلىقتىن ئۆتكەندىن كېيىن ئالىي مەكتەپلەرگە رەسمىي ئوقۇغۇچى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان ئىدى. دەسلەپكى ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئالىي مەكتەپ تەربىيىسىنى ئالدى بىلەن تاشكەنتتە ئالغان ئىدى.
سابىق چار رۇسىيە turk ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى بولغان تاشكەنت 1918-1924-يىللىرى turk سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، 1930-يىلىدىن كېيىن ئۆزبېكىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى بولغان .

مەنبە  ؛  ئۇيغۇرلار تورى .


ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ  

چ چ  ؛  2536190268  .   يانفۇن  ؛ 15699088894

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 06:13:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېما بۇرۇنمۇ مىسرانىم مۇنبىرىدە بار ئىدىغۇ؟

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

تىرىشقىن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38292
يازما سانى: 862
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4809
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 6496 سائەت
تىزىم: 2011-4-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 06:18:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق بۇ تېما بۇرۇن يوللانغان ئىدى،لىكىن ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ،شەخسەن مەنمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار توغۇرلۇق خەۋەرلەرگە قىزىقىمەن.

بەزىلەر دەيدىكەن گۈللەر چىرايلىق،
گۈللەرنى كۈيلىگەن ئۈنلەر چىرايلىق.
مەن دەيمەن ھالال تەر ئەجىرىسى بىلەن،
.گۈل-باغلار ياسالغان چۆللەر چىرايلىق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103984
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 377
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2014-2-23
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 06:25:09 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇزبىك ۋە ئۇيغۇرلا بىر مىللەت…

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102584
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 489
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2014-1-21
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 06:36:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99858
يازما سانى: 459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 903
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 170 سائەت
تىزىم: 2013-11-20
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 07:30:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9176
يازما سانى: 1086
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7341
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 1780 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 07:43:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاراخانىلار زامانىدىكى  ۋە شۇ خانلىق  تەسەررۇپىدىكى ئۇيغۇرلار  ۋە  ئۇيغۇرلارنىڭ قارلۇق قەبىلىسىدىن  كېلىپ چىقىپ پېشانىسىگە قۇل بازىرىدا سېتىلىش قىسمىتى پۈتۈلۈپ، ئاخىردا غەزنەۋىيلەر دۆلىتىنى قۇرغان  ئالپ تېكىن ۋە ئۇنىڭ كۈيئوغلى سەبۇق تېكىنلەر رەھنەمالىقىدىكى ئۇيغۇرلار ھازىر نەدە؟

ئازاب چەككەن سەۋر قىلسۇن، ئازابقا دۇچار قىلغان
ئازابلىنىشنى كۈتسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10799
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2008 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 08:20:03 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئىسىل تىما بۇ!...

ھەر كىم ئۆز تەغدىرىنىڭ تۆمۈرچى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25888
يازما سانى: 853
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12098
تۆھپە نۇمۇرى: 1598
توردا: 3277 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 09:31:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101286
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 756
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 644 سائەت
تىزىم: 2013-12-24
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 10:17:08 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆلگۈر سىتالىن ئۇيغۇرلارنى پارچىلىۋەتكەن دىيىشىدىكەن. بۇ راسمىدۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش